Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 01:04:58

Iamalive يوللىغان ۋاقتى2015-2-10 01:02 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇرلار دۆتما ؟قىززىقتە ما خەق...

ئەقلى ئېشىپ كېتىپ، يوق نەرسىنى بار دەۋاتقان گەپ.
دۆت بولسا ئۇنداق ئويلىيالامتى؟

jumahun يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 01:08:46

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jumahun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-10 01:20

ئۇيغۇرلار بەك « ئەققلىق» سەۋەبى شۇكى ئۇلار« ق» تاۋۇشىنى ئىپادىيەلەيدىغان دۇنيادىكى بىردىن بىر مىللەت.
ئۇلارجىنسى تۇرمۇشتىن خالى ھالدا كۆپۈيدىغان بىردىن بىر مىللەت.
ئۇلار ياشاش ئۇسۇلىدا، تۇرمۇشىدا، تىلىدا، جىنسى تۇرمۇشنى تەسىۋىرلەيدىغان سۆزى يوق، جىنسى ھاياجاننى ئىپادلەيدىغان ھېس تۇيغۇسى يوق، تىلى پاك، دىلى پاك
بىردىن بىر مىللەت
ئۇلار...
ئۇلار...


سىز ئۇيغۇرما؟
ئەمسە مەن ئەڭ « ئەققلىق؟» دەپ يۈرۈۋىرىڭ،
يول بولسۇن باشى جاناپلىرى

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 01:14:35

جىنسىيەت دىگەن كەلىمىنىڭ ئۆزىمۇ شەھۋانىي ئىدىيەنى تەشۋىق قىلغانغا كىرىدۇ.ئەرلەر پىچىۋىتىپ،ئاياللار قوغۇشۇن قۇيۋىتىپ يۈرسىلا مەملىكىتىمىزنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ۋە شەھۋانىي ئىدىيىگە بولغان كۈرىشى كاپالەتكە ئىگە بولاتتى.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 01:27:02

كىمدۇر بىراۋ بىر مىللەتنىڭ ئاتومدىنمۇ كۈچلۈك قورالى ئاياللارنىڭ بالا ياتقۇسى دەپتىكەن.
ئەمدى بالا ياتقۇ قۇرال بولغاندىكىن بىر كۈنلىرى تىرورلۇق قورالى بولۇپ قالمىسۇن دەپ ئەنسىرەۋاتقاندۇ.

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 01:33:18

بالا بىلەن بالاياتقۇ دىگەن ئىككى كەلىمە شەھۋانى جەريانلارنىڭ نەتىجىسىدۇر.....
قىزىل بايراق ئاستىدىكى ئاۋانگارتقا ئايلىنىش ئۈچۈن بالا تاپماسلىق ۋە بالاياتقۇ دىگەن كەلىمىنى قوللانماسلىق لازىم.

Iamalive يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 01:37:50

jumahun يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 01:40:49

بۇرادەرلەر
بۇندىن كىيىن قىز-ئاياللار« ئاي كۆرۈپ قاپتىمەن» دىسە بېقىنىغا تازا ساڭلار، نىمە ئۈچۈن شەھۋانىي گەپ قىلىسەن دەپ

( ئۇشبۇ ئىنكاسىم ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا شەھۋنىيلىقىنى تازلاش كۆرۈشىگە ئاتلانغان قوغىدۇغۇچىلارغا يېزىلدى)
ئەمدى توردىن چۈشەي
شەھۋانىي ئىنكاس يېزىپ قالغان بولسام يىغلاپ تۇرۇپ كەچۈرۈم سورايمەن.

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 01:46:38

توغرا ئويلاپسىز! !
پەرھات تۇرسۇننى يوقاتساق دۇنيادا ئىزىلىش،زۇلۇم ۋە كاپىتالىستىك قىرغىنچىلىق قالمايدۇ.پەرھات تۇرسۇندىن كىيىنكى ھايات پۈتكۈل ئىنسانلار باراۋەر بولغانكوممۇنا ھاياتىدۇر.

warangqurung يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 01:52:35

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   warangqurung تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-10 01:55

