ithome تورىنىڭ بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، تورداشلار ئەۋەتكەن خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى (CEO) تىم كۇك (Tim Cook) بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دا بېيجىڭنىڭ شىدەن رايونىدىكى ئالما Apple Store نى كۆزدىن كەچۈرگەن.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، مەزكۇر Apple Store بۇندىن ئىككى يىل بۇرۇن يەنى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى تىجارەت باشلىغان بولۇپ، تىجارەت باشلىغان كۈنىلا مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىش سوممىسى 380 مىليون يۈەنگە يەتكەن ھەمدە مەزكۇر پارچە سېتىش دۇكىنى ئالما پارچە سېتىش دۇكانلىرىنىڭ ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.

ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى (CEO) تىم كۇك (Tim Cook) بېيجىڭدىكى Apple Store نى زىيارەت قىلماقتا.

ھازىرغىچە جۇڭگودا ئالما شىركىتىنىڭ بەش دانە Apple Store سى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىككىسى بېيجىڭدا، قالغان ئۈچى شاڭخەيدە ئىكەن.
تىم كۇك ئۆزىنىڭ جۇڭگو بازىرىدىن ناھايىتى مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
تىم كۇك ھەققىدە: نۇرغۇن تورداشلار تورلاردا تىم كۇك دېگەن ئىسىمنى ئۇچراتقان بولۇشى مۇمكىن، ئۇ ئالما شىركىتىنىڭ ھازىرقى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى. ئۇ ئىسمى-جىسمىغا لايىق خىزمەت سارىڭى! ھازىرغىچە بويتاق. IBM دە 12 يىل خىزمەت قىلغان، 1998-يىلىنىڭ باشلىرىدا ئالما شىركىتىگە كىرگەن.
ئۇ 1960-يىلى ئامېرىكىدا تۇغۇلغان، 2004-يىلى 8-ئايدا سىتۋى جوبىز ئوپېراتسىيە سەۋەبىدىن شىركەتتىن ئايرىلغان ۋاقىتتا ئۇ ئالما شىركىتىنى ئىككى ئاي باشقۇرغانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، جوبىز ئۇنىڭغا پۈتۈن يەرشارىدىكى سېتىش كەسپىنىڭ مەسئۇللۇقىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرغان. 2005-يىلى تىم كۇك ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولدى، ئەمما جوبىز شىركەتكە كەلگەندىن كېيىن، ئۇ ئورۇن بوشاتتى. جوبىز شىركەتتىن ئايرىلغان مەزگىللەردە، ئۇ شىركەتنىڭ كۈندىلىك تىجارەت ئىشلىرىغا مەسئۇل بولدى ھەمدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. 2010-يىلى تىم كۇكنىڭ ئايلىق مائاشى 800 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە 5 مىليونلۇق مۇكاپات ۋە 52 مىليون 300 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق پاي ھوقۇقىغا ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئومۇمىي ئىش ھەققى 59 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئالما شىركىتى سىتۋى جوبىزنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن دەم ئالىدىغانلىقى جاكارلىغاندا، تىم كۇك يەنىلا باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىق ئورۇنغا قايتىپ كەلدى. 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى ئالما شىركىتى سىتۋى جوبىزنىڭ رەسمىي ھالدا باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىق ئورنىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئورۇنغا تىم كۇك چىقتى ھەمدە ئۇ ئالما شىركىتىنىڭ مۇدىرىيىتىگە قېتىلدى.