شۇغىنىسى كۆز بىلەن خىيال بىلەن ...دىگەندەك ئىشلار تازا رىغبەتلەندۈرۈلمەيدىغۇ دەيمەن مەدىنىيىتىمىزدە ، بولمىسىغۇ سىناق ئەسەرلەرنى يېزىپ باقساڭلار قانداق بولاتتىكىن ؟
ئادەم بەدىنىدە يەتتە جۇپ تاشقىي ئەزابار.
بىرى كۆزدۇر،يەنە قۇلاق بىر جۇپ،بۇرۇننىڭ ئىككى تۇشىگى بار،ئىككى قول ئىككى پۇت، ئىككى ئەمچەك، يەنە ئىككى ئىغىز بولىدۇ. بىرى سۆزلەيدىغان،ئاش يەيدىغان ئىغىز.يەنە بىرى چىقىردىغان ئىغىز. بۇنىڭ ئىچىدە يەنى ئىغىزنىڭ ئىچىدە تىل ئىككى،بىرى تەم تىتىيدۇ،بىرى ھىسيات تىتىيدۇ.
تەم تىتيدىغان ئىغىز سۆزلىيەلەيدۇ،بىراق ھىسيات تىتىيدىغانغا ياراتقۇچى سۆزلەش ھوقۇقى بەرمىگەن.سۆزلىمىگەن بىلەن،ئەۋلات قالدۇرۇش قابىلىيتى بار
ئويغۇرلارنىڭ ئەدىبىياتىدا جىنسىيەت بار ، ياكى بارنەرسىنى ئىتىبار قىلمايۋاتىدۇ دىيىشلىرى مۇمكىن. كۇزىنى ئۇۋلىۋىتىپ قاراپ باقسۇن.ئويغۇر ئەدىبىياتىدا ھايۋانىي نەفىس جىنسىيەت مىڭدە بىرنى ئىگىلىمەيدۇ.بەلكى ئىنسانچە مۇھەببەت ئۇيغۇر ئەدىبىياتىنىڭ مۇيىغىچە ئەكىس ئىتىدۇ. بەلكى بۇنى پۇتۇن دۇنيانىڭ مۇھەببەت خەزىنىسى دىيىشكە بۇلىدۇ.مەسلەن ئاتائانىغا بولغان مۇھەببەت، ۋەتىنىگە بولغان مۇھەببەت، مىللىتىگە بولغان مۇھەببەت،كەسپىگە بولغان مۇھەببەت،پەرزەنتى جۇپتىغا بولغان مۇھەببەت، ھەتتاكى ئىلاھاغا بولغان مۇھەببەتكىچە ھەممىسى بار،بىرسى ئىنسان سىياقىغا كىرىپ مۇھەببەت ئۇگۇنەي دەپ كەلسە،ئۇيغۇر ئەدىبىياتىنىڭ قىشىغا كىلىپ پىر ئۇستاز تۇتسا بۇلىدۇ.
مۇھەببەت بىلەن جىنسىيەتنى ئارلاشتۇرۇپ قۇيۇشۇپلا.
ئەركىن جىنسىيەت غەرىپ نىسارالارنىڭ بىرخىل كىسىلى،دىمىسىمۇ ساقايماس كىسەل پەيدا قىلىدۇ ئۇ.
izchilar يوللىغان ۋاقتى 2015-2-8 07:16 static/image/common/back.gif
قەلىبكە نىمە تولسا، ئىغىزدىن شۇ تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ.
تىل قەلبنىڭ ئەلچىسى- دېگەن شۇغۇدەيمەن.
678123 يوللىغان ۋاقتى 2015-2-10 14:40 static/image/common/back.gif
ئادەم بەدىنىدە يەتتە جۇپ تاشقىي ئەزابار.
بىرى كۆزدۇ ...
:handshake
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا aral تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-10 15:26
678123 يوللىغان ۋاقتى 2015-2-10 14:40 static/image/common/back.gif
ئادەم بەدىنىدە يەتتە جۇپ تاشقىي ئەزابار.
بىرى كۆزدۇ ...
