destiny يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 22:47:52

amanpahri يوللىغان ۋاقتى  2015-3-5 22:36 static/image/common/back.gif
ئەتراپىمغا،تېلىۋېزورغا قاراپ بىزدىكى سېمىزلەرنىڭ بەك ...

قانداق ئورۇقلىدىڭىز

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 22:59:58

amanpahri يوللىغان ۋاقتى  2015-03-05 22:36:53 static/image/common/back.gif
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   amanpahri تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-5
قانداق ئورۇقلىدىڭىز؟ تەپسىلى يېزىڭ

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 23:08:58

ئاساسلىق تاماق تىزگىنلەش،قوشۇمچە پىيادە ۋە ۋەلىسىپىتلىك يۈرۈش.
كېيىنكى پىلان ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن كالورىيەنى تەڭشەش،چېنىقىش ئۈسكىنىلىرى بىلەن،مۇسكۇللارنى تەڭشەش.
مەن سەل ئۆزەمنى قىينايدىغانراق ئۇسۇل بىلەن تىز ئورۇقلاش مەخسىدىگە يەتتىم،ئەمىلىيەتتە مەن ئون نەچچە يىللىق سېمىز.ئورۇقلىغىنىمنى كۆرۈپ ئەتراپىمدىكىلەر بەك ھياجانلاندى،ئەمما مېنىڭ ئۇسۇلۇمنى سىناشقا ئىرادە قىلالمىدى.مېنىڭ ئۇسۇلۇمنى ھەممە جەھەتتە تېنى ساق ئەدەم ئىرادىنى يېتەكچى قىلىپ قىلالىسىلا دەرھال ئۈنۈمىنى كۆرىدۇ.ئەمما سېمىز بولغىنى بىلەن تېنى ئاجىز،ئاشقازان قاتارلىق ئەزالىرىدا مەسىلە بارلار قىلالمايدۇ.

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 23:36:38

97 كىلودىن 82 كىلوغا كېلىپ توختاپ قالغىلى 5 كۈن بولدى،بۈگۈن تېخى ئوزۇقلۇقنى باشقا تەڭشەش بىلەن يەنە بىر  كىلو چۈشكەندەك قىلىمەن،كېيىن ۋاختىم چىقىسا ئورتاقلىشىمەن.
ئەڭ قىيىن بولغان بىر ئۇسۇل 3 كۈن ئۇدا كۈنىگە 1 كىلودىن ئالما يىيىش،ھەتتا سۇمۇ ئىچمەسلىك،مۇشۇنداق قىلىپمۇ 500 گىرام ئورۇقلىيالمىساممۇ مەيۈسلەنمىدىم،نەزىرىيە جەھەتتىن 3 كىلو ئورۇقلىشىم كېرەك ئىدى،ئەمما دەسلەپكى ئورۇقلاش ھەپتىسىدە بىر كۈن 1 كىلو ئالما،ئىككىنچى كۈنى 1 كىلو سۈت ئىچىپ(سۇ ئىچىشكىمۇ بولمايدۇ،بۇ ئىككى كۈندە ئالما،سۈتتىن باشقا نەرسە يىيىشكە بولمايدۇ،ئىككىسىنى ئېلىشتۇرۇپ ئىستىمال قىلىشقىمۇ بولمايدۇ)2.5 كىلو ئۇرۇقلاپ،قاتتىق چۆچۈپ كەتكەنتىم.
ئىشقىلىپ داۋاملىق ئوزۇقلۇقنى ئالماشتۇرۇپ،بەدەب ئۆزگرىشىمنى ئۆزەم ھىس قىلغان بويىچە،تەن ساپايىمنى ساقلاپ كەلدىم،1-ھەپتىسى 1 كىلومېتىر ۋېلىسىپىت مىنسەم بولالماي قالغان،ھازىر 20 كىلومېتىر ماڭساممۇ ھاسىراپ قويمايمەن،تەرلەيمەن شۇ.دەسلەپكى ھەپتىدە 3 كىلو ئورۇقلاپ بولغۇچە،ئېغىر دەرىجىدىكى قان برسىم،قاندا ماي ئارتىش،يېپىشقاق بولۇش،پۇت قول سىقىراش،ھارغىنلىق،تاماقتىقتىن كېيىنلا ئۇيقۇسىېراش،ھەمما ئىشقا ئېغىر بولۇش،پىكرى چېچىلىش،ئاچچىقىلىنىش،تىتىلداش(بىر يىلدىن بويان بۇ كەيپىياتنى پىسخىكامدا مەسىلە بارمۇ دەپ يۇرگەنتىم)بىراقلا يوقاپ كەتتى.بىرەر مىنۇت ئوڭ يېنىمنى بېسىپ ياتسام ئوڭ پۇتۇم،سول يېنىمنى بېسىپ ياتسام سول پۇتۇم سەزمەس بولۇپ قالاتتى،سول يېنىمنى بېسىپ ياتالمايىتتىم يۈرۈكۈم سىقىلىپ،ئاساسەن دىگۈدەك بېشىم چىڭقىلىپ،ئاغرىپ،كۆزۈم تورلىشىپ دىگەندەك بولاتتى،بىر ھەپتە ئۇرۇقلاشتىن كېيىنلا ھەممىسى تۈگۈدى.ھازىر راستىنلا ھەر جەھەتتىن 10 ياش ياشاردىم.
بۇلار قىسقىچە خۇلاسە.

