mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 12:01:31

@amanpahri: سىز بەك ئىرادىلىككەنسىز، بەك قايىل بولدۇم سىزگە.
مەن سىزنىڭ ئورۇقلاش ئۇسۇلىڭىز توغرا ياكى خاتالىقى ھەققىدە بىر نەرسە دېيەلمىگۈدەكمەن. لېكىن بىرلا يېرى، ئاۋۇ ئالما يەپ ئورۇقلاش، ھەسەل بىلەن ئورۇقلاش دېگەن ئۇسۇللىرىڭىزنى قايتا سىنىماڭ. سىز ئۈچ كۈن ئىچىدە ئىككى كىلو ئورۇقلاپ بىر تويغا قاتنىشاتتىم، دەيدىغان شەكىلدە ئورۇقلىمايسىز، بۇ خىل ئورۇقلاش ئۇسۇللىرى بەدەنگە بەكلا زىيانلىق.
مېنىڭ تەكلىپىم، سىز ئالدىدا قوللانغان توخۇ گۆشى، قوينىڭ قارا گۆشىنى يەپ ئورۇقلاش ئۇسۇلىڭىزنى قايتا سىناپ بېقىڭ. مۇمكىن بولسا قوي گۆشىنى 2-3 كۈن يېمەي، توخۇنىڭ پاچىقىنىمۇ يېمەي، تۇخۇمنىڭ ئېقى، توخۇنىڭ پوكان ۋە دۈمبە قىسمىنىڭ گۆشى، كۆكتاتلارنى يەپ بېقىڭ. ئاندىن باشقا يېمەكلىكلەرنى ئالدىرىماي قوشسىڭىز بولىدۇ.
ئاندىن ئۆتكەندە كەچلىرى مېۋە يەيمەن، دەۋاتقانتىڭىز، مېۋە يېگەندىمۇ بەك تاللاپ يەڭ، قەنت مىقدارى زىيادە يۇقىرىلىرىنى يېمەڭ. مەن قارىسام ماينى كۆپرەك كونتروللاپ شېكەرلىك نەرسىلەرنى ئانچە كونترول قىلماپسىز. مېنىڭچە ماي بەدەنگە بەكرەك كېرەك.
يۇقارقىلار مېنىڭ كىتابلاردىن كۆرۈپ بىلىۋالغىنىم.

419 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 13:21:33

mastura يوللىغان ۋاقتى  2015-3-8 13:54 static/image/common/back.gif
مۇشۇ قوي مېيىغا كەلگەندە ئۇيغۇر تىبابىتى بىلەن غەرب ت ...

مەنمۇ بەك ئۆچ قوي مىيىغا. بەل پۇتى ئاغرىپ كەلگەنلەرگە قەلەمپور مىيى بىرىمەن. ھەممىسى قوي مىيىدا مايلىدۇق دىيىشىپ كېتىدۇ. تەركىۋىدە سوغۇق تارتىدىغان نەرسە بارمىكىن. 30، 40يىل قوي مىيىدا مايلاپ ساقايمىغان ئاغرىقلار بەك جىق.يەنىلا زىرائەت مىيى پايدىلىقكەن.

419 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 13:27:15

ئىشقىلىپ ئۇنىمۇ دىدۇق بۇنىمۇ دىدىق. لەغمەن كەڭ يىزا قىشلاقلاردىكى تۆۋەن كىرىملىك دىھقانلارنىڭ ، ئوزۇقلۇق يىتىشمەي قىلىۋاتقان ئادەملەرنىڭ ، ئېغىر جىسمانى ئەمگەك قىلىدىغان ئادەملەرنىڭ يىيىشىگە  يەنىلا ماس كىلىدۇ. لەغمەننىڭمۇ تۈرى، قۇۋۋىتى ئوخشاش ئەمەس. تاپقىنى گۈل كەلتۈرەر تاپمىغىنى بىر باش پىياز دەپ ئايلاپ گۆش سالماي، تاپقىنى بىلەن لەغمەن ئىتىدىغانلارمۇ بار. ئۇنى يىمىسە باشقا يەيدىغان نەرسە يوق يىزىلىق ئۇرۇق تۇقانلىرىمىزمۇ  ھىلىھەم بار.
ئەمدى ماۋۇ شەھەرلەردىكى ئەقلى ئەمگەك قىلىدىغان ئاق ياقىلىقلار سەل ئۆزىمىزنى تارتىۋالساق بولىدىكەن.تۇرمۇش، خىزمەت  بىسىمى ئېلىپ كەلگەن ھارغىنلىقنى رىستۇراندىكى ھەرخىل قورۇمىلاردىن، ئۆيدىكى گۆشلۈك لەغم،ەندىن ئالماي سەل ئوتۇرھال ئوزۇقلانساق بولىدىكەن.
كېسەل بولۇشنىڭ سەۋەبى پەقەت بىر خللا ئەمەسكەن. مۇھىت ئامىلى، ئۆزىنىڭ پىسخىك ساپاسى يەنە بىرنىمە ئىشقىلىپ بەك جىق ئىكەن.
كوچىدا مىڭىپ يۈرگەن ئادەمنىڭ نىمە ئۈچۈن ھەممىسى راك يەنە بىر نىمە بولۇپ ئۆلۈك كەتمەيدۇ؟ بۇنى ھىچكىم ئىنىقلاپ باققىنى يوق.