ئېسىل ئىنكاس ، ئەمما ئەركىن جىنسىيەتنى نەسارالارنىڭ دىسىڭىز بەزى زادلارنىڭ كۆڭلىگە كېلىپ كەتمىسۇن .. ئەمىلىيەتتە نەسارا دىنى بىراقلا توي قىلماي يۈرۈڭلەر دەپ ئىنسان تەبىيىتى باسقاچقا مۇشۇ ئاشقۇنلۇقتىن چىققان ئىنقىلاپ ئۇ جىنسىيەت ئىنقىلاۋى دىگەن . ھازىر جىنسىيەت ئىنقىلاۋى يات جىنىسلىقلار ئۆزارا ئىنقىلاپ قىلىشقا خوشياقماي ھەمجىنىسلىققا تەرەققىي قىلىش ئېغىردەك ( بۇ پۈتۈن غەرپ خەلقىدىگەنلىك ئەمەس ، جىنىسنى ئازات قىلىش تەرەپدارلىرىۋە قارغۇلارچە ئەگەشكۈچىلىرىدە ) . نىمە ئۈچۈن مۇسۇلمانلاردا ، مەسىلەن ئۇيغۇرلاردا جىنسىيەت ئىنقىلاۋى يۈز بەرمەيدۇ ؟ ئەخلاق ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە يوقالغان دىيىلىدىغان مەدىنىيەت ئىنقىلاۋى دەۋرىدە شۇ دەۋردىكىلەر ھارۋا - ھارۋا قۇرئانى كەرىمنى ئەپچىقىپ كۆيدىرىۋەتكەنيۇ ... جىنسىيەت جەھەتتە بەك ئېشىپ كېتىشلەر بولمىغان ، بۇ ئەخلاق قانغا سىڭىپ كەتكەن .
بۇ خۇددى بىر ئىچەرمەن ئۇيغۇر كىشىنىڭ ئالدىغا بىر تەخسە چوشقا گۆشى كەلتۈرۈلسە كۆرىلىدىغان ئىنكاسقا ئوخشاش قانغا سىڭىپ كەتكەن .
ئەجەپ جىلە قىلدى بۇ كۆزنەك، ئىنكاسىڭىز تەستىقلىنىۋاتىدۇ، دەپ خەت چىقىۋېلىپ بارىدۇ.
تالاش-تارتىشقا ئەرزىمەيدىغان تېما. دۇنياۋىي نادىر رومانلارنىڭ تەخمىنەن يۈزدە سەكسەن-توقسەن پېرسەنتىدە نېرىراق ئاپىرىپ ئوقۇيدىغان بەتلەر بولىدۇ. ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى يازغان ياخشى رومانلاردىمۇ بۇنداق ئەھۋال بار. ئىشقىلىپ، مەن يېزىپ قالسام جىنسىي تەسۋىرلەرنى بەك ئىنچىكە تەسۋىرلەپ كەتمەيمەن. كىچىك دۇمانىڭ «茶花女» دېگەن رومانىنى ئوقىغاندىن كېيىن قەلبىم شۇنداق لەرزىگە كېلىپ كېتىپتىكەن. شۇندىن كېيىن مۇھەببەت تەسۋىرىنى يېزىشقا توغرا كەلسە دۇماچە بىر تەرەپ قىلسام ئەڭ ياخشى بولىدىكەن، دەپ ئويلىغان ئىدىم. مەزكۇر روماندا پارىژدىكى بىر ئىنتايىن گۈزەل پاھىشە بىلەن بىر ئادۋۇكات يىگىتنىڭ تەسىرلىك مۇھەببىتى سۆزلىنىدۇ. شۇنداقلىقىغا قارىماي بىر يەردىمۇ جىنسىي تەسۋىر ئۇچرىمايدۇ. ماڭا ئاشۇ كىتاپ ھازىرغىچە تەسىر قىلىقلىق.
لېكىن بۇ دېگىنىم ھەممە ئادەمگە تاڭغان ئۆلچىمىم ئەمەس، ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ زوق ئېلىش، يېزىش ئۆلچىمى بولىدۇ.
مەن جىنسىي تەسۋىرلەر قويۇق تەسۋىرلەنگەن نۇرغۇن ئېسىل رومانلارنى ئوقۇپ باققان، لېكىن ئۇنىڭلىق بىلەن بىرەر قېتىممۇ ھېسسىياتىم تۇتۇپ كەتتى-دەپ، ئاقىلىققا چىقىپ كەتمىگەن.
