nusrat يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 17:32:56

بىزنىڭ تاماقلىرىمىز بەك مايلىق ھەم ئاساسلىق قورۇپ ئىتىلگەچكە گەرچە دۇنيادىكى ئەڭ مىزىلىك تائاملار بولسىمۇ كالورىيەسى بەك يۇقىرى بولىدىكەن. تاماقلىرىمىزنىڭ كالورىيەسىنىڭ يۇقىرىلىقى توغۇرلۇق پاراڭلار بولۇنغان بولسىمۇ كونكىرت ئۆلچىلىنىپ باقمىغان ئىدىغۇ دەيمەن. تېما بەك ئىنچىكە يېزىلىپتۇ، مەنچە بۇ بەك قوللىنشچان ياخشى تېما بولدى. دىئابىتلار، ئورۇقلاۋاتقانلار، ئارتۇق ئېنىرگىيە قوبۇل قىلىۋالسا پارچىلاش ئىمكانىيىتى يوق بەدەنگىلا يىغىۋالىدىغان كىشىلەرگە ئوبدان قوللانما بولالىغۇدەك دەپ قالدىم، باشقا تاماقلىرىمىزنىمۇ مۇشۇ تېمىدىكى خۇرۇچلارغا ئاساسەن كالورىيىسىنى تەخمىنەن تاپالىغۇدەكمىز.
بەدىنىمىز كۈنلۈك ئېھتىياجلىق ھەر خىل ئوزۇقلار مىقدارى بىلەن  كالورىيە،تاماقلىرىمىزنىڭ كالورىيەسى،كالورىيە  پارچىلاش ئۇسۇللىرى ھەم شۇلارغا ماس ۋاقىتلار بىر جەدۋەلگە تۇرغۇزۇلسا تېخىمۇ ئىسىل بولغۇدەك.

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 20:34:44

ھە ، كەسپى ئوزۇقشۇناسىمىزمۇ كەلدى مانا  ،

bugday يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 21:32:03

مەن  43 ياشقا كىردىم، بويۇم 173 سانتىمېتېر، ئېغىرلىقىم 73 كىلوگىرام. مۇشۇنداق تۇرۇپمۇ يەنە ئۆزەمنى سەمرىپ كەتكەندەك ھىس قىلىپ، 20 كىلوگىراملىق بىر دانە قوم جىلىتكىنى 55 يۈەنگە سېتىۋېلىپ كىيىپ يۈرگىلى ھەپتە بولدى.بىر ھەپتىدىن بۇيان ئېغىرلىقىمنى ئۆلچەپ باقمىدىم، لىكىن، ئاخشىمى يېتىشتىن بۇرۇن قوم جىلىتكىنى سېلىۋەتسەم ئۆزەمنى ناھەيىتى راھەت ۋە يەڭگىل ھىس قىلىپ قالىمەن. بۇ قۇم جىلىتكىنى 28 كۈن كەيمەكچى. يەنە كۈندە ئىككى قېتىم، بىرى ئەتىگەن ئىشخانىغا كىرىپلا، يەنە بىرى چۈشتىن كىيىن ئىشخانىغا ئىشقا كىلىپلا ھەر قېتىمدا ئالدىنقى قېتىمدىن ئىككىنى ئاشۇرۇپ يەر بېغىرلاشتا ئىشلىتىدىغان نەرسە بىلەن يەر بېغىرلاپ قويۇمەن. لىكىن قۇرسىقىم بەك قاتتىق ھەم كۆپ ئاچىدۇ، بازارنىڭ يېرىم لەغمىنىدىن ئىككىنى يىسەم تويىمەن، ئۈچنى يەي دىسەم باشقىلاردىن نومۇس قىلىمەن.:lol