ئۇمۇن . مىنىڭ مەخسىدىم پەرھات تۇرسۇنغا قارشى چىقىش ىبلەنلا كۇپايلىنىدۇ . سىز گەپ چىقىپ بولغىچە يوقىتايلى دەپ شۇئار توۋلاپ مەسىلىنى ئىغىرلاشتۇرىۋەتتىڭىز . مەن ئىچى پۇشقان شائىرلا ئاھ مېللىتىم دەپ شېئىر يىزىپ قويۇپ ئىشىنى قىلىۋەرگەندەكلا مۇنداقلا قارشى چىقىپ قويۇش ئىدى .ئويلاپ باقسام بۇمۇ قىين ئىشكەن . پەرھات تۇرسۇنغا ئىنسانىيەت قارشى چىقىشى ئۈچۈن ئۇنى ئاۋاال تونۇتۇش كىرەك ئىكەن . ئىنسانىيەتكە بىلمەيدىغان ئادەمگە قارشى چىقىڭلار دەپ جاكارلىساق كىم ئۇ دىسە بىز لەت بۇلىمىز شۇڭا پەرھات تۇرسۇنغا قارشى چىقىش پەلسەپىسى دىگەندەك بىر چوڭ تىمىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ئاندىن دۇنياپەرھات تۇرسۇننى بىلگەندىن كىين قارشى چىقىشىقا ئۈندىسەك بولغىدەك . لىكىن بۇ ھىلىگەر قارشى ئىىلىنىپ كىتىپ داھى بۇلۇپ كىتىپ پىلانىمىز سۇغا چىلاشسا بۇنىڭ گۇناھىغا كىم ئىگە بۇلىدۇ ؟ ما ئىشنى ئويلانماي بولمايدىكەن شۇڭا ئۇنىڭغا قارشى چىقساقمۇ ئېچىمىزدە بىلىپ سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچماي تۇرساق بۇلامدۇ نىمە ؟

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 02:40:29

ئەسلى ھەممىڭلار ياخشى ئادەملەركەنسىلەر-ھە!{:92:}

Iamalive يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 02:43:33

xXx يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 05:15:15

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xXx تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-10 06:31

بۇددا دىنىدا ‹‹ كۇزۇڭ كۆرسىمۇ كۆڭلۇڭ كۆرمىسۇن .›› دەيدىغان بايانلار بۇلىدىغان.
بۇنداق ئىشلار ئۇستىدەقىلنى قىرىققا يېرىپ پىكىر يۇرگۇزۇپ كىتىشنىڭمۇ ئانچە ئەكمىيىتى بولمىسا كىرەك.

qahqakqi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 08:15:07

ئىزدىنىشنىمۇ سېسىق پۇراققا تولدۇرۇپسىلەر،ئەدەپلىك،ھايالىق،ئەخلاقلىق بۇلۇڭلار............بىلىمنى ياخشى يولغا ئىشلەتسە ھۆرمەت-سازاۋەرگە تاما قىلمىسىمۇ ئېرىشىدۇ....يامان يولغا ئىشلەتسە مىڭ بىلىملىك بۇلۇڭ،كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە سىز بىر ئىشەك،كىتاپ يۈدىۋالغان ئىشەك........................

gldingwash يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 09:54:50

بىر كۈنىڭ ئىچىدە بىر پاتمان ئىنكاس چۈشۈپتۇ، ئاران ئوقۇپ بولدۇم.
ئەمما شۇنى ھېس قىلدىمكى، جىنسىيەت تەسۋىرىگە قارشى تۇرۇشنى ئىپادىلەش ئۈچۈنمۇ يەنىلا جىنسىيەت تەسۋىرىنى ئويلاشقا توغرا كېلىدىكەن. :lol

qahqakqi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 10:55:38

gldingwash يوللىغان ۋاقتى2015-2-10 09:54 static/image/common/back.gif
بىر كۈنىڭ ئىچىدە بىر پاتمان ئىنكاس چۈشۈپتۇ، ئاران ئوقۇ ...

گېپىڭىز توغرا، مەيەدىكى گەپ: ئويلىسىڭىز بولىدۇ،لىكىن ئاممىۋى سورۇندا تۇلا سۆزلەپ يۈرۈش سۆزلىگۈچىنى پەسلەشتۈرسە ئاڭلىغۇچىلارغا نىسبەتەن سورۇننىڭ مەزىسى قالمايدۇ.........

gldingwash يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 11:51:06

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gldingwash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-10 11:59

