babur68 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 23:06:04

MSM يوللىغان ۋاقتى  2015-2-8 19:52 static/image/common/back.gif
ئا.ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» ۋە «ئويغانغان زىمىن» رومانى مۇشۇ ئى ...

بىر روماندا ئۇنچىلىك تەسۋىر ئۇچراپ قالىدۇ .  1000  بەتتىن ئارتۇق رومان ، 200 دىن ئارتۇق پىرسۇناژ بولغاندىكىن  مۇختەربايدەك ، غېنىدەك ،نۇرىدەك ئادەملەرنىڭ خاراكتېرى ،كەچۈرمىشى ، ئوغۇلبالىدارچىلىقىنى يورۇتۇشتىكى مۇھىم ۋاستە جىنسى باياننىڭ رولى بار  دەپ قارايمەن .

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 23:07:11

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-9 23:03 static/image/common/back.gif
خولىرا يىللىرىدىكى مۇھەببەتتە جىنسىيەت قۇرمۇ قۇر ئۇچى ...

گارسىيا ماركۇس ئۇيغۇرنىڭ بەزى يازغۇچىلىرىدەك جىنسىي تۇرمۇشنى باش تېما قىلىۋالمىغان بولغۇيتتى، شەھلا ئايلا؟

babur68 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 23:07:59

salambay يوللىغان ۋاقتى  2015-2-8 23:16 static/image/common/back.gif
ئوخشاش بىر كىتاب «كۆك ئۆستەڭ» دەپ بېسىلسا، نەچچە يىل ت ...

باياۋاننىڭ سىرى ئۇيغۇرتىلىنىڭ گۈزەللىكى بىلەن ئۇيغۇر جىنسى ئېڭىنىڭ ئەپچىل بىرلەشمىسى . ئۇنىڭدىكى جىنسىيەت بىرخىل سىمۋوللۇققا ئىگە .

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 23:08:21

xxxxxx يوللىغان ۋاقتى  2015-2-9 23:07 static/image/common/back.gif
گارسىيا ماركۇس ئۇيغۇرنىڭ بەزى يازغۇچىلىرىدەك جىنسىي  ...

ئۇيغۇرنىڭ قايسى يازغۇچىلىرى؟ ئېنىق بىر دەڭە ئىسمىنى!

Iamalive يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 23:09:15

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 23:09:56

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-9 23:03 static/image/common/back.gif
خولىرا يىللىرىدىكى مۇھەببەتتە جىنسىيەت قۇرمۇ قۇر ئۇچى ...

ماركۇس بىلەن بىر قاتاردا تىلغا ئالغان باشقا ئۈچ يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرىدە شەھۋانىي تەسۋىرلەر قانچىلىك دەرىجىدە بار؟

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 23:10:47

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-9 23:08 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇرنىڭ قايسى يازغۇچىلىرى؟ ئېنىق بىر دەڭە ئىسمىنى!

گارسىيا ماركۇس جىنسىي تۇرمۇشنى باش تېما قىلغانمۇ؟

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 23:13:38

xxxxxx يوللىغان ۋاقتى  2015-2-9 23:09 static/image/common/back.gif
ماركۇس بىلەن بىر قاتاردا تىلغا ئالغان باشقا ئۈچ يازغۇ ...

كاللا ئىشلىتىپ ئايرىۋاشلاش خوشاقمايدۇ، ئەسلى بۇنداق بىمەنلىككە ئارلاشماي دىگەن،  قاراپ تۇرۇپ يوق يەردىن قۇيۇن چىقارساڭلار باشقىچە بولۇپ قالدىكەنمەن. ئادەم بۇلۇقتۇرمىچىلىقتا نەپەسمۇ ئالالمايۋاتسا، يەنە قانداق قىلماقچىدۇ بەزىلەر...

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 23:14:20

xxxxxx يوللىغان ۋاقتى  2015-2-9 23:10 static/image/common/back.gif
گارسىيا ماركۇس جىنسىي تۇرمۇشنى باش تېما قىلغانمۇ؟

ئەمسە بىزدىكىلەر باش تىما قىلىۋاپتىمۇ؟

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 23:22:01

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Mollamushuk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-9 23:33  

مەسىلەن چۇڭ ياۋنىڭ ئەرسەرلىرىدە شەھۋانىي گەپ يوق. لېكىن ئەر ئايال ئوتتۇرىسىدىكى ئىشتىن باشقىسى يوق.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشىق مەشۇق قىسسىلىرىمۇ شۇ. يا ئىنسانلارنىڭ قانداق ياشاۋاتقانلىقى، يا رېئاللىق، يا قىسمەت تەقدىرى يوق. ھەتتا ئۇلارنىڭ كىيىم كېچەكلىرىنىڭ تەسۋىرىمۇ يوق. شۇڭا ئەينى چاغدىكى كىشىلەر ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئىگە بولالمايمىز. پەقەت ئەر ئاياللارنىڭ بىر بىرىگە كۆيۈشىلا بار. بۇ جەھەتتە خۇددى بىر ئەر بىلەن بىر ئايالنىڭ بىللە ياتقىنىنى كۆرسەتكەن، ۋەقەلىكىمۇ يوق، كارىۋاتتىن باشقا مۇھىتمۇ يوق، كۆرۈنۈشنىڭ يىراقلاپ يېقىنلىشىدىن باشقا ئۇسلۇبمۇ يوق سېرىق كىنولارغىلا ئوخشايدۇ.
گارسىيە ماركوز، مىلان كوندرا قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تېمىسى جىنسىيەت ئەمەس. ئېغىر تېمىلاردا يېزىلغان.
شۇڭا جىنسىي تەسۋىرلەر تېمىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ھەرگىزمۇ شەھۋانىي تۇيغۇ پەيدا قىلىش ئۈچۈن ئەمەس.