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 21:56:24

@Jengchi
ۋاقىت چىقمايۋاتىدۇ.كۆزلىگەن مەخسەتكە يېتىپ بولسام،چوقۇم ۋاقىت چىقىرىپ بەھىرلىنىمىز.
@bugday
سىز نورمالكەنغۇ،نەرىڭىزنى سېمىز ھىس قىلىسىزكى؟
مەن 97كىلو ۋاختىمدا سېمىز بولغۇنۇم بىلەن كۈچلۈك،مۇسكۇللىرىم چىڭ ئىدى(ئېغىر ھەرىكەت،دېھقانچىلىق دىگەننى قىلىۋاقىلى 7 يىل بولغان) ،بىر كىم چىمدايمەن دىسە قولىنىڭ كۈچى بار ئەرلەر ئاران چىمدالايىتتى،ئاياللار بىكارتى،لىغىلدايدىغان مۇسكۇل يوقتى.شۇڭا ھازىر قوساقنى يوقاتقان بىلەن مۇسكۇل بوشىغىنى يوق،شۇڭا بويۇم سىز بىلەن تەڭ بولسىمۇ،ئېغىرلىقىمنى 75 ئەتراپىغا ئېكىلىشنى پىلانلىدىم(كىچىكىمدىن سەل ئۇستىغانلىق)،خەلئارالىق ئۆلچەمدىكى 68كىلونى ئانچە ماس كۆرمىدىم ئۆزەمگە،ئۇنداق قىلسام سۆڭەكلىرىم چىقىپ قالىدىغاندەك،شۇڭا يۈرۈشلۈك چېنىقىش ئۈسكىنىسى بىلەن مۇسكۇللارنى تەڭشەشنى ئويلىشىۋاتىمەن.
بولسا كەسپ ئەھلىلىرى ئويلىغىنىم خاتامۇ كۆرسەتمە بەرگەيسىلەر.رەھمەت.

begmurad يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 09:46:44

مەن ئازراق سۆز قىپ باقسام تورداشلار ماۋۇ بىرىنىڭ بىر ئايدا 15 كىلو ئۇرۇقلىدىم دىگەن گىپى بەك ئەپسانە گەپكەن . شەخسەن مەن بۇنىڭغا بۇنداق ئەخمىقانە گەپلەرگە ئىشەنمەيمەن. مەن ماتىرىياللاردىن كۆرۈشىمچە ئادەم نورمال ئەھۋالدا ئايدا 3 كىلو ئورۇقلىيالايدۇ ياكى سەمىرەلەيدۇ. ئادەم ئورۇقلايمەن دەپ دەپلا قالايمىقان ئورۇقلاش مىنىڭچە سالامەتلىك بىلەن ھايات بىلەن ئويناشقانلىق.
ئۇنچە تىز ئورۇقلاش نىمىگە ئىھتىياج ئۇ پەقەت ئۇرۇقلىتىش كۆپتۈرمە ئېلانى خالاس. مىنىڭچە بىزنىڭ مەقسىتىمىز ساغلاملىق بۇلىشى كېرەك.  
ئورۇقلىماقچى بولغان قېرىنداشلار تۇرپانغا كىلىڭلار ھازىر ئەتىيازلىق ئىشلار باشلىناي دەپ قالدى ھەم ئۇرۇقلىيالايسىلە ھەم پۇل تاپالايسىلە، قانداق دىدىم.

macin يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 10:15:31

بىر ماقالىدىن ئوقۇشۇمچە بىر ئادەم كۈنىگە 23گىرام ماي ئىسىتىمال قىلسا مۇۋاپىقمىش،جۇڭگولۇقلار ئوتتۇرىچە 43گىرام ئىستىمال قىلىدىكەن،ئۇيغۇرلاردىن شەلىكلەر بۇنىڭدىنمۇ يوقۇرىغۇ دەيمەن،يوقۇرى بولغاننىڭ قانداق زىيىنى بار ?بىلىدىغانلارچۈشەنچە بەرگەن بولساڭلار

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 10:47:26

مەن بىر ھەپتىدە 4 كلوگرام ئۇرۇقلىغان، قانداق ئۇرۇقلىغان دەپ سورىماڭلار، شۇ ھەرىكەت قىلىپ ئۇرۇقلىغان

