ەر شارى تورىنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى: ياپونىيە تاراتقۇسىنىڭ 25- سېنتەبردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تەيۋەننىڭ تەخمىنەن 50 دەك بېلىقچىلار كېمىسى دىياۋيۈ ئارىلىغا 2-3 كىلومېتىر كېلىدىغان دېڭىز تەۋەلىكىگە يېتىپ بارغاندا، ياپونىيە دېڭىز قوغدىنىش نازارىتىنىڭ چارلاش پاراخوتى تەيۋەن كېمىلىرىگە يۇقىرى بېسىملىق سۇ چېچىپ، ئۇلارنىڭ ئىلگىرىلىشىگە دەخلى قىلغان. تەيۋەننىڭ تەخمىنەن 50 دەك بېلىقچىلار كېمىسى ياپونىيە دېڭىز قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ چارلاش پاراخوتلىرىنىڭ مۇھاسىرىسىدە قالغان، ئىككى تەرەپ بىر مەھەل تىركىشىپ قالغان.
ياپونىيە كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ 25- سېنتەبردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشچە، ياپونىيەنىڭ 11- باشقۇرۇش رايونى ناھا دېڭىز قوغدىنىش باش شتابىدىكىلەر مۇنداق ئاشكارىلىغان: بېيجىڭ ۋاقتى 25- سېنتەبر سائەت 6 دىن 40 مىنۇتتىن 7 گىچە، تەيۋەننىڭ نەچچە 10 بېلىقچىلار كېمىسى ۋە تەيۋەن «دېڭىز چارلاش مەھكىمەسى» نىڭ ئالتە چارلاش كېمىسى دىياۋيۈ ئارىلىغا 12 كىلومېتىر كېلىدىغان دېڭىز تەۋەلىكىگە كىردى.
«يۇمىئۇرى خەۋەرلىرى» دە ئېيتىلىشچە، تەيۋەن رايونىدىن كەلگەن 40- 50 بېلىقچىلار كېمىسى 25- سېنتەبر سەھەردە دىياۋيۈ ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 32 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا 13 كىلومېتىرغىچە تارقاقلاشقان، كېيىن ئۈزلۈكسىز دىياۋيۈ ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىگە يېقىنلاشقان. ھەر بىر بېلىقچىلار كېمىسىگە « دىياۋيۈ ئارىلىنى قوغداش ئۈچۈن جان پىدا قىلىمىز» دېگەن خەنزۇچە خەتلەر يېزىلغان.
تەيۋەن «بىرلەشمە كەچلىك گېزىتى» بنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دىياۋيۈ ئارىلىغا قاراپ يولغا چىققان بېلىقچىلار كېمىلىرى تەيۋەننىڭ يىنەن ناھىيەسىدىن بولۇپ، ئۇلار چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە قايتىشنى ئېلان قىلدى. بېلىقچىلار كېمىلىرى تەيۋەن «دېڭىز چارلاش مەھكىمەسى» نىڭ چارلاش كېمىلىرىنىڭ «ياخشى ئىپادىسى» گە رەھمەت ئېيتتى. ھازىر دولقۇن ئىگىزلىكى 6.7 بالغا يەتكەن بولۇپ، دېڭىز ئەھۋالى ياخشى بولمىغاچقا، ئۇلارنىڭ قاچان قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ.
سۈرەتتە: 9- ئاينىڭ 25- كۈنى، ياپونىيە دېڭىز قوغدىنىش نازارىتىنىڭ چارلاش پاراخوتلىرى دىياۋيۈ ئارىلىغا كېلىۋاتقان تەيۋەننىڭ دىياۋيۈ ئارىلىنى قوغداش كېمە ئەترىتى بىلەن تىركەشمەكتە.