Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 03:37:34

ئۇيغۇرچە تاماقلارنىڭ كالورىيەسى ۋە بەدىنىمىزنىڭ ئېھتىياجى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Dilruba تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-5 13:05  

ساغلاملىقىمىزنىڭ يېمەك- ئىچمىكىمىز بىلەن زور دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز چوڭقۇر تونۇپ يېتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە،  كۆپلىگەن كىشىلەر ئۆزلىرى دائىملىق يەۋاتقان تاماقلارنىڭ ئېنىرگىيىسى ۋە ئوزۇقلۇق  قىممىتى ھەققىدىكى مەسىلىلەرنى بىلىشكە قىزىقىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش ۋە ئورۇقلاش ئارزۇسىدىكىلەرنىڭ بۇ خىل سوئاللىرىنى كۆپ ئاڭلىدىم، شۇ سەۋەبتىن مەن بۇ يەردە ئۆزەم قول سېلىپ تەييارلىغاچ ئىنچىكىلىك بىلەن ھېساپلاپ چىققان، خەلق ياقتۇرۇپ يەيدىغان شۇنداقلا كۆپ يەيدىغان ئۈچ خىل ئۇيغۇر تامىقىنىڭ ئېنىرگىيە (كالورىيە) مىقدارىنى ۋە ئۇنى ھېساپلاش جەريانىمنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. ئۇندىن كېيىن «ئادەمنىڭ بىر كۈنلۈك تاماق مىقدارى قانچىلىك بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ؟» ۋە «قوبۇل قىلغان ئېنىرگىيەنى ھەرىكەت بىلەن پارچىلاش» دېگەن تېمىلاردا چۈشەندۈرۈش بېرىمەن.

ئېتىلگەن تاماقلار: لەغمەن، پولو، تۈگرە.
قازان بېشىدا- دىلرۇبا، تارازا قېشىدىمۇ دىلرۇبا

ئەسكەرتىش:
1. ئۇن، گۈرۈچ ۋە باشقا بارلىق خۇرۇچلارنىڭ ئېنىرگىيە قىممىتىنى يەر شارى مىقياسىدا ئېتىراپ قىلىنغان ئۆلچەم بولغان ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى دۆلەتلىك يېزا- ئىگىلىك مىنىستىرلىكىنىڭ «يېمەكلىكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى» دىن ئالدىم، مەنبە: http://ndb.nal.usda.gov/ndb/search/list
2. كۆكتات ۋە باشقا خۇرۇچلارنىڭ ئېغىرلىقى ساپ، تازىلانغان ھالەتتە ئۆلچەندى، لېكىن ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتمىسۇن ئۈچۈن يۇمىدىم.
3. تاماققا ئىشلىتىلىگەن سۇ ۋە تۇزنىڭ ئېنىرگىيەسى نۆل كالورىيە بولۇپ، شۇ سەۋەپلىك ئارتۇق ئېنىرگىيە قوشۇلمايدۇ.​
4. تەجرىبە تاماقلار كۆپىنچە ئۇيغۇرلارنىڭ تاماق ئادىتىگە ماسلاشتۇرۇلغان ھالدا مايلىقراق ئېتىلدى، ئۆز ئۇسۇلۇم بويىچە بولسا بۇنچە ماي ئىشلىتىلمىگەن بولاتتى. شۇڭا ئەگەر سىزمۇ مايسىزراق تاماق  قىلىدىغان كىشى بولسىڭىز، ئۆزىڭىز ئەتكەن تاماقنىڭ ئەمەلىي خۇرۇچ مىقدارىغا ئاساسەن ئېنىرگىيە ھېساپلاپ چىقسىڭىز بولىدۇ.
5. قولاي بولسۇن ئۈچۈن، ھېساپلاش جەريانىدا كەسىر چېكىتىنىڭ كەينىدىكى سانلار پۈتۈنلەپ ئېلىندى.
6. بۇ تېمىدىكى سانلىق مەلۇماتلاردىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ، لېكىن تېمىنى كۆچۈرمەڭ، مەنبەنى ئەسكەرتىپمۇ كۆچۈرمەڭ، ئەسكەرتمەي تۇرۇپ تېخىمۇ كۆچۈرمەڭ. تېما پەقەت ئۆزەم ئىختىيارىم بىلەن يوللىغان ئىزدىنىش تورىغا ۋە ئەسلى مەنبە بولغان «ساغلام ھايات تورى» غا مەنسۇپ، مەزكۇر تېمىنى ياقتۇرۇپ، باشقىلارمۇ مەنپەئەتلەنسۇن دەپ ئويلىغان بولسىڭىز سىزگە كۆپ رەھمەت، ئۇنداقتا پەقەت ئەسلى ئۇلىنىشلىرىنى قالدۇرۇڭ. باشقىلار يازغان تېمىنى ئاپىرىپ، باش- ئاخىرىغا ئۆز نامىڭىزنى قوشۇپ يېزىپ تارقاتمىسىڭىزمۇ، سىزنىڭ تور بېتىڭىزنى ۋە ئۇلىنىشىڭىزنى چېكىپ تېما ئوقۇيالىغانلار ئۇشبۇ ئۇلىنىشنىمۇ چوقۇم  كۆرەلەيدۇ.