419 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 13:29:38

ئۇنداق دىسەم تىما ئىگىسى خاپا بولۇپ كەتمىگەي. سىز ئۇزۇن بولدى مۇشۇ مەسىلە ئۈستۈدە ئۆز كۆرقارىشىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويىۋاتقىلى. مەن ھىچ بولمىغاندا گۆشنى ئاز يىيشتەك نۇقتىسىنى توغرا دەپ قارىدىم ھەم قوبۇل قىلدىم. گۆشنىڭ قىممەتلىكىدىن بولسا كېرەك. ھەم ئۆزەممۇ سەمرىپ كېتىپتىمەن قارىسام، كەچتە مىڭىپ ئورۇقلاي دەۋاتىمەن. ئىككى كۈن مىڭىپلا يەنە رىستۇرانغا كىرمەك بولۇ قالدىم. ئاخشام «ھەببى قوقىيا»دىن 6تال ئىچىۋەتكەن. شۇنداق يەڭگىل شۇنداق بەلەن بولۇپ قاپتىمەن.

begmurad يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 14:25:40

amanpahri يوللىغان ۋاقتى  2015-3-7 12:48 static/image/common/back.gif
@begmurad
ماۋۇ بىرىنىڭ -----ئۆزىنڭىزنى چاغلاپ قوپال سۆزلەڭ!
...

مەيلى قانداقلا بولسۇن مەن ئۆز كۆز قارىشمنى ئۆزگەرتمەيمەن. قۇپاللىق قىپ قويغان بولسام كەچۈرۈڭ.

nusrat يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 15:27:03

amanpahri يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 19:55 static/image/common/back.gif
@nusrat،سەي-كۆكتات،ئۇن،گۆشنى ئۆزۈم ئىشلەپ،ئائىلەمگە يەت ...

