muhlis0998 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 15:47:51

جىنسىيەت تەسۋىرى ھەققىدە بەزى يازغۇچىلارغا تەنقىد

     بەزى يازغۇچىلار:« ئەدەبىيات تۇرمۇشنى، چىنلىقنى ئەكىس ئەتتۇردۇ، جىنسىيەت ئىنسانلار تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسىمى بولغانلىقى ئۇچۇن ئۇنى ئىپادىلەشكە ئەدەبىياتتىن ئورۇن بىرىشىمىز كىرەك». دىگەننى دەسمايە قىلىۋىلىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىڭىغا شەھۋەت، شەرمىى-ھاياسىزلىق، بۇزۇقچىلىقنىڭ ئۇرۇقىنى بىلىپ-بىلمەي تىرىپ قويۇشقا سەۋەپ بولىدۇ.

     جىنسىي ئاڭ ئىنسانلارنىڭ ئىڭىغا يارتىلىشىدىنلا پۇتۇۋىتىلىنگەن بولۇپ، ئەدەپ-ئەخلاپ، شەرمىي-ھايا، ھالاللىق يولى بىلەن جىنسىي ئىستەكلەر قاندۇرۇلسا، ئىنسانلارنىڭ ساغلام يول بىلەن كۆپىيىشىگە، ئەر-ئاياللار ئارسىدىكى يىقىنلىق، خۇشاللىق، مۇھەببەتنىڭ كۇچىيىشىگە، ئائىلە ۋە جەمىيەتنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۇرۇتكۇلۇك تەسىر كۆرسىتىدۇ.  ئەگەر جىنسىي ئىستەكلەر بۇزۇق خىياللارنىڭ تەسىر كۆرسىتىشى ۋە يىتەكلىشى ئارقىسىدا، شەرمىي ھاياسىزلىق پاتقىقىغا پىتىپ قالسا، شەھۋەت ئۇنى ھارامدىن ئاجىريالماس ھالەتكە چۇشۇرۇپ قويۇپ، جەمىيەتتە زىنا-زالالەت، بۇزۇقچىلىق، ئاشنىدارچىلىقنىڭ كۆپىيىپ كىتىشىگە سەۋەپ بولىدۇ.

      بۇ تىمىنى يىزىشتىكى مەقسەتكە كەلسەم: «جىنسىيەت ھەققىدىكى خىياللارنى قىلىش، ئۇ ھەقتىكى تەسۋىر-ئىپادىلەرنى كۆرۇش، ئاڭلاش، ئوقۇشنىڭ شەھۋەتنىڭ كۇچىيىشىگە سەۋەپ بولدىغانلىقى، شەھۋەت پەردىشەپ پەردىلىرىنى يىرتىپ تاشلاپ، ھارام بىلەن بىرلەشسە،  بۇ خىل سەزگۇ ھالىتىدە تۇرغان تۇيغۇلارنىڭ زىنا-زالالەتنىڭ مۇقەددىمىسى بۇلۇپ قالدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۇرۇشتىن ئىبارەت. ۋە بەزى يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىكى يالڭاچ تەسۋىرلەرنىڭ ئوقۇرمەنلەرنى ۋە ئۆزىنى تۇيۇق يولغا باشلايدىغانلىقىنى ھىس قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت.

     بەزى كىشىلەردىن شۇنداق سۆزلەرنى ئاڭلاپ قالىمەن: « پەردىشەپ يوق تەسۋىرلەر يىزىلغان ئەسەر ياخشى ئەسەر ئەمەس»، « ئاتا-ئانىمىز، بالا چاقىلىرىمىزنىڭ ئالدىدا ئۇنلۇك ئاۋازدا ئوقىساق بەزى يەرلرى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويدىغان ئەسەر ياخشى ئەسەر ئەمەس». « ئەدەبىي ئەسەرلەر ھاياسىز ئىشلارنى تەسۋىرلەيدىغان ئەمەس، ھاياسىزلىقنى تەنقىتلەيدىغان، ئۇنىغا قارشى تەربىيە ئىلىپ باردىغان بولىشى كىرەك». بۇ سۆزلەر ھەققىدە شۇنداق تەسۋىرلەرنى ئەسەرلىرىدە يىزىۋاتقان ئاشۇ يازغۇچىلار ئويلىنىپ بىقىشى كىرەك.

