خۇشخۇي تورخاتىرىسى

مەزكۇر ئۇسلۇب html5 ۋە CSS3 تېخنىكىسى ئارقىلىق يېزىلغان. ئۇسلۇب ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ياخشى كۆرەي دېسىڭىز ئىلغار توركۆرگۈچلەرنى ئىشلىتىڭ

قېنى بلوگىمغا مەرھەمەت

ئەجەم ۋادىسىدا پەرۋاز

 ئەجەم ۋادىسىدا پەرۋاز

(ئوچىرك)

ئابلېكىم ھەسەن

 ـــ ھۈسەنجان جامى ۋاپات بوپتۇ…

ـــ قاچان؟ قايسى دوختۇرخانىدا؟
ـــ ئاخشام ئۆيىدە جان ئۈزۈپتۇ.
ـــ ئىمانى سالامەت بولسۇن. ئۇيغۇرنىڭ چىنار سەنئەتكارى غۇلاپتۇـ دە.
ـــ « بۇ دۇنيا كونا رابات، بىز بىر ئۆتكۈنچى » دەپ، مۇشۇنداق بىرـ بىرلەپ كېتىدىغان گەپكەن…
ـــ « ئەجەم »، «سابا مەرغۇلى »، « كۆزى خۇمار » لار ئىگىسىز قاپتۇ مانا…
    ھۈسەنجان جامى ئاكىنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى ھەش ـ پەش دېگىچە قۇلاقتىن ـ قۇلاققا يېتىپ، ھېيتقا ئۈلگىرىپ گۈركىرەپ چىقىۋاتقان بورانغا ئوخشاش كۆپنىڭ كۆڭلىنى يەنىمۇ غەشلىككە تولدۇردى.
   بۈگۈن ـــ مىلادى 2011- يىلى 9-نويابىر، بوران پەسەيگەن بولسىمۇ، ئۈرۈمچى ئاسمىنى قويۇق تۇمان ئىچىدە غۇۋالاشقان. قار ئۇچقۇنلىرى يەرگە چۈشۈشكە ئېرىنگەندەك كىشىلەرنىڭ كۆزى ئالدىدا تىنىق ھورلىرى بىلەن تەڭ لەيلەپ يۈرەتتى.بىر يەرلىرى بوز، بىر يەرلىرى ئاقارغان دۆڭ، دۆڭنى چېپىپ ئېچىلغان پاتقاقلىق ئىلانباغىر يول. تۇمانلار ئارىسىدا غۇۋا چوقچىيىپ ياتقان قەبرىلەر، قەبرە تاشلىرىنىڭ بىرلىرىگە ئالتۇن ھەلدە ئايەتلەر ۋە ۋاپات بولغۇچىنىڭ ئىسىم ـ شەرىپىلىرى دانلىق قىلىپ دىۋان خەت نۇسخىسىدا پۈتۈلگەن. بەزى قەبرىلەرگە نىشان سۈپىتىدە قوپال يۇنۇلغان تۈگمەن تېشى،كالتە ياغاچ دېگەنلەر قېقىلىپ، توپىسىغا بىلىق قاسرىقىدەك غۇچچىدە تاش پاتۇرۇپ قويۇشقان. ھۈسەنجان ئاكىنىڭ يەرلىكى يولغا يېقىن يەردىن ئېلىنغانىدى. شۇڭىمۇ:
مەن ئۆلەر مەن، مەن ئۆلەر مەن،
يولدا قويماڭلار مېنى .
