شۇ يەر ۋاقتى 9-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى خەۋەر، بوشلۇقتا داۋاز مېڭىش ناھايىتى خەتەرلىك ئىش، لېكىن Tancrede Meletئىىسملىك فىرانسىيەلىك ئەر كىشىنى ھەيران قالدۇرۇپ، داۋاز مېڭىۋاتقاندا توختاپ تېلىفۇن سۆزلەشكەن، ئۇ قاراشتا شۇنداق سالماق كۆرۈنىدىغان بولۇپ، لېكىن ئۇنىڭ بۇ ھەركىتىنى كۆرگەنلەرنىڭ يۈرىكى ئاغزىغا قاپلىشىپ قالغان. ئەينى ۋاقىتتا، ئۇ 1000فۇت ئېگزلىكتە قولىدا ھېچنېم يوق ھالدا سىم تاناپتا مېڭىۋاتقان بولۇپ، فىرانسىيە چېگرا ئىچىدىكى Verdon Gorgesتىك ياردىن ئۆتۈشكە تەييارلىق قىلغان، ئۇ مېڭىۋاتقاندا تېلىفۇنى جىرىڭلىسا توختاپ تېلىفۇن پاراڭلاشقان، ئۇ ناھايىتى سالماق بولۇپ، خۇددى ناھايىتى بىخەتەر يەردە ئازادە پاراڭلىشىۋاتقاندەك كۆرۈنگەن. ئۇنىڭ بۇ خەتەرلىك ھەم سالماق ھالىتىنى فوتوگراف سۈرەتكە تارتىۋالغان.