<فوربۇس> 3-ئاينىڭ 11-كۈنى ئېلان قىلغان 2011-يىللىق پۈتۈن يەرشارىدىكى بايلار تىزىملىكىدە ، جۇڭگولۇق 115 نەپەر ئادەم تىزىملىككە كىرىپ بايلار كۆزنى چاقناتتى. شىنجاڭ گۇاڭخۇي گورۇھىنىڭ مۇدىريەت رەئىسى سۈنگۇاڭشىن شىنجاڭغا ۋاكالەتەن بۇ تىزىملىككە كىردى.
بۇ فوربۇسىنىڭ يەرشارىدىكى بايلارنى 25 -قېتىم رەتكە تىزىشى بولۇپ، بۇ قېتىملىق تىزىملىككە كىرگەن ئادەم سانى 1210 لۇق رېكورتنى ياراتقان. بۇ بايلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 54 دۆلەت ۋە رايوندىن بولۇپ، مېكسىكىلىق مىليادىر كارلوس.سىكامدىن (740 مىلىيارد دوللار) دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا، بىل.گايتىس (560 مىلىيارد دوللار) ، <پايچەك ئىلاھى> ۋاررىن .باففىت (500 مىلىيارد دوللار) بولۇپ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان.
3-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەلق پۇلىنى دوللارغا سۇندۇرۇش باھاسى 1 دوللار=6.5748 يۈەن گە ئاساسەن ، < فوربۇس> سۈنگۇاڭشىننىڭ ئومومىي مۈلۈكىنى ھېسابلاپ 164 مىلىيارد خەلق پۇلى دەپ بېكىتكەن .
ياشىن تورى