
فىلىپىننىڭ سابىق بىرىنچى خانىمى ئىمېلدا ماركوسنىڭ ئاياغ «خۇمار» ى بولۇپ، ئىلگىرى 3000 جۈپتىن ئارتۇق ئايىغى بار ئىكەنتۇق. ئەمما فىلىپىن مانىلا دۆلەتلىك كۆرگەزمىخانىسىنىڭ 23-سىنتەبر بىلدۈرىشچە، قىسمەن ئاياغلار ۋە ماركوس خانىمنىڭ كىيىملىرى ياخشى ئاسرالمىغانلىقتىن، ئاق چۆمۈلە ۋە كەلكۈن سۈيىنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا ئۇچرىغان.
خەۋەر قىلىنىشىچە، ئىمېلدا ماركوس 1220 جۈپ ئاياغ، كىيىم-كىچەك، زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن شەخسىي بۇيۇملىرىنى قالدۇرۇپ قويغان. ئاياغلىرىنىڭ بەزىلىرىنى ئاق چۆمۈلىلەر ئۆتمە-تۆشۈك قىلىۋەتكەن، بەزىلىرى ماكچىيىپ كەتكەن، كىيىملىرى بولسا كۆكىرىپ كەتكەن.
ئىگىلىنىشىچە، فىلىپىن ھۆكۈمىتى ئاق چۆمۈلىنىڭ «ھۇجۇم» ىدىن ساقلىنىش ۋە كۆكىرىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئىككى يىل بۇرۇن ماركوس خانىمنىڭ ئىككى ساندۇق كىيىم-كېچەك ۋە ئاياغلىرىنى دۆلەتلىك مۇزىيخانىغا ئېلىپ كەلگەنىكەن. بۇ ساندۇقلار مۇزىيخانىنىڭ تۆتىنچى قەۋىتىدىكى بىر قۇلۇپلانغان زالغا قويۇلغان بولۇپ، ساندۇقنىڭ سىرتىغا ھېچقانداق قوغدىنىش تەدبىرلىرى قوللىنىلمىغان. مۇزىيخانا تەرەپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 8-ئايدىكى يامغۇردا مۇزىيخانىدىن تامچە ئۆتۈپ كەتكەن بولۇپ، بۇ سۇلار ئىشىك يوچۇقىدىن ئېقىپ چىققاندىلا خىزمەيچى خادىملار ئاندىن بۇ زالنىڭ كەلكۈننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى، ساندۇقنىڭ ئېغىر دەرىجىدە نەملىشىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان.