ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن خۇشخۇي توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ ئـەدەبىـيات كومپيۇتېر ۋە IT چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار قىزىق نۇقتا بوكىسلار پەن-تېخنىكا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى MTV ئىكرانى خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى ئەدەبى شەخىسلەر ھەمكارلىق ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى تور ئويۇنى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا مۇنبەر

AD-242-60

| قىزىق نۇقتا | خەلقئارا خەۋەرلىرى | مەملىكەت خەۋەرلىرى | شىنجاڭ خەۋەرلىرى | تەنتەربىيە | IT كومپىيۇتىر | ئىقتىسادى خەۋەرلەر | مائارىپ-ئىمتىھان خەۋەر باش بىتى  
دۇنيادىكى ئاجايىپ ھەيران قالارلىق تۈرمىدىن قېچىش ۋەقەلىرى - huxhuy online----Sports|world News|it News|china News|Local News Business
ئورنىڭىز:خەۋەر >> خەلقئارا خەۋەرلىرى >>
دۇنيادىكى ئاجايىپ ھەيران قالارلىق تۈرمىدىن قېچىش ۋەقەلىرى
 يوللىغۇچى:خۇشخۇي  كىلىش مەنبەسى:互联网  كۆرلىشى:0  

\
 

ئامېرىكا فىلىمى«تۈرمىدىن قېچىش»نىڭ تەسىرىدىنمۇ، مېكسىكىدا يېقىندا 132نەپەر مەھبۇس كوللىكتىپ تۈرمىدىن قاچقان، مەھبۇسلار كونا ياغاچچىلىق سېخىدىن ئالتە مېتىر يول كولاپ، كوللىكتىپ قاچقان، قېنى تۆۋەندە بۇنىڭدىنمۇ ئاجايىپ-غارايىپ تۈرمىدىن قېچىش ۋەقەلىرىنى كۆرۈپ باقايلى!

 \


مېكسىكا ھۆكۈمىتى 2012-يىلى9-ئاينىڭ18-كۈنى، مېكسىكا چېگرىسىغا يېقىن يەردىكى بىر تۈرمىدىن 132نەپەر مەھبۇسنىڭ تۈرمىدىن قاچقانلىقىنى بېكىتكەن، ئۇزۇن ئۆتمەي ھۆكۈمەت تەرەپ دۆلەت ھەربىي قوشۇنى ھەم ئىشتات، يەرلىك ساقچىلارنى ھەرىكەتكە كەلگۈزۈپ كەڭ كۆلەملىك مەھبۇس تۇتۇشقا كىرىشىپ كەتكەن.

 \

ئافغانىستاندىكى كانداھا تۈرمىسىدە كەڭ كۆلەملىك تۈرمىدىن قېچىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئافغانىستاننىڭ جەنۇبي قىسمىدىكى كانداھا تۈرمىسىدە تۈرمىدىن قېچىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، تۈرمە باشلىقى، بۇ زور تۈركۈم مەھبۇسنىڭ 360 مېتىر كېلىدىغان چوڭ تونېلنى بويلاپ كېچىچە قاچقانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپىنچىلىرىنىڭ تالىبان ئىكەنلىكىنى ئېيىتقان، يەرلىك ھۆكۈمەت بىر قىسىم تۈرمىدىن قاچقان مەھبۇسلارنى قولغا چۈشۈرگەن. تالىبان تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى باشلامچى ئىكەنلىكىنى ئېيىتقان. مەزكۇر تەشكىلات باياناتچىسى، 541نەپەر مەھبۇسنىڭ تۈرمىدىن ئوڭۇشلۇق قاچقانلىقى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تەشكىلات ئەزالىرى ئىكەنلىكى، بۇنىڭ ئىچىدە 106نەپىرىنىڭ تالىبان قوماندانى ئىكەنلىكىنى ئېيىتقان.