يولدا قويساڭلار قويۇڭلار،
چۆلدە قويماڭلار مېنى…
      دېگەن ناخشا قۇلاق تۈۋىمدە قايتا ياڭرىغاندەك بولدى. بۇ ناخشىنىڭ مۇزىكىسىنى ھۈسەنجان جامى ئاكا 19-20 ياشلىرىدا ئىجاد قىلغان.مانا ئۆزىمۇ شۇ ناخشىسىغا لايىق ماكان تاپقانىدى.ئاق تۇمان،ئاق يېغىن ئىچىدە مەرھۇمنىڭ ئاق كېپەنگە ئورالغان مىيىتى تاۋۇتتىن ئاۋايلاپ ئېلىنىپ يەرلىكىگە قول ـ قولچە سۇنۇلدى. 80 نەچچە يىل مۇقەددەم، مېھرىبان ئانىنىڭ ئەللەي ناخشىسى بىلەن چىنار بۆشۈكتە خان ئۇيقىسىنى ئۇخلىغان بىر بوۋاق يىللار قولىدا بىردە ئەركىلىنىپ، بىردە سىلكىشلىنىپ بوۋايغا ئايلانغان،ئەمدى چوڭ بۆشۈككە بۆلىنىپ باقىيەت سەپىرىنى باشلىغانىدى.جامائەت تىمتاسلىق ئىلكىدە ئۇنىڭ « ئەجەم » مۇزىكىسىنى تىڭشاۋاتقاندەك قول باغلاپ تۇرماقتا. قېرىلىقنىڭ قاتمۇ قات كېسەللىرىدىن بىر يولى خالاس بولغان روھى كۆككە ئۆرلەپ ساماۋى ئەجەم ۋادىسىغا پەرۋاز قىلماقتا.« ئەجەم» ــ تۈركلەرنىڭ يەنە بىر خىل ئاتىلىشى. « ئەجەم» كۈيى قەدىمىي خەلقىنىڭ مەنىۋى كەچمىشلىرىنى تەمبىرنىڭ سېھىرلىك ناخۇلى بىلەن بايان قىلاتتى. بۇ ئۇزۇن كۈينىڭ بىر يەرلىرىگە كەلگەندە، « ئى تۈرك خەلقى، ئىلتەرىش خاقان تىرىشمىغان بولسا، مەنكى تۇنيۇقۇق تىرىشمىغان بولسام ، سىلەر يوق بولۇپ كېتەتتىڭلار …» دېگەن مەڭگۈتاش ئابىدىلىرى سادا سالاتتى، كۆزلەردە ئەكس ئېتەتتى. قەيت قىلىنىشىچە، نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ھام ، سام ، ياپەس ئاتلىق ئۈچ ئوغلى بولۇپ، بۈگۈنكى ھەر رەڭ، ھەر تىلدىكى ئىنسانلار بۇ ئۈچەيلەندىن شاخ ئايرىپ پەيدا بولغانىكەن. ياپەسنىڭ ئوغلى خەرىزنىڭ ۋاقتىغا كەلگەندە، خەرىز قوينىڭ ئۈچىيىدىن تار ئېشىپ تەمبىرنى ياسىغان ۋە بۇنى ئوغلى تۈرككە يادىكار قىلغانىكەن.ئۇ زامانلاردا ئىنسانلار گۆشنى ئوزۇق، تېرىنى كىيىم قىلاتتىكەن، كىمكى ۋاپات بولسا تەمبۇر چېلىپ ھازا ئاچاتتىكەن. بۈگۈن خەلقىمىز مۇقامشۇناس، كومپۇزىتۇر، تەمبۇرنىڭ دەۋرىمىزدىكى ئەڭ بۈيۈك ئۇستازى، ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ ئۇزۇن يىللىق باغۋىنى بولغان قەدىردان ئوغلانى ھۈسەنجان جامى بىلەن مانا شۇنداق مۇزىكا تۇيغۇسى ئىچىدە ئۈن ـ تىنسىز ۋىدالاشماقتا. ھەر بىر ھازىدارنىڭ قەلب ئالىمىدە ھۈسەنجان جامى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ چېلىپ قۇلاقلارغا سىڭگۈزىۋەتكەن تونۇش«ئەجەم» كۈيى قايتا مەۋج ياسىماقتا…