       ئەڭ ئالدى بىلەن ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلىۋاتقىنىڭىزدىن تەسىرلەندىم.
     ئەسلى سىزنىڭ دەھشەتلىك سۈرئەتتە ئورۇقلىۋەتكىنىڭىزدىن چۆچۈپ كىتىپ ئىنكاس يازايمىكىن دەپ بولدى بەرىبىر ئورۇقلاپ بوپتۇ ھەم ئۆزىڭىزنىمۇ ئىزدىنىۋېتىپتۇ دەپ توختاپ قالغان ئىدىم. بۇ دوختۇرلار ئەڭ ئەيىپلەيدىغان بىر خىل ئورۇقلاش ئۇسۇلى. ئەسلى ئورۇقلاشنىڭ ئۇسۇلى ئورۇقلاش+چىڭداش+ئورۇقلاش+چىڭداش....باسقۇچلىرى بويىچە داۋاملىشىدۇ. چىڭداش باسقۇچى بۇرۇنقى ناچار ئادەتلەرنى تاشلاپ ياخشى ئوزۇقلىنىش ئادەتلىرىنى پەلەمپەي يىتىلدۈرىدىغان باسقۇچ. مۇشۇ بويىچە بىر نەچچە ھەتتا ئون باسقۇچلارغا بۆلۈپ يېرىم يىل بىرەر يىللاردا ئاندىن ئورۇقلايدىغاننى سىز يۆگەپ ئەكەپلا ئىككى باسقۇچ بىر ئايغىلا قىسقارتىپ قويۇپسىز. ئەمدى ئۆزىڭىز دىگەندەك چىڭدىمىسىڭىز ئېغىرلىق كەمىيىش توختاپ كەينىگە يېنىشقا باشلايدۇ. ئالىمادىس كەينىگە يېنىپ كەتسە چوقۇم نورمال قائىدە بويىچە ئورۇقلاڭ. نورمالدا ئەرلەر ئايدا ئەڭ كۆپ 5-6 كىلوگرام ئورۇقلىسىلا بولىدۇ. ھەر بىر باسقۇچتا ئېغىرلىق ئازراق چۈشكەندىن كىيىن بەدەن شۇ ھالەتكە ماسلىشىدۇ، ئاندىن ئىككىنچى باسقۇچقا كىرىسىز. ئەگەر بىراقلا زورلاپلا ئېغىرلىقنى ئۇدا چۈشىرىۋەتسەك بىر مۇنچە ساقسىزلىق ئالامەتلەر كەپ چىقىدۇ ھەمدە بەدەن ئەسلى ھالىتىنى ئىزدەيدۇ . بۇ خىل تېزئورۇقلىغانلارنىڭ تېزلا ئەسلىگە قايتىپ قالىدىغانلىقى چىڭداش باسقۇچىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتكەنلىكى بىلەن ھەمدە مەقسەتكە يەتتىم دىگەندىكىن ئەسلى تاماق تۈزىمىگە قايتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك .  
      نەزىرىيە جەھەتتىن : ئەڭ ئالدى بىلەن ئوزۇقلىنىش تۇيۇقسىز ئۆزگەرگەندە مېتابولىزىم قالايمىقانلىىشپ ھۈجەيرىلەرگە نۇرغۇن ئەركىن رادىكاللار قويۇپ بىرىلىدۇ شۇنىڭ بىلەن قېرىلىقنى تېزلىتىۋېتىدۇ. بىر خىللا يىمەكلىكنى ياكى مىۋىنى ئۇدا يىيىش سەۋەبلىك ئوزۇقلۇق يىتىشمەيدۇ، چاچ چۈشىدۇ، ئادەم سۇسىزلىنىدۇ، ھېرىپ ھالىدىن كەتكەندەك ھېس قىلىدۇ. تېرە ئېلاستىكىلىكىنى يوقىتىدۇ، ئەقلى قابىلىيىتى تۆۋەنلەيدۇ(چۈنكى مىڭە خىزمىتىگە كىرەكلىك تويۇنمىغان ياغ كىسلاتالىرى يىتەرلىك بولمىغانلىقتىن) ، كۆپىيىش سېستىمىسى زىيانلىنىدۇ، مۇسكۇلنىڭ يىغىلىش-سوزۇلۇش ئىقتىدارى چىكىنىدۇ، ئاقسىل قوبۇللاش بىرىكىش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ، ئىممۇنىت كۈچى ئاجىزلايدۇ، پايدىلىق ياغلار قوبۇل قىلىنمىغاچقا ۋە مۇسكۇللار ئورۇقلىغاچقا ۋە كالى كەملەپ كەتكەچكە قۇۋۋەت يىتىشمەي يۈرەك ۋە قان-تومۇر ئىقتىدارى، بۆرەك زىيانلىنىدۇ ...قاتارلىقلار .بەزىلەر يەنە ئىنسۇلىنغا تايىنىشچان دىئابىت كىلىپ چىقىشى مۇمكىن دەۋاتىدۇ. ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا كۆپ زىيانغا ئۇچرايدۇ. بەزى ئوزۇقلۇق دوختۇرلىرى بىمارىنى باسقۇچلۇق ئورۇقلىتىش جەريانىدا ساقسىزلىق ئالامەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئومېگا ئۈچ ۋە ئوكسىدلىنىشقا قارشى ساغلاملىق دورىلىرىنى بۇيرۇپ بىرىدۇ.
