WiFi سىمسىز تور كېلىشىمىدىنمۇ تىز بولغان يېڭىچە سىمسىز ئالاقە تور كېلىشىمى بارلىققا كەلدى.
شىنلاڭ تورى11-ئاينىڭ3-كۈنىدىكى خەۋىرىدە دىيىلىشىچە WiGig بىرلەشمىسىنىڭ
رەئىسى Ali Sadri نىڭ بىلدۈرۈشىچە،WiGig كېلىشىمىنىڭ تور سۈرئىتى WiFi نىڭ
سۈرئىتىدىن 10ھەسسە تىز بولۇپ2013-يىلنىڭ بېشىدا ئىجازەتنامىگە ئېگە بولغان
WiGig كېلىشىمىدىكى مەھسۇلاتلارنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدىكەن.
WiGig بولسا تېخىمۇ تىز بولغان قىسقا ئارىلىقلىق تېلگېراف تېخنىكىسى بولۇپ
ئاساسلىق قوللىنىش دائىرىسى تېلىۋۇزۇر،ئۈن-سىن ئاپاراتى،سىن ئېلىش
ئاپاراتى،پىرويېكتور ئاپاراتى،يانفون،كومپىيوتىر،خاتىرە كومپىيوتىر
قاتارلىق ئىلىكتىرون مەھسۇلاتلىرىدا ئوتتۇرسىدا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، بۇ
ئىلىكتىرون مەھسۇلاتلىرى ئارىسىدا WiGig دىن پايدىلىنىپ 60GHz چاستوتا
بۆلىكىدە سىكونىتىغا Gbit مىقتارىدا ئۇچۇر ئالماشتۇرغىلى بولىدىكەن.
Ali Sadri نىڭ ئېيتىشىچە WiFi غا سېلىشتۇرغاندا WiGig كەلگۈسىدىكى ئەڭ
ئىلغار سىمسىز يەتكۈزۈش كېلىشىمىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ،ھازىرقى WiFi كىلىشىمى
2.4GHz چاستوتا بىلەن 5GHz چاستوتا ئارىسىدا خىزمەت قىلىدىكەنWiGig بولسا
60GHz لىق چاستوتىدا خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ ھازىرقى WiFi نىڭ خىزمەت
مۇھىتىنى پۈتۈنلەي قوللايدىكەن.
بىراق يېڭى ئۇقۇم ھېسابلىنىدىغان WiGig تېخى كۆپچىلىكنىڭ بىردەك تونۇشىغا
ئېگە بولمىدى،بۇنىڭغا قارتا Ali Sadri ئىپادە بىلدۈرۈپ WiGig ھازىر بار
بولغان WiFi نىڭ ئىشلەش مۇھىتى دائىرىسىدە WiFi بىلەن
رىقابەتلەشمەيدىغانلىقىنى،ئەكىسىچە بولسا بۇندىن كىيىنكى تەرەققىيات
نىشانىنى WiFi نىڭ ئىشلەش مۇھىتىدىن ھالقىغان دائىرىلەرگە يەنى HDMI،USB
قاتارلىق ئېغىزلار كىلىشىمى تەرەققىيات يۆلىنىشىگە قارىتىدىكەن.
قاچان WiGig مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا سالىدىغانلىقى توغرىسىدا Ali Sadri
چۈشەنچە بېرىپ ،ئەسلى پىلاندا 2010-يىلى بىلەن 2011-يىلى ئارلىقىدا تۇنجى
نەشردىكى WiGig مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا سېلىش ئىدى،لىكىن WiGig نىڭ يېقىنقى
نەشرىدە ئىلگىرىكى نەشرلىرىگە قارىغاندا زور بۆسۈش ھاسىل قىلىنغاچقا ،ھەم
يېڭى نەشرى تېخمۇ مۇقۇم،ئىشەنچىلىك بولغاچقا WiGig مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازارغا
سېلىنىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.