     شۇنداق تەسۋىرلەرنى ئەسەرلىرىدە يىزىۋاتقان بەزى يازغۇچىلار ئۆزىنى ئاقلاپ شۇنداق دىيىشى مۇمكىن: « بىزنىڭ يىزىۋاتقىنىمىز ئەخلاقسىزلىقنى، ھاياسىزلىقنى تەشۋىق قىلىش ئەمەس، ئوقۇرمەنلەرنى ئىبرەت ئالسۇن دەپ رىئاللىقتىكى  ئاشۇ ئازغان، چۇشكۇنلەشكەن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى، ئىچكى دۇنياسىنى، پىسخىكىسىنى، ئۇلارنىڭ نىمە سەۋەپتىن تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغانلىقىنى تەسۋىرلەپ، باشقىلارنىڭ شۇ يولدا مىڭىپ قالماسلىقى ئۇچۇن ئىبرەت-ساۋاق قىلىشتىن ئىبارەت».  ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئۇلارنىڭ بۇ داۋاسىغا چۇشلۇق، جىنسىيەت مەسىلىرىنى ئەدەبىي ئەسەردە قانداق ئىپادىلەش، تەربىيۋى ئەھمىيىتىنى ئاشۇرۇش توغۇرلۇق مۇۋەپپىقىيەت قازانغان ئەسەرلەر ئۇنچە كۆپ ئەمەس.

     ئەسەرلىرىدە جىنسىيەتنى ھاياسىزلارچە يالڭاچلاپ تەسۋىرلەپ بولۇپ، ئوقۇرمەنلىرىگە بۇلار سىلەرگە ئىبرەت بولسۇن، ساۋاق ئىلىڭلار، شەرمىي ھايالىق، ئەدەپ-ئەخلاقلىق بولۇڭلار دەپ ئەخلاقنى تەرغىپ قىلدىغان، جەمىيەتتە ئىتىقاد سۇسلاشتى، ئەخلاقسىزلىق ئەۋجىگە چىقتى، ھەقىقى مۇھەببەت ساداقەت كەملەپ كەتتى دەپ قاقشايدىغان يازغۇچىلارنىڭ ھالى بەكمۇ كۇلكىلىك. پىرسۇناژلىرىنىڭ چۇشكۇن، چىركىن تەرەپلىرىنى شۇنچە تەپسىيلى، ئىنچىكە، خۇددى كۆرۇپ تۇرۋاتقاندەك تەسۋىرلەپ، ئەسەرلىرىنى بۇنداق تەسۋىر بايانلار بىلەن لىق توشقۇزۇپ، ئاخىرىدا خۇلاسە سۇپىتىدە خاتىرسىگە ئۇزۇندە قىلىپ كۆچۇرۋالغان ئەخلاقى تەشەببۇسلارنى تومتاقلا ئوتتۇرغا قويۇپ، ئەخلاقى چۇشكۇنلۇكنىڭ زىيىنىنى يورۇتۇپ بەرگەن بۇ كاتتا ئەسىرىدىن پەخىرلىنىپ ئىلان قىلدىغان يازغۇچىلار ئۆزىنىڭ نەقەدەر نادانلىقىنى ھىس قىلمىغان بولسا كىرەك.

    جىنسىيەت ھالاللىق ۋە پىنھانلىق بىلەن ئىنسانلارغا بەخىت، خۇشاللىق كەلتۇردۇ، ئىنسانلار نەسلىنى كۆپەيتىدۇ. ھارامدىن جىنسىيەتنى قاندۇرماقچى بولغانلار  ۋە پىنھاندىكى جىنسىيەتنى كىشىلەرگە ئاشكارا قىلىغانلار گۇناھكارلاردۇر. ئەدەبىي ئەسەرلەردە جىنسىيەتنى يالڭاچ تەسۋىرلەشنىڭ  ئاممىۋى سورۇندا بۇزۇقچىلىق قىلىشتىن پەرقى يوق، ماھىيەتتىن ئىيىتقاندا، بۇزۇقچىلىقنى تەسۋىرلەش، بۇزۇقچىلىق قىلىشنىڭ بىر تۇرىدىن ئىبارەت.

