mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 13:54:39

niyazdixan يوللىغان ۋاقتى  2015-3-8 12:43 static/image/common/back.gif
ھايۋانات مايلىرىنىڭ ئىچىدە قوينىڭ مېيى پايدىلىقكەن. ي ...

مۇشۇ قوي مېيىغا كەلگەندە ئۇيغۇر تىبابىتى بىلەن غەرب تىبابىتى قاپمۇ قارشىلا بولۇپ قالىدىكەن.
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر ئىتوتى بولىدىغان، «قوي مېيى» مۇ ئىسمى، شۇ يادىمغا كېلىپ قالدى.

Windboy يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 14:08:15

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Windboy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-8 14:12  

مەنمۇ ھەرىكەت قىلىپ تاماقنى قاتتىق كونتىرول قىلىپ بىر ئايغا يەتمىگەن  ۋاقىتتا 5كىلو ئورۇقلىغان قىشىنچە يەنە بولۇشىغا يەپ تۈزۈك ھەرىكەت قىلماي بۇرۇنقى ئېغىرلىقىمغا كېلەي دەپ قالدىم خۇدايىم بۇيرىسا كېلەر ھەپتىدىن باشلاپ بۇرۇنقى تاماق ۋە ھەرىكەت ھالىتىمغا قايتىمەن.
شۇ بىر ئايدا  تاماقتا ھەر كۈنى ئەتىگەن ناشتىدا بىر ئىستاكان 燕麦片 ( قەنت مىقدارى ئازنى تاللاپ ئالدىم،توغرا مۇشۇنى ئۇيغۇرچە نېمە دەيمىز؟)گە بىر تۇخۇمنىڭ ئېقىنى قوشۇپ ئۈستىگە قايناقسۇ(ئەسلى مايسىزلاندۇرۇلغان سۈتتە脱脂牛奶 قىلاي دىگەن لېكىن قىممەتكەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە تاپماق تەسكەن، ئاساسەن ئىمپورت قىلىنىدىكەن بۇنداق سۈت) قوشۇپ يىدىم،
چۈشتە ئاساسەن ئۇن تۈرىدىكى تاماق يىمىدىم،گاپپەننىمۇ يېرىم پىيالە يىدىم،قورۇمىنىڭ كۆكتاتلىرىنى قايناقسۇدا بىر قېتىم چايقىۋېتىپ ئارتۇقچە مايلىرىنى چايقىۋېتىپ يىدىم، كەچتە بىر تال تەرخەمەك يىدىم تاكى باشقا كۆكتاتلارنى بىر قېتىم قايناقسۇغا بېسىۋېتىپلا يىدىم(ئۆزۈمنى توشقاندەكلا ھېس قىلغانتىم شۇ چاغلاردا:funk:) ، سائەت 6 دىن كېيىن قايناقسۇدىن باشقا نەرسە يىمىدىم، بەك چىدىمىسام سۈت ئىچتىم .
لېكىن پۈتكۈل جەرياندا ئەتىگەن ۋە چۈشتە قارنىمنى ئاچ قويممىدىم .
دەسلەپتە چىدىماق تەسكەن،كىيىن كۆنۈپ كەتتىم.بولۇپمۇ 燕麦片گە تۇخۇمنىڭ ئېقىنى قوشۇپ يىيىشنى ياقتۇرۇپ قالدىم.
ھەرىكەتكە كەلسەك ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ چېنقىش زالىدا بىر سائەت ۋەلسىپىت مىندىم ياكى ئاز دېگەندە 8كىلومىتىر يۈگەردىم تەخمىنەن بىر سائەت،(ھەرىكەت چوقۇم سىجىل بولۇشى ئوتتۇرلۇقتا توختىتىپ قويۇلماسلىقى كېرەك) شۇنداق قىلىپ ئورۇقلىدىم،
مىنىڭ ئاساسلىقى قورسىقىمدا ماي كۆپ باشقا جايلار نورمال. بەدەندىكى ماينى ئازايتىمىز دەيدىكەنمىز چوقۇم ئوكسىگىنلىق ھەرىكەت قىلىشىمىز،قىلغاندىمۇ ھەرىكەت ۋاقتى 40مىنۇتتىن كەم بولماسلىقى كېرەك چۈنكى ئالدىنقى 20~30مىنۇتتا ئىنىرگىيەنى بەدەندىكى قەنتلەر تەمىنلەيدۇ، قەنتلەر كۆيۈپ تۈگىگەندىن كېيىن   ئاندىن مايلار كۆيۈشكە باشلايدۇ.،ئوكسىگىنلىق ھەرىكەت دېگەندە ئاساسلىقى يۈگۈرۈش، ۋەلسىپىت مىنىش،سۇ ئۈزۈش دېگەندەك، ئاياللار ئۆي ئىشلىرىنى قىلسىمۇ بولىدۇ، مەن 108 كۋادرات مېتىر ئۆيۈمنىڭ پوللىرىنى سۈرۈتۈپ بولغىچە تەرگە چۈمۈپ كېتىمەن(مەن تېخى بويتاق ئۆزىمىز قىلماي ئامال يوق بۇ ئىشلارنى:lol)
ئىشقىلىپ ئورۇقلىماقچى بولغانلار مايلىق تاماقلاردىن ئۆزىنى تارتىشى، يىمەكلىكتىن قۇبۇل قىلىدىغان قەنتنى تۆۋەنلىتىشى ،ھەرىكەتنى كۆپ قىلىشى كېرەك.

Windboy يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 14:11:00

ھە راست ئۈستىدىكى نىيازدىخان قوينىڭ قۇيرۇق مېيى پايدىلىقكەن دېگەن گەپنى قىلىپ قالدى، ئالدىنقى قېتىم ئاپاممۇ شۇ گەپنى قىلىدۇ،دوختۇرلارمۇ شۇنى سەۋسىيە قىلىدىكەن دەپ تۇرۇۋاپتۇ، مەن تازا ئىشەنمىدىم،ئاپامنىڭ قاندا ماي قىمدارى كۆپ ، قان بېسىمىمۇ بار، يۈرەككە تېرەك سالغان، شۇڭا مەن يىگۈزمىدىم.
مۇشۇ گەپنىڭ زادى ئاساسى بارمۇ قانداق بىلىدىغانلار دەپ باقساڭلا بوپتىكە

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 14:12:19

قوي مېيىمۇ ھايۋانات مېيى بولغاندىكىن، قان قويۇققا پايدا قىلىدۇ دېسە، ئادەم ئاخماق قىلىۋاتىدۇ دەيتتىم. 6-7 يىلنىڭ ئالدىدا بىر تېۋىپقا بارغان. قان قويۇقنىڭ گېپىنى قىلساق قوينىڭ قۇيرۇق مېيىنى سۇدا پىشۇرۇپ يەپ بەرسە پايدا قىلىدۇ دېگەن. يالغانچى تېۋىپكەن دەپ يېنىپ چىققانتۇق.
يېقىندا بىر بۇرادەر ھەر كۈنى ئەتىگەندە قۇيرۇق ماينى ئېرىتىپ ئىچىپتۇ، ئۈچ ئايدىن كېيىن بىر سالامەتلىك تەكشۈرتۈشتە قاندىكى ماي نورمال بوپتۇ. بىراق خولىستىرول ئېشىپ كېتىپتۇ. دوختۇر ئېرىتىپ ئىچكەندىن سۇدا پىشۇرۇپ يېسە خولىستىرولنى ئۆرلىتىۋەتمەيتتى، دەپتىمىش.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 14:59:06

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mastura تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-8 16:27  