    ھۈسەنجان جامى ئاتا ـ بوۋىلىرىدىن تارتىپ ئەل نەغمە بىلەن ئۆتكەن سەنئەتكار پۇشتىدىن، ئاتىسى جامى ئاخۇن، بوۋىسى زاكىراخون، چوڭ بوۋىسى شاكىراخۇنلار ئۆز زامانىسىنىڭ مەشھۇر مۇقامچى، چالغۇچىلىرى ئىدى. مەرھۇمنىڭ شاكىراخۇندىن ئىلگىرىكى بوۋىلىرى بىزگە نامەلۇم بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى سەنئەت ئوتى كېچدە كۈلگە كۆمۈپ قويۇپ ئەتىسىگە ساقلاپ قويۇلغان چوغدەك ئەۋلاددىن ئەۋلادقا ئۆتكەنلىكى ئېھتىمالدىن يىراق بولمىسا كېرەك.ئاز كەم 200يىل مۇقەددەم ھۈسەنجان جامىنىڭ چوڭ بوۋىسى شاكىراخۇن خوتەننىڭ قاراقاش دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. ئۇ زات ئىسمىتۇللا ئىبنى نىمىتۇللا مۆجىزى كەبى مۇزىكىشۇناسلارنى ئاپىرىدە قىلغان ئېلچى دىيارىدا خەلق ئەن ـ نەغمىلىرىنى تەكەممۇل ئىگىلەپ يۇرت ئىچىدە يۈز تاپقان،كېيىن قانداقتۇر بىر قىسمەتلەر بىلەن ئۆمۈرلۈك دىلكىشى ساتار ۋە غېجەكنى باغرىغا تېڭىپ ئىلىغا چىققان، بىر مەھەل ئىلىدا ياشاپ، يەتتەسۇ تەۋەسىگە ئۆتكەن.ئەينى چاغلاردا سەنئەتكارلارنىڭ مەكتىپى سەنئەت پېشۋالىرىنىڭ جىن چىراغ پىلىلداپ تۇرغان قاراڭغۇ ھۇجرىسى ئىدى، ئىدارىسى بولسا يۇرت ئىچىدە ئۈزۈلمەي ئايلىنىپ تۇرىدىغان مەشرەپ، توي ـ تۆكۈن، سەيلە ـ باراۋەتلەر ئىدى. سەنئەتكارلار غوجاملارنىڭ زىلچە گېلەملىك ياسىداق خانىلىرى ، باي ـ تۆرىلەرنىڭ گۈلىستان باغلىرىدىن تارتىپ، نامراتلارنىڭ « ئاخشىمى ياتار چاغدا، سالغىلى كىگىز قېنى ؟» دەپ تەسۋىرلەيدىغان بورا ساتمىلىرىغىچە بېرىپ ساز چېلىپ ، ناخشا ئېيتىپ ئەلنىڭ تەشنالىقىنى قاندۇراتتى. باھار ئايلىرى چېچەكلىك باغلاردا،ياز ئايلىرى توقايلىقلاردا، كۈزلىرى سەھرالاردا، قىشلىرى ئۆي ـ ئۆيلەردە تۆت پەسىلدىكى خۇدانىڭ قۇتلۇق كۈنلىرىنى نەغمە بىلەن ئاۋۇندۇرۇپ تۇراتتى.گاھ مەپىدە، گاھ پىيادە يۈرۈپ مەيلى كۈزلەك، مەيلى قىشلاق، مەيلى خاڭ، مەيلى دەڭ بولسۇن ئاياغ باسمىغان يېرى بولمايتتى. شاكىراخۇننىڭ يەتتەسۇدا تۇغۇلغان ئوغلى زاكىراخۇن ئاتىسىدىن ساز ئۆگىنىپ ياش ۋاقتىدىلا يەتتەسۇدىكى مۇقامچىلارنىڭ بىرى بولۇپ كۆزگە كۆرۈنۈپ ئەلاخان سۇلتان ئوردىسىدىكى مەشرەپلەرگە، ۋېلىباي، ھۈسەنباي، ياقۇپباي قاتارلىقلارنىڭ ھەرخىل مەرىكىلىرىگە داخىل بولۇپ غىجەك ۋە ساتار چالىدۇ. چوڭ قىزى ئىسمىساخان، ئوغلى جامى ئاخۇن،كىچىك قىزى دەناخان،كەنجى ئوغلى ئۆمەر ئاخۇنلارغا ساز چېلىش، مۇقام ئېيتىشلارنى پۇختا ئۆگىتىدۇ.