umun99 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 22:14:53

Mollamushuk يوللىغان ۋاقتى  2015-2-9 21:57 static/image/common/back.gif
ھەي بىلجىرلاش دېگەندەك سۆزلەرنى ئىشلەتمەڭ.
ئۇلارنىڭ  ...

ھەقىقەتەن ئىنسانىي ئەخلاققا مۇخالىپ ئىش قىلىپتىمەن.بىز ئادەتتە جىسمانىي مىيىپلارغىلا كۆڭۈل بۈلۈپ روھى مىيىپلارغا سەل قارايمىز.

Iamalive يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 22:18:07

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 22:21:02

Iamalive يوللىغان ۋاقتى  2015-2-9 22:18 static/image/common/back.gif
جىنسىيەتنى سۆزلىمەي ئەسەر ياز دېگەن سۆز مېڭىسى يۇيۇلغ ...

شۇنداق يولداش سىتالىن!

Iamalive يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 22:24:05

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 22:24:40

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Mollamushuk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-9 22:27  

سىياسىي ۋە ئىدىيىۋىي خاھىشچانلىق ئەدەبىياتنىڭ ئايرىلماس تۈپ خۇسىسىيەتلىرىنىڭ بىرى. بۈگۈنكى «ئەدەبىياتنىڭ سىياسىي ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى»نى قايتا تىلغا ئالماسلىقنى ئەدەبىيات بىلەن سىياسەت مۇناسىۋەتسىز دەپ چۈشۈنۈپ قېلىش بىر خىل خاتا قاراشتۇر.
- لى بىڭ

原载《人民日报》2014年11月20日第7版

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 22:26:12

جىنسىيەتتىن باشقا يەنە ئەدەبىياتتا سۆزلىمەيدىغان نەرسىلەرنىڭ تىزىملىكىنى چىقىرىپ قويغان بولساڭلار،خاتالىشىپ قىلىپ ئۇ دۇنياغا بارغاندا ماۋھەزرەتلىرىنىڭ چىرايىغا قارالماي قالماي....

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 22:28:51

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Mollamushuk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-9 22:31  

Iamalive يوللىغان ۋاقتى  2015-2-9 22:24 static/image/common/back.gif
سىز نىمۇ لېنىن، سىتالىن، ماۋزىدۇڭ بىلەن قالدىڭىز پىرى ...

ئەتراپىمىزدىكى ئادەملەردىن شۇلارنىڭ كۆلەڭگىسىدىن باشقا نەرسىنى كۆرەلمىگەنلىكىم ئۈچۈن.
ئۆزىنى مۇسۇلمان دەيدۇ، ئىسلامدىن ئەسەر يوق.
ئۆزىنى ئۇيغۇر دەيدۇ گېپى ئۇيغۇرچە سۆز بىلەن يېزىلغان خەنسۇچە گەپلەر.
ئۆزىنى ھازىرقى دەۋرنىڭ ئادىمى دەيدۇ، لېكىن مېڭىسى 19170 يىلىدا.
قارىسام مەن ئۇيغۇرلار بىلەن ئەمەس، لېنىن ستالىن ۋە ماۋجۇشى بىلەن پاراڭلىشىۋېتىپتىمەن.

Iamalive يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 22:32:52

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 22:33:59

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Mollamushuk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-9 22:36  

Iamalive يوللىغان ۋاقتى  2015-2-9 22:32 static/image/common/back.gif
ھە ئۇنداق بولسا داۋاملىق شۇنداق قىلىڭ. مېنى چېتىۋالماڭ ...

مەن پەرھات تۇرسۇن. مۇسۇلمان، ئۇيغۇر، ھازىر 2015-  يىلىدا تۇرۇپتىمەن.
مەندىن دەل مۇشۇ پەرھات تۇرسۇندىن باشقا ھېچكىم ئەمەس.
مېنى دورىماڭ. مېنى دوراپ ماڭا ئايلىنىپ قالمايسىز. ستالىن بولۇپ تۇرۇۋېرىڭ.

