udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 20:31:47

Mollamushuk يوللىغان ۋاقتى  2015-2-9 22:06 static/image/common/back.gif
تۆت كىشىلىك گورۇھ تارتىپ چىقىرىلغاندا كىشىلەرنىڭ ئۇلا ...

بۇ يۇمۇرنى تۇنجى ئاڭلىشىمكەن.

مەن مەدەنىيەت ئىنقىلابى كۆرۆپ باقمىغان.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 20:35:11

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Mollamushuk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-9 21:15  

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-9 20:31 static/image/common/back.gif
بۇ يۇمۇرنى تۇنجى ئاڭلىشىمكەن.

مەن مەدەنىيەت ئىنقىلا ...

مۇشۇ تېمىدا كۆرۈۋاتىسىز.
ئۇكام ئۇ يۇمۇر ئەمەس. راست بولغان ئىش.

qasim يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 20:35:41

مىڭبىر كىچە نى نىم دەيمىز؟

durak يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 20:59:24

  روسىيەدە ئۆكتەبىر ئىنقىلاۋى يۈكسەك جىنسىي ئەركىنلىك ئىچىدە ئۇلغايغان دەپ ئوقۇغان ئىدىم ، پارتىيەنىڭ يۇقۇرى قاتلىمى ئارىسىدا ھەممە نەرسە ئومۇمنىڭ دىگەندەك ... بۇلارنىڭ ئىچىدە كوللونتاي دىگەن ئايال ئىنقىلاپچى « پۇرولتارلارنىڭ جىنسى ھەۋىسىنى قاندۇرىشى بىر ئىستاكان چاي ئىچكەندەك ئاددى ئىش بولىشى كېرەك » دىگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان ، شۇ دەۋردە 17 ياشتىن 25 ياشقىچە قىزلار  ئومۇمنىڭ قىلىۋېتىلگەن ، كادىرلار بىلەتكە تايىنىپ ئۇلارغا خالىغانچە جىنسى مۇئامىلىدە بولۇش يولغا قويۇلۇپتىكەن . بۇ ئايال ئىنقىلاپچى خېلى داڭلىق ، ئىسمى Александра Михайловна Коллонтай ، ئوتتۇرىغا قويغان نەزىرىيەسى   杯水主义 دىگەن نام بىلەن مەشھۇر ...

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 21:01:17

ئېرىشەلمىگەن نەرسىلەرنى تىللاش نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟

678123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 21:17:17


ماۋۇ پەلسەپىدە،ماكان زامان ئىنسان قۇرئان دەيدىغان تۆت ئان بار.
‏بوتانىكا بىئولوگىيە جۇغراپىيە دىگەنلىرى ماكاننى چىقىش قىلىدۇ،ياكى ماكانغا تەۋەپەنلەر.
‏ماتىماتىكا گىئومىتىريەفىزىكا خىمىيە دىگەنلىرىدە سان سىپىر ئاساس قىلىدۇ،سائەت مۇ بەرى سان،سان دىمەك زامانغا قىياس.
‏ئەدىبىيات بۇ تىل سۆز،ئادەمدىكى سۆزنى ئاساس قىلىدۇ.ئىنسان دىگەن تادۇغا تەۋە.
‏زاماندا پەزىلەت ئەخلاق بولمايدۇ.ئۇنىڭدا سان ئاساس. ماكاندىمۇ شۇ ئەخلاق يوق،مەسلەن ھايۋانلاردىن پاشىنى مىسال قىلساق،يەنى بىزياشاۋاتقان مۇھىت ماكاندىكى پاشىنى تەخمىنلىسەك،ھايۋان بولغاچ ،تۇرىلەپ ئانىسى كەلسىمۇ جۇپلىشىدۇ.ئاچىسى كەلسىمۇ جۇپلىشىۋىرىدۇ.سىڭلىسى كەلسىمۇ جۇپلىشىدۇ،بالىسىكەلسىمۇ ئۇدۇل كەلگەن يەردە جۇپلىشىۋىرىدۇ. بىراق ئىنسان دىگەن تادۇدا ئەخلاق بار.ئۇدۇل كەلگەن يەردە جۇپلاشمايدۇ.ئەخلاقپەزىلىتى  بىلەن باشقا تادۇلاردىن پەرىقلىنىدۇ.
‏دىمەك،ئەدىبىياتمۇ ئىنسانى چىقىش قىلىدۇ،ئىنساندىكى ئەخلاق پەزىلەتنى چۆرىدەيدۇ،تەتقىق قىلىدۇ.
‏قۇرئان قىممەتنى ئەكىس ئەتتۇردۇ.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 21:24:15

