ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر مەدىنىيەت ۋە تارىخ ئىشىك چېكىىشتىن بالىلار تەربىيسىگىچە
كۆرۈش: 64|ئىنكاس: 2
go

ئىشىك چېكىىشتىن بالىلار تەربىيسىگىچە

توردا
105سائەت 
نادىر تېما
دوست
26 
يازما
1009 
تېما
196 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-24 16:47 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
خىزمەت ئىشى بىلەن مەلۇم ئىدارىنىڭ رەھبىرىنى ئىزدەپ ئىدارىسىغا بارسام يوق ئىكەن ،ئىدارىدىكى خادىم ئۇنىڭ ئۆيىدە ماتىريال يىزۋاتقانلىقىنى ، مۇھىم ئىش بولسا ئۆيىگە بىرىشىمنى ئىيتتى . دوكىلاتتا تەستىق سالىدىغان موھىم ئىش بولغاچقا ،ئىدارە باشلىقىنىڭ ئۆيىگە باردىم . ئۇ ئۆيدە بار ئىكەن ،قىزغىن سالاملاشتۇق .ئىدارە باشلىقى كەمتەر چىقىشقاق ئادەم بولۇپ بۇرۇندىن تونۇشلىقىمىز بار ئىدى. ئىككىمىز مېھمانخانىدا دوكلاتنىڭ بەزى جايلىرىنى ئۆزگەرتىش توغۇرلۇق پىكىرلىشىپ تۇرساق تۇيۇقسىز ئىشىك << دۈم -دۈم-دۈم >> قىلغان ئاۋاز بىلەن تىتىرەپ كەتتى .ئىشىك چىكىلمەستىن مۇشتىلنىۋاتاتتى. ئەندىككىنىمدىن يۈرىكىم بىر قىسما بولۇپ قالدى. بىر بولسا مەستىلەر ،بىر بولسا نەچچە قىتىم قەرىز سۈيلەپ پۇلىنى ئالالماي غەزىپى تاشقان قەرىز ئىگىلىرلا ئىشىكنى مانا مۇشۇنداق مۇشتلايتتى . ئىدارە باشلىقىنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ كەتتى ، ئۇ مىنىڭ مىنىڭ ئەندىكىپ كەتكەن چىرايىمغا قارماستىن زورىغا كۈلۈمسىرەپ يەنە نىمىدۇر بىرنىمىدىن ئەندىككەندەك << قىزىم مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەن ئوخشايدۇ.>> دېگىنىچە ئىشىكنى ئاچتى . دېگەندەك ئۆيگە 13- ، 14_ ياشلاردىكى بويى ئىگىز ،چىرايلىق قىز سومكىسىنى كۆتۈرگىنىچە كىرىپ كەلدى . چىرايىدىن ھارغىنلىق چىقىپ تۇراتتى . قىز بىزگىمۇ قارماستىن ھوجىرىسىغا كىرىپ كەتتى .مەن ئاغزىمنى ئىچىپ قالدىم . ئىدارە باشلىقى خىجىللىقتىن يۈزلىرى شەلپەردەك قىزىرىپ ،گەپ قىلالماستىن دۇدۇقلاپ قالدى.
بىر شەنبە كۈنى ،كۆرۇشمىگىلى ئۇزۇن بولغان ئۇكا ئاغىننىڭ ئۆيىگە بېرىپ بىر ئىككى قورۇما بىلەن ئولتۇرۇپ قالدىم . قىزغىن پاراڭلىشۋاتساق ،كاردۇر پەلەمپىيىدە يۈگۈرگەندەك ئاۋاز ئاڭلاندى ،ئاندىن ئىشىك يەڭگىل چىكىلدى . ئۇكا ئاغىنە جوزىدىكى ئىچىملىكنى جوزا ئاستىغا ئېلۋەتكەچ << باتۇرلار كەپتۇ_دە>> دېگىنىچە ئىشىكنى ئاچقىلى ماڭدى .ئۇنىڭ باتۇرلار دېگىنى قوشكېزەك ئىككى ئوغىلى ئىدى. ئۆيىگە رەتلىك ،ئوخشاش كىيىنگەن 9_ 10 ياشلاردىكى ئوماق ئىككى ئوغۇل كىردى_ دە، خۇددى ئەسكەرلەردەك سەپ تۈزۈپ تۇرۇپ ؛<< ياخشۇمۇسىز ،دادا>> دېدى .ئاندىن ماڭا قاراپ ؛<< ياخشۇمۇسىز تاغا >> دېدى مەنمۇ ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇلاردىن ئەھۋال سورىدىم.