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 22:39:16

بەزى ئادەملەر ئەدەبىياتنى بەك ئۇلۇغلىۋەتسە، يەنە بەزىلەر ئەدەبىياتنى خىيالپەرەست جانباقتىلار توقۇپ يازغان يالغان-ياۋىداق گەپلەر دەپ جۆيلىشىدۇ. بۇ ئىككىلى يۈزلىنىش ئوخشاشلا بىمەنە.
بەزىلەر ئەدەبىياتقا ئەركىنلىك بېرىلىشى كېرەك، دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھەقىقىي يازغۇچى پەقەت روھىي ئەركىنلىك ئاستىدىلا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بۇ خىل ھالەتتىكى ئىجادىيەت ئارقىلىقلا ئەدەبىيات ئەركىنلىككە ئېرىشەلەيدۇ.
نام چىقىرىش، ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش، پۇل تېپىش، ھۆرمەت تېپىش ياكى ئۆسۈش ئۈچۈن ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان «ئەدەبىياتچى» لارنىڭ ئاۋال ئۆزى، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئەسىرى ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قالىدۇ.

ئەسىرىدە كاللىسىغا نېمە كەلسە شۇنى يېزىش، جىنسىي تەسۋىرلەرنى خالىغىنىچە ئىشلىتىش، ئىدىيىسىدىكى تەنقىد ئوبيېكتىنى خالىغانچە تەنقىدلەش ياكى ماختىغۇسى كەلگەن نەرسىنى خالىغانچە يېزىش قاتارلىقلارنى ئەدەبىياتتىكى ئەركىنلىك دەپ چۈشىنىش تولىمۇ ئەخمىقانە ئوي. بۇ خىل ئەخمىقانىلىكنى ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت مەۋقەسى قىلىۋالغان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ قەلىمىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى دۇنيا ئەدەبىياتىغا سېلىشتۇرغانداا تولۇقسىز ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بايان ماقالىرىچىلىك سەۋىيىدە.

تېما ئەدەبىياتتىكى جىنسىي تەسۋىر ئۈستىدە كېتىۋاتقانلىقتىن، پىكىرىمىزنىڭ توچكىسىمۇ ئەدەبىياتتىكى جىنسىي تەسۋىر ھەققىدە بولۇۋاتىدۇ. جىنسىي تەسۋىرنى خالىغانچە قەلەمگە ئېلىشنى ئەدەبىياتتىكى ئەركىنلىكنىڭ ئىپادىسى دەپ چۈشىنىۋالغان كىشىلەر چوقۇمكى پىكىرى يۈزە، روھى گاداي بايقۇشلاردۇر. يازغۇچىنىڭ روھى ئەركىن ھالەتتە بولمايدىكەن، ئۇنىڭ يازغان ئەسىردە ئەدەبىياتتىكى ئەركىنلىك روياپقا چىقمايدۇ. ناۋادا بىر يازغۇچى «جىنسىي تەسۋىرلەرنى ئەسىرىگە كىرگۈزسەم ئەسىرىمنىڭ بازىرى چىقىشىغا پايدىلىق» دېگەن نىيەتتە ئەسەر يازغان بولسا، بۇ بىر داشقال يازغۇچىدۇر. «جىنسىي تەسۋىرلەر ئەدەبىياتتىكى ئەركىن بولۇشنىڭ مەسھۇلى، جىنسىي تەسىۋىرلەرنى ئوچۇق ھالدا يازسام پىكىرىمنىڭ ئىسكەنجىگە چۈشۈپ قالمىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى» دەپ ئويلايدىغان يازغۇچى ھەقىقىي يازغۇچى ئەمەس. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەدەبىياتنى چۈپرەندىلەشتۈرگەنلىك، ئەبگالاشتۇرغانلىق.
دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى كلاسسىكلاردىن تولىستوي، كافكالارغا قاراپ باقايلى، ئۇلار ئەسەرلىرىدە جىنسىي تەسۋىرلەرنى زادى قانچىلىك ئىشلەتتى.
ۋىليام فۇلكنېر، ھېمىڭۋايلارچۇ؟ گارسىيا ماركۇس، تونىي موررىسونلارچۇ.....؟

ئىنسانىيەتنىڭ قايغۇ ھەسىرىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئەدەبىياتتىكى مەڭگۈلۈك تېمىلاردىن بىرى. جىنسىي تەسۋىرلەرنى ھۈنەر قىلىۋالغان يازغۇچىلار يا ئۇنداق يا مۇنداق چاكىنا ئارزۇلاردىن خالىي بولالمىغان مەجرۇھ يازغۇچىلاردىندۇر. شۇنىڭغا قارىغاندا، «ئوغرى ئوغرىنىڭ قاياشى» دەپ، مەجرۇھلار مەجرۇھلارنىڭ قاياشىدۇر.

يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا «بۆرە ئۆز ئىنىغا ئۈرسە قوتۇر بولۇر». ئۇيغۇرنىڭ ئېلىدە ياشاپ، ئۇيغۇرنىڭ قوينىدا ياشاپ، ئۇيغۇرنىڭ تۇزىنى يەپ ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيىتىگە خالىغانچە تاجاۋۇز قىلىش، پىكىر ئەركىنلىكى تونىغا ئورىنىۋېلىپ ئكز قوۋمى، ئاتا-بوۋىسى ئۇلۇغلاپ كەلگەن مەنىۋىي تۈۋرۈكلەرنى پاچاقلاپ تاشلاشقا ئورۇنۇش ۋە تارىختىن بېرى ئۆز خەلقى چوڭ بىلىپ كەلگەن قىممەت قاراشلىرىغا جىتتاق كۆزدە-يامان كۆزدە قاراش خۇمسىلىقتىن، تۇزكورلۇقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

ئەدەبىياتتا ئاتالمىش جىنسىي ئەركىنلىكنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار بۇ ەېپىنى جىنسىي ئەركىنلىككە ئوچۇق-ئاشكارا يول قويۇلغان غەربتە، ياكى يەڭ ئىچىدە يول قويۇلغان ئوتتۇرا تۈزلەڭكتە دېسە ئۇلارنىڭ گېپى شۇلار ئارىسىدا ئاقىدۇ.
ئەمما، ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت ياراتقان ئۇيغۇر خەلقى مەدەنىيىتىگە يات بولغان بۇنداق چاكىنا نەرسىلەرنى قوبۇل قىلمايدۇ ۋە بۇنداق پىكىر ساھىبلىرىنى نىجاسەتتىنمۇ پەس كۆرۈپ، ئۆمۈر كارىۋىنىنى داۋام ئېتىپ كېتىۋېرىدۇ.

Iamalive يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 22:40:27

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 22:48:25

ئەدەبىياتقا جىنسىي تەسۋىر ئىلىمى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىش ئەدەبىياتنىڭ يۈزىنى تۆكۈشتۇر. ئەدەبىياتتىكى ئەركىنلىكنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئەڭ ئاۋال يازغۇچىنىڭ روھىدىكى، ئېڭىدىكى ئەركىنلىك ئىشقا ئاشقاندىلا روياپقا چىقىدۇ. شەخسىي ئۆچمەنلىك، مىللەتچىلىك، سىياسەتۋازلىق، بەچچىۋازلىق، خوتۇنبازلىق، رەڭۋازلىق، شوئارۋازلىق... قاتارلىقلارنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەن يازغۇچى ياكى ئۇ خىل، ياكى بۇ خىل رەۋىشتە ئەدەبىياتنىڭ يۈزىگە قارا سۇۋايدۇ. بولاردىن خالىي ھالدىكى ۋىجدانلىق، سەمىمىي ۋە ئىنسانىي پەزىلەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىدە ھازىرلىغان سەنئەتكارلا روھىنى ئەركىنلىككە ئېلىپ چىقالىغان يازغۇچىدۇر. بۇنداق يازغۇچىلارلا ھەقىقىي يازغۇچىلاردۇر، ئۇلۇغ يازغۇچى دەپ ئاتىلىشقا مۇناسىپتۇر.

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 22:50:00

جىنسىي تەسۋىرلەرنى ئۆز ئىجادىيىتىنىڭ باش تېمىسى قىلىۋالغان، جۈملىدىن ئەسەر يېزىشتا شەخسىي مۇددىئاسىنى قەلىمىگە خوجايىن قىلىۋالغان ھەر قانداق يازغۇچى مەغلۇبىيەتچىدۇر.

