مال كامچىل بولغانلىقتىن، ئالما شىركىتى ئىشلەپچىقارغان iPhone4نىڭ
ھۆكۈمەت تەرەپ بېكىتكەن باھاسى بىر پارچە قۇرۇق قەغەزگە ئايلىنىپ
قالدى.تۈنۆگۈن(7-نويابىر) مۇخبىر بازار ئارىلىغاندىن كېيىن شۇنى بايقىدىكى،
مال مەنبەسى جىددىيچىلىكى iPhone4نىڭ باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، بەزى سېتىش نۇقتىلىرى ئېلان قىلغان باھا ھەتتا iPhone4S نىڭكىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن.
ئالما شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچى iPhone4S قا يۆتكەلگەنلىكى ئۈچۈن، مال مەنبەسىدە جىددىيچىلىك كۆرۈلۈپ، iPhone4نىڭ
باھاسى ھەسسىلەپ ئۆرلەپ كەتكەن. كۆپلىگەن تور سودىگەرلىرى ۋە دۇكان
سارايلاردا مال تۈگەپ كەتكەن بولۇپ، جۇڭفۇ ئېلىكتىر ئالاقە ئۈسكۈنىلىرى
سارىيىدا گەرچە ئاز مىقداردا بولسىمۇ، لېكىن قارا رەڭلىك 16G نۇسخىسىنىڭ باھاسى 5780يۈەنگە، ئاق رەڭلىك نۇسخىسىنىڭ بولسا 6000 يۈەنگە يەتكەن.
مۇخبىر نىڭ بايقىشىچە، نۆۋەتتىكى بازاردا، iPhone4S نىڭ ئېلان قىلغان باھاسى 5500يۈەن ئەتراپىغا چۈشتى، ھەتتا بەزى سودىگەرلەر iPhone4 نىڭكىدىنمۇ تۆۋەن باھادا ساتماقتا.