asir1545 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 23:44:01

ئۇروقلاش پىلانىڭزنى دەپ بەرسىڭز بىزمۇ پايدىلنىپ قالساق ياخشى بۇلتى، ماڭا سىرتتا يۈگۈرۈپ چېنىقىش قۇلايسىز
شۇڭا يۈگۈرۈش ماشىنىسدىن بىرنى ئېلىپ چېنىقىپ بەسەم ئۇرۇقلاشقا پايدىسى بۇلامۇ ؟

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 07:10:48

ئادەمنىڭ كۈندە ئېھتىياج بولىدىغان ئىنىرگىيەسىنى بەك تەپسىلىي ھىسساپلاپ كەتمىسەڭلەرمۇ بولىدۇ.ئادەتتە 1800-2000 ئەتراپىدا دەپ ھىساپلايدۇ.
10 كۈندە تاماق تىزگىنلەپ 5 كىلو ئورۇقلىدىم دىگەن بەكلا ساختا سان.ئېغىرلىق تۈۋەنلەيدىغانلىقى راست.ئەمما ئاشقازان داشقازىنىڭىزنىڭ تازلانغانلىقىدىن تۈۋەنلىگەن ئېغىرلىق،تاماق يىسىڭىز يەنە ئەسلىڭىزگە كىلىپ قالىسىز.:lolبوكىسچى بولۇپ ئېغىرلىقىڭىز ئېشىپ كەتسە مۇسابىقىگە تەسىر يىتىدۇ دەيدىغان يېرىڭىز بولمىسا بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلمايمىز.
بىر كىلو ماينىڭ ئىسسىقلىقى 7500-8000.شۇڭا تۆت كۈن تاماق يىمىسىڭىز بىر كىلو ئورۇقلايسىز.بەش كىلو ئورۇقلاش ئۈچۈن 20 كۈن تاماق يىمىسىڭىز بولىدۇ.:funk:......ئامىن ئاللاھۇ ئەكبەر{:87:}

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 07:35:50

asir1545 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-5 23:44 static/image/common/back.gif
ئۇروقلاش پىلانىڭزنى دەپ بەرسىڭز بىزمۇ پايدىلنىپ قالسا ...

@ziyali
10 كۈندە تاماق تىزگىنلەپ 5 كىلو ئورۇقلىدىم دىگەن بەكلا ساختا سان.ئېغىرلىق تۈۋەنلەيدىغانلىقى راست.ئەمما ئاشقازان داشقازىنىڭىزنىڭ تازلانغانلىقىدىن تۈۋەنلىگەن ئېغىرلىق
_____________________
دىگىنىڭىز توغرا،شۇ دەسلەپتە تىز بولىدىكەن،مەنمۇ چۆچۈپ كەتكەن،ئەمما سەۋەبىنى سىز دىگەندىن كېيىن ئۇقتۇم.
ئەمما 10 كۈندە 5 كىلو تامامەن مۈمكىنكەن،بۇ ھەرگىز ساختا ئەمەس،چىدىسىڭىزلا بولىدىكەن،دەسلەپكى 5كىلودىن كېيىن يەنىلا تاماق تىزگىنلەش ئارقىلىق كۈندە 500 گىرام ئەتراپىدا ئورۇقلاشقا بولىدىكەن،ئەمما 10 كىلودىن ئاشقاندىن كېيىن يەنىمۇ ئاستىلايدىكەن،ئادەتتە نورمال تاماق يەپ،ھەرىكەت،چېنىقىش ئارقىلىق ئارتوق كالورىيەنى يوقاتساق،ئاساسەن قايتا سەمىرىمەيدىكەن(ئارىلىقتا بىرنەچچە كۈن سىناپ كۆردۈم)،مانا ئەمدى 15 كىلودىن كېيىن ئەڭ ئاخىرقى 5 كىلو قالغاندا توختاپ قالغىلى 5كۈن بولدى،توختىماي يىمەكلىك تەڭشەپ تۈنۈگۈندىن بويان ئازراق ئۈنۈم كۆرگىلى باشلىدىم.
مەن يۇقاردا دەپ ئۆتكەن،ئالما،سۈت بىلەن ئېغىر ئورۇقلاش شەكلىنى ئارىلىقتا بىر قېتىمدىن سىناپ ئۈنۈمىنى كۆرگەن،ئەمما ئادەتتە ھەر خىل تاماق تەڭشەپ،مىقدارنى تىزگىنلەش،ھەركەت،چېنىقىشنى ماسلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتىمەن.
بۇ پەقەت مېنىڭ شەخسى ئۇرۇقلاش ئۇسۇلۇم،ھىچقانداق ئىلمى ئاساسىم يوق،توردىن پايدىلىنىپ،ئۆزەمدە سىناپ كېلىۋاتىمەن.ئەمما بەدەن سۆپەتنى تاشلىمىدىم،تېنىم ساق.