Iamalive يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 22:52:42

0996 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 22:53:44

xxxxxx يوللىغان ۋاقتى  2015-02-09 22:39:16 static/image/common/back.gif
بەزى ئادەملەر ئەدەبىياتنى بەك ئۇلۇغلىۋەتسە، يەنە بەزى
تەپەككۇر قىلىدىغان ئادەم باشقىلارنىڭ تەپەككۇرىنىڭ تىرەنلىگىكە باھا بېرەلەيدۇ.
سىز ئەدبىي ئەسەر ئۇقىسىڭىز، ئۆز تەپەككۇرىڭىزدىن مەھرۇم قالىدىكەندىز…
تەپەككۇرىڭىزدە ئويغۇر ئەمەسكەنسىز، باشقىلار سەن ئويغۇر دىگەچكىلا ئويغۇر بۇلۇپ قاپسىز…

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 22:56:40

{:112:}{:112:}{:112:}

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 22:58:40

xxxxxx يوللىغان ۋاقتى  2015-2-9 22:48 static/image/common/back.gif
ئەدەبىياتقا جىنسىي تەسۋىر ئىلىمى سۈپىتىدە مۇئامىلە قى ...

بۇ گېپىڭىزنى قوللايمەن.
ئۇيغۇرلار ئىچىدە شۇئارۋازدىن باشقىسى يوق.
شۇڭا باشقىسى ھەققىدە قايناشنىڭ زادىلا ھاجىتى يوق.
«ياشاڭدىن باشقىغا ھېچبىر تىلى كەلمەس قاشاڭ شائىر»لار ھېلىمۇ ئەدەبىياتىمىزنى لىق قاپلىغان.
نىمىشقا ئەتراپىمىزدا نىجاسەتتەك پۇتلىشىپلا تۇرسا، ئۇلار بىلەن ھېچكىمنىڭ چاتىقى يوق، يوق نەرسىگە ئېسىلىۋالىمىز؟
شەھۋانىي ئەسەر ئەمەس، جىنسىي ئەزانىڭ ئىسمىنى يېزىپ قويىڭە، نەشر قىلالىسىڭىز قۇلىقىمنى كېسىپ بېرىمەن.
پەقەت زوردۇنكامنىڭ «ئانا يۇرت»ىدا بارمىش ئاڭلىسام. ئۇنى ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات بۆلۈمى تەستىقلاپ بېكىتكەن. شۇڭا تەھرىرلەر تېگەلمىگەن گەپ. بولمىسا شۇ دەقىقىدە قىسقارتىدۇ.
دېمەك شەھۋانىي ئەسەر مەۋجۇت بولۇش ئىمكانىيىتى يوق.
شۇڭا ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى توغرا شەرەپلىك پارتىيەگە قويۇپ بېرىپ، باشقا گەپ قىلىشساق بولمامدۇ تەقسىرلەر؟

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 23:00:49

بولدى، مەن چېكىندىم.
ئىنكاسلىرىم تەستىقلانماي بەك ئىچىمنى پىشۇرىۋەتتى.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 23:03:59

خولىرا يىللىرىدىكى مۇھەببەتتە جىنسىيەت قۇرمۇ قۇر ئۇچىرايدۇ، ئوچۇق ئاشكارا بايانلار يېتىپ ئاشقۇچە بار.
كىمكەن ماركوزنىڭ ئەسەرلىرىدە جىنسىيەت يوق دىگەن، يۈز يىل غىرىپلىقتىمۇ تازا بار.

ئاش ناننى ئۆزەڭلەردىن يەپ كىشنىڭ غېمىنى قىلىدىغان پىدائىلىقىڭلاردىن تەسىرلىنىپمۇ قالدىكەن ئادەم بەزىدە.

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 23:05:47

Iamalive يوللىغان ۋاقتى  2015-2-9 22:40 static/image/common/back.gif
ئېغىر بىتاب بولۇپ قالغان چىراي سىز. بىر گەپ قىلغىلى بول ...

دېمەكچى بولغىنىڭىزنى دېيەلمەي، ئىچىڭىزدىن تۈگىشىپ سارغىيىپ كېتىپىسز. گەپ بولسا تۈزۈت قىلماي دەۋىرىڭ. ئەركىن ئاممىۋىي سورۇن ماۋۇ.
بەت: 1 2 3 4 [5] 6 7 8 9 10 11 12 13 14
: جىنسىيەت تەسۋىرى ھەققىدە بەزى يازغۇچىلارغا تەنقىد