attir يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 13:22:55

alip يوللىغان ۋاقتى  2015-3-6 11:41 static/image/common/back.gif
پەۋقۇلادا ھورۇنلاردىن باشقا سېمىزلىكنىڭ كۆپىنچىسى ئى ...

مەنمۇ شۇنداق ئويلايمەن .

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 13:26:59

@Ozuyghur
كومپيوتېر كەسپى،ئۇندىن باشقا دېھقانچىلىق،چارۋىچىلىق،يەنە ھەر خىل شەكىلدىكى سودا تىجارەت قىلىمەن.ئىشقىلىپ مەن جىم تۇرۇشنى خالىمايمەن،بۇ ھاياتقا 19يىل بولدى،يېشىم 42 ياش.باللرىم خۇدانىڭ بەگىنى بار.ئائىلەم بەك ئىناق.

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 13:34:05

alip يوللىغان ۋاقتى  2015-3-6 18:52 static/image/common/back.gif
«دەيمەن» دەپ شەخسى پىكىرىمنى دەپ قويدۇم،  سىتاستىكا ق ...

سىزنىڭكىسى شەخسى پىكىر بولسا، ماۋۇ تېمىدا دېيىلىۋاتقان كالورىيە ھېساپلاش، ئېنىرگىيە خورىتىش، سېمىزلىك، ئورۇقلۇق قاتارلىق گەپلەرنى مەخسۇس تەتقىقاتچىلار ھەر يەر- ھەر يەردە تۇرۇپ، يىللاپ- يىللاپ سىناق- نەتىجە قىلىپ، ئاندىن كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، جامائەتكە سۇنغان. مەنچە ئىشەنسىڭىز بولىدۇ.:P
بەردەم تۇرغاندا بىلىنمەيدۇ، بىزمۇ شۇنداق ئۆكۈزدەك تاماق يەپ، يوقىلاڭ ئىشلارنى باھانە قىلىپ، بىر ئۆرۈلۈپ چۈشكەنچە قوپالماس كېسەل بوپ ياتقانلارنى كۆپ كۆرمىگەن بولساق ئىشەنمەس بولغىيتۇق، ئىش- ھەرىكەتنىڭ بۇرۇنقىدەك تايىنى قالمايۋاتقاندىكىن، ئېنىرگىيەنى خورىتىدىغان يەر يوق، يۈرەككە، قان- تومۇرغا يىغىپ يۈرگەندىن، نەپسنى باشتىن باشلاپلا يىققان تۈزۈك بوپقالدى. ئاچارچىلىق دەۋرى ئاياقلاشقىلىمۇ ئۇزاق بوپقالدى، يەپ- ئىچىشكە بولغان مېھىر- مۇھەببىتىمىزدىن، ساھىپخاننىڭ قازان بېشىدا پالاقلاپ كۈتۈشىدىن قەدىر- قىممىتىمىزنى ھېس قىلىدىغان ئادەتلىرىمىزدىن ئەمدى ۋاز كەچمەي بولماس...
كېيىنكى گەپلىرىمنى يالغۇز سىزگە دېمىدىم ئالپ.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 13:47:41

amanpahri يوللىغان ۋاقتى  2015-3-6 13:16 static/image/common/back.gif
@ziyali
ئىۋۇ جەدىۋىلىڭىزدە ئېغىرلىق بار،ۋاقىت ياكى مۇسا ...

بىرلىكى سائەت

پەقەت بىرلا كۈن نورمال تاماق يەپ سىناپ بېقىڭ.
مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق توختاپ قالغان ۋاقىتنى قىسقارتقان مىساللار نۇرغۇنكەن.
مەنمۇ سىناپ باققان.شۇغىنىسى مىنىڭ بىرلا كۈن ئەمەس ئىككى ئۈچ ئاي بوپ قالدى:lol

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 13:50:05

ziyali يوللىغان ۋاقتى  2015-3-6 14:20 static/image/common/back.gif
مەنبەسى خېلى ئىشەنچىلىك بىر تور بىكەت
تەرجىمە قىلىپ ...

يازىدىغان ئىنكاسىمنى ئازلىتىپسىز، رەھمەت. جەدىۋەلنىڭ ئۇيغۇرچە بولغىنى تېخىمۇ ياخشى بولدى.
ئازراق نائېنىقكەن لېكىن. ھەرىكەتنىڭ ۋاقت بىرلىكى «سائەت» مىدۇ؟ قارىسام شۇنداقتەك، شۇ بويىچە بولغاندا، «بەدەن ئېغىرلىقى 55 كىلوگرام بولغان ئايال كىشى بىر سائەت ئۆي تازىلىغاندا كۆيدۈرىدىغان ئېنىرگىيە 152 كىلو كالورىيە بولىدۇ» دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ.