_ دادا، بۈگۈن بەك چىرايلىق بولۇپ كىتىپسىز _ دېدى ئوغۇللاردىن بىرى.
_كۆزىڭىزمۇ كۈلۈپ كىتىپتۇ،_ دېدى يەنە بىرى.
مەن كۈلكەمنى ئارانلا بىسىۋالدىم .
_ يەنە قائىدىنى بۇزۇپ كاردۇردا يۈگۈردىڭلارغۇ،_ دېدى دادىسى ئۇلارغا تىكىلىپ .
_ خاپا بولماڭ دادا ، بولمىسا شۇنداق ئاۋايلاپ چىققاندەك قىلۋىدۇق ،بۇنىڭدىن كىيىن دىققەت قىلىمىز .تالادا بىر ئاكاش لەگلەك سىتىۋىتىپتىكەن ،تۈگەپ كەتمىسۇن دەپ ئالدىراشچىلىقتا يۈگۈرۈپ سالغان ئوخشايمىز .
_ سىز ياسىغان لەگىلەك ئۇچىمىغاندىكىن بىرنى ئېلىپ بىرەمدىكىن دەپ ،_ بالىلار تۈشمۇ -تۈشتىن سۆزلەپ كەتتى . ئۇلارنىڭ يۈزلىرىدە ھەم خۇشاللىق ھەم تارتىنىش ئالامەتلىرى كۆرىنىپ تۇراتتى .
_ ھە ، بىرسى قانچە پۇل ئىكەن ؟_دېدى دادىسى.
بالىلار باھاسىنى دېدى .
_ ئىككىنى ئالساق تىخمۇ ئەرزان بىرىدىكەن _ دېدى قوشكىزەكلەردىن بىرى.
لەگىلەك دېگەننى بىر ئادەم يالغۇز ئۇچۇرتالمايدۇ. بالىلىرىم بىرىڭلار لەگىلەكنى تۇتۇپ تۇرىسىلەر ،بىرىڭلار يىپنى تۇتۇپ تۇرىسىلەر ، مۇشۇنداق بولغاندا لەگىلەك ئۇچىدۇ، شۇڭا بىرىنى ئالساڭلار بولىدۇ،_دېدى دادىسى .
قوشكىزەكلەر خۇشاللىقىدىن ماقۇللۇق بىلدۇرۇپ چىقىپ كەتتى .
_ بالىلار تىخى كىچىك . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوغۇل بولغاچقا ،بەزى ئىشلارنى كۈندە دەپ تۇرمىساق ئۇنتۇلۇپ قالىدۇ ، بۇ كاردۇردا يالغۇز بىزلا ئولتۇرمايمىز ،بىرىنجى ،ئىككىنىجى قەۋەتتە چوڭلار بار .كاردۇردا يۈگۈرۈپ سەكىرەپ ، ۋاراڭ- چۇرۇڭ قىلسا باشقىلارغا تەسىرى بولىدۇ. شۇڭا ئىشىك چېكىشتە ،پەلەمپەيدىن چىقىپ چۈشۈشتە تەكىتلەشكە تىگىشلىك ئىشنى كۈندە تەكىتلەپ تۇرىمىز .
مېنىڭ قۇلىقىم كاردۇردا قالدى ، يۈگۈرۈپ چىققان بالىلار ئىشىك تۈۋىدە مىدىرلىماي تۇرغاندەك بىلىنىدى. بالىلارغا مەستىلىكىم كەلدى .
ئىشىك چېكىشنى بىلىش_بىلمەسلىك چوڭ ئىش ئەمەس ،ئەمما كىچىك ئىش دەپ ئۆتكۈزۋەتسەك چوڭ ئىشلاردا ئەكسچە بولۇپ قىلىشى مومكىن .
ئېسىمدە قىلىشچە بىز كىچىك ۋاقتىمىزدا ئۆتنە_يىرىم ئىشىلىرى كۆپ بولۇپ تۇراتتى .ئاپام ئۇن تۈگەپ كەتسە تەلەڭگە (جاۋۇر ) ،گۈرۈچ تۈگەپ كەتسە چوڭ چىنە ، سۇماي تۈگەپ كەتسە پىيالىنى قولىمىزغا تۇتقۇزۇپ ،قوشىنىلارنىڭ ئۆيلىرىگە بۇيرۇش بىلەن بىرگە ؛<< قوشىنىلارنىڭ ئىشىكىنى ئاستىراق چەك بالام ،ئىشىك چىكىشنىڭمۇئۆزىگە چۈشلۇق قائىدىسى بار .ئىشىكنى ھەرگىز مۇشتىلماسلىق كېرەك ،ئالدى بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىڭنى ئىگىپ تۇرۇپ ئىككى ،ئۈچ قىتىم چىكىسەن ، بۇ دېگەن ھەربىر ئادەمنىڭ يۈرۈش _تۇرىشىدىكى مۇھىم ئەدەپ قائىدە >> دەپ تەربىيە بىرىپ تۇراتتى .
