ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر مەدىنىيەت ۋە تارىخ چەتئەللىكلەرنىڭ باللىرىنى جازالاش ئۇسۇللى ...
كۆرۈش: 327|ئىنكاس: 6
go

چەتئەللىكلەرنىڭ باللىرىنى جازالاش ئۇسۇللىرى

Rank: 8Rank: 8

توردا
154سائەت 
نادىر تېما
دوست
12 
يازما
228 
تېما
57 

شەرەپلىك ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-3-29 00:20 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

يېڭى زېنلاندىيەدىكى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا ھەرگىز تەن جازاسى بەرمەيدىكەن. ئەگەر بالىلىرى ئاممىۋى سورۇنلاردا غەلۋە قىلسا، پەقەت باشقىلارغا چېقىلمىغان بولسا، سۇۋۇتۇپ بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۇنى مەيلىگە قويۇپ بېرىدىكەن. باشقىلارغا چېقىلغان ئەھۋالدا، بالىسنى شۇ جايدىن باشقا تىنچ، ئازادە، كەڭرى جايلارغا ئاپىرىپ ئۇنىڭ قانغۇچە غەلۋە قىلىۋىلىشغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىكەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بالىنىڭ غەلۋە قىلىشى ياكى بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەلۇم مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ئىكەن.

ياپونىيەدىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەگەر بالىسى ئاممىۋى سورۇنلاردا خاتالىق سادىر قىلسا، ئاتا-ئانىلار ئادەتتە كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا بالىسىنى جازالىمايدىكەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئاممىۋى سورۇنلاردا بالىسىنى تەنقىتلەش ئەنئەنىۋى قائىدە-يۇسن، ئەدەپ-ئەخلاققا مۇناسىپ كەلمەيدىغان ھەمدە بالىسىنىڭ غۇرۇرىغا تەگكەنلىك ھېسابلىنىدىكەن، شۇڭا كۆپىنچە ئاتا-ئانىلار ئۆيىگە قايىتقاندىن كېيىن، بالىسىنىڭ ئىپادىسگە قارىتا باھالاش ئېلىپ بارىدىكەن ياكى بىر قىسىم جازالاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدىكەن. مەسىلەن، بالىنىڭ سىرتقا چىقىش پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، بىرەر ۋاق ئاچ قويۇش ياكى مۇۋاپىق تەن جازاسى بېرىش قاتارلىقلار.

كورېيە ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ يېڭى تاكتىكىسى بالىنىڭ يانفونىنى مۇسادىرە قىلىش مۇمكىن ئىكەن. ھازىر يانفون ئاللىقاچان كورېيە ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئەڭ ياقتۇرىدىغان شەخسىي بۇيۇمىغا ئايلانغان بولۇپ، ئەگەر يانفونىدىن ئايرىلىپ قالسا، ئۇلار يەككە-يېگانە، ياردەمچىسىز قالغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىدىكەن، شۇڭا ئاتا-ئانىلار گەپ ئاڭلىمايدىغان، كەپسىز بالىلارنىڭ يانفونىنى مۇسادىرە قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى جازالايدىكەن. بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولىدىكەن.

ئامېرىكا ئائىلە باشلىقلىرى ۋاقىت بەلگىلەپ ئايرىۋېتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدىكەن. بالىلار ئۆيدە گەپ ئاڭلىمىسا، ئاتا-ئانىلار بالىسىنى ئۆزىنىڭ ھۇجرىسىغا ئەكىرىپ، ئۇنى يالغۇز قويىدىكەن. بەلگىلەنگەن ۋاقىت تۇشقاندا بالىسىنى ئاچىقىپ ئۇلارغا قايىل قىلىش تەربىيىسى ئىشلەپ، خاتالىقىنى ئۆزگەرتىشكە نازارەتچىلىك قىلىدىكەن. ئامېرىكا قانۇنىدا بەلگىلىنىشچە، كىچىك بالىلار چوقۇم ھەر ۋاقىت چوڭلارنىڭ قوغدىشى ۋە ھەمراھلىقىدا بولۇشى كېرەك ئىكەن. بالىلار بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ئاممىۋى تونۇشقا ئىگە بولۇپ، بالىنى ئاممىدىن ئايرىۋېتىش ئۇلارغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلغاندەك تۇيغۇ بېرىدىكەن. بۇ ئىش ئۇلارغا كەپسىزلىكنىڭ كۆپچىلىك تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇردىكەن.

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

Rank: 8Rank: 8

توردا
291سائەت 
نادىر تېما
دوست
21 
يازما
738 
تېما
23 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-3-29 01:10 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ناۋادا بىزنىڭ بالىلىرىمىز ئاممىۋى سورۇندا غەلۋە قىلسا،ئۇرۇپ يىغلىتىۋىتىمىز،بۇنداق ئاتا-ئانىلار يوق ئەمەس ئەلۋەتتە~! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا summayya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-3-29 01:10

Rank: 8Rank: 8

توردا
154سائەت 
نادىر تېما
دوست
12 
يازما
228 
تېما
57 

شەرەپلىك ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-3-29 01:25 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
summayya يوللانغان ۋاقتى 2011-3-29 01:10
ناۋادا بىزنىڭ بالىلىرىمىز ئاممىۋى سورۇندا غەلۋە قىلسا ...