تۆت پەرزەنت ياركەنتنىڭ سەنئەت تارىخىدا ھېلىمۇ ياد ئېتىلىدىغان سەنئەتكارلاردىن بولۇپ قالىدۇ. جامى ئاخۇن ئاتىسىدىن 8 مۇقامنى پۇختا ئۆزلەشتۈرگەن، چالغۇلار ئىچىدە دۇتار چېلىشتا ئىلى ئالەمگە تونۇلغان. جالام بايۋەتچە قۇرغان ئۆمەكتە سازەندە بولغان. كېيىن ئەنجان تەرەپلەرگە ئۆتۈپ، چايخانە نەغمىلىرىنى ئۆگىنىپ قايتقان،«ئەشۋاي»،«كورت»،«مەرۋى گۈلىستانى»قاتارلىق ناخشا ـ مۇزىكىلارنى ئورۇنداپ توي ـ تۆكۈن، مەشرەپ سورۇنلىرىنى تېخىمۇ جانلاندۇرىۋەتكەن. ئۇ چاغلار چارروسىيە ئىمپىرىيىسى ئىلىنى چىڭ سۇلالىسىگە قايتۇرۇپ بېرىش شەرتى بىلەن يەتتىسۇنى ئۆز ئىمپىرىيە خەرىتىسىگە قېتىپ بىر خەلقنى ئىككىگە ئايرىۋەتسىمۇ ئىككى ياقتىكى تارانچىلارنىڭ يۈرىكى تەڭ سوقۇپ تۇرغان چاغلار ئىدى.باشتا جوڭگۇدا پەغپۇر خانلىقى( چىڭ سۇلالىسى) ئۆرۈلۈپ،جۇمھۇرىيەت تىكلىنىدۇ. ئارقىدىن چار پادىشاھلىقىمۇ گۇمران بولۇپ بولشىۋېكلار ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالىدۇ. بۇ چاغدا يەتتەسۇ خەلقى دەھشەتلىك قەتلىئام ــ « ئاتۇ»نى باشتىن ئۆتكۈزىدۇ. ئاتۇ ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ زاكىراخۇننىڭ كۆڭلى مۇزىكىنى تارتماس بولۇپ قالىدۇ. زاكىراخۇن ئوغلى جامىنى قېشىغا چاقىرىپ :« بالام، ئەمدى بۇ يەردە نەغمە قىلىش ھارام بولدى. سەن مۇنۇ تۇغماس خوتۇنۇڭ گۈشەمخاننى ئېتىڭنىڭ ئارقىغا ئېلىپ غۇلجىغا چىقىپ كەت. ماڭا باشقا ئۈچ بالام ھەمراھ بولۇپ مۇشۇ يەردە قالسۇن، ئاڭلىسام ھازىر غۇلجىدا مۇھەممەد موللا ئاخۇنۇم دەيدىغان كاتتا مۇقامچى بارمىش. بېرىپ دىلكەش بولغايسەن» دەپ دۇئا قىلىپ ئىلىغا يولغا سېلىپ قويىدۇ.ئۆزى ياركەنتتە ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ياشاپ،1926-يىلى ئالەمدىن ئۆتىدۇ.
ئەشۇ مالىمانچىلىقتا يەتتىسۇدىن ئىلىغا كەلگەنلەر ئىچىدە جامى ئاخۇندىن باشقا داڭلىق مۇقامچى روزى تەمبۇرمۇ بار ئىدى.روزى تەمبۇر ئۇ چاغلاردا بۇرىتى ئەمدىلا خەت تارتقان بالا ، جامى ئاخۇن بولسا روزى تەمبۇردىن 17ياش چوڭ قىران يىگىت ئىدى. جامى ئاخۇن غۇلجىغا كېلىپ مەسۇم تۇقۇم، مۇسا پاكا، نىيازكام قاتارلىق ناخشا ـ سازچىلار بىلەن ئۈلپەتلىشىپ ، مۇھەممەت موللا كارۇشاڭ ئاخۇنۇمدىن مۇقامنىڭ چالا يەرلىرىنى تولۇقلاپ ئۆگىنىپ، «جامىكام» نامى بىلەن مەشھۇر بولىدۇ.كارۇشاڭ ئاخۇنۇم ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، جامىكام موللا ئابلا، ھاسان تەمبۇر، بارات تەمبۇر، روزى تەمبۇرلار قاتارىدا غۇلجىدىكى ئۇستاز سازەندىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. روزى تەمبۇرباشتا سۈيدۈڭلۈك ئابلا دۇمباقتىن، كېيىن غۇلجىدىكى مۇھەممەت موللا كارۇشاڭ ئاخۇنۇمدىن، يەنە ئۆز نۆۋىتىدە جامىكامدىن مۇقام ئۆگىنىشكە كىرىشىپ ئىلى ئون ئىككى مۇقامىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى تىكلەيدۇ.