      مېنىڭچە سىزدە باشقىچە ئالامەتلەر كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ بىر ئاساسى كۆرسەتكۈچلارنى تەكشۈرتىۋېتىڭ ھەمدە ئوزۇقلۇقلارنى تەكشى قوبۇل قىلىشقا دىققەت قىلىڭ شۇڭا بۇ خىل تېز ئېغىرلىق چۈشۈرۈش ئۇسۇلىنى بولسا ئەمدى توختۇتۇڭ .  بۇندىن كىيىنكى گەپكە كەلسەك ئۆزىڭىزنى ئۇدا روھلۇق تىتىك يەڭگىل ھېس قىلسىڭىز، ئۇنۇتغاق بولۇپ كەتمىسڭىز، باش قېيىش، ئىچ ئېلىشىشلار كۆرۈلمىسە، قان بېسىم نورمالدىن بەك تۆۋەنلەپ كەتمىسە، كاللا ئىشلەتكەندە چىڭقالمىسا، ئاشقازاندىن چاتاق چىقمىسا، بوغۇملار ئاغرىقى كۆرۈلمىسە مەنچە بەك زىيادە ئەنسىرەپ كىتىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق. بىر خەتەرلىك ئىشنى قىلغان ئوخشايمەن ،بۇندىن كىيىن كىسەل بولۇپ كىتەرمەنمۇ دەپ ئەنسىرەش ئەكىسچە كىسەل پەيدا قىلىشى مۇمكىن. سىزدەك بىراقلا ئورۇقلاپ ئاندىن بىراقلا چىڭداپ مۇسكۇل چىقىرىۋالغان كىشىلەرمۇ ئاز ساندا باركەن، بىراق بۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلمىغان ياخشى، ئەسلىدىكى تەن قۇۋۋەت ياخشى بولمىسا قىسقا ۋاقىتتىلا چاتاق چىقىدۇ.
     ئەگەرتاللا بازارلىرىدا سېتىلىۋاتقان زەيتۇن مايلىرىغا ئىشەنچ قىلالمىسىڭىز ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن سېتىۋالسىڭىز، تۈركىيەنىڭ ياكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ مايلىرىمۇ بارغۇ دەيمەن، ئادەتتە دەسلەپكى سوغۇق سىقىشتىن ئالغان ماي ئەڭ ئىسىلى سانىلىدۇ..جۇۋازنىڭ ياغلىرىنى ئىشەنچلىك ،پاكىز،ئوزۇقلۇققا تويۇنغان دەپ بىلىمەن..بىزدە يېڭى بېلىق يىيىش ئىمكانىيىتى كۆپ ئەمەس شۇڭا مەنچە ياغلارنى بۇرۇنقىلىرىنى يەۋىرىپ ئومېگا ئۈچ تىن ئارىلاپ يەپ قويساقمۇ بولىدۇ. يەرلىك ئوغۇتتا كۈچلەنگەن كۆكتات،مىۋىلەرنى ساپ يىيىش ئىمكانىيىتىڭىز بولسا بەك ياخشىكەن. مۇھىت ئامىلىمۇ سالامەتلىكىمىزگە تەسىر قىلىدۇ بىراق يەنىلا ئوزۇقلۇقنى ساپلاشتۇرالىساق بۇنىڭ ئۆزى ساغلاملىقىمىزغا ناھايىتى چوڭ بىر ئىش...
      سىز دۇچ كىلىدىغان يەنە بىر مەسىلە بار ئويلاشتىڭىزمۇ بىلمىدىم. بىزدە توي-توكۇن، نەزىر-چىراق، بېرىش-كىلىش پائالىيەتلىرى بەك كۆپ، ئەگەر سىز ئۆزىڭىز بىر تەرتىپ تۇرغۇزۇپ نورمال كالورىيە ۋە يىتەرلىك ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىمەن دىسىڭىز بۇندىن كىيىن تاماقلاردا ئۆزگىرىش بولىشى ئېنىق ئاندىن سىزنىڭ تەرتىپىڭىز ھەر بىر مېھماندارچىلىقتا بىر بۇزىلىدۇ كەينىدىن ئارتۇق كالورىيەنى پارچىلايسىز تەرتىپكە قايتىسىز يەنە بۇزىلىدۇ...