
ithome تورىنىڭ بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، تەيۋەندىن كەلگەن بىر قىسىم سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل ئىككىنچى ئايدا سامسوڭ، ئالما ۋە HTC لار تەيۋەندىكى ئۈچ چوڭ يانفۇن ئىشلەپچىقرىىدىغان شىركەت بولۇپ قالغان. بۇلارنىڭ بازار ئىگىلەش ئومۇمىي نىسبىتى %60 كە يەتكەن.
مال چىقىرىش بويىچە ھېسابلىغاندا، سامسوڭنىڭ Galaxy S II ۋە Galaxy Note ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇنلىرىنىڭ بۇ يىل 2-ئايدا تەيۋەن يانفۇن بازىرىدىكى بازار ئىگىلەش نسىبىتى %31 بولۇپ، بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. ئالما ۋە HTC لار ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى بولغان بولۇپ، بازار ئىگىلەش نسىبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %23 ۋە %24 كە يەتكەن.
سېتىلىش مىقدارى بويىچە ھېابلىغاندا، ئالما بىرىنچى ئورۇندا بولۇپ، بازار ئىگىلەش نىسبىتى %30 كە يەتكەن، سامسوڭ ئىككىنچى ئورۇندا بولۇپ، بازار ئىگىلەش نسبىتى %30 كە يېقىنلاشقان. HTC ئۈچۈنچى ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، بازار ئىگىلەش نىسبىتى %23.5 بولغان.
تەيۋەندىكى 10 چوڭ يانفون تىپلىرىنىڭ يەتتە خىلى دەل بىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئالما، سامسوڭ ۋە HTC لەردىن كەلگەن. گەرچە نوكىيانىڭ Lumia يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى ئۆزىنىڭ بازار ئىگىلەش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرمەكچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان بولماي قالغان. بۇ يىل 2-ئايدا Lumia نىڭ تەيۋەندىكى بازار ئىگىلەش نىسبىتى %10 تىن تۆۋەن بول نوكىيا تارىخىدا قىزىل رېكورت يارىتىلغان.
ئەمما نوكىيا تۆتىنچى بولغان، بەشىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى سونىي ئىكەن. سونىي، موتورولا ۋە LG قاتارلىقلار Android بازىرىدا تىرىشىپ يۈرۈپ بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئومۇمىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بازىرى يۈزلىنىشىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇلارنىڭ رىقابەت كۈچىنى سامسوڭ ۋە HTC لارغا ھەرگىزمۇ سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا كۇپەي (酷派)، خۇاۋېي (华为) ۋە جوڭشىن (中兴) قاتارلىقلار ئۆزىنىڭ باھا ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، يېڭى كۈچلەرگە ئايلاندى.
دۇنيا ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بازىرىنى تىلغا ئالساق ئالدى بىلەن كۆزىمىزگە كۆرۈنىدىغىنى ئالما ۋە سامسوڭدىن ئىبارەت. ئۇنىڭدىن باشقا HTC ، سونىي ۋە موتورولا ۋە نوكىيا قاتارلىقلارمۇ بار. بەزىلەر مىكروسوفتنى ئەسلەپ ئۆتۈشى مۇمكىن. ئەمما ھازىر نوكىيا بىلەن مىكروسوفتنىڭ بۇ ساھەدە ماڭىدىغان يولى خېلىلا ئۇزۇن. HTC نىڭ ھاياتى كۈچى بار، خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئالدىمىزدىكى ئاينىڭ 6-چېسلا HTC تۆت يادرولۇق يانفون ئېلان قىلماقچى. شۇنداق، دېيىشكە بولىدىكى، HTC ئاسىيادىكى سامسوڭغا پۇت ئاتالايدىغان بىردىنبىر يانفون ئىشلەپچىقىرىدىغان يانفوندۇر. HTC ۋە يانفوننىڭ ئورتاق ئاجىزلىقى ھەر ئىككىلىسىنىڭ Android نى تاللىغانلىقىدا، شۇڭا ئالما ios بىلەنلا بۇ ئىككىسىنى ياساپ يۈرىدۇ. ئۆزى مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ئاچقان مەشغۇلات سىستېمىسى بولمىغان يانفون شىركىتىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئەھۋالى خەتەرلىك. چۈنكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون رىقابىتى تېگى-تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەشغۇلات سىستېمىسى رىقابىتىدىن ئىبارەت.
بۇ جەھەتتە نوكىيانى بىر چوڭ خاتالىق سادىر قىلدى، دېيىشكە بولىدۇ. ئۆزىنىڭ ئۇزۇندىن تارتىپ ئېچىپ كېلىۋاتقان مەشغۇلات سىستېمىسىدىن ۋاز كەچمەسلىكى، ئۇنىڭ نەشرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۆز ئالدىغان قاراپ مېڭىشى كېرەك، ئىدى. ئومۇمىي يۈزلىنىشتىن قارىغاندا، دۇنيا ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بازىرىدا ئالما ۋە سامسوڭنىڭ ئورنىنى بىر مەزگىل تۇراقلىق بولىدۇ، دەپ قاراشقا بولىدۇ