    تەخمىنەن 1930 -يىلى غۇلجا شەھىرىنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدىكى تۆپىلىك ــ قارىدۆڭ مەھەللىسىدە ھۈسەنجان جامى دۇنياغا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئاتىسى جامىكامنىڭ ئاۋالقى خوتۇنى ئىلىدا ۋاپات بولغاندىن كېيىن، يۇرت چوڭلىرى ئۇنى لاۋاردىكى ئاتۇدا ساق قالغان قىسمەتدىشى مەريەمخانغا ئۆيلەپ قويغانىدى.ھۈسەنجان جامىنىڭ ئاپىسى مەريەمخانمۇ ئاياللاردىن چىققان ئۇستا دۇتارچى ئىدى. غۇلجىكى ئاياللارنىڭ چايلىرىغا دوستى بەختىخان(«ئاقبالىخان») بىلەن بىللە قاتنىشىپ،«ئىزمىچى گۈل»، «پەشمەتىم» دېگەن ناخشىلىرى بىلەن ئاياللار سورۇنىنى قىزىتىۋېتەتتى.مۇشۇنداق بىر تەقدىر ـ ئىرادە بىلەن، ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز چۈشكەن بۇ سەنئەت ئائىلىسىدىن ھۈسەنجان جامى، ئابدۇراخمان جامىلار يېتىشىپ چىقىدۇ. جامىكام كىچىككىنە ھۈسەنجاننى سايىسىدەك يېنىدىن مىنۇت نېرى قىلمايتتى. ئۇنى تورۇق ئېتىغا مىندۈرىۋېلىپ مەشرەپ، توي ـ تۆكۈنلەرگە بىللە ئېلىپ باراتتى. قارا قىشنىڭ ئۇزۇن كېچىلىرى ھەممە يەردە مەشرەپ قاينايتتى. جامىكامنىڭ ئارمىنىنى قىلىپ شەھەرنىڭ ھەرقايسى مەھەللىرىدىن، ھەتتا پەنجىم، كېپەكيۈزى، جېلىليۈزى دېگەندەك يىراق يەرلەردىنمۇ مەشرەپكە تەكلىپ ئېتىپ ئاتايىن ئۆيىگە كېلىپ كېتىدىغانلار كۆپ ئىدى. جامىكام ئېتىنى توقۇپ ، ئىگەرنىڭ ئۇ ـ بۇ يەرلىرىنى چىڭىتىۋاتقاندا ھۈسەنجان ئاتىسىنىڭ قەدىناس كونا دۇتىرىنى ئۆيدىن كۆتىرىپ چىقىپ ئاتىسىدىن بۇرۇن تەق بولۇپ تۇراتتى.