    جىنسىيەتنى يالڭاچ تەسۋىرلىمەيمۇ ئەسەر يازغىلى، تۇرمۇشنى چىنلىقنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ بەرگىنى بولىدۇ، شەرمىي-ھايا، ئەخلاق، جىنسىيەت تەربىيسىنى ئىلىپ بارغىنى بولىدۇ. ئەدەبىي ئەسەرلەردە سۆيگۇ-مۇھەببەتكە سادىق، گۇزەل ئەخلاق پەزىلەتلىك، ئەقىدە-ئىتىقادلىق قەھرىمان پىرسۇناژلارنى مەيدانغا چىقارغىلى بولىدۇ. بۇنداق ئەسەرنى يىزىش، بۇنداق پىرسۇناژنى مەيدانغا چىقىرىش ئەڭ ئاۋال ئاشۇ قەلەم تەۋرەتكۇچى ئەدىپنىڭ ئەنە شۇنداق قەھرىمان بولۇپ يىتىشىپ چىقىشىنى تەلەپ قىلىدۇ!

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 03:02:05

جىنسىيەت ئىنساننىڭ زىھنى جەريانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يىتىلىشى،روھى ھالىتى ۋە پوزىتسىيىسى بىلەن ئىنتايىن زىچ  مۇناسىۋەتلىك.

پىسخىكا ئەدەبىياتى ئەخلاق،دىن ۋە ئىجدىمائىي تۈزۈمدىن مۇستەقىل ھالدا ئىنساننىڭ روھى ھالىتى ۋە ھەركىتىنى ئەدەبىي بايان بىلەن ئانالىز قىلىدۇ.
ئەگزەستانسىيالىزىم ئەدەبىياتىدا بولسا مەۋجۇتلۇق ھەققىدىكى چۈشەنچىلەرنىڭ رىئال ھاياتتا رىئال ئىنسانغا بولغان ئەكىس ئىتىشى ئىپادىلىنىدۇ.
ئەدەبىيات مەلۇم مەۋھۇم تۈزۈملەرنىڭ قۇلى ياكى سىياسىي ياردەمچىسى ئەمەس.ئەدەبىي ئەسەردە ئادەمنى ئانالىز قىلىش ئۈچۈن ئادەمدىكى ئەڭ موھىم نەرسە بولغان جىنسىيەتنى قىزىش كىرەك.
سىزنىڭ ئەدەبىي ئەسەردە جىنسى بايان بولماسلىقى كىرەك دىگەن ئەخلاقى چۈشەنچىڭىز ھۆكۈمەتنىڭ ئەدەبىيات سىياسەتكە چىقىلماسلىقى كىرەك دىگەن بويۇنتۇرىقىغا ئوخشاپ قالىدىكەن.

يازغۇچى ئىپادىلەش سەنئىتى،ئەدەبىي نىشانى ياكى يىزىش ئوبىكتى جەھەتتىن بولسۇن ھىچقانداق بويۇنتۇرۇقنىڭ ئاستىدا قالماسلىقى كىرەك.
ئەدەبىيات شەھۋانىيلىشىۋاتامدۇ ياكى شەھۋەت ئەدەبىيلىشىۋاتامدۇ دىگەندەك ئەنئەنىۋىي چەكلىگۈچى تەپەككۈرلىرىمىز بىلەن  ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ چىنلىقىغا،ئىستىتىكلىقىغا،ئەدەبىيلىكىگە ۋە يىڭىلىق يارتىشچانلىقىغا چىگرا بەلگىلىيەلمەيمىز.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 07:16:42

قەلىبكە نىمە تولسا، ئىغىزدىن شۇ تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ.

