ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر مەدىنىيەت ۋە تارىخ خەتتاتلىق ئۇسلۇبى
كۆرۈش: 61|ئىنكاس: 7
go

خەتتاتلىق ئۇسلۇبى

توردا
89سائەت 
نادىر تېما
دوست
24 
يازما
416 
تېما
45 

ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-26 23:23 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ئۇيغۇر خەتتاتلىقى – ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تۈرلۈك سەنئەت شەكلى. ئۇ، ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئەنئەنىۋى شەكلىگە ۋارسلىق قىلىش بىلەن بىرگە يەنە ئەرەپ، پارس خەتتاتلىق سەنئتىىنىڭ ئالاھىدىلىكىنىمۇ قوبۇل قىلىپ، ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب شەكىللەندۈرۈپ، مەتبەئە، قۇرۇلۇش، ئويمىچىلىق، كەشتىچىلىق قاتارلىق جەھەتلەردە كەڭ تۈردە ئىشلىتىلمەكتە.
ئۇيغۇر خەتتاتلىقى – ئۇزۇن تارىخ ۋە ئۆزگىچە ئۇسلۇبقا ئىگە. ئوخشىمىغان تارىخىي مەزگىللەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ئۆز مىللىتى قوللانغان يېزىقلار بىلەن ئۆزگىچە خەتتاتلىق سەنئىتىنى يارىتىپ، نۇرغۇن ئاجايىپ چىرايلىق سەنئەت ئەسەرلىرىنى قالدۇردى. ئۇ تۈرلۈك مۆھۈر خەت، قول يازما، ئابىدە يېزىقلىرى ۋە دۇنخۇاڭ، تۇرپان، كۇچا قاتارلىق جايلاردىكى بۇتخانا، مىڭ ئۆي تام رەسىملىرىدىكى كىرىش سۆز ۋە ئاخىرقى سۆز ھەمدە مەسچىت، مازار (قەۋرە)، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىدىكى بادرا، كاھىش، نەزىر-چىراق مېھرابلىرىدا گەۋدىلەندى.

ئورخۇن ۋادىسىدىن يېنسەي دەريا ۋادىلىرىغىچە بولغان ئابىدە، دۇنخۇاڭ، تۇرپاندىكى يازما ھەم تام رەسىملىرىدىكى بېغىشلىمىلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ خەتتاتلىق سەنئىتىنىڭ بىر قەدەر يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار، ئەرەپ پارس يېزىقىدىكى خەتتاتلىق سەنئىتىنى ئۈزلۈكسىز قوبۇل قىلىپ، ئۆز مىللىتى، رايونىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە مول خەتتاتلىق ئۇسۇلىنى يارىتىپ، خەتتاتلىقتا نۇرغۇن ئېسىل ئەسەرلەرنى ياراتتى. بۇ ئەسەرلەر مەسچىتلەرنىڭ تاملرىىدا، ئۇيۇقلىرىدا، نەزىر-چىراق پەشتاقلرىىدا، قەۋرە ۋە قەدىمىي قۇرۇلۇش تاملىرىدا ياكى قەدىمىي ئەسەر ۋە قول يازما شەكلىدە مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۈتۈپخانا ۋە موزېيلاردا ساقلانماقتا. تارىختا ئۆتكەن خەتتاتلارنىڭ كۆپچىلىكى دىنىي تۈسىنى ئاساس قىلغان خەتتاتلىق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ھازىرقى زامان خەتتاتلىرى ئۆزگىچە قىياپەت بىلەن، ئەنئەنىۋى خەتتاتلىق سەنئىتىگە ۋارسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ياخشىلاپ ۋە يېڭىلاپ، ئۇنى ھەقىقى تۈردە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ سەنئىتىگە ئايلاندۇردى.

