tehram يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 20:48:27

خەتنى تەتۈر يازسا بەزى  كىشلەرگە ئاسان بولاتتى دە ، كىتاپنى تەتۈرسىگە تۇتۇپ ئوقۇپ كەتسە ... لېكىن تۇلۇق ئوتتۇردا ئوقىۋاتقان چاغدا بەزى باللا مەخسۇس شۇنداق يەرلىرىنى
ئىزدەپ سوراپ ئوقۇيتتى ،شۇ ياشتىكى بالىلارغا سەلبىي تەسىرى كۈچلۈك دەپ ئويلايمەن ئۆزەمچە

salambay يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 23:16:36

ئوخشاش بىر كىتاب «كۆك ئۆستەڭ» دەپ بېسىلسا، نەچچە يىل توپا بېسىپ كېتىپ، ئازراق كاللا ئىشلىتىپلا «ياتلىق بولالمىغان قىزلار» دەپ قايتا باسسا تاپقىلى بولمايدىغان بولاپ كەتتى دەپ ئاڭلىدىم كىتابخۇمار بالىلاردىن، لېكىن مەن كۆرمىدىم… ئەمما لېكىن ئەختەم ئۆمەرنىڭ «باياۋاننىڭ سىرى» دېگەننى سەللىمازا قىزىقىپ ئوقۇپتىكەنمە ياش ۋاقتىمدا:lol

tashadem يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 23:19:47

::lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol{:87:}:lol{:87:}:lol{:87:}:funk:{:87:}:lol{:87:}:lol

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 23:33:42

umun99 يوللىغان ۋاقتى  2015-02-08 03:02:05 static/image/common/back.gif
جىنسىيەت ئىنساننىڭ زىھنى جەريانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغ
ئىنتايىن ئورۇنلۇق گەپ بوپتۇ.  توغرا دەيسىز ئۇمۇن ئەپەندى :victory:

678123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 23:39:46

umun99 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-8 18:20 static/image/common/back.gif
ئەدەبىياتنىڭ ئەخلاقى بولامدۇ

ئەدىبىياتنىڭ ئەخلاقى بولمىسا، ساراڭمۇ ئۇخەقكە گەپ قىلىپ، ئەدىبىيات دىگەن ئەسلى مەۋقەدىن پەزىلەت ئەدەپ ئەخلاق ئادىمىيلىك تەشۋىق قىلدىغان نەرسە تۇرسا. ماتىماتىكىدا ئەخلاق يوق دىسىڭىز كاشكى.

yulghun1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 10:45:15

burkut327 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-8 17:31 static/image/common/back.gif
مەنچە ئىلكىتاپلىرى يوقمىكىن .  ھىكايە توپلاملىرىدىن  ...

رومانىغا قارىغاندا ھېكايىسى ياخشى چىقىپتۇ.

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 10:54:48

umun99 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-8 18:20 static/image/common/back.gif
ئەدەبىياتنىڭ ئەخلاقى بولامدۇ

21-قەۋەتتىكى TEWBE دېگەن توردىشىمىزنىڭ ئىنكاسىنىڭ ئىككىنچى ئابزاسىغا جاۋاب بەرسىڭىز . يەنە 45-قەۋەتتىكى تورداشنىڭ ئىنكاسىمۇ بار.

2380534 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 11:06:10

salambay يوللىغان ۋاقتى  2015-2-8 18:37 static/image/common/back.gif
ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭكىدىمۇ جىق ئۇچرايدىكەن…

ئۆزىنىڭ پۇشايمىنى بارمىش…

gldingwash يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 11:27:33

بەزىلەر ئەگەر ئادەمنى يارىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ قالسا، كۆپىيىش ئەزاسىنى ئېلىۋېتىپلا سىيداملا بىرنېمە قىلىپ ياسىغۇسى بار ئىنساننى. مىڭ ئەپسۇس... بۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش...

qahqakqi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 11:38:51

bireylen يوللىغان ۋاقتى  2015-2-9 10:54 static/image/common/back.gif
21-قەۋەتتىكى TEWBE دېگەن توردىشىمىزنىڭ ئىنكاسىنىڭ ئىككى ...