1. پولو

تۆت كىشىلىك پولو ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن خۇرۇچ ۋە ئۇلارنىڭ ئېنىرگىيەسى:
1. قوينىڭ قارا گۆشى 700 گرام، ھەر يۈز گرام قارا گۆشنىڭ ئېنىرگىيەسى 143 كىلو كالورىيە، جەمئىي ئېنىرگىيە 1001 كىلو كالورىيە
2. گۈرۈچ 720 گرام، (250 مىللىلىتىرلىق ئىستاكاندا تۆت ئىستاكان چىقىدۇ.) ھەر يۈز گرام گۈرۈچنىڭ ئېنىرگىيەسى 360 كىلو كالورىيە، جەمئىي ئېنىرگىيە 2592 كىلو كالورىيە
3. قىچا مېيى 300 مىللىلىتىر، ھەر يۈز گرام قىچا مېيىنىڭ ئېنىرگىيەسى 884 كىلو كالورىيە، جەمئىي ئېنىرگىيە 2652 كىلو كالورىيە
4. بىر باش قىزىل پىياز 170 گرام، ھەر يۈز گرامدىكى ئېنىرگىيە 40 كىلو كالورىيە، جەمئىي ئېنىرگىيە 68 كىلو كالورىيە
5. سەۋزە 370 گرام، ھەر يۈز گرامىدىكى ئېنىرگىيە 41 كىلو كالورىيە، جەمئىي ئېنىرگىيە 152 كىلو كالورىيە

خۇلاسە: ئېتىلگەن پولونىڭ ئومۇمى ئېنىرگىيەسى 6465 كىلو كالورىيە بولۇپ، بۇنى تۆتكە بۆلسەك، كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن ئېنىرگىيە 1616 كىلو كالورىيە. (ئاشنى قانچە كىشى يېسە شۇنچىگە بۆلسەك، ئوتتۇرىچە قىممەتكە ئېرىشەلەيمىز. سۈرەتتىكى بىر تەخسە ئاشنىڭ گۆش بېسىلمىغان ھالەتتىكى ساپ ئېغىرلىقى 850 گرام، ئىككى كىشى تويىدۇ دەپ پەرەز قىلدىم.)