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 07:54:02

Birzat يوللىغان ۋاقتى  2015-3-5 16:13 static/image/common/back.gif
مەن گۆشلۈك تاماقتىنمۇ بەكرەك لەغمەن يېسەم سېمىرىپ كېت ...

ساغلام بەدەن پەقەت ئېنىرگىيە مەنبەسىگىلا ئەمەس، ئاساسلىقى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ - ئاقسىل، كاربونھىدىراتلار (كۆكتات، مېۋە- چېۋە، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر، باشقا دانلىق زىرائەتلەر، سۈت- قېتىق قاتارلىقلارنى مەنبە قىلىدۇ)، ۋىتامېن ۋە مىنىراللار شۇنداقلا ياغلارنىڭ بەدەنگە سۈمۈرۈلۈشىنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بەدىنىمىزنىڭ بۇلارغا بولغان ئېھتىياجىنى مۇنداق كۆرسەتكەن: بىزنىڭ كۈندىلىك قوبۇل قىلغان ئېنىرگىيە مىقدارىمىز ئىچىدە  ئاقسىل%10- %15 نى تەشكىل قىلىشى ، كاربونھىدىراتلار%55 تىن كەم بولماسلىقى، مايلارنىڭ ئىگىلىگەن مىقدارى %30تىن يۇقىرى بولماسلىقى كېرەك، بۇندىن باشقا يەنە، بىر كۈندە ئىستېمال قىلغان تۇز مىقدارى 6 گرامدىن ئاشماسلىقى، سىلىلوزا (تالالىق يېمەكلىكلەر) 16 گرامدىن كەم بولماسلىقى كېرەك.
بىز ھازىرغا قەدەر پۈتۈنلەي ئېنىرگىيە- ئىسسىقلىق مىقدارى ھەققىدە سۆزلەپ كەلدۇق، ھېساپلاش جەريانىغا دىققەت قىلىپ قارىساقلا شۇنى كۆرەلەيمىزكى: ئاش- تامىقىمىزدىكى ئاساسلىق تۆت خىل ئېنىرگىيە مەنبەسى- ماي، ئۇن، گۈرۈچ ۋە گۆشتىن ئىبارەت. مەن قالدۇرغان ئۇلىنىشتا ھەر بىر يېمەكلىكنىڭ كالورىيەسىلا ئەمەس، بارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلىرى تەپسىلى كۆرسىتىلگەن ئىكەن، بىر- بىرلەپ يېزىپ چىقىپ بولالمىغان ئىدىم.
بۇ يەردە  يەنە بىر مۇنچە گەپ قىلىشقا توغرا كەلگۈدەك، قىسقارتىپ ئېيتسام، كۈندە كۈچلۈك، قۇۋۋەتلىك يېگەن تۇرۇقلۇق يەنىلا ئۆزىمىزنى ئاجىز، ماغدۇرسىز سېزىشىمىزدىكى يەنە بىر سەۋەپ- ئوزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا، مۇۋازىنەتكە ئەھمىيەت بەرمەسلىكتىن كېسەل تېپىش. سىز دېگەن «جىگەرنى ماي قاپلاش، بېسىم ئارتىش» دەل مۇشۇ ۋاقىئەنىڭ نەتىجىسىدۇر.