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم قېرىندىشىم،ئۇ بۇ سۇئاللارغا جاۋاپ بەرمەيدۇ،ئىنكاسلىرىغا قارىسىڭىزمۇ ھەممە  مۇنبەردىكى ئىنكاسلىرى ئوپمۇ-ئوخشاش،بىر مۇنبەردىكى ئىنكاسىنى يەنە بىر مۇنبەرگە ئىزا تاتماي كۆچۈرۈپلا ئەكىلىۋاتقان.....ھېلىمۇ بۇ  يولداشنى ھۆرمەتلەپ كىلىۋاتىمىز.............مۇشۇنداق ئىلمى مۇنازىرە قىلىۋاتقىنىمىزنىڭ ئۆزىمۇ ئۇنى بېشىمىزدا كۆتەرگەن بىلەن ئوخشاش.............لىكىن ئۇمۇن99 يولداش ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرمىتىنى قىلماي ئۆزىنىڭكىنى يورغىلىتىپ كىلىۋاتىدۇ.....ئەڭ ئاددىيسى ئۇيغۇر ئۈچۈن ،ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ كەتكەن ئادەم ئەڭ ئاۋال ئۇيغۇرنى،ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى چىن يۈرەكتىن سۈيىشى،ئۇلارنى ھۆرمەتلىشى....پەقەت بولمىسا ئېۋۇ باش سۈرىتىنى ئۇيغۇرلارنى ھۆرمەت قىلىش يۈزىسىدىن بولسىمۇ بى ئادەمدەك بىر نەرسىگە ئۆزگەرتىپ كىلىپ ئاندىن داغدۇغىلىق سەپ-سەتىلىرىنى ئۇيغۇرغا دىسە بۇلاتتى...لىكىن بىز لەر شۇنچە ئىلمى بۇلاۋاتساقمۇ پەقەت سەمىمىيتىنى ئىسپاتلاپ باقمىدى.......مۇشۇنىڭ ئۆزىدىنلا بۇ يولداشنىڭمۇ بۇ جاھىللىقى نەچچە يىل ئىلگىرىكى پۇلنى دەپ خىرىستىيانلار ئۈچۈن ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر بالىلارنىڭ بىر مەزگىل مۇنبەرلەردە خىرىستىيان ئەقىدىسىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلغانغا ئوخشايدۇ.........شۇڭا باسىن تەخسىدە كۆتىرىۋاتقانلارنىڭمۇ شۇلاردىن ئەمەسلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ.....بىرنەچچەيلەننىڭ ئاچچىقى كىلىشى ئېنىق،شۇنداق بولسىمۇ ھەقنى دەۋەردىم..تىكەتكەنلەر بوپ قالسا ئەپۇ قىلارسىلەر......

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 11:49:18

مۇنبەرگە خېلى كۆپ ئادەمنىڭ ئىش پۇشۇقى ئۈچۈن كىرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمەن.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 19:55:08

ئەدەبىياتنىڭ رولى دەۋر ئېقىمىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، خەلقنى تەربىيىلەپ، جەمئىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتۇر. ئەگەر ئەدەبىيات لېنىن ئېيتقاندەك «توقلۇقتىن شوخلۇق چىقىرىدىغان كۆڭۈل ئېچىش قورالى»غا ئايلىنىپ قالسا ئەدەبىيات ئۆزىنىڭ قىممىتىنى يوقىتىدۇ.
لى بىڭ دېگەن خەنسۇنىڭ ماقالىسىدىن ئېلىندى.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 20:06:14

تۆت كىشىلىك گورۇھ تارتىپ چىقىرىلغاندا كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا بولغان غەزەپ نەپرىتى كېڭىيىپ جىنسىي تەرەپلەرگىچە بارغانىدى. جاڭ چىڭنىڭ ئىككى جىنسىي ئەزاسى بار ئىكەن، بىرسى راست يەنە بىرى رېزىنكە ئىكەن. ماۋ جۇشى دادىمىز بىلەن بىللە بولغاندا يالغىنىنى ئىشلىتىپ، ۋاڭ خۇڭۋېن بىلەن بىللە بولغاندا راستىنى ئىشلىتىدىكەن. بۇ چوڭ كىشىلەر ئەمەس ئۆسمۈر بالىلار ئارىسىدا ئەينى چاغدا تارقىلىپ يۈرگەن گەپ. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، دەل مۇشۇ سەۋەبتىن داھىنىڭ ئۆزىنىڭ بالىسى يوق، ھوقۇقنى ئامالسىز ياتلارغا مىراس قالدۇرۇپتۇ. بىز بىر توپ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، مەكتەپنىڭ ئارقىسىدىكى قۇم دۆۋىسىدە يېتىۋېلىپ، بۇ ھەقتە پاراڭلىشاتتۇق.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 20:07:21

