HTC شىركىتى ئىپادە بىلدۈرۈپ ئەرزان باھالىق ئەقلىفون ئىشلەپ چىقارمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
شىنلاڭ تورى 11-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى خەۋىرى
HTC گوروھىنىڭ باش مالىيە نازارەتچىسى رۇڭ جياۋ شېڭ ئىپادە بىلدۈرۈپ ئەرزان
باھالىق ئەقلىفوننىڭ ئۆزى تۆۋەن سۈپەتلىك مەھسۇلاتقا ۋەكىللىك قىلىدۇ،شۇڭا
HTC شىركىتىنىڭ ئەرزان باھالىق ئەقلىفونلارنى ئىشلىمەيدىغانلىقىنى
ئېيتقان.HTC نىڭ باش دىرىكتورى ۋاڭ شۆ خۇڭ ئىلگىرى بۇ توغرىسىدا
توختالغاندا ئۇلارنىڭ 100 دوللاردىن تۆۋەن بولغان ئەقلىفونلارنى ئىشلەپ
چىقىرىش ئېھتىماللىقىنىڭ يوق ئەمەسلىكىنى ئېيتقان ئىدى.
رۇڭ جياۋ شېڭ نىڭ بىلدۈرۈشىچە ئۇلار ھەرقانداق ئەرزان باھالىق
ئەقلىفونلارغا قىزىقمايدىكەن،چۈنكى ئۇلارنىڭ قارىشىچە ئەرزان باھالىق
مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتى ئېنىقلا ياخشى بولمايدىكەن.
باش دىرىكتورى ۋاڭ شۆ خۇڭ نىڭ ئىلگىرى ئېيتقانلىرىغا قارتا رۇڭ جياۋ شېڭ
رەددىيە بېرىپ بەلكى ئۇقۇشماسلىق بولۇپ قالغان بولىشى مۇمكىن،بىز 100
دوللارلىق باھا ئەتىراپىدىكى ئەقلىفونلارنى ئىشلىمەيمىز،لىكىن 200 دوللار
بىلەن250 دوللار ئەتىراپىدىكى ئەقلىفونلارنى ئىشلەپ قېلىشىمىز مۇمكىن دېدى.
4G تورى بەلكى كېلەر يىلى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدىكى قوللىنىشنى قولغا
كەلتۈرەلىشى مۇمكىن،شۇڭا HTC كېلەر يىلى يېڭى نۇسخىدىكى 4G تورى تورىنى
قوللايدىغان LTE ئەقلىفونلىرىنى بازارغا سېلىشى مۇمكىن،تېلگىراف
كارخانىللىرىمۇ تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىپ بالدۇرراق 4G تورى دەۋىرىگە
كىرىشكە كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ.
HTC نىڭ ئەڭ يېڭى 3پەسىللىك مالىيە دوكىلاتىدا ئاشكارلىنىشىچە،HTC نىڭ
كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن زور دەرىجىدە ئاشقان بولۇپ،ئوخشاش
مەزگىلدىكىدىن 68% ئاشقان،ئۇلارنىڭ جۇڭگو بازىرىدىكى سودا مىقتارىمۇ
كۈنسېرى يۇقىرى كۆتۈرىلىۋاتىدۇ.
بازار تەتقىقاتى شىركىتى Canalys نىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدە HTC ئۈچ
پەسىللىك مالىيە مەزگىلىدە ئالما،سەنشىڭ شىركەتلىرىدىن ئېشىپ ئامېرىكىدىكى
ئەڭ چوڭ ئەقلىفون ئىشلەش كارخانىسىغا ئايلانغان.