ئۇيغۇر يېزىقىدىكى خەتتاتلىق سەنئىتى ئۇزۇن مەزگىللىك تارىخي تەرەققىيات داۋامىدا نۇرغۇن داڭلىق خەتتاتلارنى مەيدانغا كەلتۈردى. بۇ خەتتاتلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىشى، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇشى بىلەن ئون نەچچە خىل خەت نۇسخىسى شەكىللەندى. بۇ خەت نۇسخىلىرىنىڭ ھەر قايسىسى ئۆزگىچە يېزىش ئۇسۇلى ۋە سەنئەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر خەتتاتچىلىقىدا ئاساسەن: تۈز خەت نۇسخىسى، سۇلۇس خەت نۇسخىسى، نەسخى خەت نۇسخىسى، ئەسلىيە خەت نۇسخىسى، رۇقىئى خەت نۇسخىسى، رەيھانىي خەت نۇسخىسى، ئىجازەت خەت نۇسخىسى، تەئىلىق خەت نۇسخىسى، كۈفى خەت نۇسخىسى، شەترەنجى خەت نۇسخىسى، دىۋانى خەت نۇسخىسى، جەللى خەت نۇسخىسى، تۆۋئەم خەت نۇسخىسى، تەسۋىرىي خەت نۇسخىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

ئادەتتە كىشىلەر ئۇيغۇرچە خەتنى كۆپ ھاللاردا سىياھ قەلەم، ماي قەلەم ياكى قېرىنداش قەلەم بىلەن يازىدۇ. ھالبۇكى خەتتاتلىق ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا، كۆپ ھاللاردا بامبۇك، قۇمۇش، قارىغاي نوكچىسىنى قەلەم قىلىدۇ. قەلەم ئۇچىنى قېيپاش ئۇچلاپ، كەڭلىكىنى 2 مىللىمېتىردىن 3 مىللىمېتىرغىچە قىلىدۇ، ئاندىن قەلەم ئۇچىنىڭ قېيپاشلىق گىرادۇسىنى 15 گىرادۇستىن 35 گرادۇسقىچە، قەلەم ئۇچىنىڭ ئارىلىقىغا 1 مىللىمېتىردىن 1.5 مىللىمېتىرغىچە يوچۇق قالدۇرۇلىدۇ. ئەگەر چوڭراق خەت يېزىشقا توغرا كەلسە، قىسقا مويدا ياسالغان يالپاق چوتكا قەلەم ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.

مەنبە-تور دۇنياسى

توردا
268سائەت 
نادىر تېما
دوست
50 
يازما
1225 
تېما
187 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-27 13:43 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ۋاھ كۆزۈمىنى ئېچىپ قويدىڭىز جۇما.... بىزنىڭ مۇنداق خەتتاتلىق سەنئەتلىرىمىزمۇ باركەن ئەمەسمۇ... رەخمەت سىزگە

توردا
301سائەت 
نادىر تېما
دوست
67 
يازما
1262 
تېما
125 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-27 14:17 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىسىلكەنغۇ ، ئەھمىيەتلىك تىما يوللاپسىز ..............................

توردا
169سائەت 
نادىر تېما
دوست
28 
يازما
1657 
تېما
231 
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-27 15:51 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەھمەت سىزگە ھارمىغايسىز.

توردا
258سائەت 
نادىر تېما
دوست
36 
يازما
1352 
تېما
202 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-27 16:04 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ئېسىل ئىكەن داۋامىلىق يولاپ تۇرۇڭ . نادىرلىرڭىزغا تەشىنا بىز .

توردا
39سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
137 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-27 17:20 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەھمەت سىزگە.

توردا
194سائەت 
نادىر تېما
دوست
41 
يازما
896 
تېما
55 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-27 17:25 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ئېسىل ئىكەن داۋامىلىق يولاپ تۇرۇڭ .رەھمەت سىزگە.

توردا
105سائەت 
نادىر تېما
دوست
26 
يازما
1009 
تېما
196 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-28 13:42 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەققەتەن بىزنىڭ ئۇيغۇر خەتتاتلىقىمىزنىڭ تەرەقىياتى زور .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-5-27 12:29

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.