ئەمدىكىسى سالاتنىڭ ئېنىرگىيەسى:
سۈرەتتىكى بىر تەخسە سالاتنى تەييارلاش ئۈچۈن كەتكەن خۇرۇچلار:
1. بىر دانە شوخلا 110 گرام، ھەر يۈز گرام شوخلىنىڭ ئېنىرگىيەسى 18 كىلو كالورىيە، جەمئىي ئېنىرگىيە 20 كىلو كالورىيە
2. تەرخەمەك 210 گرام، ھەر يۈز گرامىنىڭ ئېنىرگىيەسى 15 كىلو كالورىيە، جەمئىي ئېنىرگىيە 32 كىلو كالورىيە
3. سالات يوپۇرماقلىرى، كىچىك پالەك قاتارلىق كۆكتاتلاردىن 50 گرام، ھەر يۈز گرامىنىڭ ئېنىرگىيەسى 14 كىلو كالورىيە، جەمئىي ئېنىرگىيە 7 كىلو كالورىيە
4. بىر دانە كۆك مۇچ 40 گرام، ھەر يۈز گرامىنىڭ ئېنىرگىيەسى 40 كىلو كالورىيە، جەمئىي ئېنىرگىيە 16 كىلو كالورىيە
5. بىر ئاش قوشۇقى زەيتۇن مېيى، ھەر ئاش قوشۇقى (13.5 گرامغا توغرا كېلىدۇ) زەيتۇن مېيىنىڭ ئېنىرگىيەسى 119 كىلو كالورىيە
6. بىر ئاش قوشۇقى جاڭيۇ، ھەر قوشۇق جاڭيۇنىڭ ئېنىرگىيەسى 11 كىلو كالورىيە
7. ئىككى ئاش قوشۇقى ئاچچىقسۇ، ھەر قوشۇق ئاچچىقسۇنىڭ ئېنىرگىيەسى 14 كىلو كالورىيە، جەمئىي ئېنىرگىيە 28 كىلو كالورىيە
خۇلاسە: بىر تەخسە سالاتنىڭ ئومۇمىي ئېنىرگىيەسى 233 كىلو كالورىيە، سۈرەتتىكى بىر تەخسە سالات ئىككى كىشىگە يېتىدۇ دەپ ھېساپلىساق كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئېنىرگىيە 116 كىلو كالورىيە.


2. تۈگرە

55 دانە تۈگرە ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن خۇرۇچ ۋە ئۇلارنىڭ ئېنىرگىيەسى:
1. بۇغداي ئۇنى 340 گرام، ھەر يۈز گرام بۇغداي ئۇنىنىڭ كالورىيەسى 364 كىلو كالورىيە، جەمئىي ئېنىرگىيە 1238 كىلو كالورىيە
2. قىيما خۇرۇچلىرى:
2.1 قوينىڭ %15 ماي، %85 قارا گۆشى بولۇپ 300 گرام، ھەر يۈز گرامىنىڭ ئېنىرگىيەسى 255 كىلو كالورىيە، جەمئىي ئېنىرگىيە 765 كىلو كالورىيە (ماي ئارىلاشمىغان قارا گۆش بىلەن بولغان ئېنىرگىيە پەرقىگە دىققەت قىلىپ قويۇڭ!)
2.2 مايلىق بەسەي 550 گرام، ھەر يۈز گرامىنىڭ ئېنىرگىيەسى 13 كىلو كالورىيە، جەمئىي ئېنىرگىيە 72 كىلو كالورىيە
2.3 قارىمۇچ ئىككى بال قوشۇقى، ھەر بال قوشۇقى (2.3 گرامغا توغرا كېلىدۇ.) قارا مۇچنىڭ ئېنىرگىيەسى 6 كىلو كالورىيە، جەمئىي ئېنىرگىيە 12 كىلو كالورىيە
2.4 ئاقمۇچ بىر بال قوشۇقى، ھەر قوشۇقنىڭ ئېنىرگىيەسى 7 كىلو كالورىيە
2.5 زىرە يېرىم بال قوشۇقى، ھەر قوشۇقنىڭ ئېنىرگىيەسى 8 كىلو كالورىيە، جەمئىي ئېنىرگىيە 4 كىلو كالورىيە

خۇلاسە: ئومۇمىي ئېنىرگىيە 2098 كىلو كالورىيە، بۇنى 55 دانە تۈگرىگە بۆلسەك، ھەر بىر دانە تۈگرىنىڭ ئېنىرگىيىسى 38 كىلو كالورىيە.