678123 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-9 21:17 static/image/common/back.gif

ماۋۇ پەلسەپىدە،ماكان زامان ئىنسان قۇرئان دەيدىغان ت ...

چىقىش قىلىدۇ.
بۇ نىمە دېگەن كەلىمىدۇر ھەزرەتلىرى؟

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 21:26:57

ئالتە يۈز يەتمىش سەككىز مىڭ بىر يۈز يىگرىم ئۈچ نۇمۇرلۇق ئەزانىڭ ئىنكاسلىرىنى تەۋسىيە قىلىمەن.كۈلكىدىن ئۆزىڭىزنى تىزگىنلىيەلمەيسىز.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 21:29:56

ئىنكاسلىرىم بەت ئۆرۈلۈپ بولغاندا تەستىقلىنىۋاتىدۇ.
كىم كۆرىدۇ ئۇنى؟

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 21:32:20

Mollamushuk يوللىغان ۋاقتى  2015-2-9 21:29 static/image/common/back.gif
ئىنكاسلىرىم بەت ئۆرۈلۈپ بولغاندا تەستىقلىنىۋاتىدۇ.
كى ...

باشقۇرغۇچىلار ھەر ۋاقىت تورغا قاراپ بولالماسلىقى مۇمكىن، مەن قاراپ باقاي.

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 21:32:53

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   umun99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-9 21:34  

ئەدەبىيات شەھۋانىيلىشىۋاتىدۇ دەپ ئەنسىراۋاتقانلارنىڭ جىنسى ئەزاسى ۋە جىنسى ھەۋىسىنىڭ بىنورمال ئىكەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ تۇرساممۇ جىنسىيەتنى پەقەت ئانانىزىم ۋە جىنسى ئالاقە بىلەن باغلاپ چۈشىنىدىغان پىسخىكىدىكى كىشىلەرنى چۈشىنەلمەيمەن.جىنسىيەتتىكى سەنئەت ۋە ئەدەبىيلىك جەھەتتە توختالمىساممۇ جىنسىيەتنىڭ پىسخىكىدىكى رولى ۋە موھىملىقىنى تەكرار ئەسكەرتكىم كىلىۋاتىدۇ.

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 21:32:56

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   umun99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-9 21:37  

رىئال مەسىلىگە رىئال پوزىتسىيە تۇتۇش دىگەن تەشەببۇسنىڭ توغۇرلىقىنى جىنسىيەتكە بولغان روھانى چۈشەنچىلەردىن تىخىمۇ چوڭقۇرلاپ ھىس قىلغىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 21:33:00

مۇشۇ ئىزدىنىشتا بىر چۈشەنچە بېرىلسە، قانداق تېما تەستىقتا تۇرۇپ قالىدىغانلىقى ھەققىدە.
بىز شۇنىڭغا قاراپ يازساق ياكى يازماي ئىشىمىزنى قىلساق.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 21:33:10

salambay يوللىغان ۋاقتى  2015-2-8 23:16 static/image/common/back.gif
ئوخشاش بىر كىتاب «كۆك ئۆستەڭ» دەپ بېسىلسا، نەچچە يىل ت ...

ئەنۋەرھاجىكاممۇ بۇ گۇمپىنى جىق ئىشلىتىدۇ{:92:}

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 21:34:53

Mollamushuk يوللىغان ۋاقتى  2015-2-9 21:33 static/image/common/back.gif
مۇشۇ ئىزدىنىشتا بىر چۈشەنچە بېرىلسە، قانداق تېما تەست ...