ئەمەلىيەتتە ئورۇق-سېمىزلىك مەسىلىسىنى پەقەت قوبۇل قىلغان ئېنىرگىيە بىلەنلا يېشىپ چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ. مەسىلەن بەدەن ئېغىرلىقى ئوخشاش 10 ئادەمگە ئوپئوخشاش يېمەكلىكنى بىر مەزگىل يېگۈزگەندىن كېيىن بىر قىسمى ئورۇقلاپ، بىر قىسمى سەمرىشى مۇمكىن، سەمرىگەنلەرنىڭ ھەم ئوخشىمىغان ئورۇنلىرى سەمرىشى مۇمكىن. بۇ ناھايىتى چوڭ بىلىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەن تۆۋەندە بىر نەچچە نۇقتىنى قىسقىلا ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتەي:
1. ھەربىر ئادەمنىڭ بەدىنىنىڭ قانچىلىك ئېنىرگىيە كۆيدۈرۈشى ھەرگىزمۇ يۇقارقى فورمىلا بىلەنلا ھېسابلاپ چىققىلى بولىدىغان سان ئەمەس. بەدەننىڭ قانچىلىك ئېنىرگىيە كۆيدۈرۈشى بەدەندە قانچىلىك ماي ۋە موسكۇل بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئىككى ئادەمنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى، يېشى ۋە ئېگىزلىكى ئوخشاش بولسىمۇ، بەدەندىكى موسكۇل ۋە مايلارنىڭ نىسبىتى ئوخشىمىسا بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ئېنىرگىيەمۇ ئوخشىمايدۇ. بەدەننىڭ شەكلىمۇ ئوخشىمايدۇ. موسكۇلنىڭ نىسبىتى يۇقىرى بولغانچە بەدەن چىڭ، كۆرۈنۈشى چىرايلىق بولىدۇ.

2. يېگەن يېمەكلىكنىڭ كالورىيەسى ئوخشاش بولغانلىق بىلەنلا بەدەننىڭ سۈمۈرۈشىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. تاماقلارنى ھەزىم قىلىشقىمۇ زور مىقداردا ئېنىرگىيە كېتىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر. ئادەتتە 100 كىلو كالورىيە ئېنىرگىيەگە ئىگە بولغان ماينى پارچىلاشقا 3 كىلو كالورىيە ماي، 100 كىلو كالورىيە ئاقسىلنى پارچىلاشقا 30 كىلو كالورىيە، سىللىلوزىلىق يېمەكلىكلەر 20 كىلو كالوارىيەگىچە، ئاق ئۇنغا 7-8 كىلو كالورىيە ئېنىرگىيە سەرپ قىلىنىدۇ.

3. تاماق ئازلىتىپلا ئورۇقلىماقچى بولغاندا ئالدى بىلەن موسكۇل پارچىلىنىدۇ، ماي ئەمەس. تاماقنىڭ مىقدارىنى سەللا ئەسلىگە كەلتۈرۈۋالغاندا بەدەن ئاسانلا ماينى ساقلىۋالىدۇ. چۈنكى بەدىنىمىز ئۇزۇن مەزگىل ئۆزىمىزگە كېرەكلىك بولغان ئېنىرگىيەگە ئېرىشەلمىگەندە، ئىككى خىل ئەھۋال يۈز بېرىدۇ، بىرى، بەدەن ئۆزىدە بار بولغان ماي ۋە موسكۇللارنى پارچىلاپ ئېنىرگىيە ھاسىل قىلىدۇ، تاكى بەدەن شۇ قوبۇل قىلىنىۋاتقان ئېنىرگىيەگە مۇۋاپىق بولغان ھالەتكە كەلگۈچە، ئىككىنچىدىن، ھۈجەيرىلەر بىر خىل ئاچلىق ھالىتىدە تۇرىدۇ، ۋە ئېنىرگىيە ئېشىپ كەتكەن ھامان دەرھال ئۇنى ماي ھالىتىگە كەلتۈرۈپ ساقلىۋالىدۇ. (بۇ بەك كەڭرى ئۇقۇم، قىزىققانلار ئىزدىنىپ كۆرسە بولىدۇ)

4. ئۇزۇن مەزگىل تاماقنى ئازلاتقاندىن كېيىن مېتابولىزىممۇ كۆرۈنەرلىك ئاستىلاپ كېتىدۇ. مېتابولىزىمنى تېزلىتىش ئۈچۈن مەسىلەن ھەپتىدە ئالتە كۈن 1500 كىلو كالورىيە تاماق ئىستېمال قىلغان بولسا، كېيىنكى بىر كۈن 2500 كىلو كالورىيە ئىستېمال قىلىپ مېتابولىزىمنى بۇزۇۋېتىش كېرەك. ياكى بىر كۈن پۈتۈنلەي كۆكتات، ياكى پۈتۈنلەي ئاقسىل ئىستېمال قىلىپ مېتابولىزىم سېستىمىسىنى «ئەخمەق قىلىپ» قويۇش كېرەك.

5. ئورۇق-سېمىزلىك پەقەتلا قانچە كالورىيە ئىستېمال قىلغانلىقىغا قاراپلا بەلگىلەنمەيدۇ. بەدەندىكى ھورمونلار، يىغىلىپ قالغان ئەخلەتلەر، تۇرمۇش ئادەتلىرى.....ھەممىسى تەسىر كۆرسىتىدۇ. لېكىن كالورىيە ناھايىتى مۇھىم قىسمى ئەلۋەتتە.

6. مايلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش ئەمەس. ئاقسىلمۇ ھەم. مەسىلەن ھايۋانات مېيى بىلەن زىرائەت مېيى، زىرائەت مېيى بىلەن زەيتۇن مېيى، زەيتۇن مېيى بىلەن كۈنجۈت مېيى، ئاۋوكادو (牛油果) مېيى....قاتارلىقلار ئوخشىمايدۇ. مېتابولىزىمنىڭ ياخشى ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن مايلار ناھايىتى زۆرۈر. شۇڭا ماينى پۈتۈنلەي كېسىۋېتىش بەدەنگە ئىنتايىن زىيانلىق. لېكىن چوقۇم سۈپەتلىك مايلارنى تاللاپ يېيىش كېرەك.

ئېسىمگە يەنە كەلگەن نۇقتىلار بولسا قوشۇپ قويىمەن.

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 16:22:57

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   amanpahri تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-8 16:23  

       ++++


تولۇقلىما مەزمۇن (2015-3-9 19:28):
@mastura،ئاساسەن  بايانلىرىڭىزدەك ئىش قىلغاندەك،كۆرگەن ماتىرياللاردىن ئۆزەم پىكىر قىلىپ،سىناپ،خۇلاسىلاپ.

تولۇقلىما مەزمۇن (2015-3-9 19:30):
بىزنىڭ جۇۋازخانلاردىن ماي ئېلىشىمىز ھازىر تېخى ئاسان،سىزنىڭچە بۇنداق مايلار قانداق؟

تولۇقلىما مەزمۇن (2015-3-9 19:33):
ئائىلىمىزنىڭ تاماق ئىستىمالىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزەي،سەي،ئۇن،ياغ،گۆشنى ئۆزۈم ئىشلەش شارائىتىم بار.

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 16:47:19

Bayawan يوللىغان ۋاقتى  2015-3-8 09:28 static/image/common/back.gif
تەتۈر تەشۋىق قىلماڭ، ساۋادىم چىقىپ گېزىت ژورنال كۆرس ...

تەتۇر تەشۋىق قىلغان بولسام ئوزۇقلىقىمىز دىگەن كىتابنى كۆرۇپ بىقىڭ ،.
پۇتۇن ئۇيغۇر تائاملىرىدىكى كالورىيە ۋە زىيانلىق پايدىلىق تەرەپلىرى سۆزلەنگەن .