Tozimas يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 08:12:08

رىئالىزىمچى، شەيتانىزىمچى مىڭىسى تىز تەرەققى قىپ كەتكەن ئاۋۇ بالىنىڭ بىرىنچى بۇلۇپ قارشى پىكىر بايان قىلىشىنى پەرەز قىلغان ئىدىم…

qahqakqi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 08:15:41

umun99 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-8 03:02 static/image/common/back.gif
جىنسىيەت ئىنساننىڭ زىھنى جەريانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغ ...

ماۋۇ يەرد بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز ئۇيغۇرلارغا دەۋاتىدۇ ما گەپنى،ھەرگىز خەلقارالىق ئەدەبىيات مۇنبىرىدە ئەمەس،ئادەم ئۆزىنى بەك قالتىس چاغلاپ كەتكەندە،ئۆزىنىڭ ئەخلەت ئازگىلىدا ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالسا كىرەك.....

asalam يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 09:29:09

بۇ پىكىر توغرا بوپتۇ .
يازغۇچىلار ياكى مۇشۇ نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك ياكى يازغىسى كەپكەتكەنلە يولداشلىنىڭ بەزى يازغۇچىلىرىدەك بىز مەخسۇس شۇنى يازىتۇق دەپ ئۆزىگە ئات قويىشى كېرەك .

106 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 09:29:54

ئېشەكنىڭمۇ قولىدىن كېلىدىغان ئىشنى يازىۋەرگەنچە تۇغماس ئادەم كۆپىيىپ كېتىپ بارىدۇ.راست دەيمەن ھازىرلا بىرسىگە دورا سالماقچى بولىۋاتىمەن.

65505879 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 09:45:24

umun99 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-8 03:02 static/image/common/back.gif
جىنسىيەت ئىنساننىڭ زىھنى جەريانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغ ...

ئەخلەت .                                            ئايالىڭ ......   بىلەن ،،........          ......              ....  نى  راسا قاملاشتۇرۇپ  يېزىپ  كىتاب قىلىپ  سات.

65505879 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 09:52:06

umun99 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-8 03:02 static/image/common/back.gif
جىنسىيەت ئىنساننىڭ زىھنى جەريانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغ ...

ياكى  سەن خۇتۇنى يوق ھاڭگسىراپ كەتكەن نىمىمۇ يا .   مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ تەسىرىدىن  ئالدىنقى ھەپتە تەۋەيىمىزدىكى مەلۇم يېزىدا  60ياشلىق ئۆز ئانىسىغا باسقۇنچىلىق قىلىشتەك ھايۋاندىنمۇ بەتتەر كەبى نۇمۇسلۇق ئىشتىن بىرى يۈز بەردى . ئاڭلىشىمىزچە بۇ ھايۋاننىڭ ئايالى يامانلاپ كىتىپ ئۆيدە بولمىغان شۇنىڭ بىلەن بۇ ھايۋان ئۆز ئانىسىنى ....:@

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 09:53:06

مۇشۇ ئانا يۇرت روماندا مۇشۇنداق تەسۋېرلەر جىق:funk:
نۇرغۇن ئۆسمۈرلەرنىڭ شۇنداق يېرىنى دەپ ئوقىغىنىنى كۆرگەنمەن

gldingwash يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 10:07:22

  مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ تەسىرىدىن  ئالدىنقى ھەپتە تەۋەيىمىزدىكى مەلۇم يېزىدا  60ياشلىق ئۆز ئانىسىغا باسقۇنچىلىق قىلىشتەك ھايۋاندىنمۇ بەتتەر كەبى نۇمۇسلۇق ئىشتىن بىرى يۈز بەردى . ئاڭلىشىمىزچە بۇ ھايۋاننىڭ ئايالى يامانلاپ كىتىپ ئۆيدە بولمىغان شۇنىڭ بىلەن بۇ ھايۋان ئۆز ئانىسىنى ...
ئاۋۇ ھايۋان قايسى  كىتابنى ئوقۇپ شۇنداق قىلغاندۇ!؟ بۇنىڭغىمۇ كىتاب سەۋەبچىكەندە؟ مېڭىسى تاشىقىغا چۈشۈپ قالغانلار قىلىدىغان ئىش ئاۋۇ. ئەمدى بۇنىڭغىمۇ جىنسىيەت تەسۋىرلەنگەن كىتابلار سەۋەبچى دەپ قوياڭلار. كىتابنى ئاز ئوقۇغاننىڭ ياكى پۈتۈنلەي ئوقۇمىغاننىڭ ئىشى ئاۋۇ....