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 07:57:24

Dilruba يوللىغان ۋاقتى  2015-3-6 07:14 static/image/common/back.gif
ئادەمنىڭ كۈندىلىك تاماق مىقدارى قانچىلىك بولسا مۇۋاپى ...

@Dilruba
شۇنداقكەن،چىلانلىق بېغىمدا دېھقانلار بىلەن بىللە ئىشلەيمەن،10نىڭ 5شى سېمىز،بوممىسا دېھقانچىلىقتىن قالمىغان،بولۇپمۇ 30 ياشتىن ئاشقانلاردا،20دىن ئاشقانلاردىمۇ خېلى بار.يا كۈندە گۆش-پولو يىمەيدۇ،كۆپرەك نان،لەغمەن،سۇيۇقئاش،تېخى كۆپىنچە گۆشسىز،تۇخۇم سەي ياكى سەي بىلەن،بۇنىڭ سەۋەبىمۇ كالورىيە تەڭشەشتىن بولسا كېرەك.
ئىشقىلىپ دوختارخانىدا 40 ياشتىن تۆۋەن سېمىزلىك كېسىلى مۇناسىۋەتلىك بىمارلارنى كۆرۈپ،كەتئى نىيەتكە كەلگەنتىم،دادام ئاكاملارنى دوختۇرخانىدا بىر ئىككى يىلدا بىرەر قېتىم داۋالىتىش جەريانىدا بەك ھىس قىلدىم،ئەڭ مۇھىمى ئۆزۈمنىڭ 10 يىللىق سېمىزلىك كېسىلىنىڭ ئازاۋى ،نىيىتىمنى چىڭىتتى.ئەڭ تەسىر قىلغىنى @TaxpolatRozi,@Bilimhumar,@bilgejanقاتارلىق ئاكا ئىنىلىرىمنىڭ ساغلاملىق ھەققىدىكى بايانلىرى،مۇشۇ يەردە ھەممىڭلارغا رەھمەت.سالامەت بولسا ھەقىقەتەن ئىش ئۈنۈمى بەك ئاشىدىكەن،مانا ھازىر 10يىل بۇرۇنقى خىزمەت ھالىتىمگە كەلدىم،ئەمىلىيەتتە مەنمۇ سەل خىزمەت سارىڭى دەپ قويىمىزمۇ ئەمدى،خىزمەت مىقدارى 15 سائەت ئىچىدە يۈرىيدىغان ئادەم.
بولسا دىلرۇبا قاتارلىق قېرىنداشلارنىڭ ئىلمى ئاساسى بار،نەپ بېرىدىغان بۇ تېمىسىنى قىزىتىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.
بىر ئاي بۇرۇن «ئۇرۇقلاش توغرىسىدا پاراڭلاشمايلىمۇ»دەپ قىسقا تېما يوللىسام تەستىقلانمىغان،مانا ئەمدى ياخشى سورۇن بولدى.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 08:20:46

مەنبەسى خېلى ئىشەنچىلىك بىر تور بىكەت:lol
تەرجىمە قىلىپلا قويدۇم

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 08:23:16

بىر ئوبدان رەسىمنى چاپاق قىلىپ چىقاردىم دىسە:funk:

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 08:34:22

ئادەتتە ھەر بىر كىلو ئورۇقلىغاندا ئۇنىڭ ئىككى ئۈچ ئۈلىشى مۇسكۇلنىڭ ئازىيىشى بولىدۇ.ئادەتتە مۇسكۇلنىڭ نەپەسلىنىشى(ئۇزىراپ قىسقىرىشى دەيمىزمىيە) مىتابولىزىم بولىدۇ.مۇسكۇل ئازايسا مىتابولىزىممۇ ئازىيىدۇ.شۇڭا ھەركەت يوق ئورۇقلاش(بەدەن چېنىقتۇرۇش يوق) ئۈزىگە كىسەل تېپىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.بولۇپمۇ تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاش ئادەمنى گۆرگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدۇ.بۇنى بىز بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلىدى دەيمىز:lol

kurbanjannn يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 08:50:13

ياخشى تىما يوللاپسىز رەھمەت سىزگە.

qahqakqi يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 10:44:00

ziyali يوللىغان ۋاقتى  2015-3-6 07:10 static/image/common/back.gif
ئادەمنىڭ كۈندە ئېھتىياج بولىدىغان ئىنىرگىيەسىنى بەك ت ...

نىمانداق قىزىق؟ئامىن،ئاللاھۇ ئەكبەر!!!!ئاللاغا ئامانەت !!!!!مەرھۇم؟............

