
4-ئاينىڭ 22-كۈنى، Businessinsider نىڭ ئاخباراتىغا ئاساسلانغاندا، Google مۇشۇ ھەپتىنىڭ تۆتىدىن باشلاپ ئورىگون شىتاتى پورتلاندا ، ئۆزى قۇرۇپ چىققان Groupon شەكلىدىكى Google Offers نى رەسىمىي ئوچۇق-ئاشكارا سىنايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن سانفىرانسىسكو ۋە نىيۇيورك شەھىرىدە سىناق ئېلىپ بارىدىكەن.
ئۆتكەن يىلى كۈزدە Google شىركىتى 6 مىليارد ئامېرىكا دوللىرلىق باھا بىلەن Groupon نى سېتىۋالماقچى بولغان ، ئەمما رەت قىلىنغان .بىراق Google ئۆزىنىڭ توردىكى مۇلازىمەت پونكىتىنى ئاچمىسا بولمايدىغان بولغاچقا ئۆزى Google Offers قۇرۇپ چىققان. Google بۇ توغرىلىق تېخىمۇ كۆپ ھالقىلارنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان، بىراق قاراشتا بۇ تور مۇلازىمەت پونكىتى Groupon غا ئوخشاپ كېتىدىكەن.گەرچە Google نى چوقۇم Groupon تىن ئېشىپ كېتىدۇ دەپ كېسىپ ئېيتىقىلى بولمىسمۇ، بىراق بۇ شىركەتنىڭ ماركىسى ھەمدە تەسىر كۈچى بۇ كوللىكتىپ مال سېتىۋېلىش مۇلازىمەت پونكىتىغا نۇرغۇن ئەۋزەللىكلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.
بىتې تورى