
مەشرەپ – مەشرەپ سۆزى ئەرەپ تىلىدىن كىرگەن بولۇپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا «يىغىلىش»، «ئويۇشۇش» مەنىسىدە، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئاممىۋىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇش بىلەن مۇقىملىشىپ قالدى. «مەشرەپ» ناخشا-ئۇسسۇل، تۈرلۈك ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ۋە ئۆرپ-ئادەت بىرلەشتۈرۈلگەن ئەنئەنىۋى مىللىي پائالىيەت شەكلىگە ئىگە بولۇپ، ئۇزاق تارىخقا ئىگە. ئەل ئىچىدە خېلىلا ئومۇملاشقان. مەشرەپنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، ئاساسەن مۇزىكا، ئۇسۇل، ناخشا، ئيېتىشىش، مەدداھلىق، ھەرخىل ئويۇنلار، قىزىقچىلىق، ھەييارلىق، شېئىر- قوشاق ئوقۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەشرەپنىڭ مەزمۇنى مول، كۆپ خىل بولغانلىقتىن، خەلق ئاممىسى ئوموميۈزلۈك ياقتۇرىدۇ. ئۇ، ئاممىنىڭ ئەدەبىي-سەنئەت پائالىيىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈش. ئاممىۋىي ئەدەبىيات، سەنئەت كۆڭۈل ئېچىشنى قانات يايدۇرۇشنىڭ بىرقەدەر ياخشى شەكلى. 
كۆك مەشرىپى 
باھار مەشرىپى ئۇنىڭ مەنبەسىنى قەدىمكى زاماندىكى نەزىر-چىراغ، دۇئا تىلاۋەت، تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدىن سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. «ۋېينامە، قاڭقىللار ھەققىدە قىسسە» دە «بەش قەبىلە قاڭقىللىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ تەڭرىگە نەزىر-چىراغ ئۆتكۈزەتتى، جامائەت نەچچە ئونمىڭغا يېتەتتى. يىغىلىشتا كىشىلەر ئاتلىق يۈرەتتى، مال سوياتتى، سەيلە قىلىپ ناخشا ئېيتاتتى، خوشاللىقىدىن قىن-قىنىغا پاتماي قالاتتى، بۇ ئىشنى ئاتام زامانىدىن تارتىپلا مۇشۇنداق بولۇپ كەلگەن دېيىشەتتى»، دېيىلگەن، بىر يەرگە جەم بولۇپ ساز چالىدىغان، ناخشا ئېيتىدىغان مۇنداق پائالىيەت كۇچا، تۇرپاندىكى مىڭئۆي تام رەسىملىرىدە تەسىرلىك ئىپادىلەنگەن. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا «سۇڭگۈلۈچ» ۋە «سۇغدىچ» دەپ ئاتالغان كەچلىك بەزمە بىلەن قىش كۈنلىرىدىكى كۆڭۈللۈك يىغىلىشىنى مەشرەپنىڭ ئىپتىداىي شەكلى دە قاراشقا بولىدۇ. كىتابتا يەنە دوست-بۇرادەرلەرنىڭ جەم بولۇپ، ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋا قىلىشىپ، مەي ئېچىشكەن قىسمەن خوشاللىق مەنزىرىسى تەشۋىرلەنگەن شېئىرمۇ بولغان. مەسىلەن:
ئىۋرىق بېشى غاز (بوينى) غا ئوخشاپ (تۇرماقتا)،
ساغەر تولۇپ كۆزگە ئوخشاپ (تۇرماقتا)،
قايغۇنى چوڭقۇر كۆمۈۋېتىپ،
كېچە-كۈندۈز سۈيۈنەيلى.
يەنە مەسىلەن:
ئوتتۇز (ئۈچ قېتىم ئۈچتىن) ئېچىپ قىقىرايلى،
يۇقىرى قوپۇپ سەكرەيلى،
ئارسلاندەك ھۆكۈرەيلى،
قايغۇ قاچتى، سۈيۈنەيلى!