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Mollamushuk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-9 20:18  

كىشىلەرنىڭ تەسەۋۇر كۈچى جىنسىيەتكە كەلگەندىلا ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى تاڭ قالدۇرغىدەك دەرىجىدە ئەركىنلىشىپ كېتىدۇ. باشقا ھەرقانداق بىر نەرسە ئىنساننىڭ تەسەۋۇرىنى بۇ قەدەر تىزگىنسىز ۋە پارتلاش كۈچىگە ئىگە قىلالىشى ناتايىن. تۇنجى جىنسىي بۇيۇملار دۇكىنى 1993- يىلى بېيجىڭدا ئېچىلغان. شۇندىن ئون يەتتە يىل بۇرۇن، ئاشۇ يەردىن بەش مىڭ بىر يۈز كلومېتىر يىراقلىقتىكى چەت بىر تاغلىق يېزىدا، سىرتقىي دۇنيا بىلەن تامامەن ئالاقە ئۈزۈلگەن بىر دەۋردە، كىشىلەرنىڭ ھەتتا كىچىك بالىلارنىڭ سۈنئىي جىنسىي ئەزانى قانداق تەسەۋۇر قىلغانلىقىغا ھازىرغىچە ھەيرانمەن. ئۇ دەۋردە چەتئەلگە چىقىپ كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس. بۇلارنى ئويلىساملا ئادەملەرنىڭ تەسەۋۇر كۈچىدىكى پارتلاشنىڭ ئالدى بىلەن جىنسىي خام خىيالدىن باشلىنىدىغانلىقىنى ھېس  قىلىمەن ۋە يەنە ئىنساننىڭ تەسەۋۇر كۈچىدىن قورقىدىغانلارنىڭ نىمىشقا تەسەۋۇردىكى ئەركىنلىكنى جىنسىي ئەركىنلىك بىلەن باغلاپ تەسەۋۇر قىلىدىغانلىقىنىمۇ چۈشەنگەندەك بولىمەن.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 20:08:57

كىشىلەرنىڭ تەسەۋۇر كۈچى جىنسىيەتكە كەلگەندىلا ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى تاڭ قالدۇرغىدەك دەرىجىدە ئەركىنلىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا مۇستەبىت ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھەممىسى كىشىلەرنىڭ جىنسىيىتىدىن قاتتىق قورقىدۇ.
بارلىق مۈستەبىتلەرنىڭ ئاغۋاتلىق سىياسىتى يۈرگۈزىشىدىكى تۈپكى سەۋەب شۇ بولسا كېرەك.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 20:17:19

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Mollamushuk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-9 20:48  

كوللېكتىپ ئوبسېېسىۋ كومپالسىۋ كېسىلى بار بىزدە.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 20:19:14

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Mollamushuk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-9 20:49  

بۇنى مەجبۇرىي ئوي ياكى قۇتۇلالماسلىق كېسىلى دېييىش مۇمكىن.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 20:26:10

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Mollamushuk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-9 20:57  

