
جۇڭگو تېلېگراف شىركىتى كۆچمە ئەسلىھە بۆلىكى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ ئاشكارىلىشىچە،جۇڭگو تېلېگراف شىركىتى تۇنجى قېتىم بازارغا سالغان نوكىيا Windows Phone يانفونى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى تۆت خىل سېتىلىش ۋاستىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 3000دىن ئارتۇق ۋەكالىتەن سېتىش نۇقتىسىدا بىرلا ۋاقىتتا سېتىلىدىكەن.
ئىگەللىنىشىچە،نوكىيانىڭ تۇنجى قېتىم جۇڭگو بازىرىغا كىرگۈزگەن Windows Phone سېستىمىلىق بۇ يانفونى بولسا تېلېگراف نۇسخىسىدىكى Lumia800 يانفونى بولۇپ،CDMA2000تورىنى قوللايدىكەن،جۇڭگودىكى يانفون تىپى بولسا Lumia800C دەپ ئاتىلىدىكەن.
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا تۇنجى قېتىم بازارغا سېلىنغان Lumia800C يانفونىنىڭ ئاق ۋە قارا ئىككى خىل نۇسخىسى بولۇپ،يانفون شەكلى چەتئەللەردە سېتىلىۋاتقان Lumia800 غا ئوخشاش ئىكەن،پەقەت سىرىتقى قېپىدا «تىيەنيې»(天翼) بەلگىسى بار ئىكەن،ھەمدە جۇڭگو تېلېگراف خەۋەرلىشىش كەسپىنى قوللايدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن ئىكەن.
ئاشكارىلىنىشىچە،Lumia800C يانفونىنىڭ سېتىلىشىنى بىۋاسىتە ھالدا جۇڭگو تېلېگراف باش شىركىتى باشقۇرغان بولۇپ،جۇڭگو تېلېگراف شىركىتىنىڭ ھەرقايسى جايلاردىكى تىجارەت زاللىرى،يانفون سېتىش مەيدانلىرى قاتارلىق ۋاستىلەردىن،شۇنداقلا پارچە سېتىش دۇكانلىرى قاتارلىق زەنجىرسىمان سېتىپ چىقىرىش يوللىرىدىن پايدىلىنىدىكەن،بۇنىڭدىن باشقا يەنە نوكىيا ماركىسىنىڭ مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرى قوشۇلۇپ،تۇنجى قېتىمدا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 3000دىن ئارتۇق دۇكاندا بىرلا ۋاقىتتا سېتىلىدىكەن.
رەسمىي تۈردە سېتىلىشتىن بۇرۇن،جۇڭگو تېلېگراف شىركىتى مەخسۇسLumia800C يانفونىغا قارىتا ماس ھالدىكى كېلىشىم لايىھىسىنى تۈزۈپ چىققان بولۇپ،Lumia800C نىڭ يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت ئىچىدىكى باھاسى مۇشۇ ئىككى كۈن ئىچىدە بېكىتىلىدىكەن