بۇنداق مېتابولىزىمدا قالايمىقانچىلىق كۆپ بولۇپ كەتسە ئەركىن رادىكاللارنىڭ قويۇپ بىرىلىشى ئەكىسچە كۆپىيىپ ھۈجەيرىلەرنىڭ قېرىشى تېزلىشىپ كىتىدۇ. شۇڭا مۇشۇ مەسلىنى قانداق ھەل قىلىشنى كونكىرت ئويلىشىپ بېقىڭ. ئاندىن بىزنىڭ تىبابىتىمىز مىجازغا قاراپ ئوزۇقلىنىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، يېڭىچە ئوزۇقلىنىش ئادەتلىرى بىلەن ئۆزىمىزدىكى تەشەببۇسلارنى مۇۋاپىق بىرلەشتۈرۈشمۇ خېلى بىر جەريان كىتىدىغان ئىشمىكىن دەپ ئويلايمەن. ياپونىيە، ئامرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە ئوزۇقلۇق ۋە ساغلاملىق ساھەسىدە مەخسۇس ئوقۇپ كەلگەن دوكتور تەتقىقاتچىلار بار دەپ ئاڭلىدىم، بۇ كىشىلەر غەرپ ئوزۇقلۇق نەزىرىيەلىرى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ تىبابەت تەشەببۇسلىرىنى بىرلەشتۈرۈش جەھەتتە بىرەر ئەمگەك قىلدىمۇ خەۋەرسىزكەنمەن، ئىزدىنىپ باقسىڭىز بىرەر ئۇچۇرغا ئېرىشىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.
     ھەسەلنىڭ ئىشىغا كەلسەك پۈتۈن كۈن 200 گىرام ھەسەل ئىچكەن بولسىڭىز 600 كالورىيە ئەتراپىدا ئېنىرگىيە  بۇ ھەتتا سىزنىڭ كۈنلۈك ئاساسى كالورىيىڭىزمۇ ئەمەسكەن، سىز ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەرىكەت قىلىدىكەنسىز.  600 گىرام بولسا 1800 كالورىيە ئەتراپىدا بولىدۇ بىراق يەنىلا ياخشى ئەھۋال ئەمەس بۇ خىل ئۇسۇلدا قانداقمۇ كۈنلۈك كىرەكلىك ئوزۇقلۇقلارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ھەسەلنى ئىستىمال قىلغاندا قاندىكى گىلكۇزا ئۆرلەپ كەتمەيدۇ، ھەم بەزى تەتقىقاتچىلار ساپ ھەسەلنىڭ مايلار، خولېستېرول،ئاشقازان ئئاستى بېزى ۋە بەزى جىگەر ئېنزىملىرىغا تەسىر قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن دىئابىت كىسىلىنى داۋالاشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى دىيىشىۋاتىدۇ. شىكەر تەركىبىدىكى مىۋە قەنتى بولسا ئەكىسچە ھەزىم كىسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ.
      كۈندە قارا ئاشلىقلارنى قوشۇپ ئىستىمال قىلىش، ئۆزىڭىز ئېيتقاندەك ساپ كۆكتات مىۋىلەرنى يىيىش، خېمىرنى كۆپ يىمەسلىك،تاماق ئارىلىقىدا ئۇششاق يىمەكلىك يىمەسلىك ،سۇنى كۆپرەك ئىچىش (ھەددىدىن زىيادە سۇ ئىچىش بۆرەكنى زەخىملەيدۇ، ئاشقازان ئاستى بېزىنى زەخىملەيدۇ، زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ) ، ساپ مىۋە شەربەتلىرىنى ئىچىشلارنى ئېيتىمەن . دىلرۇبانىڭ ' كۈندە بەش بولۇش تەۋسىيەسى بەك ياخشى.  ئەگەر بەزى تاماقلارنىڭ مىقدارىنى بەك ئاز بولۇپ قالدى دىسىڭىز ھەم تويغاندەك تۇيغۇ بولمىسا تاماقنى ئۈچ قىسىمغا بۆلۈپ يىسىڭىزمۇ بولىدۇ. دەسلەپتە ئازراق بىر ئىككى كىچىك توغرام نان ، ئازراق زەيتۇن مېيى تېمىتىپ كۆك سالات ياكى قايناقسۇغا باسقان پالەك قاتارلىقلارنى يەۋالسىڭىز  بەش مىنۇت ئۆتكۈزۈپ ئاساسى تاماقنى يىسىڭىز( ئاساسى تاماقتىن كىيىن بارماقچىلىك بىر توغرام نان چاينىۋېتىش ھەزىمگە ياردەم بىرىدۇ، قارا ئاشلىق نېنى بولسا تېخى ياخشى). يېرىم سائەتلەر ئۆتكۈزۈپ مىۋە يىسىڭىز. چۈشتىن كىيىن تۆت بەشلەر ئارىسىدا يەنە بىر قېتىم ئىنىرگىيە تولۇقلىسىڭىز بولىدۇ، بولۇپمۇ يازدا كۈن ئۇزۇن بولغاچقا چۈلۈك تاماق بىلەن كەچكە ئۇلىشىش تەس توختايدۇ. ئەگەر بەك تىنىمسىز بولسىڭىز دىلرۇبا دىگەندەك كۈنلۈك كىرەكلىك ئوزۇقلۇقلار تەكشى،ئۆلچەمدىن جىق ئارتىپ كەتمىسىلا ئەمدى ئۆزىڭىزنى ئاساسى تاماقلاردىن بەك قاتتىق قىسىپ كەتمەڭ .