داۋاملاشتۇرۇپ يوللىنىلىدۇ.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 07:25:25

بىر ئادەم بىر كۈندە قانچىلىك ئېنىرگىيەگە ئېيتىياجلىق بولىدۇ؟

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 07:29:53

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Dilruba تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-5 13:33  

3. لەغمەن



بىر كىلوگرام پىلتە (بەش كىشىلىك لەغمەن) ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن خۇرۇچ ۋە ئۇلارنىڭ ئېنىرگىيەسى:
1. بۇغداي ئۇنى 670 گرام، ھەر يۈز گرام بۇغداي ئۇنىنىڭ كالورىيەسى 364 كىلو كالورىيە، جەمئىي ئېنىرگىيە 2440 كىلو كالورىيە
2. قورۇما خۇرۇچلىرى:
2.1. قىچا مېيى 200 مىللىلىتىر، ھەر يۈز گرام قىچا مېيىنىڭ ئېنىرگىيەسى 884 كىلو كالورىيە، جەمئىي ئېنىرگىيە 1768 كىلو كالورىيە
2.2. قوينىڭ قارا گۆشى 200 گرام، ھەر يۈز گرام قارا گۆشنىڭ ئېنىرگىيەسى 143 كىلو كالورىيە، جەمئىي ئېنىرگىيە 286 كىلو كالورىيە
2.3. بىر دانە غولپىياز 37 گرام، ھەر يۈز گرام غولپىيازنىڭ ئېنىرگىيەسى 34 كىلو كالورىيە، جەمئىي ئېنىرگىيە 13 كىلو كالورىيە
2.4. بىر بوغۇم زەنجىۋىل 20 گرام، ھەر يۈز گرامىنىڭ ئېنىرگىيەسى 80 كىلو كالورىيە، جەمئىي ئېنىرگىيە 16 كىلو كالورىيە
2.5. ئىككى دانە شوخلا 225 گرام، ھەر يۈز گرامىنىڭ ئېنىرگىيەسى 18 كىلو كالورىيە، جەمئىي ئېنىرگىيە 41 كىلو كالورىيە
2.6. بىر دانە بەرەڭگە 145 گرام، ھەر يۈز گرامىنىڭ ئېنىرگىيەسى 77 كىلو كالورىيە، جەمئىي ئېنىرگىيە 112 كىلو كالورىيە
2.7. باقىلا (جاڭدو) 125 گرام، ھەر يۈز گرامىنىڭ ئېنىرگىيەسى 47 كىلو كالورىيە، جەمئىي ئېنىرگىيە 59 كىلو كالورىيە
2.8. يېسىۋىلەك 200 گرام، ھەر يۈز گرامىنىڭ ئېنىرگىيەسى 16 كىلو كالورىيە، جەمئىي ئېنىرگىيە 32 كىلو كالورىيە
2.9. كەرەپشە 120 گرام، ھەر يۈز گرامىنىڭ ئېنىرگىيەسى 16 كىلو كالورىيە، جەمئىي ئېنىرگىيە 19 كىلو كالورىيە
2.10. ئۈچ دانە كۆكمۇچ 100 گرام، ھەر يۈز گرامىنىڭ ئېنىرگىيەسى 40 كىلو كالورىيە، جەمئىي ئېنىرگىيە 40 كىلو كالورىيە
2.11. سامساق 25 گرام، ھەر يۈز گرامىنىڭ ئېنىرگىيەسى 149 كىلو كالورىيە، جەمئىي ئېنىرگىيە 37 كىلو كالورىيە
2.12. بىر ئاش قوشۇقى جاڭيۇ، ھەر قوشۇق جاڭيۇنىڭ ئېنىرگىيەسى 11 كىلو كالورىيە
2.13. ئىككى ئاش قوشۇقى قىزىلمۇچ چانالمىسى، ھەر قوشۇقىنىڭ ئېنىرگىيەسى 3 كىلو كالورىيە، جەمئىي ئېنىرگىيە 6 كىلو كالورىيە

خۇلاسە: ئومۇمىي ئېنىرگىيە 4880 كىلو كالورىيە، بۇنى بەش تەخسىگە بۆلسەك، كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن ئېنىرگىيە 976 كىلو كالورىيە.
(سۈرەتتىكى لەغمەن بىر كىشىلىك دەپ مۆلچەرلەندى، يەنى 200 گراملىق بىر پىلتىدىن تەييارلانغان ئاش.)

