شىنخۇا تورى شاڭخەي 2-ئاينىڭ 25-كۈنى تېلگىراممىسى:جۇڭگۇ تاشقى پېرۋۇت سودا مەركىزىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا خەلىق پۇلىنىڭ ئامرىكا دوللىرىغا بولغان پېرۋۇت نىسبىتى 6.5757 بولغان،ئالدىنقى كۈنلۈك سودا كۈنىدە ئاستا -ئاستا ئۆرلەشكە باشلىغان.
جۇڭگۇ خەلىق بانكىسى جۇڭگۇ تاشقى پېرۋۇت سودا مەركىزىنىڭ ئېلان قىلىشىچە،2011-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى بانكىلار ئوتتۇرىسىدىكى تاشقى پېرۋۇتنىڭ بازاردىكى قىممىتى :بىر ئامرىكا دوللىرى 6.5757 يۈەن،بىر ياۋرۇ 9.0794 يۈەن،100 ياپۇنىيە يىنى 8.0255 يۈەن،بىر شىياڭگاڭ پۇلى0.84364 يۈەن،بىر فونىستىرلىڭ 0.6023 يۈەن،بىر يۈەن خەلىق پۇلى 0.46495 رېنگىت،بىر يۈەن خەلىق پۇلى 4.4047 روبىلى بولغان.
ئالدىنىقى كۈنى ئامرىكا دوللىرىنىڭ خەلىق پۇلىغا بولغان نىسبىتى6.5795 بولغان.
ياۋرۇ -ئامرىكىنىڭ پايچېكى بازىرى ئاستا-ئاستا تۈۋەنلەپ،ئامرىكا دوللىرىنڭ خەۋپتىن قۇتۇلىشىنى قوللىماقتا،لىكىن خەلقىئارا نىفىت باھاسى ئۆرلەپ مەبلەغ سالغۇچىلار ياۋرۇپادىكى مەبلەغ سالغۇچى مەركىزى بانكىلار ۋە ئەنگىليەدىكى مەركىزى بانكىلارنىڭ ئۈسۈم قۇشۇپ بىرىشىنى كۈتىۋاتقان مەزگىلدە ،ئامرىكا دوللىرىنىڭ ئەسلىگە قايتىشى ئاجىز،خەلىق پۇلىنىڭ ئامرىكا دوللىرىغا بولغان نىسبىتى يەنە ئۆرلەش ھالىتىدە تۇرماقتا.
شىنخۇا تورى