  


nusrat يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 16:40:04

قارا ئاشلىقنى تەشەببۇس قىلىشتىكى سەۋەبلەر كىرەكلىك ئوزۇقلۇقلار ۋە ۋىتامىنلارنى قوبۇل قىلىش ،تالالارنىڭ ياردىمىدە مېتابولىزىمنىڭ نورماللىقىغا كاپالەت قىلىش ۋە ئالاقىدار كىسەللەردىن ساقلىنىش، خولېستېرولنى تۆۋەنلىتىش، قان تومۇر سېستىمىسىنى ئاسراش،دىئابىتنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىقلار . ئارپا نېنى، قوناق ئۇنى ئۇمىچى، قارا بۇغداي ئۇنى تاماقلىرىنى ئاق ئۇن تاماقلىرى بىلەن ئالماشتۇرۇپ يىيىش سالامەتلىككە پايدىلىق.
@mohsin

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 20:24:53

@nusrat
@mastura
@Dilruba،ھەممىڭلارغا كۆپتىن كۆپ رەمەت،ۋاختىڭلارنى ئالدىم.كۆپ نەپكە ئېرىشتىم.
ئازراق بوشىغاندا بەزى تورداشلارنىڭ تەلىۋى بويىچە،تەپسىلىرەك بىر نەرسە يازارمەن،باشقىلارغا پايدىسى تەگسە ئەجەپ ئەمەس.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2015-3-11 00:38:39

niyazdixan يوللىغان ۋاقتى  2015-03-08 12:43:46 static/image/common/back.gif
ھايۋانات مايلىرىنىڭ ئىچىدە قوينىڭ مېيى پايدىلىقكەن. ي
مەنمۇ مۇشۇنداق ئاڭلىدىم،زادى ئىلمى ئاساسى بارمۇ بۇ قۇيرۇق ماي يۈرەك قان تومۇرغا پايدىلىق دىگەن گەپ ؟ ئىلمى ئاساسى بارمۇ ياكى ئومۇملاشقان خاتا قاراشمۇ؟

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-11 09:02:45

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2015-3-11 00:38 static/image/common/back.gif
مەنمۇ مۇشۇنداق ئاڭلىدىم،زادى ئىلمى ئاساسى بارمۇ بۇ قۇ ...

ئىشقىلىپ ئۆزەم ئىستىمال قىپ باققان، ھەم ئىستىمال قىلغان مەلۇم بىرسىنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كۆرگەندىن كېيىنكى تەسىراتىم، ئۇنىڭ ئالدىدا ھايۋانات مېيى دېسە چوقۇم زىيانلىق دەيتتىم، بىراق، بۇنى چوڭ ياشلىقلارغا تەشەببۇس قىلمىغان ياخشىمىكىن. بىراق قۇيرۇق ماينى يەپلا ھەرىكەتنىمۇ مۇۋاپىق قىلىپ بەرگەندە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولامدىكىن دەيمەن.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2015-3-11 09:11:56

خولىستېرىن ئۆرلەپ كەتسە ماي مىقدارى چۈشكەننىڭ نىمە پايدىسى ؟
خولىستېرىن پايدىلىق خولىستېرىن،زىيانلىق خولىستېرىن دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ،زادى قايسىسى ئۆرلەپ كەتكەندۇ؟

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 10:51:26

mastura@ مەسىلەن سىرتقى تۇرقىدىن تەخمىنەن پەرەز قىلغان بەدەن ئېغىرلىقتىن تارازىغا چۈشكەندە كۆرۈلگەن توغرا بەدەن ئېغىرلىق ئارىلىقىدا پەرق كۆپ بولسا نورمالمۇ؟ مەسىلەن مىنىڭ تۇرقۇمغا قاراپ بىرەر ئادەم توغرا مۆلچەرلىيەلمىگەن، كۆرگەنلەر ئەڭ ئېغىر بولسىڭىزمۇ 55 گىلوگرام كىلىسىز دىگەن لىكىن ئەمەلىيەتتە تارازىدا 66 كىلوگرام كىلىمەن.  66 كىلوگرام كىلىمەن دىسەم ھىچكىم ئىشەنمىگەن ئىدى. :(

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 11:14:26

tumaris يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 10:51 static/image/common/back.gif
mastura@ مەسىلەن سىرتقى تۇرقىدىن تەخمىنەن پەرەز قىلغان بە ...