ھەممە يازغۇچى لېيفېڭنى مەدھىيىلەپ ئەسەر يازسىمۇ شۇنى شەھۋانىيغا چىقىرىش مۇمكىن.
مەسىلەن بىر ئايال لېي فېڭنى مەدھىيىلىسە، ئايال كىشى ئەر كىشىنى مەدھىيىلىگەنلىكى شەھۋەتكە بېرىلگەنلىكى دېيىشكە تىلىمىز چوقۇم بارىدۇ.
ئۇيغۇرلار شەھۋانىي ئەسەر يېزىپ باققان ئەمەس. بۇندىن كېيىن يېزىشىمۇ ناتايىن.
كومپارتىيە شەھۋانىيلىققا قارشى تۇرۇشقا چاقىرىق قىلغان. بۇ چاقىرىقنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن دۈشمەنلەرنى سايلاپ چىقمىساق بولمايدۇ. خۇددى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ۋاقتىدا ئىككى دادۈي بىر بىرى بىلەن كۈرەش قىلىدىغان سىنىپىي دۈشمەن تالاشقاندەك. پارتىيە شەھۋانىيلىقنى تازىلايلى دەۋاتسا، بىزدە يوق دەپ قاراپ تۇرساق، بۇ بۇيرۇقنى قانداق ئىجرا قىلىمىز؟
76- يىلى باشلانغۇچنىڭ دەرسلىكىدە : «كالتەكنى كۆرگەندە» دەيدىغان بىر تېكست بار ئىدى. بۇ تېكستتە پومىشىك باي دېھقانلارنىڭ كەمبەغەل دېھقانلارنى كالتەك بىلەن قانداق ئۇرۇپ سىنىپىي زۇۇلۇم قىلغانلىقى تەسۋىرلىنەتتى.
ئوقۇتقۇچى دەرسنى باشلاپ «كالتەكنى كۆرگەندە» دىيىشىگە بالىلار پىخىلداپ كۈلىشەتتۇق.
دىمەك بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئاشۇ ئەسەر شەھۋانىي ئىدى.
شۇڭا ھەرقانداق ئەسەرنى شەھۋانىي دېيىش ۋە كۈرەش قىلىش مۇمكىن.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 20:28:19

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Mollamushuk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-9 20:38  

ئىنسان مۇشۇ دۇنيادىكى ئىچى سېسىغانسىرى سىرتى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان بىردىن بىر مەخلۇق.
ھازىرقى دەۋردە شەھۋانىي ئەسەر يازغان ئادەم ساراڭ.
ھەرقانچە ئىنچىكە تەسۋىرلىسىمۇ يازغۇچى تەسۋىرلىگەن سۆز ھالىتىدىكى ئايال كىيىمىنى سېلىپ رەسىمىنى چىقىرىپ قويغان ئايالچىلىك ھىسيات قوزغىتالمايدۇ.
ئەدەبىيات دېسىلا شەھۋانىيلىق ئىزدەپ ھەقسىز ساقچىلىق قىلغانلارنىڭ ئۆزى ئىچى سېسىپ كەتكەن ئادەملەر. ئۇلار جىنسىيەتتىن باشقىنى ئويلىيالمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقىغا كۆڭۈل بۆلگىدەك كاللا ۋە يۈرەك يوق. ھە دېسىلا باشقىلارنىڭ جىنسىي جەھەتتە قانداقلىقىنى كۈزىتىش، ئۇلارنىڭ ئىشتاننىڭ ئىچىدىكىدىن باشقىنى ئويلىيالمايدىغان، جىنسىي ئەسەبىيلىك كېسىلىگە گىرىپتار بىمار ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى.
غەرپ دېسىمۇ ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا جىنسىيەت.
پىسخولوگىيە دېسىمۇ كۆز ئالدىدا ئىشتاننىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەر.
سىياسىي دېسىمۇ جىنسىيەت.
ئەدەبىيات دېسىمۇ جىنسىيەت.
كوللېكتىپ جىنسىي مەنىيا كېسىلى كىشىلەرنىڭ ئەقلىنى چولتىلىتىپ، ھەممىگە تۈگۈلىۋالىدىغان تاشپاقىلارغا ئايلاندۇرماقتا.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 20:30:45

Mollamushuk يوللىغان ۋاقتى  2015-2-9 22:07 static/image/common/back.gif
كىشىلەرنىڭ تەسەۋۇر كۈچى جىنسىيەتكە كەلگەندىلا ھەقىقە ...

قانداق  تەسەۋۋۇر قىلىپتىكەن.
ئاخىرىنى چىقىرىلى. قىنى!
بەت: 1 2 [3] 4 5 6 7 8 9 10 11 12
: جىنسىيەت تەسۋىرى ھەققىدە بەزى يازغۇچىلارغا تەنقىد