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 11:19:02

مىنىڭ كالورىيە -پالورىيە دىگەنلەر بىلەن چاتىقىم يۇق قوساق ئاچسا يەۋىرىمەن تاماق بولسىلا ،لىكىن بەك ئىسسىغىم ئىشىپ كەتسە سۇيقاش ئىچىپ تەڭشەيمەن،،،،:funk:

alip يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 11:41:24

پەۋقۇلادا ھورۇنلاردىن باشقا سېمىزلىكنىڭ كۆپىنچىسى ئىرسىيەتتىن بولامدىكىن دەيمەن. بىر ئولتۇرىشىدا تۆت تەخسە لەغمەننى يەۋىتىدىغانلارغا قارىسا يىڭناغۇچتەك ئورۇق. سەمىرىپ كېتىمەن دەپ چىشىنى شوراپ يۈرگەنلەر سىمىز، ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمۇ شۇنداق.

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 11:57:53

amanpahri يوللىغان ۋاقتى  2015-3-5 23:36 static/image/common/back.gif
97 كىلودىن 82 كىلوغا كېلىپ توختاپ قالغىلى 5 كۈن بولدى،بۈگ ...

قارىسام سىزنىڭ ئۇسۇلىڭىزنىڭ سىناپ بېقىشقا ئەرزىيدىغاندەك قىلىدۇ.
سىز  قانچە ياش، نىمە خىزمەت قىلىسىز؟ ئۆيلەنگەنمۇ؟

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 12:18:03

alip يوللىغان ۋاقتى  2015-3-6 17:41 static/image/common/back.gif
پەۋقۇلادا ھورۇنلاردىن باشقا سېمىزلىكنىڭ كۆپىنچىسى ئى ...

سىز شۇلارنى سىتاتىستىكا قىلىپ باققانمۇ؟ شۇنداقلارنىڭ ئىچىدە ئوتتۇزدىن ئېشىپ قېرى چىراي كۆرۈنمەيدىغانلار قانچىلىك؟ ياش ئەللىككە بارماي قېرىلىق يېتىپ كېسەل- ئاغرىق بىلەن يېتىپ قالمايدىغانلار قانچىلىك؟

alip يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 12:52:47

Dilruba يوللىغان ۋاقتى  2015-3-6 12:18 static/image/common/back.gif
سىز شۇلارنى سىتاتىستىكا قىلىپ باققانمۇ؟ شۇنداقلارنى ...

«دەيمەن» دەپ شەخسى پىكىرىمنى دەپ قويدۇم،  سىتاستىكا قىلىپ باقمىدىم. ئىلمى ماقالىنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولمايدۇ.

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 13:16:35

ziyali يوللىغان ۋاقتى  2015-3-6 08:20 static/image/common/back.gif
مەنبەسى خېلى ئىشەنچىلىك بىر تور بىكەت
تەرجىمە قىلىپ ...

@ziyali
ئىۋۇ جەدىۋىلىڭىزدە ئېغىرلىق بار،ۋاقىت ياكى مۇساپە بىرلىگى يوقيا؟نىمىنى بىرلىك قىلىپ خورىغان كالورىيە ئۇ؟بىلىۋالسام.
مەن ھازىر ئەتتىگەن،چۈشتە80% تويۇپ يەپ،كەچتە مىۋە چىۋە يىيىش ھالىتىگە كەلدىم،ھەركەت مىقدارىنى كۈندىن كۈنگە ئاشۇرىۋاتىمەن.ئاساسلىق تاماق قىسىشتىن،ھەركەت قىلىش باسقۇچىغا كەلدىم(تاماق قىسىش بىر ئايدىن كېيىن،بولۇپمۇ 10كىلو ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن،خاسىيىتىنى يوقاتتى دىسەممۇ بولىدۇ.)،شۇڭا ماڭا يۇقارقى جەدىۋەلدىن پايدىلىنىش بەك مۇھىم بولۇپ قالغان.
رەھمەت.
يەنە بىرى بولسا كەسىپ ئەھلىلىرى بولساڭلار،ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان 5000.00يۇئەندىن تۆۋەن باھادىكى ئونۋېرسال چېنىقىش ئۈسكىنىسى بولسا مۇشۇ تېمىغا تەۋسىيە قىلىپ قويساڭلار.رەھمەت.
بەت: 1 2 [3] 4 5 6 7
: ئۇيغۇرچە تاماقلارنىڭ كالورىيەسى ۋە بەدىنىمىزنىڭ ئېھتىياجى