gldingwash يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 10:08:28

ئەمدى بىرەر باسقۇنچى چىقىپ سوتتا نېمىشقا شۇنداق قىلدىڭ دېسە، مەن پوكونى يازغۇچىنىڭ ماۋۇ ئەسىرىنى ئوقۇپ ئۆزەمنى تۇتۇۋالالماي شۇنداق قىپ ساپتىمەن دەپ جاۋاب بېرىدىغان جاھانمۇ كېلىدىغان چېغىۋا.

gayur1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 10:14:12

ئۇلارنى نادان دىگىلى بولمايدۇ، چاكىنا دىگەن سۆز كىچىكلىك قىلىدۇ. قەلبىدە يىرىڭ قايناپ تۇرغان قەلەمكەشتىن ھاشاردا توپا توشۇۋاتقان ئىشەك مەرىپەتلىگەرەك...

bagalip يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 10:27:55

شائىر ،ياكى يازغۇچى بولسۇن ،تىلىغا،دىلىغا يۈگەن سېلىشنى بىلىش كېرەك...قەدىمكى بابىلون مۇشۇ جىنسىيەتنى سەنئەت تۈسىگە كۆتۈرگەنلىكى  ئۈچۈن ھالاك بولغانمىش...ئىشتاننىڭ ئىچىدىكىنى تېشىغا ئېچىقىپ ئېتىقادنى پايخان قىلماقچى بولغان قەلەمكەشلەرنىڭ ئۇ دۇنيا،بۇدۇنيادىكى ھالىغا ۋاي ...

NIRWANA يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 10:58:32

ماڭا يېزىقچىلىقنىڭ دىندىكى ھۆكمىدىن تەلىم بەرگەن بولساڭلار ياكى شۇ توغرىلىق كىتاپلارنى تەۋسىيە قىلغان بولساڭلار،ئۇمۇننىڭ پىكرىنىمۇ ئويلىشىپ بېقىڭلار قارىسىغا ھاقارەتلىمەي،ئۇنىڭ دىگەنلىرىنىمۇ يالغان دىگىلى بولمايدۇ،جىنسىيەتنىڭ ئادەمنىڭ پىسىخىكىسى ۋە روھىي ھالىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى راس، بۇ ھەقتە مەنمۇ ئانچە-مۇنچە كىتاپ كۆرگەن ئازراق ئىزدىنىپ بېقىڭلار راستلا،لېكىن مەن جىنسىيەتنى تەسۋىرلەشنى تەرغىپ قىلىپ كەتمەيمەن،يۇقىرىدىكى تورداشنىڭ جىنسىيەتنى سەنئەتكە ئايلاندۇرۇپ ۋەيران بوپ كەتكەن دېگىنىنىڭمۇ ئاساسى بار،لېكىن ماڭا يەنىلا ئىسلام دىنىدىكى ھۆكمى لازىم،باشقىلىرىنىڭ كارى چاغلىق،راسلا قېرىنداشلا ئۇمۇننى قارىسىغا ھاقارەتلىمەڭلا ئۇنىڭ گېپىنىڭمۇ ئاساسى بار