سورۇننىڭ مەزىسى قالمايدۇ دەپ قويۇڭ.:lol
ئاممىۋىي سورۇندېگەن ئامما توپلاشقان جاي بولىدۇ.ئامما دېگەن سىز ۋە مەنلەرنىڭ بىرلا ۋاقىتتا توپلىشىشى. ھالبۇكى ئاۋۇ ئەدەبىيات مەسىلىسى يازغۇچىنىڭ شەخسى ئىجادىيەت ئىشى. ئوقۇرمەنلىكمۇ شۇنداق. بىركىم بىرەر ئەدەبىيات ئەسىرىنى ئامما ئارىسىغا ئاپىرىپ بىرلىكتە كۆرمەيدۇ. ئەسەر يەنىلا ماڭا، سىزگە، ئۇنىڭغا ئايرىم-ئايرىم ھالەتتە، ئوخشىمىغان ۋاقىتتا، ئايرىم ماكاندا ئوقۇلۇشقا ئۇچرايدۇ، ھەمدە يوشۇرۇن تەسىر قىلىدۇ. بىر ئادەمنىڭ بىرەر ئەسەردىن ئالغان تەسراتىنى، ھۇزۇرىنى، تەسىرىنى ئۇ ئادەم ئىنكاس بىلدۈرگەندە ئاندىن بىلەلەيمىز. بولمىسا ئۇ ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىشى بولۇپ قېلىۋېرىدۇ.
يۇقىرىقىدەك، ئەدەبىياتتىن جىنسىي تەسۋىرلەرنى تازىلايلى دەيدىغان بىمەنە شۇئار، جىنسىيەت مەسىلىسىنى ھاياتلىق رامكىسىدىن ئايرىپ چىقىپ ، تېخىمۇ مەركەزلەشمە ھالەتتە قىزىقىشنى قوزغاش رولىنى ئۆتەيدۇ. جىنسىيەت ھاياتىمىزنىڭ نىشانى ئەمەس. ھەممىسىمۇ ئەمەس. ئەمما ھەممىمىز جىنسىيەتتىن ئاپرىدە بولغان. يەنى جىنسىي مۇناسىۋەتتىن شەكىللەنگەن.
بەزى ئوقۇرمەنلەر ئادەتتىكى سىيدام تەسۋىرلەردىنمۇ جىنسىي ھۇزۇر ھېس قىلىشى مۇمكىن. ئۇنى شەھۋانىيلىققا بۇراپ چۈشىنىشى، شۇنداقلا بۇ چۈشەنچىلىرىنى ئىچىگە سىغدۇرالماي ئاممىغا جاكارلىشى مۇمكىن. بىراق بۇنىڭلىق بىلەنلا ئۇ ئەسەر شەھۋانىي ئەسەر بولۇپ كېتىشى ناتايىن. ئاممۋىي سورۇن، يەنى چوڭ جەھەتتىن ئالغاندا جەمئىيەت ھەممىمىزنىڭ ئىش-ھەرىكىتى ۋە ئىنكاسلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئىكەن، بىر نەرسىگە ئىنكاس بىلدۈرگن ۋاقتىمىزدا قارا قويۇق ھۆكۈمدىن ساقلىنىشىمىز، ئىنكاسىمىزنىڭ مەڭگۈ ئومۇمىيلىققا ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك. مېنىڭ ئىنكاسىم ماڭا، سىزنىڭ ئىنكاسىڭىز ئۆزىڭىزگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ خىل تەسىر ۋە ئىنكاسلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەلىكلىرى ۋە داۋرىڭى بەكرەك چىققانلىرى ئاسانلا جەمئىيەتنىڭ مەزكۇر ئوبىيكتقا نىسبەتەن قويىدىغان ئۆلچىمىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ قويىدۇ. ئەمما بۇ ئاتالمىش ئۆلچەم بىلەن ئوبيېكت (ئەسەر ياكى يازغۇچى)نىڭ چەمبەرچاس مۇناسىۋىتى بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس.

gldingwash يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 11:55:36

بىر قىسىم ئەللەردە مەخسۇس جىنسىيەت ئىلمى تەتقىقاتى ناھايىتى ئېتىراپقا ۋە قوللاشقا ئېرىشكەن ئىلىم تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. ئۇنداق كىتابلارنىڭ بىرەرىنى تاشلىساق ماۋۇ جەمئىيەت بىراقلا بۇزۇلۇپ، چاك-چېكىدىن تۈگىشىپ كېتىدىغان چېغىۋا. تۆۋە...

tashadem يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 12:36:27

xahla91 يوللىغان ۋاقتى2015-2-9 23:25 static/image/common/back.gif
قىلغىلى ئىش تاپالمىغاندەك تەنقىدنىڭ تولىلىقى، زىرىكت ...