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 16:49:58

@Dilruba
مەن قوللانغان ئۇسۇللار تۆۋەندىكىچە:
1. قىيمىلىق تاماقلارغا قوي مېيىدىن ئازراق سېلىۋەتمىسەك بەك قۇرغاق تېتىپ قالىدىكەن. لېكىن قوي مېيى يېيىشتىن ناھايىتى ئېھتىيات قىلغاچ، ئاساسەن تاماقلارغا قوي مېيى يېقىن كەلتۈرمەيتتىم. كېيىن دوكتور ئوزنىڭ بىر قېتىملىق پروگراممىسىنى كۆرگەندىن كېيىن، تۈگرە، گۆشنان، بولاق مانتا دېگەندەك تاماقلارغا قوي مېيىنىڭ ئورنىغا ئاق گۈمبەدەك قوشىدىغان بولدۇم. ئاق گۈمبەدەكنى قىيمىغا ئارىلاشتۇرغاندا مايدەكلا تېتىيدىكەن، ھەم ئۇنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنىڭ ناھايىتى كۆپلىكىنى بىلىسىز.

2. گۆشنان دېگەندەك تاماقلىرىمىزنى ياغقا چۆكۈرۈپ پىشۇرۇشتىن، ساپلىقنىڭ تېگىگە ئازراقلا ماي قۇيۇپ داغلاپ پىشۇرۇشقا ئۆزگەرتىۋالدىم، ھەم ئىككى تەرىپىنى قىزارتىپ قاتۇرۇۋالغاندىن كېيىن قاسقاندا ھوردىتىپ پىشۇرىدىغان بولدۇم. ئاڭلىسام غۇلجا تەرەپتە گۆشناننى شۇنداق قىلىدۇ دەيدۇ. ياكى مەن خاتا ئاڭلىۋالدىممۇ؟

3. ياغدا پىشۇرىدىغان بەزى تاماقلارنى دوخوپكىدا پىشۇرىدىغان بولدۇم. مەسىلەن كاتلېت دېگەندەك تاماقلارنى قىلسام لېسنى مايلاپ، بەرەڭگە ۋە كاتلېتنىڭ ئۈستىگە ئازراق ماي پۈركۈپ دوخۇپكىدا پىشۇرىدىغان بولدۇم. بۇنىڭدا كاتلېت ۋە بەرەڭگە تولۇق پىشىپ كەتمىسىمۇ بولىدىغان بولغاچ، ئوتنى يۇقىرىراق قىلىپ تەڭشەپ قىسقىلا پىشۇرساق تەمى ئوخشاش بولىدىكەن.

4. ئامال بار زىرائەت مايلىرىنى ئازراق ئىشلىتىپ، زەيتۇن مېيىنى كۆپرەك ئىشلىتىدىغان بولدۇم. زەيتۇن مېيى قىزدۇرۇلسا ئىچىدىكى ئوزۇقلۇق تەركىبلەر ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدىكەن. لېكىن ھازىرقى زىرائەت مايلىرى ئاساسەن چۈچۈتۈلگەن (refined ) مايلار بولغاچ، قايتا قىزدۇرۇلسا بەدەنگە ئىنتايىن زىيانلىق تەركىبلەر پەيدا بولىدىكەن. ئۇندىن يەنىلا زەيتۇن مېيى ياخشىكەن دەپ قارىدىم. (شەخسىي پىكىر) ئاندىن سىناق قىلىپ بېقىشىمچە، مەسىلەن پولو ئەتكەندە ئوخشاش گۈرۈچكە بەش پىيالە زىرائەت مېيى قۇيۇپ ئەتكەن بىلەن تۆت پىيالە زەيتۇن مېيى قۇيۇپ ئەتكەن ئوخشاش بولىدىكەن.

يەنە سىزنىڭمۇ قانداق يېڭىلىقلىرىڭىز بولسا تاشلىسىڭىز تەڭ پايدىلىنايلى.  

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 17:17:27

يۇقىرىدا دوكتور ئوزنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىپ مەن ياخشى كۆرىدىغان تېلىۋىزيە پروگراممىلىرىنىڭ بىرى بولغان دوكتور ئوز شوۋ ھەققىدە ئىككى ئېغىز سۆزلىگۈم كېلىپ قالدى. دوكتور مەھمەت ئوز، تۈرك ئامېرىكان، ئامېرىكىدىكى داڭلىق دوختۇرلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ داڭلىق بولۇشى ئۇنىڭ ئۆز كەسپىگە پىششىقلىقى سەۋەبلىك بولۇپلا قالماي، يەنە ئۆزى فىلىم ئىشلىگۈچى ۋە رىياسەتچى بولۇپ ئىشلەيدىغان دوكتور ئوز شوۋنىڭ كىشىلەرنىڭ قاتتىق ئالقىشىغا ئېرىشىشمۇ ئۇنى ئامېرىكىدىكى ئەڭ داڭلىق ۋە ئەڭ باي دوختۇرلارنىڭ بىرى قىلىپ قويغان. دوختۇر ئوز ئۆز پروگراممىسىدا ساغلاملىققا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىكى ئامىللارنىڭ ھەممىسى توغرىلىق سۆزلەيدۇ. قىزىقىدىغانلار ئۇنىڭ تور بېتىگە كىرىپ كۆرۈپ باقسا بولىدۇ:
www.doctoroz.com

TOQQUZ9TOQQUZ يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 20:53:52

Dilruba يوللىغان ۋاقتى  2015-3-8 08:10 static/image/common/back.gif
تاماقنى جىق يەيدىكەنسىز، ئەمما ھەرىكەتتىمۇ ئاكتىپ ئى ...

مەن ئەر كىشى ، مۇئەللىم . بۇ يىل 65 كىلوگرام  ، بويۇم 170 سانتىمېتىر.
توغرا دەيسىز ، ئەمدى پو ئاتقىلى بولمايدۇ . ئورگانىزىم چېكىنىشكە باشلايدۇ . مەنچە ساغلاملىققا كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك  چارە ئىلمىي ئۇزۇقلىنىش ، ھەرىكەت ۋە تەرتىپلىك تۇرمۇش ئادىتى.
ئالدىنقى ئىنكاسىمدا دېمەكچى بولغىنىم . بەزى ئادەملەر تېز سەمىرىپ ، تېز ئورۇقلايدىكەن . بەزى تاماقنى مەندىن ئازراق يەيدىغانلارمۇ  سەمىرىپ كېتىۋاتىدۇ . تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ بار ئۇنىڭ ئىچىدە . ئورۇق - سىمىزلىكى ئۆزگەرمەيدىغان كىشىلەرمۇ بار . 15 يىلنىڭ ئالدىدا قانداق بولسا ، ھازىرمۇ شۇنداق .
بەزى ئادەملەرنىڭ ئۆزىمۇ سېمىز ، بالىلىرىمۇ سېمىز بولىدىكەن . ئاتام ۋە ئۇنىڭ بالىلىرىنىڭ ھېچقايسى سېمىز ئەمەس . بىزدە بەدەندىكى ئارتۇقچە مايلارنى پارچىلاپ ، بەدەن سىرتىغا چىقىرىشقا مەسئۇل مەلۇم بىرخىل ئىنزىم بەك ئاكتىپمۇ ياكى گېنىمىزدا شۇنداق بىر خىل ئامىللار بارمىدۇ ، دەپ ئويلاپ قالدىم .

nusrat يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 22:32:39

TOQQUZ9TOQQUZ يوللىغان ۋاقتى  2015-3-8 02:36 static/image/common/back.gif
ئۇرۇق - سېمىزلىك ئېرسىيەتكىمۇ مۇناسىۋەتلىكمىكىن دەيمە ...

     مېتابولىزىمغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان بەزى كىسەللىكلەر كۆرۈلگەندىمۇ سىزنىڭكىدەك يەپ سىمىزلىمەيدىغان ئەھۋال يۈز بىرىدۇ چۈنكى مېتابولىزىم پائالىيىتىڭىز باشقىلارنىڭكىدىن جانلىنىپ كەتكەندە ئوزۇقلۇقلار تىنىڭىزگە ياخشى سۈمۈرۈلمەيلا چىقىپ كىتىدۇ. ئاددى بىر مىسال ئالساق قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى ئارتىپ كەتكەن كىشىلەر يەپ سىمىزلىمەيدۇ، قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى چىكىنگەن كىشىلەرنىمىلا يىسە سەمىرىپ كىتىدۇ. مېتابولىزىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىسەللىكلەر ئالامەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىرسىيەتلىك بولىدۇ. ئەلۋەتتە يەپ سىمىزلىمەيدىغان كىشىلەردە چوقۇم كىسەل بولىشى ناتايىن، بۇ سىزنىڭ ياخشى تۇرمۇش ئادەتلىرىڭىز، تىنىمسىزلىقىڭىز، قارا ئاشلىقنى مەلۇم مىقداردا ئىستىمال قىلىپ تۇرۇشلىرىڭىز بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئېنزىملارمۇ مېتابولىزىمدا ئوخشىمىغان كىشىلەر تېنىدە ئوخشىمىغان ئىنكاسلارنى پەيدا قىلىدۇ. بەزى كىشىلەر تېنىدىكى ھەزىم ئېنزىملىرى كىسەللىك ياكى باشقا سەۋەبلەردىن يىتەرلىك ئاجرىلىپ چىقمىغانلىقتىن مېتابولىزىم پائالىيتى ئاستىلاپ كىتىشى مۇمكىن. تاماق مىقدارىنىڭ كۆپلىكى سىزنى سىمىزلىتىۋەتمىگەن بولسىمۇ سىزنىڭكىدەك مىساللار بىر قەدەر ئاز ئۇچرايدىغانلىقى ئۈچۈن شەخسەن مەن يەنىلا بەك كۆپ تاماق يىيىشنى قوللىمايمەن.  ئاشقازىنىمزنىڭ يۈكىنى ئاشۇرىۋەتمىگىنىمىز ياخشى. ئاشقازاننىڭ ۋە ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ئۇدا ھەددىدىن زىيادە كۈچەپ خىزمەت قىلىشى بىلەن مەلۇم ساقسىزلىقلار پەيدا بولىشى مۇمكىن. پەيغەنبىرىمىز ئىسىل كۆرسەتمە بەرگەن : ئاشقازاننىڭ ئۈچتىن بىرى سۇيۇقلۇق، ئۈچتىن بىرى تاماق بىلەن توشۇپ قالغان قىسمى بوش تۇرغىنى ئەۋزەل.

nusrat يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 23:00:56

         ئىككى ئۇقۇم بار، بىرى ئاساسى كالورىيە يەنە بىرى كىرەكلىك كالورىيە. ئاساسى كالورىيە  دىگىنىمىز بىر ساغلام كىشىنىڭ ھەرىكەت قىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا بىر كۈندە كىرەك قىلىدىغان كالورىيەسى. كىرەكلىك كالورىيە كۈندە مەلۇم ئېغىر ياكى يىنىڭ ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىنىڭ كۈنلۈك كالورىيەسى. ئۆلچەم قىلىنغان كالورىيەدىن ئارتۇق كالورىيەنى پارچىلىۋەتمىسەك كۈنسېرى يىغىلىپ ئەلۋەتتە سىمىزلىك پەيدا بولىدۇ.
      پاكىتلار كۈنسېرى كۆزىمىزگە سانجىلىپ تۇرۇپتۇ. يۈرەك-قان تومۇر كىسەللىكلىرى بىلەن ئۆلۈپ كىتىۋاتقانلار كۆپىيىۋاتىدۇ، دىئابىت كۆپىيىۋاتىدۇ ، راك كىسەللىكلىرى كۆپىيىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە بەزى كىسەللىكلەر بۇلغانغان مۇھىت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىراق قوبۇل قىلىۋاتقان كالورىيىمىزنىڭ كۆپلىكى، تۇرمۇش قولايلىقى سەۋەبلىك ھەرىكىتىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئازىيىپ كىتىۋاتقانلىقى، يەۋاتقان تاماقلىرىمىزدا قارا ئاشلىق تەركىبىنىڭ ئاز ياكى يوق بولىشى قاتارلىق ئامىللار قوشۇلۇپ كىسەللىكلەر بىزنى ھەر تەرەپتىن قورشاۋاتىدۇ . ساغلامدەك بىراق چوڭ-كىچىك، ئۇ بۇ  ئالامەتلەردىن، بىئارامچىلىقلاردىن قۇتۇلالمايدىغان كىشىلەرئەتراپىمىزدا بەك كۆپ. شارائىت ۋە مەبلەغ كەمچىللىك سەۋەبىدىن بىزدىكى تەتقىقاتچى ئالىملار تېخى كەڭ كۆلەملىك ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈپ ، سىتاتىسكىلاپ سانلىق پاكىتلار بىلەن بىزنى قايىل قىلغۇدەك بولمىدى بىراق ياخشى يېرى بىز بەزى مەسلىلەرنى بايقاپ بولدۇق. تاماقلىرىمىزنىڭ كالورىيەسىنى،مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش ،تۆۋەنلەتكۈمىز بولمىسا ئوخشاش مىقداردا تاماقلىنىش ئادەتلىرىمىزنى ساقلاپ كۈندە ئەڭ ئاز دىگەندە يېرىم سائەت تەنھەرىكەت قىلىش،  ئامان پەخرى ئەپەندىم ئىنكاسىدا دىگەن قاتتىق جىسمانى ھەرىكەت قىلىپ تۇرۇقلۇق سىمىزلىك يېپىشىۋالغان دېھقانلىرىمىز ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى زۆرۈر بولسا تىگىدىن ئۆزگەرتىش قاتارلىقلار تېخىمۇ ساغلام ياشاشقا ، ئاتا-بۇۋىلىرىمىزنىڭكىدەك تەن ساپا، بوي-بەستنى قايتا تېپىۋېلىشقا، گېنلىرىمىزنى ئەلالاشتۇرۇشقا قاراپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىزنىڭ دەسلەپكى قەدەملىرى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئاخىرقى مەقسەت ئورۇق سىمىزلىك ئەمەس بەلكى ساغلام ياشاش، ئاللاھ بەرگەن تەننى ياخشى ئاسراش ،روھى ئازادىلىككە ئېرىشىش.
     ھازىرقى باسقۇچىمىزدا خەلقئارادا ئاساسەن بىرلىككە كىلىپ قوللانما سۈپىتىدە پايدىلىنىۋاتقان كالورىيە، يىمەك-ئوۋۇقلارنىڭ ئۆلچىمىنى بىلىش ،شۇ ئۆلچەملەرگە ماسلىشىقا تىرىشىش بىزگە پايدىلىق بولسا بولىدۇكى زەررىچىلىك زىيىنى يوق. مەيلى قانداق ئىرقتىن بولايلى مەيلى قانداق ئوخشىمىغان مۇھىتتا ياشايلى بىزنىڭ ئورگانلىرىمىزنىڭ ئاساسى خىزمەت پىرىنسىپى ئوخشاش شۇڭا غەرپلىكلەر بىلەن بىزنىڭ تەن ئوخشىمايدۇ شۇڭا ئۇلار چىقارغان ئۆلچەملەر بىزگە ماس كەلمەسمۇ دىيىش ھازىرچە ئارتۇقچە. كىينچە بىزنىڭمۇ ئالىملىرىمىز راۋرۇس قوللىنىشچان، قاراتمىلىق تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللانغاندا ئۆزىمىزنىڭ ئىنچىكە پەرقلىق ئۆلچەملىرىنى ئىشلىتىمىز.