678123 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 11:26:28

پولو    ئاشقازان ياخشىلايدۇ، ئاشقازانغا پايدا قىلىدۇ. بىراق يۇرەككە زىيان قىلىدۇ. يۇرەك كىسىلى بارلار ئازراق يىيىشى، يىگەندىن كىيىن سۇنى كۆپ ئىچمىگەن ياخشى.
گۆش گىردە    بۆرەكنى قۇۋەتلەيدۇ، بۆرەككە ماي پەيدا قىلىدۇ. ماۋۇ ئەرلەر ئورۇقلىدۇق دەپ زىيادە كۇچەپ كەتسە، بۆرەك يىغى سىرىلىپ كەتسە، ئاسان قىرىپ قالىدۇ. ئادەتتە سەكسەن كىلو بىلەن توخسان كىلو ئارلىقى ئەرلەرگە نىسبەتەن مۇۋاپىق، شۇڭا سەكسەن كىلو ئۇچۇن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ياخشى.
كاۋاپ    يەل بۇ قاندا يەل پەيدا قىلىدۇ، قاننى جانلاندۇرىدۇ. قىرىقتىن ئاشقاندىن كىيىن ،كۇنىگە ئۇچ سىخ  كاۋاپ يەپ بەرسە ياخشى. ئەرلەرنىڭ روھىنىڭ كۆتۇرەڭگۇ، كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۇچىنى ئاشۇرىدۇ.
لەغمەن     ھاردۇقنى چىقىردۇ، ئىچى پۇشۇقنى ئالىدۇ.يىسە قۇساق تويىدۇ. ئىچى تار ئادەم لەغمەن يەپ بەرسە ،كۆڭلى كۆكسىنى كەڭ تۇتىدىغان بۇلىدۇ.
مۇشۇ ئۆزىمىزنىڭ يىمەك ئىچمەك ئادىتىمىزنى بەك ئۆزگەرىتمىگەن ياخشى، يەنە بىرسى سۇنى سۇغۇق سۇنى قۇتۇلۇق توڭ سۇلارنى كونتورول قىلىپ ئازراق ئىچكەندە بۇلىدۇ.
چەتنىڭ بەدەن بىلەن ماۋۇ بىزلەرنىڭ بەدەن ئوخشىمايدۇ. مىجاز ئوخشىمايدۇ. تەرەپلىكىن ئىلمىي بولدۇق دەپ پەدىنى ئۆزگەرتسەك، زىيىنى جىق.

9292 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 12:11:17

amanpahri يوللىغان ۋاقتى  2015-3-5 22:36 static/image/common/back.gif
ئەتراپىمغا،تېلىۋېزورغا قاراپ بىزدىكى سېمىزلەرنىڭ بەك ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!بىر ئايدا قانداق قىلىپ 15كىلو ئۇرۇقلىدىڭىز؟مەنمۇ ئۇرۇقلىسام بۇلىتتى.

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 12:48:21

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   amanpahri تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-7 12:51  

begmurad يوللىغان ۋاقتى  2015-3-7 09:46 static/image/common/back.gif
مەن ئازراق سۆز قىپ باقسام تورداشلار ماۋۇ بىرىنىڭ بىر ئ ...

@begmurad
ماۋۇ بىرىنىڭ -----ئۆزىنڭىزنى چاغلاپ قوپال سۆزلەڭ!
بىر ئايدا 15 كىلو ئۇرۇقلىدىم دىگەن گىپى بەك ئەپسانە گەپكەن . شەخسەن مەن بۇنىڭغا بۇنداق ئەخمىقانە گەپلەرگە ئىشەنمەيمەن. مەن ماتىرىياللاردىن كۆرۈشىمچە ئادەم نورمال ئەھۋالدا ئايدا 3 كىلو ئورۇقلىيالايدۇ ياكى سەمىرەلەيدۇ. ئادەم ئورۇقلايمەن دەپ دەپلا قالايمىقان ئورۇقلاش مىنىڭچە سالامەتلىك بىلەن ھايات بىلەن ئويناشقانلىق.
---------
سىز كىتاپ ماتېرىيال كۆرۈپ،خۇلاسە چىقارسىڭىز پىكرىم يوق.

ئۇنچە تىز ئورۇقلاش نىمىگە ئىھتىياج ئۇ پەقەت ئۇرۇقلىتىش كۆپتۈرمە ئېلانى خالاس. مىنىڭچە بىزنىڭ مەقسىتىمىز ساغلاملىق بۇلىشى كېرەك.  
------
سىزچە مەن نىمۇ ئېلان قىلارمەن؟!