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 14:31:57

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Dilruba تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-6 21:35  

rock يوللىغان ۋاقتى  2015-3-5 17:15 static/image/common/back.gif
توختاڭلا،
خۇرۇچلارنىڭ خام ۋاقتىدىكى كالورىيىسىنى قوش ...

خۇرۇچلارنىڭ خام ۋاقتىدىكى كالورىيەسى بىلەن پىشقان ھالەتتىكىسىنىڭ كالورىيەسى ئوخشاش بولامدۇ- يوق، ئوخشىمىسا پەرقى قانچىلىك بولىدۇ،  بۇ تامامەن سىزنىڭ شۇ خۇرۇچنى قانداق پىشۇرۇشىڭىزغا باغلىق.  
مەن قالدۇرغان ئۇلىنىشتىكى ئوزۇقلۇقلارنىڭ كالورىيە ۋە باشقا قىممىتى ھەققىدىكى جەدىۋەلدە ئامېرىكىلىقلار كۆپ يەيدىغان تەييار تاماقلارنىڭ كالورىيەسىمۇ ئايرىم بېرىلگەن، مەسىلەن: ئاقلانغان خام ياڭيۇنىڭ ھەر يۈز گرامىنىڭ ئېنىرگىيەسى 58 كىلو كالورىيە بولغان بولسا، ياغدا پىشۇرغان ياڭيۇ قەلەمچىسىنىڭ ھەر يۈز گرامىنىڭ ئېنىرگىيەسى 532 كىلو كالورىيەگە يېتىدۇ. چۈنكى بۇ يەردە ياڭيۇ كۆپ مىقداردا ماي ئىچىدۇ، شۇ ماي سىزنىڭ ئاشقازىنىڭىزغا كىرىدۇ. شۇڭا بۇنى قوشۇپ ھېساپلىماي بولمايدۇ.
مانا مۇشۇنداق، سىز سۇدا پىشۇرغان تۇخۇم يېگەن بولسىڭىز، بىر تۇخۇمنىڭ ئېنىرگىيەسىنى قوبۇل قىلغان بولىسىز، ئەمما قورۇغان تۇخۇم يېگەن بولسىڭىز، تۇخۇمغا قوشۇپ بىرەر قوشۇق ماي ئىچكەن بولۇشىڭىز مۇمكىن، بەلكىم ئۇ ماينىڭ ھەممىسى تۇخۇمغا قوشۇلماي، قازاندا نەچچە تېمىم قېلىپ قالغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا ھېساپلاش جەريانىدا نەتىجىنى توپتوغرا چىقىرىمەن دېيىش تەس ئىش.
باش تېمىدىكى ئەسكەرتىشتە تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمدەك، سۇ ۋە تۇزنىڭ ئېنىرگىيەسى نۆل، شۇڭا سىز يېمەكلىكنى پىشۇرۇش جەريانىدا ھورداتقانلىق ياكى باشقا سەۋەب بىلەن، يېمەكلىكنىڭ تەركىبىدىكى سۇنىڭ مىقدارىدا ئۆزگىرىش بولسا، ئېنىرگىيەسىدە ئۆزگىرىش بولمايدۇ. كاۋاپ قىلىش ياكى قاقلاپ پىشۇرغان تاماق، مەسىلەن كاۋاپ ياكى دوخۇپكىدا پىشۇرغان توخۇنىڭ ئېنىرگىيەسى خام ۋاقتتىكىدىن تۆۋەن چىقىدۇ، چۈنكى بۇ جەريانىدا گۆشنىڭ مېيى ئېقىپ چىقىپ كېتىدۇ. ۋىتامىن ۋە باشقا ئوزۇقلۇق قىممىتىدىمۇ ئۆزگىرىش بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن تاماق پىشۇرۇشتا قانچە تەبئىيلىكنى ساقلايدىغان، زىيادە پىشۇرۇپ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى يوقاتمايدىغان ئۇسۇل بولسا شۇنچە ياخشى.
مەن تەجرىبە قىلغان تاماقلاردا ئېنىرگىيە ئاساسەن قازاندا ساقلىنىپ، بىۋاستە ئاشقازانغا كىرىدىكەن، شۇڭا ئەڭ ئاددى ھالەتتىكى ئېنىرگىيە قىممىتىنى قوشۇپ، كىشى بېشىغا چېچىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
كالورىمېتىر دېگەن بىر ئەسۋاب باركەن، ئوزۇقلۇقنىڭ ئېنىرگىيەسىنى ئۆلچەيدىغان، زادى خاتىرجەم بولالمىساق شۇنىڭدىن بىرنى ئۆيگە توختىدىغان ئوخشايمىز.:P