 \


فىرانسىيەلىك 43ياشلىق «تۈرمىدىن قېچىش شاھى»تىك ئۇچاردا ئوڭۇشلۇق تۈرمىدىن قاچقان. پاسكىر 2001-يىلى پۇل بېسىپ ماڭغان ماشىنىنى بۇلىغاندا قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن 30يىللىق قاماق جازاسىغا تارتىلغان، كېيىن ئۇ تىك ئۇچاردا ئۈچ قېتىم تۈرمىدىن قېچىشقا ئۇرۇنغان. ئەڭ ئاخىرقى قېتىم تۈرمىدىن قاچقان ۋاقىت 2007-يىلى7-ئاي بولۇپ، ئۈچ نەپەر قوراللىق ئەر تىك ئۇچارنى ئۇچقۇچىسى بىلەن قوشۇپ بۇلاپ، تۈرمىنىڭ ئۆگزىسىگە قونغان، ئۈچ نەپەر قوراللىق ئەر تىك ئۇچاردىن چىقىپ قولىدىكى مىلتىق-تاپانچىلىرىنى چىقىرىپ تۈرمىگە بۆسۈپ كىرگەن، پاسكىر بۇلارنىڭ ياردىمىدە تۈرمىدىن ئوڭۇشلۇق قاچقان، ئىشتىن كېيىن ئۇلارغا كەڭ كۆلەمدە تۇتۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، ئۈچ ئايدىن كېيىن ئىسپانىيەدە قولغا چۈشكەن.

 \

دۇنيادىكى قېچىش ئەڭ تەس تۈرمە دېگەندە ئامېرىكا كالفورنىيە ئىشتاتىدىكى ئالۋاستى ئارىلى تۈرمىسىنى بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى دېيىشكە بولىدۇ، ئامېرىكىدىكى ئىچىكى ئۇرۇش مەزگىلىدە، ئالۋاستى ئارىىلى ۋاقىتلىق ھەربىي ئىشلار تۈرمىسى سالاھىيتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. 1906-يىلى سان-فىرانسىسكودىكى قاتتىق يەر تەۋرەشتە بىر قىسىم فېدراتسىيە تۈرمىلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن، بىر قىسىم مەھبۇسلار ئالۋاستى ئارىلىغا كۆچۈرۈپ كېلىنگەن، شۇنىڭدىن كېيىن جىنايەت ئۆتكۈزگەن پۇقرالار مۇشۇ يەردە جىنايى جازا ئۆتەشكە باشلىغان. 1909-يىلى چوڭ قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق ئاساسلىق كامىر رايونى قىلىپ ياسىغان. 1934-يىلى، بۇ ھەربىي ئىشلار تۈرمىسى فۇنكىسىيەسى بىكار قىلىنىپ، فېدراتسىيە تۈرمە ئىدارىسىنىڭ باشقۇرۇشىغا بېرىلگەن، شۇنىڭدىن كېيىن ئالۋاستى ئارىلى مەھبۇسلارنىڭ قاباھەتلىك چۈشىگە ئايلانغان،1934-يىلىدىن باشلاپ ھەقىقىي فېدراتسىيە تۈرمىسىگە ئايلانغان، ئالۋاستى ئارىلى تۈرمىسىدە 14قېتىم تۈرمىدىن قېچىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە قاچقان 23مەھبۇس شۇئان تۇتۇلغان، ئالتە مەھبۇس شۇ يەردىلا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئاران ئۈچ مەھبۇس ئوڭۇشلۇق تۈرمىدىن قاچالىغان، ھەمدە دېڭىز ئىچىدە ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن.

 \

ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزگەن فىرانسىيەلىك مەھبۇس 2009-يىلى9-ئايدا ئۆزى تۈرمىدە ياسىغان قەغەز ساندۇققا يوشۇرۇنۇپ تۈرمىدىن قاچقان. بۇ مەھبۇس قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئوسار تۈرمىسىگە قامالغان بولۇپ، ئۇ كىرىۋالغان قەغەز ساندۇق باشقا ساندۇقلار بىلەن يۈك توشۇش ماشىنىسىغا سېلىنىپ، تۈرمىدىن 160 كىلومېتىر يىراقلىققا ھەيدەپ بارغاندىن كېيىن ماشىنىدىن سەكرەپ چۈشۈپ قاچقان، شوپۇر نىشانغا بارغاندىن كېيىن ئاندىن غەلىتىلىكنى بايقىغان.