مەشرەپ كۆرۈۋاتقان بالىلار ئۇيغۇرلارنىڭ تارقىلىشى، بىرقەدەر كەڭرەك بولغاچقا، مەشرەپمۇ تەرەققىيات جەريانىدا، جايلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈپ، جايلارنىڭ ئالاھىدە، ئۆزگىچە مەشرەپ شەكىللىرىنى يېتىلدۈردى. بۇنىڭدا دولان مەشرىپى، قومۇلنىڭ «ماس بايرىمى» (يىغىلىش) ۋە «كۆك مەشرىپى» (مايسا ئويۇنمۇ دېيىلىدۇ) ، قەشقەرنىڭ كەسىپداشلار مەشرىپى، سەھرا مەشرىپى، قىز-چوكانلار يىغىلىشى، ئىلى مەشرىپى، كۇچار مەشرىپى، لوپنۇر مەشرىپى قاتارلىقلار بار. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەل ئىچى مەشرەپلىرىدە، دولان مەشرىپى ئۆزگىچە بولىدۇ. مەزمۇن ۋە شەكلىدىن قارىغاندا، دولان مەشرىپى ئۈچ باسقۇچقا بۆلىنىدۇ؛ نەغمە-ئۇسسۇل، ئۇيۇن-تاماشا ۋە تەرتىپنى بۇزغۇچىلارنى جازالاش، نەغمە- ئۇسسۇل ئەنئەنىۋىي چوڭ تىپتىكى يۈرۈشلەشكەن «ئون ئىككى مۇقام» نى ئاساس قىلىدۇ. باشلىنىشدا بىر ئادەم يالغۇز ئېيتىدۇ، ئارقىدىنلا بىرقانچە ئادەم داپ بىلەن تەڭكەش قىلىدۇ، قاتناشقۇچىلار ئەر-ئايال بولۇپ، لەرزان ئۇسۇلغا چۈشۈپ كېتىدۇ. ئۇسۇلنىڭ ھەرىكەتلىرى ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ، رېتىمى بارغانسېرى تىزلىشىپ، ئۈسسۇلدىكىلەرنىڭ ھەممىسى تەنھا تاكى ھېرىپ-چارچاپ، بېشى قېيىپ مەيداندىن چىققىچە چۆرگىلەيدۇ. ئاخىرىدا بىر، ئىككى ئادەم قالغاندا ئۇسسۇل تازا ئەۋجىگە چىقىپ، ئۇسسۇل مەيدانىدا قالغانلار نوچىلاردىن بولۇپ قالىدۇ. شۇنداق قىلىپ، بىر مەيدان ئاخىرلاشسا يەنە بىر مەيدان باشلىنىپ، بىرقانچە قېتىم تەكرارلىنىدۇ. ئۇلاپلا، ئويۇن-تاماشا باشلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بىرقەدەر قىزىقارلىق بولغىنى «دەررە ئويۇنى» (پوتا)، «چاي تۇتۇش ئويۇنى» ۋە بېيىت-قوشاق ئېيتىش «دەررە ئويۇنى» نىڭ ھەرىكىتى چاققان، كومېدىيىلىك تۈسكە مول، بولۇپمۇ يىگىت – قىزلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتتە تىل بىلەن ئىپادىلەشكە ئامالسىز قالغان ھېسسىياتنى ئىپادىلەيدىغان بىر تۈرلۈك ۋاستىلىق رول ئوينايدۇ. چاي تۇتۇش بىلەن بېيت – قوشاق ئيېتىشمۇ ئىنتايىن قىزىقارلىق، بىر جۈپ چاي قويۇلغان پىيالە پۈتۈن سورۇن ئەھلى ئىچىدە قولدىن –قولغا ئۆتىدۇ، ھەربىر چىنە سۇنغۇچى بىلەن قوبۇل قىلغۇچى بىردىن بېيىت ياكى قوشاق ئېيتىدۇ. ئەگەر قولدىن-قولغا سۇنۇشتا خاتالاشقانلار ياكى چاينى تۆكۈۋەتكەنلەر