nusrat يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 00:22:19

       ھايۋانات مېيى، قوي مېيى توغۇرلۇق ئازراق پاراڭ بوپتۇ.
     بوۋىلىرىمىزنىڭ قوي مېيىنى ئەتىۋارلاپ يىگىنى راست، بىزنىڭمۇ قوي مېيىنى ياخشى كۆرىدىغىنىمىزمۇ راست. ھايۋانات مايلىرىنىڭمۇ پايدىلىق تەرەپلىرى بار . مايلار ھەممىسى بەدىنىنىمىزنىڭ ئىنىرگىيە مەنبەسى ھەمدە تېنىمىزنىڭ قۇرۇلمىسىغا قاتنىشىدۇ،قوبۇل قىلىنغان ئارتۇق ماي-ياغلار بەدىنىمىزدە زاپاسلىنىدۇ.
      تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى خولېستېرولنى ۋە قاننىڭ زىيادە يېپىشىچانلىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ.قان نوكچىسى پەيدا بولۇشنى ئالدىنى ئالىدۇ ۋە قان تومۇرلارنىڭ ئەۋرىشىملىقىنى ساقلايدۇ...ئومۇمەن مىڭە ۋە قان تومۇر يۈرەككە پايدىلىق.
      تويۇنغان ياغ كىسلاتاسىنىڭ كالورىيەسىمۇ يۇقىرى، قاندىكى خولېستېرولنى ئۆرلىتىپ، قان تومۇرلار تارىيىش توسۇلۇش،ئارتىرىيە قېتىشدىگەندەك ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئوزۇقلۇق تەتقىقاتچىلىرى، دوختۇرلار ھايۋانات مېيىنى ھەمدە پالما قاتارلىق تويۇنغان ياغ كىسلاتاسى كۆپ ئۆسۈملۈك ياغلىرىنى ئامال بار ئىستىمال قىلماسلىقنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ.
   قوي مېيىدىكى تويۇنغان ياغ كىسلاتاسى ئاتمىش پىرسەنتكە يېقىنلاپ قالىدۇ، 30 پىرسەنتتەك تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى ۋە پايدىلىق ياغ ئاقسىلى قاتارلىقلار بار. تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسىنىڭ قان تومۇرلارغا بەكمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتتۇق. '' قوي مېيى قان تومۇرلارغا پايدىلىققەن''  دىگىنى مۇشۇنى كۆزدە تۇتىۋاتقىنى بولسا كىرەك دەپ چۈشەندىم.  مۇشۇ پايدىلىق تەركىبلەر ئۈچۈن ئاتمىش پىرسەنتكە يېقىن تويۇنغان ياغ كىسلاتاسى بولغان قوي مېيىنى ساپلا ئىستىمال قىلىش مەنچە ئاقىلانىلىك ئەمەس. تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بىلەن ياغ ئاقسىللىرنىڭ پايدىسىنى كۆرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا تويۇنغان ياغ كىسلاتاسىنىڭ زىيىنىنى تارتىمىز شۇڭا ھايۋانات مېيى ئىستىمال قىلىشنىڭ پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ بولۇپ كىتىدۇ. بولۇپمۇ مۇشۇ كۈنلىرىمىزدە تېخىمۇ شۇنداق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز يەيدىغان گۆشلەرنىڭمۇ تەبىئى مايلىرى بار.
       بىزدىن بۇرۇنقىلار يەنە قارا ئاشلىقنى كۆپ يىگەن، يەرلىك ئوغۇتتا كۈچلەنگەن كۆكتات ۋە مىۋىلەرنى ئۆزى ئۆستۈرۈپ يىگەن؛  ئومۇميۈزلۈك ھازىرقى خەلقئارا ئۆلچەمدىكى كۈچلۈك ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغان شۇڭا ئەلۋەتتە ھايۋانات مايلىرى بۇۋىلىرىمىز،دادىلىرىمىزنى ناھايىتى ياخشى ئىنىرگىيە مەنبەسى بىلەن تەمىنلىگەن (ياغ-مايلار ئوخشاش ئېغىرلىقتىكى ئاقسىلدىن ئىككى ھەسسە كۆپ ئېنىرگىيە تەمىنلىيەلەيدۇ) ھەمدە  بەدەندە زاپاسلىنىپ قېلىش بولمىغانلىقتىن سىمىزلىك ، قان تومۇرلاردىكى توسۇلۇش ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلمىغان. بىراق ھازىرقى بىزنىڭ مەسىلە بىزنىڭ ئوزۇقلىنىش ئادەتلىرىمىز بىلەن چوڭلارنىڭكى كۆپ پەرقلىنىدىغان بولۇپ كەتتى. ھەرىكەت ئاز، تاماقلار ئەسلىدىنلا مايلىق شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە ھايۋانات مايلىرىنى ئېرىتىپ ئىچسەك ئەلۋەتتە چاتاق چىقىدۇ. بۇۋىلىرىمىزدەك ساغلام، سانائەت يىمەكلىرى ۋە خىمىيىۋى ئوغۇتلاردىن خالى ياشىيالىساق ئاندىن قوي مېيىنى قورقماي يىسەك بولىدۇ مەنچە.
    بەزى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتالىرىنىڭ تۈزىلىشى بەك ئاجىزشۇڭا ئاسانلا ئەركىن رادىكاللارنىڭ بۇزىۋېتىشىگە ئۇچرايدۇ.تويۇنغان ياغ كىسلاتالىرى  ئەركىن رادىكاللارنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئاز ئۇچرايدۇ بىراق بەدىنىمىزگە زىيىنى كۆپ . زەيتۇن مېيى ياغلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى دىيىلىدۇ ھەمدە ئەركىن رادىكاللارنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئاز ئۇچرايدىغان بولۇپ قېرىلىققا قارشى تۇرۇش رولى ياخشى بولىدۇ لېكىنب زەيتۇن مېيىدا سالامەتلىكىمىزگە بەكمۇ پايدىلىق بولغان ئومېگا ئۈچ تۈرىدىكى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى ئاز ئەكىسچە قىچا مېيى ،ئاپتاپپەرەس مېيى قاتارلىق مايلار بىلەن دانلاردىن سىقىلغان مايلاردىكى ئومېگا ئۈچ تۈرىدىكى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى مول....خۇلاسە  كۈنلۈك ئېھتىياجىمىز ئۈچۈن زەيتۇن مېيى بىلەن باشقا مايلارنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلساق ياخشى بولىدۇ.
    يۇقىرى قان بېسىم، قاندىكى ماي ماددىسى ئېشىپ كىتىش، يۇقىرى خولېستېروللارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھايۋانات مايلىرىنى يىمىگىنىمىز ئەۋزەل.

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 19:55:00

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   amanpahri تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-9 20:04  

@nusrat،سەي-كۆكتات،ئۇن،گۆشنى ئۆزۈم ئىشلەپ،ئائىلەمگە يەتكۈدەك قىلىش شارائىت بار،ماي چىقىرىدىغان زىرائەت دانلىرىنىمۇ ئۆزۈم ئىشلىيەلەيمەن،جۇۋازخاندا ماي چىقارسام بولىدۇ،ھەممە نەرسىنى نىسبەتەن تەبىئى قىلغىلى بولىدۇ،مىۋە چىۋىنىمۇ ئازراق ئىمكان بار،ئەڭ باش قاتۇرىدىغىنىم ماي مەسىلىسى بولۇپ قالدى،جۇۋازخانلاردىن چىقارغان ماينىڭ قانداق ئالاھىدىلىگى بار،تاللا بازارلىرىدا زەيتۇن مېيى بار،ئەمما بەك ئىشەنمەيمەن ساپلىغىغا.مەسلىھەت بەرگەيسىز.رەھمەت.
مەخسىدىم،ئائىلەمدىكىلەر بىر كۈن بولسىمۇ زىيانسىز بىر نىمە يىسە دەيمەن،گەرچە بۇ شارائىتنى قاچانغىچە داۋاملاشتۇرۇشنى ئېنىق بىلمىسەممۇ،ئىشقىلىپ يەر زىمىنىم بار،جاپادىن قورقمايمەن،سالامەت بولساملا قىلىشقا كۆزۈم يېتىدۇ.بولۇپمۇ ئورۇقلاپ بۇ ئىرادەم تېخىمۇ كۈچۈيىپ كەتتى،ئادەم ساغلام بولسا ئاندىن ھەممە ئىشى جايىدا بولىدىكەن.بولۇپمۇ 10 يىلدەك بوپتىكەن 80-120 قان بېسىمىمنى كۆرمىگىلى،مانا ھازىر مۇقىم تۇرىۋاتىدۇ،ئاتا-ئانا ئىككى تەرەپتىن مەن بىلىدىغان بوۋىمىزدىن باشلاپ،قان بېسىم،ماي ئارتىش،يېپىشقاق،دىئابىت(قان بېسىم 30دىن ئاشقاندا كۆرۈلگەن،دىئابىت 40 تىن ئاشقاندا كۆرۈلگەن)بار ئىدى،مەندىمۇ 30دىن ئېشىپلا قان بېسىم كۆرۈلگەن،ماي،يېپىشقاقلىق دىگەن تەبىئى بار بۇلىدىكەن ئەگىشىپ،ئاكاممۇ قېرىقتىن ئېشىپلا 5يىللىق دىئابت بولۇپ بولدى،دادام 25 يىللىق دىئابت،مەندە دىئابت تېخى كۆرۈلمىگەن،ھازىر تېخىمۇ ئالدىنى ئالدىم دەپ ئويلايمەن،ئۆزەمچە(ئاللاھ نىسىپ قىلغاي).ئىككى ئىنىممۇ سېمىرىپ كىسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندەك ھىس قىلىۋاتىمەن.ئادەتتە مىجەزىگە قاراپ ئۆزەمچە ھۆكۈم چىقىرىپ قويغىنىم.
ئىشقىلىپ ئوزۇقلۇق ھەققىدە كۆپرەك ئىلمىڭلىنىڭ زاكىتىنى بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
گەرچە تورلاردىن ماتىريال كۆرگەن بىلەن،ئۆزىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ماتىريالى بەك كەم بولغاچ،ئاسان چۈشۈنىپ ھەزىم قىلماق تەسكەن.

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 20:51:12

@nusrat
@mastura
40 كۈنلۈك ئۇرۇقلاش جەريانىدا،دەسلەپكى بىر ھەپتىدە ئازراق قىينالغان بولساممۇ(كۆپ يەپ كۆنگەن ئادەم ئازلاتسا قىينىلىدىكەن)،ئەمما كېيىن كۆندۈم،دەسلەپكى بىرھەپتىدە ئۇخلىساممۇ تاماق چۈش كۆردۈم،ئاش تاماق بار يەردىن قاچتىم،ئەمما ھازىر ئۇنداق ئەمەس،دەسلەپكى بىر ھەپتىدە تاماق سېغىنىشنى تۇنجى مۇھەببىتىدىكى ئاشىق مەشۇغىنى سېغىنغاندەك ھىسسىياتتا بولدۇم،ئەمما كېيىنكى ۋاقىتلاردا كەچلىگى مىۋە چىۋىدىن چىدىغۇدەك يىگەندىن سىرت،ئەتتىگەن چۈشتە سەينى .اساس قىلىپ گۈرۈچ،ئۇن تامىقىنى 100گىراندىن ئاشۇرماي يىدىم،ئارىلىقتا بىر ھەپتە توخۇ گۆشى،قوينىڭ قارا گۆشى،تۇخۇم دىگەندەكلەر بىلەن كۆپ سەي بىلەن قورۇما يىدىم،باشقا ۋاقىتتا ئاساسەن بىر كۈندە 300-350 گىرامغىچە توخۇ گۆشى بىلەن سەيلىك شورپا بىلەن تاماقلاندىم،كۈندە ئىككى سائەت ئەتراپىدا ھەركەت قىلدىم،پۈتۈن جەرياندا ھىچقانداق قىينالمىدىم.ئارىلىقتا 5 كۈن ئىچدە بىر قېتىم،ئىككى كۈنلۈك (1-كۈنى1 كىلو ئالمىنى  يىيىش،سۇ،باشقا نەرسە ئىستىمال قىلماي،2-كۈنى 1 كىلو سۈتنى ئىچىش،سۇ،باشقا نەرسە ئىستىمال قىلماي)ئورۇقلاش،يەنە بىر قېتم 3كۈن پەقەت ئالما يىيىش ئۇسۇلىنى قوللاندىم(پۈتۈن كۈنلۈك سىياسى ئۈگۈنۈش ۋاختىدا ئېلىپ بارغان،ھەركەت قىلماي پۈتۈن زېھنىمىز بىلەن ئوقۇپ سۆزلەپ ئۈگەنگچكە)،3 كۈنلۈك ئالما يىگەن ۋاقىتتا ئۈگۈنۈشكە بەك بېرىلىپ كېتىش بىلەن بىرگە،بەدەنمۇ سەل ئاجىزلىغانمۇ قانداق،3-كۈنى كۈندۈزدە يۇلتۇز كۆرگەننى ھىساپ قىلمىغاندا ھازىرقىچىلىك ئۆزەمنى بەك قىينايدىغان ئىشنى قىلمىدىم.
ھازىرغىچىلىك قان بېسىمىمنى تەكشۈرۈپ تۇرىشتىن باشقا تەكشۈرۈش قىلمىغان بولساممۇ،بىۋاستە سېزىمىمدە 10 يىللىق كېسەللىك ئالامەتلىرى 90% كۆرۈلمىدى،ئورۇقلىغان بىلەن تەن ساپايىم يەنىلا ياخشى،
ئەمما يېقىنقى 10 كۈندىن بويان ئورۇقلاش توختاپ قالدى،كۆپ ئۇسۇل ئالماشتۇردۇم،تۆنۈگۈندىن بويان،پۈتۈن كۈن 200 گىرام ھەسەل ئىچىش ئۇسۇلىنى سىنىۋىدىم (3 كۈنلا سىنايمەن)،ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى بولدى.ھەيران قالغىنىم 200گىرام ھەسەلنى بىر كۈندە ئۈچۋاخ ئىچسەم،خۇددى تاماق يىگەندەك توقلا تۇرغىنىم.
يۇقارقىسى مىنىڭ قولاانغان ئەبجەش ئۇسۇل،پۈتۈن جەرياندا دىققەت قىلغىنىم،بەدىنىم ئاجىزلىدىمۇ يوق،بىرەر غەيرى ئالامەت بولدىمۇ يوق شۇ بولدى،نورمال بولسىلا ھازىرغىچىلىك ئوزۇقلىنىشتا 8-10خىل ئۇسۇل قوللاندىم.
80 كىلو تولۇق چۈشكەندىن كېيىن،ئېغىر چېنىقىشنى ئاساس،ئوزۇقلىنىشنى قوشۇمچە قىلماقچى،مېنىڭ خىزمەت ۋە باشقا دېھقانچىلىق ئىشلىرىم ئەمدى رەسمىي باشلىنىدۇ،شۇڭا ئەمىلىي ئەھۋالىمغا قاراپ دەسلەپتە ئوزۇقلۇق ئارقىلى قاتتىق ئۇسۇل بىلەن تىزراق ئورۇقلاش ئۇسۇلىنى قوللاندىم،كېيىنكى قەدەمدە ھەرىكەت،چېنىقىشنى ئاساس قىلغان شەكىلنى تاللىدىم.
ئەمدى ئاخرىدا سىلەردىن سورايدىغىنىم:يۇقاردا مەن قوللانغان ئۇسۇلدا كېيىنچە ماڭا يامان تەسىر بولىدىغان يۇشۇرۇن خەۋپ بارمۇ يوق؟