 \

ئەنگلىيەدىكى فىرانسىيەلىك مەھبۇس 2009-يىلى 4-ئايدا، ئوت قويۇش ھەم باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش جىنايىتى بىلەن يەتتە يىللىق كېسىلىپ كەتكەن، جازا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ شۇ كۈنى باشقا مەھبۇسلار بىلەن ماشىنىدا بونۋېرتون تۈرمىسىگە ئېلىپ مېڭىلغان، لېكىن ئۇ ماشىنا مېڭىشتىن بۇرۇن مەھبۇسلارنى توشۇش ماشىنىسى ئاستىغا يوشۇرىنىۋالغان، سائەت ئىككى بولغاندا، تۈرمە ساقچىلىرى ئاندىن ئۇنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان، تۈرمە تەرەپ ئۇ قېچىپ يەتتە سائەتكىچە بىلمەي يۈرگەن.

 \

ئارگىنتىنادىكى ئىككى نەپەر قاچقۇن مەھبۇس قويغا ئوخشاش بولىۋىلىپ، ساقچىلارنىڭ نەزىرىدىن ساقىت بولغان.ئىككى نەپەر قاچقۇن مەھبۇس 2010-يىلى 4-ئايدا ئارگىنتىنادىكى ئەڭ بىخەتەر تۈرمىدىن قېچىپ چىققان ھەمدە قويغا ئوخشاش بولىۋىلىپ 300نەپەر ساقچىنىڭ كۆزىدىن قۇتۇلغان، ئۇلارنى قولغا چۈشۈرەلمىگەن ساقچىلار شۇنداق ئوڭايسىزلانغان.

 \

فىرانسىيە بىدئەت ئاقساقىلى ۋېربار تىك ئۇچاردا تۈرمىدىن قاچقان. 2009-يىلى 4-ئايدا، تۈرمىدىن قېچىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، ئۈچ نەپەر جىنايەتچى شۇ كۈنى ساياھەت تىك ئۇچارىدىن بىرنى بۇلاپ ئارالدىكى تۈرمە ئۈستىدە تۇرۇپ، بىدئەت ئاقساقىلى ۋېربار ھەمدە بىر ئاتا-بالىنى بىرلىكتە ئېلىپ ماڭغان. تىك ئۇچار تۈرمىگە نەچچە يۈز مېتىر كېلىدىغان يەردە توختىغان، ئاندىن ئالدىن تەييارلاپ قويغان ماشىنىغا ئولتۇرۇپ قېچىپ كەتكەن.

 \

فىلىپپىندىكى بەش نەپەر مەھبۇس تۈرمە ساقچىلىرى ئويۇن ئويناۋاتقاندا تۈرمىدىن قاچقان. 2010-يىلى8-ئايدا، فىلىپپىن كاگاجاندېلو شەھىرىدىكى تۈرمىدە تۈرمىدىن قېچىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، ئۇلار بۇ قېتىملىق تۈرمىدىن قېچىش ھەركىتىنى ئالدىن پىلانلاپ قويمىغان، ئۇلار تۈرمە ساقچىلىرىنىڭ ئويۇن ئويناۋاتقان ۋاقىتتىكى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ناھايىتى ئاسانلا قېچىپ كەتكەن. گەرچە تۈرمە كامىراسى تۈرمىدىن قېچىش جەريانىنى شۇنداق ئېنىق سۈرەتكە ئالغان بولسىمۇ، ئويۇنغا باشچىلاپ كىرىپ كەتكەن تۈرمە ساقچىلىرى تۇيماي قالغان.