Hechkim يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 14:47:21

ئاغىينىلەر، ئۈرۈمچىدە ۋېلىسپىت مىنىۋاتقانلار بارمۇ؟ تەجرىبە سۆزلەپ بەرمەمسىلەر؟ نەدە ۋېلىسپىت بازىرى بار؟ ۋېلىسپىت ئېلىپ قالساق تاسادىپىي بۇزۇلۇپ، چاقى تېشىلىپ، يەل قېچىپ، زەنجىر تاشلاپ... قالسا نەدە رېمۇنتچى بار؟ نېمىشقا ئۈرۈمچىدە ۋېلىسپىت يولى ئاز؟ بۇنداق يەرلەردە قانداق قاتناۋاتىسىلەر؟ نېمىشقا ئۈرۈمچىدە ۋېلىسپىت بەك ئاز؟ ... دېگەندەك.

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 14:55:58

gepnoz يوللىغان ۋاقتى  2015-3-5 15:04 static/image/common/back.gif
جاڭيۇنىڭ ھەقىقىي مۇسۇلمانچىسى بارمۇ ؟

جاڭيۇ سېتىۋالغاندا تەركىبىنى ئوقۇسىڭىز بولىدۇ، «تەبىئىي ئېچىتىلغان» دېگەن بولسا، خۇرۇچىدا ھارام ياكى شۈبھىلىك نەرسە بولمىسا، ئاچچىقسۇغا ئوخشاش ئۇنىمۇ ئىچكىلى بولىدۇ دەپ بىلىمەن. بۇ ھەقتە توردىن ئاختۇرۇپ باقسىڭىز بولىدۇ. بەزىبىر جاڭيۇلاردا ئالكوھول قوشۇلغان بولىدىكەن، بۇنداق بولسا ھارام ئەلۋەتتە.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 14:59:09

Dilruba يوللىغان ۋاقتى  2015-3-6 14:55 static/image/common/back.gif
جاڭيۇ سېتىۋالغاندا تەركىبىنى ئوقۇسىڭىز بولىدۇ، «تەب ...

قوشۇلغان بولمايدۇ.
بەلكى ئېچىتىش داۋامىدا پەيدا بوپ قالىدۇ.

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 15:10:07

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Dilruba تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-6 21:17  

ziyali يوللىغان ۋاقتى  2015-3-6 20:59 static/image/common/back.gif
قوشۇلغان بولمايدۇ.
بەلكى ئېچىتىش داۋامىدا پەيدا بوپ ق ...

http://www.islamawareness.net/Alcohol/fatwa_vinegar001.html
ھازىر تېخى بىر مۇنچە ئاختۇرىۋېتىپ كىرگەن، ئاچچىقسۇ ئېچىتىش جەريانىدا تەبىئىي پەيدا بولغان ئىسپىرت بىلەن ھاراق قاتارلىق ئىچىملىككە قوشۇلىدىغان ئىسپىرتنىڭ پەتىۋاسى ئوخشىمايدۇ، ئالدىنقىسى كىشىنى مەست قىلمايدۇ، كېيىنكىسى مەستلىك پەيدا قىلىش مەقسىتىدە مەخسۇس تەركىبلەر قوشۇلۇپ ياسىلىدۇ. شۇڭا ئاچچىقسۇ ھالال لېكىن ھاراق ھارام.
«جاڭيۇ ھالالمۇ؟» دېگەن سوئالنى كىرگۈزسىڭىز ئاتايىن چىقىرىپ بېرىدىكەن Kikkoman دېگەن ماركىدىكىنى بەلكىم سىزمۇ بىلىسىز، مەخسۇس ئالكوھول قوشۇلغانكەن، مۇشۇندىقى بولسا ھارام دەپتۇ.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 15:23:58

Dilruba يوللىغان ۋاقتى  2015-3-6 15:10 static/image/common/back.gif
http://www.islamawareness.net/Alcohol/fatwa_vinegar001.html
ھازىر تېخى بىر مۇنچە  ...

ياپۇنىيەدىكى بىر شىركەت ھالال ماركىسىغا ئېرىشكەن خەۋەر بەركەن
http://www.chibashoyu.com/safety/halal.html

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 15:26:37

alip يوللىغان ۋاقتى  2015-3-6 12:52 static/image/common/back.gif
«دەيمەن» دەپ شەخسى پىكىرىمنى دەپ قويدۇم،  سىتاستىكا ق ...

بۇ خىلدىكى تەتقىقاتلار ھەقىقەتەن باركەن.:lol

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 15:29:50

ziyali يوللىغان ۋاقتى  2015-3-6 21:23 static/image/common/back.gif
ياپۇنىيەدىكى بىر شىركەت ھالال ماركىسىغا ئېرىشكەن خەۋ ...