ورۇقلىماقچى بولغان قېرىنداشلار تۇرپانغا كىلىڭلار ھازىر ئەتىيازلىق ئىشلار باشلىناي دەپ قالدى ھەم ئۇرۇقلىيالايسىلە ھەم پۇل تاپالايسىلە، قانداق دىدىم.
--------
مەنمۇ 60 مو يەرنى يالغۇز باشقۇرۇپ كېلىۋاتقىلى 8 يىل بولغان ئەركەك،كەتمەننى ،سۇلاقنى،تېرىمنى ئۆزەم قىلىپ جۇما.100كىلو نەرسىنى كۆتۈرگىدەك كۈچى بار ئەركەك.
سىزگە ئايرىم ئەسكەرتەي ئىنكاسىمنى تولۇق كۆرمىگەن بولسىڭىز:مەن ئادەتتە  خىزمىتىنى ياخشى قىلىش سىرتىدا،يەر باشقۇرۇپ،مال بېقىپ،سودا قىلىپ،يەنە ئازراق تەتقىقات خىزمىتىنى ئىشلەپ،ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 15 سائەت خىزمەت قىلىدىغان بىر ئادەم،سىجىل بولاۋاقىلى 19 يىل بولدى.
ئاخرىدا دەيدىغىنىم،بىر ئايدا 15 كىلو ئورۇقلىغىنىم راست،ھازىرمۇ داۋاملىق ئاز بولسىمۇ ئورۇقلاۋاتقىنىم راست.تېنىمنىڭ ناھايىتى ساغلاملىغىمۇ راست،ھازىرمۇ بۇرۇنقىدەك كۈچتۈنگۈر.ھازىرمۇ سىزنى كۆرمەي تۇرۇپ باغلىشىمەن،تاماق يىيىشىم سىزدىن كۆپ.شۇڭا ئەنسىرىمەيمەن.
يەنە بىرى مەن ھەرگىز ئۇ ئۇنداق قىپتۇ،مەمۇ شۇنداق قىلاي دەيدىغان،ماتېرىيالدا مۇنداق دەپتۇ،مۇنداق قىلاي دەيدىغانلاردىن ئەمەس،ھەرقانداق ئىشتا شۇنداق،كۆپ كۆرۈپ،كۆپ سوراپ،ئۆزەم خۇلاسە قىلىپ ،مۇستەقىل ئىش قىلىدىغان خوتەنلىك جاھىل.
ھازىرقى نەتىجىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاساسى،يىيىش،ھەركەت،ئۇخلاش،خىزمەت ۋە دەم ئېلىش جەھەتتىكى بارلىق خاتا جايلارنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتكىنىم دەپ قارايمەن،ھەممە ماسلاشمىسا بىكاركەن،بولمىسا مەندەك ئىشى جىق ئادەم سەمىرمىسە بولىدۇ.
بىرەر مەزگىلدىن كېيىن،ئەتىيازلىق خىزمەت ۋە تېرىلغۇ،سودا تەييارلىقلىرىنى سەل بوشىنىۋالغاندا ،تەپسىلىرەك بىرنىمە دەرمەن.سالامەت بولۇڭ.

KARWAN123 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 15:52:14

ئەتتىگەندە شاھتەك ئاز-ئازدىن  ئازيەپ،  چۇشتە بەگدەك قويىۋېتىپ خالىغاننى قۇۋۋەتلىك  يەپ،كەچتە گادايدەك بولسا يەپ  بولمىسا يىگەنلىرىگە شۇكرى قىلىپ ئوتسە، مۇئاپىق ھەركەت قىلىپ بەرسە بەكمۇ راھەت بولىدۇ.

TOQQUZ9TOQQUZ يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 02:36:38

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TOQQUZ9TOQQUZ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-8 02:40  