kaman1 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 08:37:28

شۇنداق قىلىپ نەچچە مەيدان يۈگۈرسەك بۇ ئېنىرگىيەنى سەرپ قىلىپ بولىمىز؟

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 08:44:22

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Riwayetweb تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-6 09:28  

ئادەمنىڭ كۈندىلىك تاماق مىقدارى قانچىلىك بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ؟
بىر كىشىنىڭ ئېنىرگىيە ئېھتىياجى ئادەتتە ئەر- ئايال جىنىس ئايرىمىسىغا ئاساسەن ئوخشاش بولمىغاندىن باشقا يەنە،-
ئۇنىڭ ياش- قورامى- مەسىلەن، ئۇ ھازىر ئۆسۈپ- يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان بالىمۇ؟
شۇغۇللىنىدىغان كەسپى- ئىشخانىدا ئەقلى ئەمگەك قىلغۇچىمۇ ياكى جىسمانىي ئەمگەك قىلغۇچىمۇ؟
بەدەن قۇرۇلمىسى- تۇغۇلۇشىدىن بەستلىك، يوغان كەلگەنمۇ ياكى نورمال تەن، ئوتتۇرا بويمۇ؟
ياشىغان جاينىڭ ھاۋا كىلىمات ئالاھىلىدىكى قانداق؟
سالامەتلىك ئەھۋالى قانداق... قاتارلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان بولىدۇ.
مەستۇرە ۋە نەسىن كالورىيە ئېھتىياجىنى ھېساپلاش فورمۇلىسىنىمۇ قوشۇپ قويۇپتۇ، رەھمەت.
پەرىزىمچە، مۇشۇ تاپتا مۇشۇ يازمىنى كۆرۈپ ئولتۇرغانلارنىڭ كۆپىنچىسى يېنىك جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر قاتارىغا كىرىدۇ.   دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ كۆرسىتىپ بېرىشىچە، نورمال - يېنىك جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئوتتۇرا ياشلىق ساغلام ئايالنىڭ كۈنلۈك ئېنىرگىيە قوبۇل قىلىش مىقدارى 1800- 1900 كىلو كالورىيە ئەتراپىدا بولسا، ئەرلەرنىڭ 1980- 2340 كىلو كالورىيە ئەتراپىدا بولسا مۇۋاپىق.
ئەمدى يۇقىرىدا ئۆلچەپ چىققان تاماقلىرىمىزنىڭ ئېنىرگىيە مىقدارىغا قاراپ باقايلى:
بىر تەخسە پولو 1600 كىلو كالورىيەدىن ئارتۇق، كۆكتات ئارىلاشتۇرۇپ قىيما قىلىنغان 16 دانە تۈگرىنىڭ ئۆزىلا 600 كىلو كالورىيە، يەنى بىر ۋاق تاماق شۇنچىلىك بولسا كۇپايە دېگەن گەپ، بىر تەخسە لەغمەننىڭ ئېنىرگىيەسى 1000 كىلو كالورىيەگە ئازلا قالىدۇ، تېخى ئەگەر سىز تېخى شۇ بىر تەخسە بىلەن بولدى قىلىدىغان ئادەم بولسىڭىز. :lol  
نورمال بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاشنىڭ يولى- ئۆزىمىز يېمەك- ئىچمەك ئارقىلىق قوبۇل قىلغان ئېنىرگىيىمىز بىلەن جىسمانىي ھەرىكەتلەر ئارقىلىق چىقىرىپ تاشلىغان ئېنىرگىيەنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش دېمەكلىكتۇر. يەنى، زىيادە قوبۇل قىلىپ، ئاز ئېنىرگىيە خوراتسىڭىز سېمىزلىككە دۇچار بولىسىز. ئەكسىچە، ئوزۇقلۇق مىقدارى ئاز، ھەرىكەت مىقدارى كۆپ بولۇپ كەتسە، زىيادە ئورۇقلۇق، زەئىپلىك، بەدەنگە قۇۋۋەت كامچىل بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 08:45:09