بولسا، «جازالىنىدۇ» يەنى ناخشا ئېيتىدۇ ياكى يومۇر ئېيتىپ بېرىدۇ. بۇ خىل ئويۇن شەكلىدە مەشرەپكە قاتناشقان كىشىلەردىن ھەممە تىكىلىپ قاراپ تۇرغان بۇ مۇسابىقىدە ئۇستىلىق، ماھارەت بىلەن ھازىر جاۋاب، قابىلىيەت ۋە بىلىمىنى ئىپادىلىشى لازىم. بۇ ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئەل ئىچى ئەدەبىياتىنى گۈللەندۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. بەزىدە قېزىقچىلىق قىلىشمۇ ئويۇن، تاماشىدىكى بىر مەزمۇن بولىدۇ. قىزىقچىلارنىڭ يۇمۇرىستىك سۆزلىرى ۋە ھەرىكەتلىرى كىشىلەرنى دەممۇ-دەم كۈلكىگە سېلىپ، قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتۈرىدۇ. مەشرەپنىڭ ئۈچىنچى باسقۇچى جازالاش، ئەخلاق، مىزان ۋە تەرتىپكە بويسۇنمىغانلار جازالىنىدۇ. مەشرەپ ئەھلى شەخسىيەتسىز، ئادىل، ئەل ئىچىدە ئىناۋىتى بار ئادەمنى «يىگىت بېشى» ۋە «پاششاپ» قىلىپ بېكىتىدۇ. ئۇلار تەرتىپكە مەسئۇل بولىدۇ، ئۇلار مەشرەپنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە خىلاپلىق قىلغان. ئىجازەتسىز مەيدانىدىن كېتىپ قالغان. سەۋەبسىز كېچىككەنلەرنى، ناخشا-ئۇسسۇل جەريانىدا تەرتىپنى بۇزغانلارغا قارىتا «سوراق»، «ھۆكۈم» ۋە «جازالاش» ئېلىپ بېرىشقا ھوقۇقلۇق. جازالانغۇچى جامائەت ئالدىدا، كۆپچىلىكنىڭ سوراق ۋە ئەيىبلەشلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئاندىن «پاششاپ» نىڭ «ھۆكۈم» ى ئارقىلىق جازالاش ئېلىپ بارىدۇ. جازالانغۇچى يېمەك-ئىچمەك، مېۋە-چىۋە بىلەن كۆپچىلىكنى مېھمان قىلىدۇ. ياكى تۈرلۈك كىشىلەرنى كۈلكىگە سالىدىغان قىزىقارلىق ئويۇنلارنى مەسىلەن: «سامسا يېقىش» ، «توشقان تەپتى»، «جۇۋازغا قېتىش»، «سۆرىتىنى تامغا تارتىش»، «ئىككى خوتۇن ئېلىپ بېرىش» نى ئوينايدۇ، بۇ جەريان كۈلكىلىك تۈس ئالغان بولۇپ، جازالانغۇچىمۇ خوشاللىق ئىچىدە بولىدۇ. بۇ خىل «جازالاش» ئويۇنى ئارقىلىق ئەدەب-ئەخلاق مىزانى ۋە تەشكىللىك بولۇشنى قوغداش مەقسەت قىلىنىدۇ.
نۆۋەتتە، مەشرەپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم تەشكىلىي قىسمى بولۇپ قالدى، ھەر قېتىملىق بايرام قۇتلۇقلاش، ئويۇن-تاماشا پائالىيەتلىرىدە جايلارنىڭ ھەممىسى مەشرەپ ئۇيۇشتۇرىدۇ. ئۇ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيتىپلا قالماي، يەنە سەنئەت ۋە ئەدەب-ئەخلاق قائىدىلىرىنى تارقىتىش رولىنى ئوينىماقتا.
مەنبە-ئەنقەر تورى
|