ئۇرۇق - سېمىزلىك ئېرسىيەتكىمۇ مۇناسىۋەتلىكمىكىن دەيمەن . ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام ، ئىشتىھايىم ياخشى ، تاماق تاللىمايمەن .  ئۈگرە ، چۆچۈرە دېگەننى بىر يېرىم چىنە ئىچىمەن( ئىككىنچى چىنىسىنىمۇ  لىققىدە ئۇسۇپ كەلسە ھېچنېمە دېمەيمەن ) . لەغمەننىمۇ بىر يېرىم تەخسە يەيمەن  ، مانتىدىن سەككىز - ئوننى يەيمەن . پولوغا كەلسەك ، ( قېينانام ئەتكەن پولودىن بىر لېگەننى يالغۇز يەۋىتىمەن ، گۆشىنى قوشقاندا بىر كىلو گرام كېلىشى ئېنىق . قېينانام بۇنى بىلگەچكە ، باشقا ھەممىسىگە ئىككىسىگە بىر لېگەن پولو قويسا ، ماڭا يالغۇز بىر لېگەن پولو قويىدۇ . ناتۇنۇش مېھمانلار بولسا ، مېنى خىجىل بولۇپ قالىدۇ دەپ ، ياندىكى ئۆيگە ئەكىرىپ بېرىدۇ . ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئۇزاق پىيادە ماڭىمەن . ) بىر تەخسە يەيمەن . باشقا تاماقلارمۇ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن شۇنچىلىك مىقداردا يەيمەن. ئارىلىقتا يىگۈدەك پۇرسەت بولسا كۆزۈم كۆرگەننى يەپ تۇرىمەن .  لېكىن سەمىرمىدىم .  پىلانلىق چېنىقمىدىم ، پىيادە مېڭىشنى ياقتۇرىمەن . جىددىي  بولمىسىلا 5 كىلومېتىردىن ئاز مۇساپىنى پىيادە تاماملايمەن ( ئەتراپىمدىكىلەردىن نۇمۇس قىلمىسام يۈگۈرەتتىم ) . ئىككى ياشلىق قىزىمنى كۆتىرىپ ، بېلەنئېرىقتىن  ( ئۆز ئۆيۈمدىن ) ، ئوردىباغقا ( ئاتامنىڭ ئۆيىگە ) پىيادە چىقىپ ، پىيادە كىرىپ كېتىمەن . ئەپ تاپسام ئارقىچە يۈگۈرەيمەن . ئىمكانقەدەر بازاردا تاماق يىمەيمەن ، شەربەت دېگەندەك قۇتىلىق زاۋۇت ئىچىملىكلىرىنى ئىچىپ باقمىغىلى 7 يىل بولدى . ئالاھىدە سەۋەب يوق ، ئىچمەي دەپ ئىچمىدىم . تاماكا چەكمەيمەن . تۈرلۈك مۇراببا ، شەربەت ،  گۈلقەنتلەرنى ئۆزۈم  يېتەرلىك سېلىپ ، دائىم ئىستىمال قىلىپ تۇرىمىز ، بالىلىرىممۇ ئوبدان ئۆگىنىپ كەتتى . پات - پات توغرىقى سۈيى ئىچىپ تۇرىمەن . 1996 - يىلى (18 ياش چېغىمدا) ئېغىرلىقىم زورىيىپ 64 كىلوگرامدا  توختىمغان . ھازىرغىچە 64 بىلەن 67 ئارىلىقىدا تەۋرىنىپ يۈرىدۇ . شۇ چاغدىكى بەزى كىيىملىرىم ھازىرمۇ دەل كېلىدۇ . ئاتام مەندىن قىرىق ياش چوڭ .  ئىشتىھاسى ياخشى . بويى 165 سانتىمېتىر ، ئېغىرلىقى 60 كىلوگىرام كېلىدۇ . ئەقلىمنى بىلسەم ھازىرقى تۇرقىدا ئىكەنتۇق . ئۆزىمۇ ئېغىرلىقىنىڭ ئون يىلدىمۇ بىر - ئىككى كىلو گرام نېرى - بېرى بولمايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ . مېنىمۇ ، ئاتاممنىمۇ كۈرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولغان تۇغقانلار ، تونۇشلار كۆرسە شۇ پېتىم تۇرۇپلا ، دەپ قويىدۇ . ئىككى ئاچاممۇ مەندەكلا . ئاتامنىڭ دېيىشىچە ، بوۋىمىزمۇ شۇنداقكەنتۇق .
ھازىرغىچە ئائىلىمىزدىن زۇكامدىن باشقا ئاغرىپ باققانلار يوق . ئانا بىر ئاتا باشقا ئىنى - سىڭىللىرىم بار . ئۇلارنىڭ ئاتىسىمۇ ، ئۆزىمۇ يىلدا نەچچە سەمىرىپ ، نەچچە ئورۇقلاپ بولىدۇ .

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 05:12:10

ھايۋانات يىغى بىر قەدەر خەتەرلىك ھەم ئۆسۇملۇك مىيىغا قارىغاندا ئوزۇقلۇق مىقتارى مولراق ئەمەس،
شۇڭا تاۋباۋدىن ياغ سىقىش ماشىنىسى ئىلىپ ئۆزىمىز خالىغان ئۆسۇملۇك مىيىنى سىقىۋىلىپ ئىستىمال قىلىۋاتىمىز،
ئىشەنجىلىك ھەم ساپ بولىدىكەن.
ھازىر تۇڭلۇق تەييار ياغدىن باشقا كۆز ئالدىدا جۇۋازدا سىقىپ بىردىغان ياغلار قالماپتۇ،ھەم چەكلىۋىتىپتۇ،
شۇڭا سالامەتلىك ئۇچۇن دوسلارمۇ سىناپ كۆرۇڭلار.