بۇ ئېنىرگىيە ئېشىپ قالسا ياكى كاملاپ قالسا قانداق قىسمەتكە دۇچار بولىمىز؟

tvnvgvn يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 08:48:51

تېمىنىڭ ئاخىرىدا يېزىشىڭىز مۇمكىن شۇنداقتىمۇ سوراپ باقاي. بىر ئادەم بىر كۈندە قانچىلىك ئېنىرگىيەگە ئېھيتىياجلىق بولىدۇ؟ ئەگەر ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇ تاماقلىرى ئومۇمىي ئىنسانلارنىڭ كۈنلىك ئورتاق ئىنىرگىيە ئىھتىياجىدىن ئېشىپ كەتسە تاماقلىنىش شەكلىنى ئۆزگەرتىش بەدىنىمىزگە قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كىلە؟

825 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 09:02:48

GoodLuck يوللىغان ۋاقتى  2015-3-5 07:25 static/image/common/back.gif
بىر ئادەم بىر كۈندە قانچىلىك ئېنىرگىيەگە ئېيتىياجلىق  ...

قىلغان ئەمگىكىگە قارىتا سەرىپ قىلار

Gulam615 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 09:04:39

جاۋاپنى تىزراق بەرگەن بولسىڭىز.ياخشىمۇ مەزمۇن يوللاپتىكەنسىز.نىمىشقا بۇنچە سەمىرىمەنكى دەپ بىشىم قىتىپلا قالغان. لەغمەننىڭ كاساپىتىمۇ يە:'(

gepnoz يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 09:04:45

جاڭيۇنىڭ ھەقىقىي مۇسۇلمانچىسى بارمۇ ؟

yigana523 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 09:27:47

تاماق ئېتىش جەرىيانىدا خۇرۇچلار تەركىبىدىكى ئېنىرگىيە مىقدارىدا ئۆزگىرىش بولمامدۇ؟

misal يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 09:33:25

بىر ئادەم بىر كۈندە ئوتتۇرىچە  2000 كىلو كالورىيە ئىنىرگىيە لازىم بولىدۇ، ھەركەت مىقدارىنىڭ ئاز كۆپلۈكى ،بەدەن ئېغىرلىقى، ياش جىنىس پەرقى بىلەن ئازراق ئىگىز پەسلىك بولىدۇ. ئۇيغۇرلاردا سىمىزلىك ئېغىر، بەدەندە مۇسكۇل ئاز ياغ كۆپ، بۇ ئاساسلىقى بەدەندە ئىنىرگىيە كۆپلىكىدىن بولىدۇ. يۇقارقى ھىساباتتىن شۇنى كۆرىۋالالايمىز، بىر تەخسە پولو بىر ئادە،منىڭ بىر كۈنلۈك ئىنىرگىيەسىنى ئاساسەن دېگۈدەك تەمىنلەپ كېتەلەيدۇ. بۇنداق دېيىلسە پولودىن قاچماسلىق كېرەك، بەلكى يەپ تۇر بەك تۇر دېگەن تەمسىل بويىچە ھەركەت قىلىش كېرەك، تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش كېرەك. يەنە بىرى ، ھازىر يىمەكلىكلەرنىڭ سىرتقى ئورالمىسىغا ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممەت جەدۋىلىنى بېسىش كېرەك، قارايدىغان بولساق، ئۈستىدە NRV دەيدىغان بىر سانلىق قىممەت بار، بۇ NRV  نىڭ قىممىتى ئاشۇ يىمەكلىكنىڭ ھەر 100 گىرامى تەمنىلەيدىغان شۇ تۈردىكى ئوزۇقلۇقنىڭ ئادەم بىر كۈندە قۇبۇل قىلىشقا تىگىشلىك ئۆلچەملىك قىممىتىنىڭ نىسبىتىنى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن، NRV نىڭ ئىنىرگىيە قىممىتى 50% دەپ يېزىلغان بولسا ، سىز بىر كۈندە ئاشۇ يىمەكلىكتىن 200گىرام يىسىڭىزلا بىر كۈنلۈك ئېنىرگىيە يىتەرلىك دىگەن گەپ.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 10:13:32

مەن گۆشلۈك تاماقتىنمۇ بەكرەك لەغمەن يېسەم سېمىرىپ كېتىدىكەنمەن. :funk:
قەۋەتلىك ئۆيلەرگە چىققاندا ھەر قەۋىتىگە چىققۇچە قانچىلىك ئىسسىقلىق سەرپ قىلىنىدۇ، پىيادە يول يۈرگەندە قانچىلىك، ۋېلسىپىتلىك قانچىلىك دېگەندەك تەپسىلىي ئۇچۇرلار بولسا كۆرۈپ باقساق بولغۇدەك.