 \

ئەنگلىيەدىكى 67ياشلىق مەھبۇس تۈرمىنىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ چىقىپ، تۈرمىدىن قېچىشنى پىلانلىغان. ئەنگلىيەلىك بۇ 67ياشلىق ئەر ئىلگىرى ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئاشنىسىنىڭ يىگىتىنى ئۆلتۈرىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن مەڭگۈلۈك قاماق جازاسىغا تارتىلغان، 2010-يىلى 6-ئايدا ئىزچىل قېچىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن بۇ ئەر خۇددى ئامېرىكا فىلىمى «تۈرمىدىن قېچىش»تىكى تەپسىلاتلارغا ئوخشاش نەچچە ئاي سەرپ قىلىپ تۈرمە خەرىتىسىنى سىزىپ چىققان ھەمدە لىمون سۈيىنى يوشۇرۇن بوياق ئورنىدا ئىشلىتىپ تۈرمە سىرتىدىكى دوستلىرىغا نۇرغۇن قېتىم خەت-چەك ئەۋەتكەن، تۈرمە ساقچىسى خەتتىكى بىر قۇر ئەسكەرتىش جۈملىسىدىن گۇمان قىلىپ، ئاخىرىدا ئۇنىڭ تۈرمىدىن قېچىش پىلانى ئاشكارلىنىپ كەتكەن.

 \

ئامېرىكىلىق 19ياشلىق تۈرمىدىن قاچقان مەھبۇس ئايرۇپىلان ئوغۇرلاپ ھەيدەپ چېگرىدىن چىقىپ كەتكەن، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇ ئايرۇپىلان ھەيدەشنىمۇ ئۆگىنىپ باقمىغان. كىچىكلا تۇرۇپ ھەرخىل جىنايەتلەرنى سادىر قىلغان 19ياشلىق مەھبۇس 2008-يىلى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئورنىدىن قېچىپ كەتكەن، 2009-يىلى 9-ئايدا ئايرۇپىلان ئوغۇرلاپ، 400كىلومتىردىن ئۇزاقراق ئۇچقاندىن كېيىن، ئايرۇپىلاننىڭ يېقىلغۇسى تۈگەپ ۋاشىنگىتون ئىشتاتىغا كەلگەندە چۈشۈپ كەتكەن، ئۇ ھېچقانداق يارىلانمىغان ھەمدە ئۈزلۈكسىز قاچقان. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇ ھېچقانداق ئايرۇپىلان ھەيدەشنى ئۆگىنىش سىنىپىغا قاتناشمىغا ياكى ئۇچقۇچىلىق گۇۋاھنامىسى يوق.

 \

ئامېرىكا تۈرمىسىدىكى مەھبۇس كىنولاردىكىدەك ئۇسۇلدا تۈرمىدىن قاچقان.
 2007-يىلى12-ئايدا، ئامېرىكا يېڭى جېرسىي شىتاتىدىكى ئىككى نەپەر مەھبۇس ئامېرىكا فىلىمىنى دوراپ تۈرمىدىن ئوڭۇشلۇق قاچقان، ئۇلار ئىككى ئاي سەرپ قىلىپ كامىردىن تۆشۈك ئاچقان، ھەمدە ئۇنى نازنىن قىزنىڭ سۈرىتى بىلەن توسۇپ قويغان، پۇرسەت پىشقاندا، ئۇلار قېچىپ كەتكەن، قېچىشتىن بۇرۇن تۈرمە ساقچىسىغا ھاقارەت قىلىش خېتى قالدۇرۇپ قويغان، خەتنى كۆرگەن تۈرمە ساقچىسى ئۆزىنى ئېتىپ ئۆلتۈرىۋالغان، بۇ ئىككى مەھبۇس قېچىپ بىر ئاي بولماي يەنە قولغا چۈشكەن.

 \

ھىندونېزىيە ئاتجېدا نەچچە يۈز نەپەر مەھبۇس قېچىپ كەتكەن. ھىندونېزىيە غەربىي ئاتجې ئۆلكىسىدە ساقچى تەرەپ 2007-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى ئاشكارىلاپ، مەزكۇر رايوندىكى بىر تۈرمىدىن 4-ئاينىڭ 8-كۈنى، كەڭ كۆلەملىك تۈرمىدىن قېچىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيىتقان، شۇ كۈنى تۈرمىدىكى %50 مەھبۇس قاچقان، مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 15نەپەر مەھبۇس بىر تۈرمە ساقچىسىغا پىچاق تەڭلەپ تۇرغان، ئارقىدىن مەھبۇسلار تۈرمە ئىشىكىگە قارايدىغان قاراۋۇلغا ئىشىكنى ئاچقۇزۇپ تۈرمىدىكى 238نەپەر مەھبۇسنىڭ 108نەپىرى قېچىپ كەتكەن، ساقچىلار ئۇلاردىن 12نى تۇتالىغان، يەنە بىرى ئۆزىنى مەلۇم قىلغان.