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 11:33:17

چىركىن ئىدىيە، مەينەت روھ، بۇلغانغان ئەقىل ساھىبلىرى جىنسىيەتنى ئەدەبىياتنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى قىلىپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ جىنسىيەت ساراڭلىرى ئىكەنلىكىنى خەلق-ئالەم ئالدىدا سازايە قىلىدۇ.
بۇنداق يازىدىغانلار ۋە بۇنداق يېزىشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلار چوقۇمكى ياخشى ئەمەل، گۈزەل ئەخلاق، ئالىي غايىدىن مەھرۇم قالغان ئەڭ بىچارە ۋە خار ئىنسانلاردۇر. بىز بۇنداقلارغا ئىچ ئاغرىتىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ھالىدىن ئېچىنىمىز.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 11:42:55

gldingwash يوللىغان ۋاقتى  2015-2-8 10:08 static/image/common/back.gif
ئەمدى بىرەر باسقۇنچى چىقىپ سوتتا نېمىشقا شۇنداق قىلدى ...

ئاشنا ئوينىغانلار لاۋرېنىسنىڭ «چاتلىي خانىمنىڭ ئاشنىسى» دېگەن كىتابنى ئوقۇپ، شۇ يولغا مېڭىپتىمەن دەپ ئۆزىنى ئاقلايدىغان ۋاقىتلارمۇ كېلىدۇ.

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 14:06:07

NIRWANA يوللىغان ۋاقتى  2015-2-8 10:58 static/image/common/back.gif
ماڭا يېزىقچىلىقنىڭ دىندىكى ھۆكمىدىن تەلىم بەرگەن بولس ...

ئىسلام دىنىنىڭ ھۆكۈمى لازىم بولسا ،ئۆزىڭىز ئىزدىنىپ ، كىتاب كۆرۈپ چۈشۈنۈڭ . قۇرئان ۋە بىرەر سەھىھ ھەدىس بار كىتاب ئوقۇسىڭىزلا كۇپايە. ئاندىن جاۋابىنى ئالالايسىز ھەم قايىل بولىسىز.
بۇ جايدا ھۆكۈم ئۇدۇل ئېيتىلسا، قايىل بولمايسىز ، بىرمۇنچە «جىدەل-ماجرا»بولىدۇ.  قايىل قىلغۇدەك ئېيتاي دېسە ،بىرەر كىتابچىدەك بىر نېمە يېزىشقا توغرا كېلىدۇ.بۇنىڭ شارائىت تېخى يار بەرمەيدۇ.
ئۆزى ئىزدىنىش - ئەڭ گۈزەل ئۇسۇل ،ئەمما بۇنىڭغا ھەقنى ئىتراپ قىلغۇدەك يۈرەك ۋە ئىنساپ كېرەك ئەلۋەتتە.

yulghun1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 14:44:42

يەنىلا ئابدۇراخمان ئەزىزنىڭ ھېكايىلىرى بىلەن تۇرسۇن مەھمۇدنىڭ ياخشى.
جالالىدىن بەھرامنىڭ ئەسەرلىرىزە......

muhlis0998 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 15:05:00

ئۇمۇننىڭ ئىنكاسىنى « ئەدەبىي ئەسەرلەردە جىنسىيەتنى دىننىڭ، ئەخلاقنىڭ، ئىجتىمائىي تۇزۇمنىڭ بويۇنتۇرۇق چىگىرالىرىدىن چىقىپ تەسۋىرلەش، قىزىش كىرەك» دەپ يىغىنچاقلاشقا بولدىكەن.

   دىن ۋە جىنسىيەت ھەققىدە توختالساق: ياراتقۇچى ئىنسانغا نىمىنىڭ پايدىلىق نىمىنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ ھەر قايسى ئىشلاردا نىمىنى قىلىش نىمىنى قىلماسلىق ھەققىدە چەك چىگىرىنى بەلگىلەپ بەرگەن، جىنسىيەتمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، ئۇنى ھالاللىق ئىچىدە ئىلىپ بىرىش كىرەك.