ئۇرۇپ يىغلىتىش بىر يەردە تۇرۇپ تۇرسۇن،قورقۇتۇپ جېنىنى ئالىدۇ دەڭە...

ئۆيگە بارغاندا سەن بىلەن ئايرىم دىيىشىۋالىمەن خەپگۇي...
ئادەم بولمايدىغان، پۇتۇڭنى سۇندىرىۋېتىمەن دېگەندەك...

- بالا گەپنى ئاڭلاپ شوخلۇقى بىردىنلا يوقاپ،چىرايىدا قان دىدارى قالمايدۇ.تاكى ئۆيگە قايتقۇچىلىك بولغان ئارلىقتا كاللىسىدا مىڭ بىر خىيال ئەگىيدۇ.

توردا
852سائەت 
نادىر تېما
دوست
121 
يازما
1660 
تېما
327 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-3-29 03:01 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئۇلارنىڭمۇ ئۆز ئويلىغانلىرى باردە شۇ ئارقىلىق باللىلارغا ياخشى بولسۇن دەيدۇ ....
مەن ئۇلارنىڭ بالا تەربيەلەش ئۇسۇلىنى ياختۇرىمەن .
بىر كۈنى بىر چەت ئەللىك يەنى ئەنگىليەلىك بىرمېھمان دوسىت بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم ئۇ ماڭا:
سىلەرنىڭ بۇ يەردە باللىلارنى ئۇرۇش تىللاش قولىغا
بىرەر نەرسە چېقىپ قالسا ئويلاشمايلا تەن جازاسى بىرىدىكەن، بۇنداق ئېشنى مەن تولا ئۇچۇرتىپ قالدىم دېدى .
مەن ئۇنىڭدىن ئۇنچېۋالامۇ ئەمەس ئەمەلىيەتتە ئۇلارمۇ شۇ باللىرىغا ياخشى بولسۇن دەيدۇ .
سېلەرنىڭ ئۇ يەردە قانداق قىلىدۇ ؟ دەپ سورىسام ئۇ:
ئەگەر بىز تەرەپتە باللىمىز كىچىكلا تۇرۇپ تاماكا چېكىپ قالسا ئۇنى بىز كۆرۈپ قالدۇق ياكى دوستلىرىدىن ئاڭلاپ ۋە ياكى بىلىپ قالساق بالىمىزنى ئۇرۇپ تېللاپ كەتمەيمىز پەقەت بالىمىزنى
ئالدىمىزغا چاقىرىپ چېرايلىق پاراڭلىشىپ ئۇنىڭغا بالام سەن تېخى كىچىك ھازىر تاماكا چەكسەڭ بولمايدۇ، سېنىڭ ھازىر بۇنداق قىلىدىغان ۋاختىڭ ئەمەس چوڭ بولغاندا قىلساڭ ياخشى بولىدۇ دەيمىز دەيدۇ . مەن ئۇنىڭدىن چوڭ بولغاندا تاماكا چەكسە مەيلىمۇ ؟دېسەم ئۇ : ھەي ئەمەلىيەتتە چوڭ بولغاندا بۇنداق قېلىشنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ۋە قىلسا قانداق بولىدىغانلىقىنى
قېلمىسا قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ دە ئاساسەن قىلمايدۇ دەيدۇ . مەن ئۇنىڭغا مەمنۇن بولغان ھالدا قاراپ كۈلۈپ قويدۇم ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dartman119 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-3-29 03:02

باھا سۆز

world نادىر ئىنكاس... يوللانغان ۋاقتى 2011-3-29 11:08

Rank: 8Rank: 8

توردا
154سائەت 
نادىر تېما
دوست
12 
يازما
228 
تېما
57 

شەرەپلىك ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-3-29 11:11 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
dartman119 يوللانغان ۋاقتى 2011-3-29 03:01
ئۇلارنىڭمۇ ئۆز ئويلىغانلىرى باردە شۇ ئارقىلىق باللىلا ...

ئۇ چەتئەللىك دوستىڭىزنىڭ دېگىنىنىڭمۇ خېلى ئاساسى بار.

ئىشقىلىپ بالا تەربىيلەشكە ئالاھىدە دىققەت قىلمىسا بولمايدۇ.بالىلارغا تولا تەن جازاسى بېرىۋەرگەندە شۇ نىڭغا كۆندۈرۈپ قويىدۇ.

شۇ سەۋەبلىك قايتا-قايتا خاتالىق سادىر قىلىشتىن باش تارتمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.

توردا
169سائەت 
نادىر تېما
دوست
28 
يازما
1657 
تېما
231 
يوللانغان ۋاقتى 2011-3-29 12:21 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
توغرا دەيسىلەر ، بالا تەربىيلەشمۇ تەس بىر ئىش.

توردا
105سائەت 
نادىر تېما
دوست
26 
يازما
1009 
تېما
196 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-3-29 17:25 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن چەت ئەللىكلەرنىڭ بالا تەربىيلەش ئۇسۇلىرىنى ياقتۇرمەن . لىكىن بىزنىڭ جۇڭگۇدىمۇ بالىلىرنى ناھايىتى ياخشى تەربىيلەيدىغانئاتا-ئانىلارمۇ كۆپقۇ、?
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-5-27 12:28

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.