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 08:10:49

TOQQUZ9TOQQUZ يوللىغان ۋاقتى  2015-3-8 08:36 static/image/common/back.gif
ئۇرۇق - سېمىزلىك ئېرسىيەتكىمۇ مۇناسىۋەتلىكمىكىن دەيمە ...

تاماقنى جىق يەيدىكەنسىز، ئەمما ھەرىكەتتىمۇ ئاكتىپ ئىكەنسىز، قارىماققا پۈتۈن ئائىلە بويىچە تۇرمۇش ئادىتىڭلار ياخشىدەك قىلىدۇ.
بايانىڭىز ۋە باش سۈرىتىڭىزدىن سىزنىڭ ئەر ياكى ئايال ئىكەنلىكىڭىزگە ھۆكۈم قىلالماي قالدىم، ئەگەر ئايال بولۇپ 36 ياشتا 64-67 ئېغىرلىقتا بولسىڭىز، ئۇيغۇرلاردا بۇ ئېغىرلىق سەل ئارتۇق ھېساپلىنىدۇ. ئەگەر ئەر بولسىڭىز، ئۇنداقتا 36 ياش ساغلاملىق ھەققىدە پو ئاتىدىغان مەزگىل ئەمەس. :P :lol
ئەلۋەتتە، ھەممەيلەننى ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. ياخشى تۇرمۇش ئادەتلىرىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇشىڭىزغا تىلەكداشمەن.

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 08:16:56

mastura يوللىغان ۋاقتى  2015-3-5 17:21 static/image/common/back.gif
مەن قىلىشنى ئۇزۇندىن بېرى ئويلاپ، لېكىن قولۇمدىن كەلم ...

«قانداق قىلغاندا بەزى تاماقلىرىمىزنىڭ تەمىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا كالورىيەسىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ؟» دېگەن مەزمۇندىكى ئىنكاسىڭىزنى ئىنتىزارلىق بىلەن ساقلايمەن @mastura

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 09:22:04

كەچلىك تاماق يىمەي ئۇرۇقلايمەن دەيدىغان خام خىيالنى قىلماڭلار، كەچ سەئەت 8:30 دىن باشلاپ قورساق چىدىغۇسىز دەرىجىدە ئېچىپ كىتىدۇ، ئۇخلايدىغان چاغدا ئاچلىققا چىدىماي جىق يەۋالىدىغان ئىش چىقىدۇ، ئاخىرىدا ئۇرۇقلاش ئەمەس تېخىمۇ سەمىرىيدىغان گەپ

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 09:28:28

attir يوللىغان ۋاقتى  2015-3-8 05:12 static/image/common/back.gif
ھايۋانات يىغى بىر قەدەر خەتەرلىك ھەم ئۆسۇملۇك مىيىغا ق ...

تەتۈر تەشۋىق قىلماڭ، ساۋادىم چىقىپ گېزىت ژورنال كۆرسەم ھايۋان مېيى زىيانلىق دەپ تەشۋىق قىلىدىكەن، ھە شۇنداق ئوخشايدۇ دەپ ماي يىمەيدىغان ناچار ئادەتنى يىتىلدۈرىۋاپتىمەن، ھازىرغىچە ئۆزگەرتەلمەيۋاتىمەن.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 09:31:16

تۇز توغۇرلۇقمۇ يازسىڭىزلار بولار ئىدى.
تۇز كەم بولسا بولمايدۇ.ئەمما كۆپ بولۇپ كەتسە يەنە سالامەتلىكنىڭ دۈشمىنى دەپ قارىلىدىكەن.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 11:18:48

Bayawan يوللىغان ۋاقتى  2015-3-8 09:28 static/image/common/back.gif
تەتۈر تەشۋىق قىلماڭ، ساۋادىم چىقىپ گېزىت ژورنال كۆرس ...

بۇ ئىنكاسنىڭ نەرى تەتۈر؟ ھايۋانات مېيى يېسە ياخشىما ئەجىبا؟ {:102:}

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 12:43:46

ھايۋانات مايلىرىنىڭ ئىچىدە قوينىڭ مېيى پايدىلىقكەن. يەنى قوينىڭ قۇيرۇق مېيى. قان قويۇق دېگەنگە پايدا قىلىدىكەنغۇ.
بەت: 1 2 3 4 [5] 6 7
: ئۇيغۇرچە تاماقلارنىڭ كالورىيەسى ۋە بەدىنىمىزنىڭ ئېھتىياجى