   ئەخلاق ۋە جىنسىيەت ھەققىدە توختالساق: ئەخلاق دىمەك ئىنساننىڭ ئۆزىدە ياخشى ئادەت، قىلمىش، پەزىلەتلەرنى ئۆزلەشتۇرسى ۋە ئۇنى ئەمىلى ھەركىتى بىلەن ئىپادىلىشىدىن ئىبارەت. جىنسىيەتتىكى ھالاللىق ۋە پىنھانلىق ئەخلاقنىڭ جۇملىسىدىندۇر، ئەگەر جىنسىيەت ئەخلاقنىڭ ھالاللىق ۋە پىنھانلىق بويۇن تۇرقىدىن چىقىپ كەتسە ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەس، جىنسىيەتنى ھالالدىن قاندۇرمىسام نىمە بوپتۇ، ئۇنى يوشۇرۇپ پەردىلەپ نىمە قىلمەن دىگەن ئاڭ ئۇستۇنلۇكنى ئگەللىسە ھاللاللىق بويۇن تۇرقىنى چورۇپ تاشلاشنىڭ زىيىنى ھەققىدە توختالساق: باشقىلارنىڭ خوتۇن قىزلىرىغا قىلىقسىزلىق قىلدىغان،زىناخورلۇق ئاشنىدارچىلىق قىلدىغان، پوخۇرلۇق، باسقۇنچىلىق قىلدىغان ئەھۋاللار كىلىپ چىقىدۇ. پىنھان بولىشىغا قارشى چىقىشنىڭ زىيىنى ھەققىدە توختالساق: ئۆز جۆرىسىگە سادىق بولۇپ قالايمىقان باشقىلار بۇزۇقچىلىق قىلمىغان ھالەتتىمۇ ئۆز جورىسى بىلەن بۇلغان يىقىنچىلىقىنى باشقىلارغا تەسۋىرلەپ بىرىشنىڭ، ياكى باشقىلارنىڭ جۆرىسى بىلەن بولغان  بولغان يىقىنچىلىقىنى تەسۋىرلەپ بىرىشنىڭ ئەخلاقسىزلىق بولدىغانلىقىنى ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى چۇشۇنۇپ يىتەلەيدۇ. ئەخلاق جىنسىيەتنى پىنھان تۇتۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، شۇڭا ئەخلاقى ئۆلچەملەرگە ئەھمىيەت بىردىغان ھەر قانداق بىر ئائىلە ۋە جەمىيەت جىنسىيەتنى ئاشكارا سۆزلەپ پەردىشەپنى بۇزمايدۇ، ئەخلاقنىڭ ھۆرمىتىنى قوغدايدۇ.

    ئىجتىمائىي تۇزۇم ۋە جىنسىيەت ھەققىدە توختالساق:  ئىجتىمائىي تۇزۇم مەلۇم بىر جەمىيەتنىڭ خاتىرجەملىكى، ئىناقلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۇرۇش ئۇچۇن شۇ جەمىيەتنىڭ ئەزالىرىغا قويۇلغان تەلەپ ۋە چەكلىمىدىن شەكىللەنگەن بولۇپ، ئەقلاقتىن چىقىپ جىنايەت شەكىللەندۇرگەنلەرنى نازارەت قىلىش ۋە جازالاش رولىنى ئوينايدۇ.  ئەگەر جىنسىيەت ئىجتىمائىي تۇزۇمنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچۇرمىسا ئۇ چاغدا ئەخلاقنى كىرەك قىلمايدىغان بىر تۇركۇم ھايۋاندىن بەتەر شەھۋەت قۇللىرى بۇزۇقچىلىق قىلىپ جەمىيەتنى زىنا-زالالەت، گۇمراھلىق، جىنايەت پاتقىقىغا پاتۇرۇپ قويىدۇ.

   دىمەكچى بولغان گەپنىڭ خۇلاسىسىگە كەلسەك:  جىنسىيەتتە ھىچ قانداق چەكلىمىنىڭ بولماسلىقىنى تەلەپ قىلىش، ئۆزىنى ھايۋاندىن بەتەر ھالغا چۇشۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇنداقلاردىن ھايۋان ياخشىراق.   

بەت: [1] 2 3 4 5 6 7 8 9 10
: جىنسىيەت تەسۋىرى ھەققىدە بەزى يازغۇچىلارغا تەنقىد