زىيادە تويۇنۇپ تاماقلىنىشنىڭ زېيىنى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشلارغا ئەستايدىل قاراپ تاتلىق جېنىمىزنى، گۈزەل ھاياتىمىزنى ئاسرايلى!:lol

ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملاشقان راھەت- پاراغەتلىك ھاياتتا تاتلىق، مايلىق ئېسىل تاماقلار كۆپ يېيىلىپ، ھەركەت ئازلاپ ھورۇنلىشىش نەتىجىسىدە سېمىزلىك ، قان قويۇقلۇق، جىگەرنى ماي قاپلاش، يۇقۇرى قان بېسىم، يۈرەك-مېڭە قان تومۇرلار تارىيىشتىن بولىدىغان كېسەللىكلەر، دىئابىت دېگەندەك خەتەرلىك كېسەللىكلەرگە سەۋەب بولىشى مومكىن.
پەيغەمبىرىمىز ئاشقازاننىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى غىزا بىلەن، ئۈچتىن بىرىنى سۇ بىلەن تولدۇرۇپ قالغان بىرقىسمىنى بىكار قويۇشنى تەشەببۇس قىلغان ئىكەن. شۇڭا ئانچە-مۇنچە ئاچ قالغاننىڭمۇ پايدىسى بار. {:87:}
ئۇندىن باشقا مەن تولا ئۇچرىتىدىغان ئادەملەرنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمەيدىغان بىر ئىش: كۈچلۈك ، قۇۋۋەتلىك يەپ تۇرسىمۇ بەدىنى جانسىز، قۇۋۋەت ئاجىز، داۋاملىق ھارغىن ھېس قىلىشىدۇر. مېنىڭ دەيدىغىنىم: تائامنىڭ ئېسىلى قۇۋۋەتلىك كۈچلۈك بولغىنى ئەمەس، بەلكى ئۆزى يەڭگىل، سېڭىشلىق بولغىنىدۇر. تاماقنى قاپلاپ يېۋىلىپ بەدەنگە سۈمۈرۈلىشى يېتەرلىك بولمىسا، ئاشقازان، جىگەر بېسىمى ئېغىرلىشىپ ئادەم ئۆزىنى راھەتسىز ھېس قىلىدۇ.

Estami يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 10:51:13


بەدەن چېنىقتۇرغۇچىلىرغا ئوبدان پايدىلىنش بولدىكەن

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 10:56:19

abdrtt يوللىغان ۋاقتى  2015-3-5 08:45 static/image/common/back.gif
بۇ ئېنىرگىيە ئېشىپ قالسا ياكى كاملاپ قالسا قانداق قىسم ...

;P ئىنىرگىيە ئېشىپ قالسا سەمرىپ كىتىمىز،كەملەپ قالسا ئورۇقلايمىزغۇ دەيمەن .ھاھاھا...

Toghrak يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 11:00:57

پولوغا ئاجايىپ  ئامراقتە مەن{:193:}.......................................سەمرىپ كەتمەي دەپ ھەپتىدە بىر قېتىم يەيمەن، يەنە كىلىپ  پولو يىگەن كۈنۈم ھەركەتنى سەل كۆپەيتىمەن، ھىچ بولمىغاندا ئۆي تازىلاش، رەتلەش، سىرىتقا چىقىپ نەرسە كىرەك سېتىۋېلىش دىگەندەك