 \

گىرمانىيەدىكى مەھبۇس فېدراتسىيە تېز يوللانمىسى ساندۇقىغا كىرىۋىلىپ تۈرمىدىن قاچقان. 2008-يىلى 11-ئايدا، بۇ ئەر تۈرمە ئىچىدىكى مەينەت كىيىم سالىدىغان غايەت زور فېدراتسىيە تېز يوللانمىسى ساندۇقىغا كىرىۋالغان، ئاندىن خىزمەتچىلەر ساندۇقنى يۈك ماشىنىسىغا باسقان،شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاسانلا تۈرمىدىن قاچالىغان، ئۇ تاكسىغا چۈشۈپ نىشانغا يېتىپ چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن، تاكسى شوپۇرى شۇھامان ساقچىغا مەلۇم قىلغان، لېكىن ساقچىلار ئۇنى تۇتالمىغان.

 \

ئاۋىستىرالىيەدىكى مەھبۇس ئۈچ يىلدا 14كىلوگرام ئورۇقلاپ تۈرمىدىن ئوڭۇشلۇق قاچقان.
بىر ئاۋىستىرالىيەلىك مەھبۇس تۈرمىدىن قېچىش ئۈچۈن تىرىشىپ ئورۇقلىغان، ئۈچ يىلدا 71كىلودىن ئورۇقلاپ 57كىلوغا چۈشكەن، 2006-يىلى 1-ئايدا، ئۇ تۈرمە كامىرىدىن تۆشۈك ئېچىپ ئوڭۇشلۇق ھالدا تۈرمىدىن قاچقان.

 \

رۇسىيە سابىق داڭلىق پۇلدارى ئەتراپلىق پىلانلىغان تۈرمىدىن قېچىش پىلانى ئەمەلگە ئاشمىغان. 2006-يىلى 4-ئايدا، رۇسىيەنىڭ سابىق پۇلدارى تۆت نەپەر تۈرمىدىشى بىلەن تۈرمىدىن قېچىشنى پىلانلىغان، ئۇلار مەھبۇسلار ھاجەتخانىسىدىن ئىككى مېتىر كولاپ ئاندىن تۈرمە سىرتىدىكى زاۋۇت رايونىغا قاراپ كولاشقا باشلىغان، ھاجەتخانىغا توپا بەك كۆپ تاشلانغانلىقتىن، تۈرمە سۇ يولى قاپىسلىپ قېلىپ، ساقچىلارنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ قويغان، تۈرمە ساقچىلىرى ئۇلارنىڭ ھىيلە-نەيرىڭىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇلارنى چۆچۈتىۋەتمەسىن، ئۇلارنىڭ قېزىشىنى توسمىغان. 4-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئۇلار تۈرمىدىن قېچىپ چىققاندا، تۈرمە ساقچىلىرى ئالدىغا چىقىپلا تۇتىۋىلىپ ئۇلارنى ئوبدان قارشى ئالغان.

\ 


ئامېرىكىدىكى توققۇز نەپەر مەھبۇس كىرلىكتىن پايدىلىنىپ تۈرمىدىن قاچقان.
ئامېرىكا ۋاشىنگىتون ئىشتاتى ئوتتۇرا قىسم رايونى جىما ناھىيسى ساقچىلىرى 2005-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى، شۇ يەردىكى تۈرمىدىكى توققۇز نەپەر مەھبۇسنىڭ 25-چىسلا كىرلىكتىن پايدىلىنىپ ئەڭ مۇستەھكەم ھەم قاراۋۇللار ئەڭ چىڭ قارايدىغان كامىردىن قاچقان، توققۇز نەپەر مەھبۇس تۈرمىنىڭ ئاساسلىق بىناسىنىڭ بىر كامىرسىدا تۇرىدىغان بولۇپ، بىنا ئېگىزلىكى تۆت قەۋەت. ئۇلار كامىر ئىچىدىكى تورۇستىن بىنا ئۈستىگە چىقىپ، كىرلىكنى يۆگەپ شۇنىڭدىن يەنە بىر بىر قەۋەتلىك ئۆينىڭ ئۈستىگە سىيرىلىپ چۈشكەن، ئاندىن يەرگە چۈشكەن، شۇنىڭ بىلەن ئوڭۇشلۇق قاچالىغان، ئۇلارنىڭ بەشى تۇتۇلۇپ، تۆتى قېچىپ كەتكەن.