نوپۇسى ئاز توپلۇمدا ئادەمنى بىزار قىلىدىغان، ئامما پەيدا قىلىدىغان بېسىم بار. بۇ بېسىم سىزنى قورشاپ تۇرىدۇ، سىزنى چارچىتىدۇ. تەشۋىشكە سالىدۇ، گاڭگىرتىدۇ. سىز ئىنتايىن ئاجىز ۋە يۆلەنچۈكسىز. سىز قاچان ئۆزىڭىز ئىيتقان مەلۇم بىر ئېغىز گەپ ياكى تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق بىر ئىش ھەرىكەتنىڭقۇربانى بولۇپ كېتىدىغانلىقىنىڭىزنى، ئەتراپىڭىزدىكىلەرنىڭ سىزدىن يىرگىنىدىغانلىقىدىن تەشۋىشلىنىسىز ۋە بۇ جەمىيەتتىن يىرگىنىسىز، ئۈمدسىزلىنىسىز، ھەتتا ھېچ نەرسە يازغىڭىز كەلمەيدۇ.كۆپىنچە ھالدا مەلۇم شەخىسنىڭ ئىندىۋىئال پىكىرى ئادەملەرنىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ. بۇ دەل ئاممىنىڭ ياخشىلىقى ۋە رەزىلىكى. ئۇيغۇر جەمىيىتىنى كىچىك بىر كەنىت دەپ تەسەۋۋۇر قىلساق تامامەن بولىدۇ. بۇ يەردە ھەمما ئادەم سىزنى تونۇيدۇ. بۇ ئادەمنى بولۇپمۇ يزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئادەمنى ئىنتايىن ئامالسىز، بىقوۋل قىلىۋىتىدۇ. سىز قىلغان مەلۇم بىر ئېغىز سۆزمۇ پىتنە-پاساتقا ئايلىنىپ باشقىلارنىڭ نام چىقىرىشتىكى دەسمىسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. نېمىلا يازماڭ بىر توپ پىداكار لې فېڭلار خەلق ئۈچۈن مەيدانغا چۈشۈشنى ساقلاپ تۇرغانلىقىنى بايقايسىز. ئاممىنىڭ بېسىمى نۇرغۇن يازغۇچىلارنى يارىتىدۇ. ۋە ياراتماقتا، سىز ئويلىغانلىرىڭىزنى يازالمايسىز، ئاممىنىڭ بېسمى سىز خالىمىغان، ئۆزىڭىز بولۇشنى خالىمىغان سىزنى يارىتىدۇ.

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 12:40:29

ھەر كىمنىڭ كۆز قارىشىدىكى شەھۋانىلىق چوقۇمكى باشقىلارنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ.
ئۆزەمنى مىسال قىلسام، كېنولاردىكى ئەر ئايال سۆيۈشكەن كۆرۈنۈشلارنى سېرىق شەھۋانە ھېساپلىمايمەن.
ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆز كۆڭلىدە جەزمەن بىر ئۆلچەم بار. شۇ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتسە ئاندىن شەھۋانە دەپ باھا بېرىدۇ.

مۇشۇنداق ئەھۋالدا بۇ تېما ئۈچۈن ئالاھىدە مۇنازىرە قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى يوق ئىدى. لىكىن ئىككى غىتمەك موللا مۈشۈكنىڭ ئاغزىنى تاتىلاپ يۈرۈپ مۇشۇ تېمىغىمۇ سۆرەپ كىرىپتۇ.

غىتمەكلەرگە زېھىن خوراتقۇچە، يېڭى ئەسەرلەرنى بىز سۇنۇپ تۇرسىڭىز بولاتتى موللا مۈشۈككا.

aral يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 13:10:18

مىڭ يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلار نىمە يېزىپ كېلىۋاتقان بولغىيتتى ؟ بۆلەكچىلاۋايساش پىغانلىرى بېسىپ كېتىپتىغۇ بۇ تېمىنىبەكلا بېسىلىپ كەتكەن چىراي ...

بەت: 1 2 3 4 5 6 7 [8] 9 10 11 12 13 14 15 16 17
: جىنسىيەت تەسۋىرى ھەققىدە بەزى يازغۇچىلارغا تەنقىد