ھېسسىيات دېگەن ئەدەبىي ئەسەر ئوقىمىسىمۇ قوزغالغۇسى كەلسە قوزغىلىۋېرىدىغان نەرسە. ئەدەبىي ئەسەر ئوقىماي تۇرۇپ ھېسسىياتىڭلار قوزغىلىپ كەتسە ھېسسىياتىمنى قوزغىۋەتتىڭ، دەپ خۇداغا دۆڭگەپ قويمايدىغانسىلەر؟
:lol
خۇداغا دۆڭگەپ قويمايدىغانسىلەر؟
---------------------------
شەيتانى ھەۋەستىن كۆرىمىز ، يەنى ئازدۇرغۇچى شەيتان . ئۇيانى غەرپ پەلسەپەسى ، بۇيانى دۇنيا كىلاسسىكلىرىنى ئۈگەنگەن ۋاقتىمىزدا مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقىدىسىنمۇ ئازراق خەۋەردار بولاپ قويايلى زىيان قىلمايدا ...
enwerjula يوللىغان ۋاقتى 2015-2-10 16:03 static/image/common/back.gif
تالاش-تارتىشقا ئەرزىمەيدىغان تېما. دۇنياۋىي نادىر ر ...
« مەن جىنسىي تەسۋىرلەر قويۇق تەسۋىرلەنگەن نۇرغۇن ئېسىل رومانلارنى ئوقۇپ باققان، لېكىن ئۇنىڭلىق بىلەن بىرەر قېتىممۇ ھېسسىياتىم تۇتۇپ كەتتى-دەپ، ئاقىلىققا چىقىپ كەتمىگەن. «
مۇشۇ كۆپچىلىك بار يەردە ھەر خىل پاراڭ چىقىپ تۇرىدۇ. جۇلا ئەپەندىمنىڭ ئىنكاسىدىكى بۇ قۇرلارنى ئوقۇپ، پىخلداپ كۈلۈپ كەتتىم. يۈز-تۇرانە بولغان بولساق،ھە. چاقچاق دېگەننى ياغدۇراتتىۇقكەنمىز. خەەەەپ.:D :D بۇ ئۈزۈندىنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى ئۆرۈپ قارىسام، كىشىلەر ئوبېكتىپ شەيئىگە ئۆزىنىڭ كۆز ئەينىكىنى تاقاپ تۇرۇپ قارايدىكەن-دېگەن، گەپ چىقىۋاتىدۇ. .....نېمىلا بولمىسۇن پاراڭ بەك قىزىق....
ئۆزىچە تۇرغان ھالىتىڭىزدە قوزغىلىپ كەتسىمۇ شەيتانى ھەۋەس بولامدۇ؟
100 يىل ئىلگىرى ياۋروپالىقلار ئاستى ئوشۇغىغىچە ، ئۈستى گېلى بىلەن جەينىگىگىچە كېلىدىغان ئىچ كىيىملەرنى كىيىپ سۇ بويىدا رەسىمگە چۈشكەن ئاياللارنى « سېرىق رەسىم » سانايدىكەنمىش ، كېيىن بۇنىڭ دەرىجىسى توختىماي ئۆسۈپ ھازىر نىمە دەيتتۇق 麻木 دىگەننى « سەزمەيدىغان بولۇپ قالماق » دەپ تەرجىمە قىپتۇ تور لۇغىتىدە ... :lol
نەئۇزۇبىللاھ .
پاكىزە تاھارەت ئېلىپ، پاكىزە ئىمان بىلەن قۇرئان ئوقىۋاتقان ۋاقتىڭىزدىچۇ؟
ئالدىراپ ھەممىنى شەيتانغا دۆڭگەپ قويمىغۇلۇق.
«مەن كەلدىم كېچە بىلەن
ئېرىقنىڭ ئىچى بىلەن
يىگىت قولى باغلاندى
چوكاننىڭ چېچى بىلەن»دىگەن قوشاقنىمۇ قايسى بىر يىللىرى جىنسىيەتكە باغلاپ تەھلىل قىلىنغانغۇ ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتىدە،قىززىق پاراڭلار بۇلىۋېتىپتۇ:lol{:90:}{:90:
جۇلانىڭ ئىنكاسلىرى يۇمۇركەن ماۋۇ تېمىدا{:90:}{:90:}
پاكىزە تاھارەت ئېلىپ، پاكىزە ئىمان بىلەن قۇرئان ئوقىۋاتقان ۋاقتىڭىزدىچۇ؟
----
سىز پاكىزە تاھارەت ئېلىپ، پاكىزە ئىمان بىلەن قۇرئان ئوقۇغان ئادەم، بۇ چاغدا كىشىنىڭ قەلبى ئاللاھ بىلەنلا باغلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس، شۇڭا، مەنچە بۇنداق سورىشىڭىز لايىق ئەمەس. مۇقەددەس ئىشلارنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن.