ھەركەت ئادەمنى بەلگىلەيدۇ،خاراكتىر ئۆز_ئۆزىنى تونۇش ،ئۇنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن ئۆز_ ئۆزىنى كونتىرىل قىلىدۇ،ئۆز_ ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۇرۇىدۇ. بۇنىڭ ھەممىسى ئاشۇ ھەركەت ، ئادەتلەرنى ياخشى تەرەپكى يىتەكلەشتىن كىلىدۇ،خاراكتىر ناھايىتى موھىم بولغاچقا ،ئۇ تەقدىرىمىزنى بەلگىلەيدۇ .
ئاتا -ئانىلار بالىلارنىڭ تۇنجى ئوقۇتقۇچىسى بولغانكەن ،بالىلار ئۇچۇن بىر ئۆمۈر ياخشى بولغان ئەخلاق _پەزىلەت يارىتىشغا باشلامچى بولۇشى كېرەك .ئائىلە تەربىيسى ھەم ئادەم تەربىيلەيدۇ ھەم ئادەم ئەقىلىنى ئاچىدۇ. ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش ئىنىتايىن موھىم . بىلىم تەربىيسى بالىلارنى ياشاش تەربىيسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئەخلاق _ پەزىلەت مەرپەتچىلىكى ،بىر ئادەمنىڭ جەمئىيەتتە پۇت دەسسەپ تۇرىشىدىكى مۇھىم دەستەك .
ئەخىلاق _پەزلەت مەرپەتچىلىكىنى بىرىنجى ئورۇنغا قويۇش كېرەك . بالىلار مەدىنىي ، ئەدەپ _ قائىدە بىلىدىغان ،ئۆز _ئۆزىنى ھۆرمەتلەيدىغان ،باشقىلارغا كۆيىنىدىغان ،قولىدىن كىلىشىچە ياخشىلىق قىلىدىغان ئائىلە موھىتىدا چوڭ بولسا ، بۇ خىل گۈزەل ئەخلاق ئائىلىدىن چىقىپ ، پۈتۈن ئىجىتمائىي موھىت ئىچىدە داۋاملىشىدۇ. بالىلارغا مۇنداق چوڭ تەربىيە بىرىشنى ئاشۇ ئىشىك چىكىشتەك كىچىك ئىشتىن باشلىساق ئارتۇق كەتمەس .
مەنبە ؛ ئادىل غوجالىم

توردا
169سائەت 
نادىر تېما
دوست
28 
يازما
1657 
تېما
231 
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-24 20:06 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئائىلە تەربىيەسى دىگەن چوڭ گەپ جىمۇ، بىر بالا قانداق تەربىيە ئاستىدا ياشىسا شۇنداق چوڭ بولىدۇ، تىمىڭىزغا رەھمەت ھارمىغايسىز.

توردا
301سائەت 
نادىر تېما
دوست
67 
يازما
1262 
تېما
125 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-24 21:24 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
توغرا ئىيتىسىز بالىنى قانداق تەربىيلىسە شۇنداق چوڭ بولىدۇ ............
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-5-27 12:29

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.