مېنىڭچە، بۇ سىزگىلا بولغان ئىش ئەمەس، سەزگۈر سۆز بار دەپ قارالسا، ئاپتوماتىك ھەممە ئىنكاسلار تەستىقلاش رايونىغا چۈشۈپ كېتىدۇ. باشقۇرغۇچىلار كۆرگەن ۋاقتىدا ئوقۇپ تەستىقلايدۇ.  باشقۇرغۇچىلار سانى خېلى جىق بولسىمۇ، دائىم كومپىيوتېرنىڭ ئالدىدا بولۇپ بولالماسلىقى مۇمكىن.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 21:35:52

afiyfiy يوللىغان ۋاقتى  2015-2-9 21:34 static/image/common/back.gif
مېنىڭچە، بۇ سىزگىلا بولغان ئىش ئەمەس، سەزگۈر سۆز بار  ...

چۈشەندىم. رەھمەت ئۇكام.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 21:42:45

umun99 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-9 21:32 static/image/common/back.gif
ئەدەبىيات شەھۋانىيلىشىۋاتىدۇ دەپ ئەنسىراۋاتقانلارنى ...

شەھۋانىي ئەسەرلەر غەرب تەرەپتىمۇ ئەخلەت دەپ قارىلىدۇ.
مەسىلەن دۇنيادا ئەڭ كۆپ رومان يازغان باربارا كارتېرلەند دېگەن بىر ئايال ئۆتكەن.
ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە شەھۋانىي تەسۋىر يوق بولسىمۇ، لېكىن ئەر ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتتىن باشقا ھېچنەرسە يوق بولغاچقا ئۇمۇ ئەخلەت ھېسابلانغان.
تەيۋەنلىك چيۇڭياۋ دېگەن ئايالمۇ شۇنداق ئەسەر يېزىپ ئەڭ بازارلىق يازغۇچى بولغان. لېكىن ئۇنىڭمۇ ئەدەبىياتتا ھېچقانداق ئورنى يوق.
مېنىڭ بىلىشىمچە، ھازىر شەھۋانىي ئەسەر يېزىش غەرىپتىمۇ ئاساسەن يوقالدى. چۈنكى بازىرى يوق.
ئۇ دولقۇن ئۆتۈپ كېتىپ يېرىم ئەسىردىن كېيىن بىزنىڭ ياش لېنىنلارنىڭ قاخشاشلىرى كارامەت دە!

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 21:51:46

Mollamushuk يوللىغان ۋاقتى  2015-2-9 21:42 static/image/common/back.gif
شەھۋانىي ئەسەرلەر غەرب تەرەپتىمۇ ئەخلەت دەپ قارىلىدۇ ...

قىززىقارلىق تۇيۇلىۋاتىدۇ.
بەزىلەر ھەركەتلىك شەھۋانىي تەسۋىرلەر  يىيىلغان،ھەتتا جىنسى ئەركىنلىك تۈپەيلى شەھۋانىي سىنلارنىڭ بازىرى ئۆلىۋاتقان دەۋىردە ئەدەبىياتتىكى شەھۋانىي تەسۋىرلەرنى يوقۇتايلى دەپ بىلجىرلاشنىڭ تەربىيۋىي ئەھمىيىتىنى زور دەپ قارامدۇ؟! بىلمىدىم.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 21:57:56

umun99 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-9 21:51 static/image/common/back.gif
قىززىقارلىق تۇيۇلىۋاتىدۇ.
بەزىلەر ھەركەتلىك شەھۋانى ...

ھەي بىلجىرلاش دېگەندەك سۆزلەرنى ئىشلەتمەڭ.
ئۇلارنىڭ نىيىتى يامان ئەمەس مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە.
پەقەت يۇيۇلغان مېڭىدە داۋاملىق ئەكس سادا ياندۇرىۋاتقان بۇيرۇقلار ئۇلارنى مەجبۇرلىماقتا.
ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىشىمىز لازىم، چۈنكى ئۇلار بىمار.

Iamalive يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 22:11:58

بەت: 1 2 3 [4] 5 6 7 8 9 10 11 12 13
: جىنسىيەت تەسۋىرى ھەققىدە بەزى يازغۇچىلارغا تەنقىد