بەزى ئادەملەرنى پور سېمىز دەپ قويىدىكەن ،  تۇرقىدىن قارىسا شۇندا سېمىززز  تۇرغان ،  لېكىن ئېغىرلىغى پەرەز قىلىنغان ئېغىرلىقتىن خېلىلا يېنىك .  ئەكسىچە بەزى ئادەملەر بولسا قىياپىتىدىن ئۇنچىۋالا سېمىز كۆرۈنۈپ كەتمەيدۇ ، لېكىن تارازىغا چۈشسە ئېغىرلىغى مۆلچەر ئېغىرلىقتىن خېلىلا ئېغىر چىقىدىغان .
بىر تونۇشۇم بار ،  ئىككىمىز بىر يەردە تۇرساق ، مۇنداقلا قارىماققا ئۇ مەندىن خېلىلا سېمىز كۆرۈنىدۇ ،  لېكىن ئەمەلىي ئېغىرلىقتا ئۇ مەندىن خېلى كۆپ يېنىك .   بۇنىڭمۇ بىرەر ئىلمىي چۈشەندۈرۈشلىرى بار ھەقىچان ، شۇنداقمۇ ..  mastura@   ,   @nusrat ,  @Dilruba  ..   

aman121 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 11:32:28

GoodLuck يوللىغان ۋاقتى  2015-3-5 07:25 static/image/common/back.gif
بىر ئادەم بىر كۈندە قانچىلىك ئېنىرگىيەگە ئېيتىياجلىق  ...

ئىلمي ئوزۇقلىناي دەپسەندە، مېنىڭچە قورساق غۇدۇرلىغۇچە يىتىدۇ.:lol

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 13:00:20

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mastura تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-13 13:03  

tumaris يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 10:51 static/image/common/back.gif
mastura@ مەسىلەن سىرتقى تۇرقىدىن تەخمىنەن پەرەز قىلغان بە ...

تۇمارىس، تۆۋەندىكى رەسىمگە قارىسىڭىز سوئالىڭىزنىڭ جاۋابىنى بىلىۋالالايسىز :
ئەمەلىيەتتە بىز قورقىدىغىنىمىز بەدەن ئېغىرلىقى ئەمەس، بەدەندىكى ماي مىقدارى.

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 13:03:22

mastura يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 13:00 static/image/common/back.gif
تۇمارىس، تۆۋەندىكى رەسىمگە قارىسىڭىز سوئالىڭىزنىڭ ج ...

رەسىم كۆرۈنمىدىغۇ؟ {:147:}

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 13:04:18

tumaris يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 13:03 static/image/common/back.gif
رەسىم كۆرۈنمىدىغۇ؟

ئەمدىچۇ؟

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 13:10:29

mastura يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 13:04 static/image/common/back.gif
ئەمدىچۇ؟

ئەمدى كۆرۈندى، رەھمەت سىزگە. قارىغاندا مەن..... {:181:} {:196:}

man_sarang يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 14:16:00

5lbs=2.266kg

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2015-3-15 08:53:02

amanpahri يوللىغان ۋاقتى  2015-3-6 13:26 static/image/common/back.gif
@Ozuyghur
كومپيوتېر كەسپى،ئۇندىن باشقا دېھقانچىلىق،چارۋى ...

يېشىمىز  يېقىن كېلىدىكەن، دىزنىڭ ئۇسۇلىڭىزنى سىناپ باقسام بولغىدەك.  مەن خوتەندە مەمۇر.  قارىسام سىزنىڭ ئىشىڭىز مېنىڭكىدىن ئەھمىيەتلىك ۋە مولراق ئىكەن.
بەت: 1 2 3 4 5 6 [7]
: ئۇيغۇرچە تاماقلارنىڭ كالورىيەسى ۋە بەدىنىمىزنىڭ ئېھتىياجى