
ناخشا چولپىنى بىرىتنىي
11-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى چەتئەل تورلىرىدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا،Google+
توربىكىتى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە،ئىجتىمائىي
ئالاقە توربىكەتلىرى ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتكەن.
بۇ تور بىكەتنىڭ ئەزالىرى ئىچىدە ئامىرىكىدىكى داڭلىق ناخشا
چولپانلىرى،جامائەت ئەربابلىرى،ھەتتا زۇڭـتۇڭ ئوبامامۇ بار ئىكەن.بۇنىڭ
ئىچىدە،ئامىرىكىدا كىچىك پەرىشتە دىگەن نامغا ئىرىشكەن ناخشا چولپىنى
بېرىتنى 布兰妮 نىڭ تورداشلىرىنىڭ سانى 939مىڭ399غا يىتىپ ھەتتا گۇگۇل
شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى Larry Page دىن ئىشىپ كەتكەن.
Google+ تورى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە گۇگۇل قۇرغۇچىسى Larry Page
ئىزچىل ھالدا قوللىغۇچى تورداشلار سانى جەھەتتە ئەڭ ئالدىدا تۇرۇپ
كىلىۋاتقان ئىدى،ھەتتا ئالدىنىقى ئايدا ئۇنىڭ تورداشلىرىنىڭ سانى Facebook
قۇرغۇچىسىنىڭكىدىن ئېشىپ كەتكەن.
ئەمما ھازىر بولسا ئىجتىمائىي ئالاقە تور بىكەتلىرىدىكى ئالدىنقى ئورۇن
داڭلىق چولپانلار تەرىپىدىن ئىگەللىنىۋىلىندى.ھازىر Twitterدا بىرىنجى
ئورۇندا تۇرىدىغىنى Ladygaga، بەشىنجى ئورۇندا تۇرىدىغىنى Britney
ئىكەن،ئەمما پەن-تىخنىكا ئەربابلىرى ئىچىدىكى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرالىغىنى
بىل گايتىس بولۇپ،ئاران 42-ئورۇندا تۇرىدىكەن.
Google+ تورى ھازىر كىينكى نۆۋەتلىك سايلامغا جىددىي تەييارلىق كۆرۈۋاتقان
زۇڭتۇڭ ئوبامانى Google+ قا ئەزا بولۇشقا تەكلىپ قىلىۋىتىپتۇ،ھازىر
ئوبامانىڭ Twitterدىكى رەت-تەرتىپى 6-ئورۇندا تۇرۇۋاتقان بولۇپ،Britney دىن
كىيىن تۇرىدىكەن.