- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-5-27
- تىزىملاش
- 2011-4-1
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 59سائەت
- جۇغلانما
- 1681
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 327
- تېما
- 86
- توردا
- 59سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 19
- يازما
- 327
- تېما
- 86
|
جەمئىيەت ئەھۋالىدىن ئېلىپ ئېيىتساق نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ بولۇپمۇ پىشقەدەم ، چولارنىڭ ھازىرقى ياشلار ئۈستىدىن شىكايەت قىلغىنىنى ئاڭلايمىز .
ھەممىمىزىگە مەلۇمكى ، ئىلگىرىكى تۇرمۇش بىلەن ھازىرقى تۇرمۇشنى سىلىشتۇرغىلى بولمايدۇ . ئىلگىرى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتى بىر خىللىقنى ئاساس قىلغان . غورىگۈل ،غۇربەتچىلىك ئىچىدە بىر بۇردا نانغا زار بولۇپ ئۆتىۋاتقان خەلىقنىڭ زامانىۋىي مەدەنىيەت بىلەن قوشۇلۇشقا ، ئۇنى قوبۇل قىلىشقىمۇ قۇربى يەتمەيتتى .
بىز تارىخىي كىتابلار ۋە تارىخىي فىلىملەرگە قارايدىغان بولساق شۇ نەرسە ئايان بولىدىكى ، ھەرخىل مەدەنىيەت گىرەلەشكەن ، مەدەنىيەت - سەنئىتى جانلانغان ھالەتنى خان - پادشاھلارنىڭ ھەشەمەتلىك ئوردا - سارايلىرىدا ، ئاۋام توپلاشقان مەشرەپ سورۇنلىرىدىلا كۆرۈشكە بولىدۇ . بىراق بۇ مىللەتنىڭ بەلگسى ھىسابلانغان خاسلىق . ئەنئەنە بىرلەشكەن مەدەنىيەت - سەنئەت شەكلى . بۇ قانداقتۇر ئەبجەش مەدەنىيەت ئېقىمىغا چۆككەن ، باش -ئايىغى ،مىللەت دۆلەت چىگرىسنى بىلگىلى بولمايدىغان ئىچقويۇن - تاشقۇيۇن مەدەنىيەت شەكلى ئەمەس بەلكى ھەقىقىي گۈزەللىك جانلىق ھەركەتچانلىق ۋە خاسلىققا ئىگە ساپ مەدەنىيەت ئىدېلوگيەىسى ئىدى .
بىراق بۇ ئاي ، بۇ كۈنلەردە جەمئىيەت تەرەققىياتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرۋاتىدۇ .بۇنى ھەر قانداق كوچا - بازار،رىستۇران ،باغچىلاردا روشەن كۆرۋالغىلى بولىدۇ . بۇ مۇتلەقكى چەتئەللەرنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولغان زامانىۋىي مەدەنىيەت - سەنئەت شەكلىنىڭ ئاۋامنىڭ ئىدىيىسىگە سىڭىپ كىرىپ ياق ، بۆسۈپ كىرىپ روشەن بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغانلىقنىڭ ئىپادىسى.
بىراق نۇقۇل ئۆزىمىزنىڭكىگىلا ئېسلىۋالساق زاھىتلاردەك ھەممىنى تەرك ئىتىپ قۇدۇق ئىچىدىكى پاقىا ئوخشاپ قالىمىز .ھەممە ئىش چىكىدە بولغىنى ياخشى .ئەگەر چېكىدىن ئېشىپ كەتسە بۇزۇلىدۇ .
ھەربىر ئاتا -ئانا ئۆز پەرزەنتى ئالدىدا بىر ئۆمۈر دەشلەپكى ئۇستازدۇر . ئۇلار بىر ئۆمۈر ئۇستازلىق مەجبۇريىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك . ياشلار كەلگۈسىنى ھەقىقىي كەلگۈسىگە ئوخشىتىدىغانلار ،گۈزەلىككە ئىگە قىلىدىغانلار . دۇنيانى ئىللىتىدىغان ،ئاۋان قەلىبنى ئۇلايدىغانلار . بىراق ياشلار مەدەنىيەت ،بولۇپمۇ يات مەدەنىيەت تەسىىرىگە كۆپ ئۇچراپ كەتسە مىللەتنىڭ كەلگۈسى خاربلىشىدۇ .خەلق ھالاكەتلىك تەقدىرگە ئۇچرايدۇ .
ئەمدى شۇنى ئويلاپ باقايلى ، بىز زادى ئەنئەنە تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ ئۆزلۈكىمىزنى تېپۋالامدۇق ياكى ئەبجەش مەدەنىيەتنىڭ قاينىمدا غەرق بولامدۇ ۋە ياكى غەرب مەدەنىيىتىنىڭ بورنىدا بىر يولىلا چەتئەللىككە ئايلىنىپ كىتەمدۇق ؟ !
مەنبە - ( ‹‹پەن ۋە تۇرمۇش›› ژۇرنىلى 2011 -يىللىق 2 -سان ) دىن ئىلىندى .
|
|