بۇۋەدە بۇ ماركا يوققۇ دەيمەن، لېكىن ئېسىمدە تۇتۇۋالدىم، ئۇچرىتىپ قالسام مۇشۇنى ئالاي. رەھمەت.

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 15:39:34

مەنمۇ كالورىيەمنى تەڭشەي دەپ تۈنۈگۈن كەچتە بىر تال ئالمىلا يىدىم ، چۈشتە پولۇ يىگەن .

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 15:45:32

گۆشنىڭ 143 كىلوكالورىيە ، بۇغداي ئۇنىنىڭ 364 كىلو كالورىيە . گۆشنىڭ نىمانداق ئاز .

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 15:47:38

amanpahri يوللىغان ۋاقتى  2015-3-5 23:36 static/image/common/back.gif
97 كىلودىن 82 كىلوغا كېلىپ توختاپ قالغىلى 5 كۈن بولدى،بۈگ ...

تىزراق تاشلاڭلا تەجىربەڭلىنى چۇپەيلىك قىمماي :lol

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 16:00:13

Hechkim يوللىغان ۋاقتى  2015-3-6 14:47 static/image/common/back.gif
ئاغىينىلەر، ئۈرۈمچىدە ۋېلىسپىت مىنىۋاتقانلار بارمۇ؟  ...

ئەسۋاپ سايماننى ئىلىپ ئۆزىڭىزمۇ ئوڭشىۋالالايسىز ;P

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 16:02:15

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Dilruba تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-6 22:05  

tirkax يوللىغان ۋاقتى  2015-3-6 21:45 static/image/common/back.gif
گۆشنىڭ 143 كىلوكالورىيە ، بۇغداي ئۇنىنىڭ 364 كىلو كالورىي ...

شۇنداق، بۇ قاپقارا گۆشنىڭ ھېسابى. ئىككىنچى رىسالىدىكى تۈگرە قىيمىسىنىڭ ئېنىرگىيەسىگە سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ بېقىڭ. گۆشتىكى ماينىڭ تەركىبى كىچىككىنە ئارتىپ ماڭسىلا ئېنىرگىيەسى ھەسسىلەپ كۆپىيىدۇ. مايلىق گۆشنىڭ ھەر يۈز گرامىنىڭ ئېنىرگىيەسى ئەڭ يۇقىرى قىممەتتە 700 كىلو كالورىيەدىنمۇ ئاشىدىكەن.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 16:20:09

Hechkim يوللىغان ۋاقتى  2015-3-6 14:47 static/image/common/back.gif
ئاغىينىلەر، ئۈرۈمچىدە ۋېلىسپىت مىنىۋاتقانلار بارمۇ؟  ...

مەن بىر مەزگىل مىنگەن، مەرھابا يولى تەرەپتىكى ۋاقىتلاردا مىنگەنتىم. شەھەر مەركىزى تەرەپلەردە يول ئەسلىدىنلا كەڭ ئەمەس بولغاچقىمىكىن ۋىلىسپىت يولى ياسالمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈرۈمچىنىڭ يەر تۈزۈلىشى تۈزلەڭلىك بولمىغاچقا ۋىلىسپىت مېنىش ماس كەلمەيدۇ دەپ قارىغانلىقتىنمىكىن دەيمەن.
西北路 تەرەپتە ۋىلىسپىت دۇكانلىرى بولىدىغان، ئۇزۇن بوپ كەتتى ئۆتۈپ باقمىغىلى. ھېلىقى ۋىلىسپىتىمنى شۇ تەرەپتىن ئالغانتىم، بىر دوستۇمغا بېرىپ تۇسام ش ج ئۇ نىڭ ئالدى تەرپتە ئوغىرى ئالدى.
ئىتىپاق يولىدىن دەريا بويى كوچىسىغا چۈشىدىغان يولنىڭ، شىنخۇا جەنۇبى يولىغا يېقىنراق تەرىپىدە بىر ۋىلىسپىت رىمونتچىسى خەنسو بولىدىغان، ھازىر بارمۇ يوق بىلمەيمەن. ۋىلىسپىت مىنمىگەندىكىن دېققەت قىلاپتىمەن.
ۋىلىسپىت دېگەنغۇ زاپچاسلىرىنى تاپقىلى بولسا ئۆزىمۇ رىمونت قىلىۋالغىلى بولىدىغان نەرسە

Hechkim يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 16:37:48

GoodLuck يوللىغان ۋاقتى  2015-3-6 16:20 static/image/common/back.gif
مەن بىر مەزگىل مىنگەن، مەرھابا يولى تەرەپتىكى ۋاقىتل ...

رەھمەت بۇرادەر.
بەت: 1 2 3 [4] 5 6 7
: ئۇيغۇرچە تاماقلارنىڭ كالورىيەسى ۋە بەدىنىمىزنىڭ ئېھتىياجى