babur68 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 23:23:05

كوۋرۈك تورىدا ھەيدەر دەپ بىر فىلىم بار . كۆرۈپ بېېقىڭلار ، مېنىڭچە بىزنىڭ يازغۇچىلىرىمىز قابىلىيەتسىزلىك بىلەن تېمىسىزلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا قالدى . كاللىغا قاتتىق تەككۈدەك ئەسەر يازسا ، ئۆز بېشىنى يەيدۇ.
ئاددىنى يازسا يازغۇسى كەلمەيدۇ. ھەممە ئادەم پەرھات تۇرسۇننىڭ (قەسىدىسىدەك) نادىر ئەسەرلەرنى يازالمىغاندىكىن جىنسى گەپلەرنى قىستۇرۇپ يېزىش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىۋاتقاندۇ بەلكىم .:lol:lol

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 23:25:41

قىلغىلى ئىش تاپالمىغاندەك تەنقىدنىڭ تولىلىقى، زىرىكتىغۇ ئادەم.{:136:}

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 23:27:15

ئىككى ئېغىز مۇنداقلا سۆزنى ئۇچىراتسا ئالا تاغىل توۋلاپ چۈشىۋالغان.

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 23:28:11

يەنە بىر مەسىلە.

ئۇيغۇردىن باشقا مىللەتلەرنىڭ يازغۇچىلىرى ئەسەرلىرىدە شەھۋانىيلىقنى قانچىلىك تەسۋىرلىۋەتسە ئۇ ئۆزىنىڭ ئىشى، ۋابالى ئۆزىگە.
ئۇيغۇرنىڭ يازغۇچىلىرى دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى گېگانىتلاردىن ئۆگەنسە بولىدۇ، پايدىسى ئۆزىگە. ئەمما، مەشھۇر يازغۇچىلارمۇ شەھۋانىيلىقنى تەسۋىرلىگەن دەپ، ئۇلاردىن مېغىزنى ئەمەس، شاكالنى قوبۇل قىلىۋالسا مانا بۇنى ئاڭقاۋلىق دەيمىز. چۈنكى ئۇيغۇر روس ئەمەس، ئېنگىلىز ئەمەس، نېمىس ئەمەس، فرانسۇز ئەمەس، شۇنداقلا خەنسو ئەمەس.
يازغۇچىدا يۈكسەك پەزىلەت بولمىقى بەكمۇ مۇھىم. نورمال بىر ئىنسان بۇرۇلكىسىنىڭ سېرىتمىسىنىڭ خەق ئالدىدا ئېچىلىپ قېلىشىدىن ئۇيىلىپ كېتىدىغان يەردە، ئۆزىنى نورمال دەپ چاغلىغان بىر ئۇيغۇر يازغۇچى ئۆز قەۋمىدىكى قانداش ئايال ياكى ئەرلەرنىڭ ئاللىقانداق يەرلىرىنى ئوچۇق تەسۋىرلىسە ۋە شۇنىڭغىلا كۈچىسە، ئۇنىڭدا قانداقمۇ پەزىلەت بار دەيمىز؟

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 23:29:26

xxxxxx يوللىغان ۋاقتى  2015-2-9 23:28 static/image/common/back.gif
يەنە بىر مەسىلە.

ئۇيغۇردىن باشقا مىللەتلەرنىڭ يازغۇچى ...

ھە ئەمسە سىز بىر شۇنداق قىلىڭە! قەغەز قەلىمىڭىز باردۇ-ھە!!!

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 23:32:06

xxxxxx يوللىغان ۋاقتى  2015-2-9 23:28 static/image/common/back.gif
يەنە بىر مەسىلە.

ئۇيغۇردىن باشقا مىللەتلەرنىڭ يازغۇچى ...

ئۇيغۇرلار ئۇنداق قىلمىدى.

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 23:34:57

Mollamushuk يوللىغان ۋاقتى  2015-2-9 23:32 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇرلار ئۇنداق قىلمىدى.

مەڭگۈ قىلمىغاي

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 23:35:47

باشقۇرغۇچىلار،
ئىنكاسىم تەستىقلىنىپ قالسا، يېڭى ئىنكاس تەرىقىسىدە ئەڭ ئاخىرىغا چىقىرىپ قويغايسىلەر.
بولمىسا كۆرمەي ئۆتۈپ كېتىدۇ كىشىلەر، بولۇپمۇ دىئالوگلاشقانلار.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 23:37:18

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Mollamushuk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-9 23:39  

babur68 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-9 23:23 static/image/common/back.gif
كوۋرۈك تورىدا ھەيدەر دەپ بىر فىلىم بار . كۆرۈپ بېېقىڭلا ...

«قەسىدە»نى دەمسىز؟
ئۇمۇ شەھۋانىي تەسۋىر بىلەن تولغان.
تۇيماپسىز دە!:lol
قىلىچ بىلەن كەستى كاللامنى دېگەن گەپلەر شەھۋانىي ئەمەسمۇ!
ئۆلۈم ۋە قاتىللىقتىن شەھۋانىي ھوزۇر ئالىدىغانلار ئۈچۈن شۇ مىسرامۇ شەھۋانىي.

Iamalive يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 23:44:45

بەت: 1 2 3 4 5 [6] 7 8 9 10 11 12 13 14 15
: جىنسىيەت تەسۋىرى ھەققىدە بەزى يازغۇچىلارغا تەنقىد