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 04:41:01

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Dilruba تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-10 11:16  

mastura يوللىغان ۋاقتى  2015-3-8 22:49 static/image/common/back.gif
@Dilruba
مەن قوللانغان ئۇسۇللار تۆۋەندىكىچە:
1. قىيمىلىق ت ...

ياخشى چارىلىرىڭىزدىن بىزنى بەھرىمەن قىلغىنىڭىزغا رەھمەت، قىيمىغا گۈمبەدەك قوشۇش ئۇسۇلىنى چوقۇم سىناپ باقىمەن ۋە ئاكتىپ قوللىنىمەن. ئۆزەممۇ گۈمبەدەككە بەك ئامراق.
ئېيتقىنىڭىزدەك، ھەمىشە قورۇپ تاماق قىلىپ يەۋەتمەي، ھورداش ۋە قاقلاش ئۇسۇلىنىمۇ ئارىلاش قوللىنىش ۋە شۇنىڭغا كۆنۈش- ساغلام ئوزۇقلىنىشتىكى مۇھىم ئادەتلەرنىڭ بىرى. بۇنىمۇ كەڭ تەشۋىق قىلىش كېرەك.
مەن كۈندىلىك تۇرمۇشتا مايلارغا نىسبەتەن زىيادە زىل ئەمەس، لېكىن مايلىق تاماق ئەتمەيمەن، تاللا بازاردا تېپىلىدىغان مايلارنىڭ ھەممىسىنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ ئىشلىتىپ باقىمەن، كەچلىك تاماق ئۈچۈن شورپا تۈرىدىكى ياكى دوخوپكىدا پىشۇرىدىغان تاماقلارنى كۆپ ئېتىمەن. سۇيۇق تاماقلارنى بالىلار جىق يېمەيدۇ، شۇنداقتىمۇ قورسىقىنى مۇشۇنداق نەرسىلەر بىلەن زورلاپ بولسىمۇ تويغۇزمىسام ئۇششاق- چۈششەكنى جىق يەۋالىدىكەن. ئۇلارنى كىچىكىدىنلا تەييار يېمەكلىكلەرنى يامان كۆرمەيدىغان ناچار ئادەت يېتىلدۈرىۋالمىسۇن دەپ ئەنسىرەيمەن.
بۇندىن باشقا، مەن ئەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى- ئېتىلگەن تاماقنى تەكرارلىماسلىق، ئامراق تاماقنى كۆپ يەۋېلىپ، ئوزۇقلۇقنىڭ قوبۇل بولۇشىنىڭ تەڭپۇڭ بولماي قېلىشىدىن ساقلىنىش. چۈنكى بۇنىڭدا، سىز شۇ پەسىلدە بازاردا تېپىلىدىغان كۆكتات، مېۋە ۋە باشقا خۇرۇچلارنىڭ ھەممىنى سىناپ بېقىشقا مەجبۇر بولىدىكەنسىز. :P بۇ دەسلەپتە ماڭا بەك تەس كەلگەن، ئاخىر ئويلاپ، ئۆزەم ئېتەلەيدىغان بارلىق تاماقلارنى تىزىملىك قىلىپ تۇرغۇزۇپ چىقتىم، شۇنداقلا ھەر خىل رىسالىلەرنى كۆرۈپ، تاماق ئېتىش تېخنىكامنى ئۆستۈردۈم. ئاندىن مۇقىم جەدىۋەل قىلىپ، ئاشخانامغا چاپلاپ قويدۇم.... ئاخىرى ھازىرقى توڭلاتقۇدا بار خۇرۇچنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن ئوخشىمىغان تاماقلارنى ئېتەلەيدىغان ۋە بىر خىل تاماقنى ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئاساسەن قايتا تەكرارلىمايدىغان سەۋىيەگە يەتتىم.

نۇسرەتنىڭ ئېسىل ئىنكاسلىرىغىمۇ كۆپ رەھمەت. @nusrat
  

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 05:18:48

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Riwayetweb تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-10 15:25  

سېمىزلىكنىڭ ئىرسىيەتكە باغلىق ئىكەنلىكى ھەققىدىمۇ كۆپ ئىنكاسلار چۈشۈپتۇ. دەرۋەقە، گېن- ئىرسىيەت ئامىلىنىڭ ئادەم بەدىنىنىڭ قۇرۇلمىسىغا بولغان زور تەسىرىگە ھەرگىز سەل قارىغىلى بولمايدۇ، ئەمما بۇ يەردە بىز چەتكە قېقىشقا زادىلا بولمايدىغان يەنە بىر نەرسە - ئائىلىۋى تۇرمۇش ئادىتى.  بىر ئادەمنىڭ مىجەز- خاراكتېرى، جىسمانىي ۋە روھىي ھالىتى ئۇنىڭ ئائىلىدە ئالغان تەربىيەسى بىلەن قايسى دەرىجىدە زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئاتا- بوۋىلىرىمىزمۇ «ئانا كۆرۈپ قىز ئال» دېگەندەك ھەر خىل ماقال- تەمسىللەر ئارقىلىق كۆپ تەكىتلەپتىكەن. تاللا بازارلاردىمۇ دىققەت قىلسىڭىز، سېمىزلەرنىڭ ھارۋىسى كۆپىنچە خالتىلىق تەييار يېمەكلىك بىلەن توشقان بولىدىكەن، يەنى، ئاتا- ئانا بولغۇچى ئۆزى كۆنگەن ئۇسۇلدا بالا باقىدۇ، بالا توغرا- خاتانى ئايرىشنى بىلمىگەن ۋاقتتىن تارتىپلا سەمىرىشكە ئاساسنى سېلىپ بولغان بولىدۇ. ئۇيغۇرلاردا قازان بېشى ۋە كۈندىلىك يېمەك- ئىچمەكنى ھازىرلاپ داستىخانغا ئېلىپ كېلىش- ئايالنىڭ ۋەزىپىسى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئايال كىشى ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا مەسئۇل بولۇش نۇقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ بولسىمۇ كۆپرەك نەرسىلەرنى بىلىشى، ئىشچان- چاققان شۇنداقلا تەلەپچان بولۇشى لازىم.

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 06:23:51

amanpahri يوللىغان ۋاقتى  2015-3-10 02:51 static/image/common/back.gif
@nusrat
@mastura
40 كۈنلۈك ئۇرۇقلاش جەريانىدا،دەسلەپكى بىر ھەپ ...