باشقا تاماقلارنىڭكىنىمۇ بىلىۋالدىم، مۇۋاپىق تەڭشەشنى ئۈگۈنىۋالاي، ئەجرىڭىزگە رەھمەت دىلرۇبا{:112:}

rock يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 11:15:08

توختاڭلا،
خۇرۇچلارنىڭ خام ۋاقتىدىكى كالورىيىسىنى قوشۇپ قويسا، پىشقان ۋاقىتتىكى كالورىيىسى بىلەن ئوخشاش بولامدۇ؟
پىشىش جەريانىدا خوراش ياكى كۆپىيىپ قېلىش ئەھۋالى يوق بولامدۇ؟

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 11:21:01

مايلىق نەرسە يىسە سەمرىپ كىتىدۇ دىگەن قۇرۇق گەپمۇ نىمە ،
مەن گۆش يىمەي يىغىنى يىسەممۇ  پۇلۇلارنى يىسسەمۇ ئوخشاش تۇرىمەن .

كالورىيەنىڭ گىپىگە كەلسەك ئادەم ئۆزىنىڭ  شۇغۇللىنىدىغان ھەركىتىگە قاراپ ئوخشىمايدۇ.
مەكتەپتىكى ۋاقىتتا چۇشلۇك دەم ئىلىشقا قوساق  ئاران ئۇلگۇرەتتى،ھازىر ئۆيدە بىر ۋاخ تاماقمۇ تەستە ئۆتىدۇ.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 11:21:43

مەن قىلىشنى ئۇزۇندىن بېرى ئويلاپ، لېكىن قولۇمدىن كەلمىگەن بىر ئىشنى قىپسىز دىلرۇبا، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.
بولسا مۇشۇ تېمىنىڭ ئاستىغا ئوزۇقلۇق ھەققىدىكى بىلىملەرنى كۆپرەك تولۇقلاپ قويايلى. مەن يەنە قانداق قىلغاندا بەزى تاماقلىرىمىزنىڭ تەمىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا كالورىيەسىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ، دېگەن نەرسە ئۈستىدىمۇ ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان، تېمىڭىزنىڭ داۋامىدا بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنىمۇ قوشۇپ قويىمەن.

@rock, ئۆزگەرمەيدۇ دەپ قارىلىدۇ نورمال ئەھۋالدا.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 11:31:57

بەدەن قانچە كالورىيە ئېنىرگىيەگە موھتاج بولىدۇ، دېگەن سوئالغا بىرلا سان بىلەن جاۋاب بەرگىلى بولمايدۇ. گەرچە ئادەمنىڭ يېشى، جىنسى، نۆۋەتتىكى بەدەن ئېغىرلىقى، بوي ئېگىزلىكى، كۈندىلىك ھەرىكەت مىقدارى قاتارلىقلار بىلەن تەخمىنىي ھېسابلاپ چىققىلى بولسىمۇ، لېكىن ئادەملەرنىڭ مېتابولىزىم سۈرئىتى ئوخشىمىغانلىقتىن بۇ ھېسابلاپ چىققان مىقداردا قىسمەن پەرقلەر بولۇشى مۇمكىن.
تۆۋەندىكىسى كۈندىلىك كالورىيە ئېھتىياجىنى ھېسابلايدىغان فورمۇلا:

ئەرلەر:
10* بەدەن ئېغىرلىقى + 6.25*ئېگىزلىك- 5*يېشى+5

ئاياللار:
10* بەدەن ئېغىرلىقى + 6.25*ئېگىزلىك- 5*يېشى - 161

كالورىيە ھېسابلايدىغان ھەرخىل فورمۇلالار بولۇپ، يۇقىرىدىكى فورمۇلا ئامېرىكا يېمەكلىك جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئەمەلىي ئېھتىياجغا ئەڭ ئۇيغۇن بىرى دەپ باھالانغان، شۇڭا مۇشۇنىلا چىقىرىپ قويدۇم. يۇقاردىكى فورمىلادا ئېغىرلىق كىلوگرام، بەدەن ئېگىزلىكى سانتىمىتىر دەپ ئېلىنىدۇ.
بەت: [1] 2 3 4 5 6 7
: ئۇيغۇرچە تاماقلارنىڭ كالورىيەسى ۋە بەدىنىمىزنىڭ ئېھتىياجى