ئالدىراپ ھەممىنى شەيتانغا دۆڭگەپ قويمىغۇلۇق.
-----
بۇ گېپىڭىزگە ھەممىمىز قوشۇلىمىز.
شەيتان ئىككى خىل بولىدۇ: «جىندىن بولغان شەيتان ۋە ئادىمىي شەيتان» دەپ. پەردە ئىچىدىكىنى پەردە سىرتىغا ئېچىقىپ تەسۋىرلەش ئادىمىي شەيتانلىق جۈملىسىدىن بولىدۇ. شەيتان ھەققىدە سۆز بولغان ئىكەن، پىكىرىمنى قىستۇرۇپ قويدۇم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gldingwash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-10 17:52
177-قەۋەتكە:
مەسىلەن مەن قۇرئان ئوقۇۋېتىپ، جىما توغرىسىدىكى ئايەتلەرنى كۆرۈپ، ئۇشتۇمتۇت، تەبىئىيلا جىنسىي ھەۋىسىم قوزغىلىپ كەتسە، بۇنى نېمە دەيمىز؟ بۇنىڭغا باغلاپلا قۇرئاننىمۇ شەھۋنىيغا چىقارماسمىز ھەرقانچە بولسا!؟
قۇرئان ئوقىساڭلار، ئىشەنچلىك ھەدىسلەرنى، تەپسىرلەرنى، ئىلىم-پەنگە ئائىت بىلىملەرنى، شەرق ۋە ئېتىقادقا بەك مۇخالىپ كەلمەيدىغان غەرپ پەلسەپىلىرىنى ئوقىساڭلارمۇ بولىدىغۇ...
مەن بۇرۇن پوۋېست-رومان ئوقۇش بەك ھوزۇرلۇق ئىش دەپ قارايتتىم. ھازىر پەلسەپە ۋە پەلسەپەگە غولراق مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى ئۆگىنىۋاتقاندا ئەدەبىي ئەسەر ئوقىغاندىن نەچچە ھەسسە ھوزۇرلۇق ھېس قىلىدىغىنىمنى بايقىدىم. ھېسسىياتىڭلارنى زەخملەندۈرىۋالماي دېسەڭلار ئەدەبىي ئەسەرگە ئېسىلىۋالماي ئەقلىي، لوگىكىلىق جۈملىلەر بىلەن قۇرۇلغان كىتاپلار بىلەن ھەپىلىشەڭلار.
ماۋۇ ئەدەبىيات ئەقلىي ۋە لوگىكىدىن كۆرە بەكرەك ھېسسىيات سۆزلەيدىغان، ئاۋۇندۇرىدىغان، قېلىپقا چۈشمەيدىغان بىر نەرسە. پاكىزە ئەقىدىلىك كىشىلەر ئەدەبىياتنىڭ ھەممىسىنى ئوقىمىساڭلارمۇ بولىدۇ ھەم ئارىلىشىشىڭلارنىڭمۇ زۆرۈرىيىتى يوق.
بۇ مۇشۇنداق بىر مەۋجۇتلۇق ئىكەن، قانداق قىلىمىز ئەمدى.
نادىر ھېكايە- رومانلاردا ھېسسىياتتىن باشقا پەلسەپە ۋە ئارمىيىنى بېسىپ چۈشىدىغان ئەقلىي كۈچمۇ بولىدۇ. ناۋادا ئوقۇيمەن دەپ قالساڭلار ئاشۇنداق قۇرلارنى سىياھ بىلەن بويىۋېتىپ قالغان يەرلەرنى ئوقىساڭلارمۇ بولىدۇ.
ئىشقىلىپ، كۆڭلۈڭلار ياخشى بالىلەركەنسىلەر، ما مەۋجۇتلۇققا بەك ئېسىلىۋاڭلار...