سىز تەلەيلىككەنسىز، ساغلام ئوزۇقلىنىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسى بولغان ئورگانىك (خىمىيىۋى ئوغۇتسىز ئۆستۈرۈلگەن زىيانسىز مەھسۇلاتلار) ئوزۇقلىنىش شارائىتىڭىز باركەن. جۇۋازدىن چىققان مايلارنىڭمۇ سىز ئەنسىرىگۈدەك يېرى يوق، پەقەت خام ئەشيادا چاتاق بولمىسىلا. ئۆتكەندە مۇشۇ مۇنبەردە ئېتىزدا خىمىيىۋى ئوغۇتنى بولۇشىغا چېچىپ ئۆستۈرگەن كېۋەزنىڭ چىگىتىدىن ئايرىلغان ماينىڭ زىيانلىرى ھەققىدە پاراڭلار بولۇنغانىدى. مېنىڭ كۆزدە تۇتماقچى بولغىنىممۇ مۇشۇ نۇقتا.
بەكمۇ ئىرادىلىك كىشى ئىكەنسىز، كېسەللىك ۋە سېمىزلىكتىن قانچىلىك ئەندىشە قىلىپ تۇرىۋاتقىنىڭىزنىمۇ ھېس قىلىپ  تۇرۇپتىمەن. مېنىڭچە سىزگە بىر تاماق ۋە ھەرىكەت جەدىۋىلى تۈزىۋېلىش بەك ماس كەلگۈدەك. ئۆزىڭىز جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرىۋاتقاندىكىن ئاش- تاماقتىن ئۆزىڭىزنى ئۇنچە قىسىشىڭىزمۇ سىزگە سەل زۇلۇم بولغۇدەك. سىزگە دۇنيا ساغلاملىق تەشكىلاتى تەشەببۇس قىلىۋاتقان «ھەر كۈنى بەش بولۇش» ئوزۇقلىنىش پىرىنسىپىنى تونۇشتۇراي- بىر كۈندە بەش كىشىلىك (400 گرام) كۆكتات ۋە مېۋە ئىستېمال قىلىش، ئەڭ ياخشىسى بەش خىلدىن تەركىب تاپقان بولۇش، ئۈچ خىلى كۆكتات، ئىككى خىلى مېۋە بولۇش.  بۇنى يەنە «بەشى بەش خىل رەڭدە بولۇش» دەپ كۆپەيتىۋالغانلارمۇ بار، چۈنكى كۆكتات ۋە مېۋىنىڭ ئاساسلىق رەڭگى ئۇنىڭ تەركىبىدىكى مەلۇم ئېلىمېنىت ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلار بىلەن باغلىنىشلىق بولىدۇ.
مۇشۇ پىرىنسىپنى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ، ئۇن، گۈرۈچ ۋە باشقا دانلىق زىرائەتلەرنىمۇ قوشۇپ، مىقدارىنى كونترول قىلغان ئاساستا ئوزۇقلانسىڭىز بولىدىكەن دەپ قارىدىم.

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 09:19:22

قارا ئاشلىقلارنىمۇ تەپسىلىرەك تونۇشتۇرىۋېتىڭلا خانىملار ...

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 11:50:19

تۆۋەندىكىسى مەن بىر ۋاقىتتا ئەلداۋاغا يازغان بىر تېمىكەن، يوللاپ قوياي:
يېقىندىن بېرى ماتېرىياللاردا داۋاملىق قارا ئۇن يەپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان ماقالىلەر كۆپىيىپ قالدى. قارا ئۇن، يەنى بۇغداينىڭ پوستى بىلەن ئىچى قوشۇلۇپ تارتىلغان ئۇن ئاق ئۇنغا قارىغاندا راستىنلا ياخشىمۇ؟ قارا ئۇنغا قارىغاندا بۇغداينىڭ ئىچىنىلا تارتقاندا، يەنى ئاق ئۇندا تۆۋەندىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار كەملەپ كېتىدۇ:
62% سىنك
72% ماگنىي
95% ۋىتامىن E
50% فولىك كىسلاتا
72% خروم
78% ۋىتامىن B6
78% يېمەكلىك تالاسى.
دېمەك، ئاق ئۇندا ئۇننىڭ ھەقىقىي بەدەنگە پايدىلىق قىسمى يوقاپ، پەقەتلا قورساق تويغۇزىدىغان قىسمى ساقلىنىپ قالىدۇ. قانچە ئاق بولغانچە ئوزۇقلۇق قىممىتى شۇنچە تۆۋەنلەيدۇ. يەنە كېلىپ بەك ئاق ئۇنلار ئاقارتقۇچ قوشۇلغان بولىدۇ، بەدەنگە تېخىمۇ زىيانلىق بولىدۇ.

تۆۋەندىكىلەر باشقىلارغا قايتۇرغان ئىنكاسلىرىم:



بۇ تەرەپتە قارا ئۇننى بەك ئىشلىتىۋاتىدۇ، دەسلەپتە قارا ئۇن بىلەن ئاق ئۇننى ئارىلاشتۇرۇپ نان پىشۇراتتىم، قارا ئۇنغا بىراز كۆنەلمىگەن، ئاق ئۇن تاتلىق بولىدىكەن، شۇڭا ئاق ئۇنغا ئامراق ئوخشايمىز. ھازىر بارا-بارا كۆنۈپ كەتتىم،  قارا ئۇندا ئاق ئۇنداق قىلغان تاماقلارنىڭ ھەممىسىنىلا قىلىمەن، لەغمەن، مانتا، ھورنان دېگەنلەردىن تارتىپ. دۇكانلاردا قارا بولكا، ئارپا ئۇمىچى دېگەنلەر بەك كەڭرى. ئۆتكەندە گۈدۈكتىمۇ يازغانتىم، قارىسام ھازىر ئورۇقلايمەن دەيدىغانلارمۇ بەك جىقكەن، شۇڭا ساغلاملىق ئۇنى، دەپ نام قويۇپ قارا ئۇن، ئاندىن ئارپا ئۇمىچى دېگەنلەرنى چىرايلىق ئوراپ ساتسا ئاقىدىغان تىجارەت بولامدىكىن دەيمەن.ئورۇقلاشقىمۇ مۇشۇ نەرسە ھەممىدىن ياخشىكەن.

سوئال: قارا ئۇنداق تاماق قىلسا تەملىك بولامدىكەن؟

جاۋاب:


ياق، بەك تەملىك بولۇپ كەتمەيدىكەن. ئەگەر قورساقنىلا ئورۇقلاتماقچى بولسىڭىز بىر مەزگىل پەقەتلا ئۇن يېمىسە ئەڭ تېز ئورۇقلىغىلى بولىدىكەن. ئەگەر ۋاقتىڭىز يەتسە توردىن The wheat belly دەپ يېزىپ ئىزدەپ باقسىڭىز بۇ ھەقتىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى كۆرەلەيسىز. ھېچبىر ۋاق تامىقىغا ئۇنلۇق نەرسە يېمەي، ئەتىگەندىن كەچكىچە بادام، مۇقاتىل، گۈرۈش، مايسىز گۆش دېگەندەك نەرسىلەرنى يەپ ھەپتىسىگە 2-3 كىلولاپ ئورۇقلايدىكەن، ئەڭ ئاۋۋال قورسىقى كىچىكلەيدىكەن، بۇ ھەم ئوزۇقلۇق جەھەتتىن بەك تەڭپۇڭلاشقان، ساغلام ئورۇقلاش ئۇسۇلىكەن.

بەت: 1 2 3 4 5 [6] 7
: ئۇيغۇرچە تاماقلارنىڭ كالورىيەسى ۋە بەدىنىمىزنىڭ ئېھتىياجى