 

يېڭى خەۋەرلەر
دۇنيادىكى ئاجايىپ ھەيران قالارلىق تۈرمىدىن قېچىش ۋەقەلىرى
دۇنيادىكى ئاجاي...
فىلىپىننىڭ سابىق بىرىنچى خانىمىنىڭ ئاياغلىرىنى ئاق چۈمۈلە يەپ كېتىپتۇ
فىلىپىننىڭ سابى...
سان-دىياگودىكى بىر ئورمانلىققا ئوت كەتتى
سان-دىياگودىكى ب...
دۇنيا بويىچە ئەڭ گۈزەل مەلىكىلەر كىم
دۇنيا بويىچە ئەڭ...
ئامېرىكا غەربىي تىنچ ئوكيانغا يەنە ئىككى ئاۋىئاماتكا ئەۋەتتى
ئامېرىكا غەربىي ...
مېكسىكىدا تۈرمىلەرنى قارا جەمئىيەت ئادەملىرى باشقۇرىدىكەن
مېكسىكىدا تۈرمى...
تەيۋەننىڭ كېمىلىرى بىلەن ياپونىيە پاراخوتلىرى تىركىشىپ قالدى
تەيۋەننىڭ كېمىل...
دۆلىتىمىز شەرقىي ئاسىيادىكى بىردىنبىر ئاۋياماتكىغا ئىگە دۆلەت بولۇپ قالدى
دۆلىتىمىز شەرقى...
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
دۇنيادىكى ئاجايىپ ھەيران قالارلىق تۈرمىدىن قېچى...
فىلىپىننىڭ سابىق بىرىنچى خانىمىنىڭ ئاياغلىرىنى ...
سان-دىياگودىكى بىر ئورمانلىققا ئوت كەتتى
دۇنيا بويىچە ئەڭ گۈزەل مەلىكىلەر كىم
ئامېرىكا غەربىي تىنچ ئوكيانغا يەنە ئىككى ئاۋىئام...
يەمەننىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئاخبارات ئەمەلدارى ئۆل...
مېكسىكىدا تۈرمىلەرنى قارا جەمئىيەت ئادەملىرى با...
تەيۋەننىڭ كېمىلىرى بىلەن ياپونىيە پاراخوتلىرى ت...
دۆلىتىمىز شەرقىي ئاسىيادىكى بىردىنبىر ئاۋياماتك...
ياپونىيەدە بىر نۆۋەتچى پويىز رېلىستىن چىقىپ كەتت...
فرانسىيىلىك ئىككى ياش توكسىكىلىت بىلەن دۇنيانى ئ...
ئىتالىيە سېرك ئۆمىكىدىكى بىر زىراپە «تۈرمىدىن قې...
نامراتلىق دەستىدىن ئوتتۇرا ئامېرىكىدا ئادەم ئەت...
تايلاندنىڭ جەنۇبىدا ماشىنا بومبا ۋەقەسى يۈز بەرد...
زىمبابۋېدىكى ئادەملەر بېشىدا بىر نەرسە كۆتۈرۈپ م...
تور بېكەت ھەققىدە  |   مۇلازىمەتلەر  |  سەھىپىلىرىمىز  |  ئېلان بېرىڭ  |  ئالاقىلىشىڭ  |  ھەمكارلىشىڭ  |  بېكەت خەرىتىسى  |  پىكىر بېرىڭ  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  | 百度影音
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ خۇشخۇي تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ..
تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ، ناخشا- مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ!
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى
huxhuy.cn ©2011 E-Mail:elyar28@vip.qq.com 粤ICP备11034588号 QQ:354249503
ئالاقە تېلىفون : 13899842526