   پەنەر يورۇقىدا سورۇن ئەھلىنىڭ ئۇزۇن سايىلىرى تامدا ئەلەڭلەيتتى. ھەر خىل قىياپەت، ھەر خىل ئاۋازدىكى ئادەملەر، ئاجايىپ ـ غارايىپ پاراڭلار، كۈلۈشلەر، ئۇھ تارتىشلار، كالتە يۆتۈلۈشلەر، ساز ـ ناخشىلار ئىچىدە قايسىدۇر بىر چاغلاردا كۆزى ئۇيقىغا كەتسە،كۈلكە ـ چاقچاقلار ۋە دادىسىنىڭ تونۇش تەمبۇر ساداسى ئىچىدە يەنە ئۇيقىسىنى ئاچاتتى. جامىكامنىڭ مەشرەپ ھەرقانچە كەچكە قالسىمۇ قونۇپ قالماي ئۆيىگە قايتىپ كېتىدىغان «قىلىقى» بار ئىدى.« ئاتنىڭ ئىگەر ـ جابدۇقلىرى مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرسۇن» دەپ ، تۇرۇق ئېتىنى يايداق مىنىپ تۈن قاراڭغۇسىغا كىرىپ كېتەتتى. تالاي كېچىلەر ھۈسەنجان ئاتىسىنىڭ دۈمبىسىگە يۈزىنى يېقىپ ، بېلىنى قاماللىغانچە چالا ئۇيقۇلۇق ھالەتتە قېرى ئاتنىڭ سوكۇلدىشىغا قۇلاق سېلىپ ئۆيگە تەڭ قايتاتتى .ئاتىسى چالغان سازلار ئۇنىڭ قۇلاق ـ مىڭىسىگە شۇ دەرىجىدە قۇيۇلۇپ كەتكەن ئىدىكى، ناۋادا دۇتارنىڭ ئاۋۇ ئېگىزدىكى پەدىلىرىگە قولى يەتسە،تونۇش ئاھاڭلارنىڭ ھەرقاندىقىنى كېلىشتۈرۈپ چېلىۋېتەلەيدىغاندەك ئويلايتتى.
ـــ توختا! تاڭ ئاتاي دېگەندە نەدىن كېلىشتىڭ؟!
چېرىكلەر مىلتىقلىرىنى تەڭلەپ ئۇلارنى ئاتتىن چۈشۈرەتتى.
ــ پىلىچى خاڭغا كۆمۈرگە بارغان ، ھارۋام داۋاندا سۇندى، بالامنى توڭلىتىپ قويماي دەپ، ھارۋىنى تاشلاپ يېنىپ كەلدىم دەڭلا.
    ئاتىسى سازەندىلا ئەمەس، ئەنە شۇنداق سۆزمەن كىشى ئىدى. ئاتىسى ئۇنىڭ ئۆزىدەك نامى ئۇلۇغ، ئەمما غۇربەتلىك سازەندە بولۇپ قېلىشىنى خالىمىغان بولسا كېرەك، ھۈسەنجان دۇتارغا قول ئۇزىتىشى بىلەن ،ئاتا«ھاي، تەگمە» دەپ ۋارقىراپ كېتەتتى. ئاپىسى مەريەمخان ئۇنىڭ تەلپۈنۈشلىرىنى سېزىپ ئۇنىڭغا دۇتار چېلىشنى يوشۇرۇنچە ئۆگەتتى.
    بىر كۈنى ئاتىسى«ئەمدى مەكتەپتە ئوقۇيسەن» دەپ مەھەللىسىدىكى ياردەم مەكتىپىگە ئاپىرىپ خەتلىتىپ قويدى.
ـــ دادا، ئوقۇمايچۇ؟
ـــ نېمىشقا ئەمدى؟
ـــ مۇئەللىملەر ئۇرىدۇ.
ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەر پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتى.
ـــ بۇ يەر خەلپىتىمنىڭ بالىلارنى پالاققا باسىدىغان قارىخانىسى ئەمەس ،ساقام،ــ دېدى تۇران خانىم دېگەن چىمەن دوپپىلىق مۇئەللىم ئۇنىڭ يۈزىنى مېھىرلىك سىيلاپ، ـــ يوپيۇرۇق كېلەچەككە باشلايدىغان ئىلىم يۇرتى. ئەۋۇ قاشقىدىكى «ئىلى ۋىلايەتلىك 3-ياردەم مەكتەپ» دېگەن چىرايلىق خەتنى كۆردۈڭمۇ؟ـــ تۇران خانىم ئۇنى ئاتايىن ئاچىقىپ كارىدۇردىكى مەكتەپ ۋېۋىسكىسىنى كۆرسەتتى،ـــ يۇرتىمىزنىڭ پەزىلەتتە، بىلىمدە تەڭ كامالەت تاپقان ئىپتىخارى پاشا غوجىمىز نۇرزات ھېكىمبەگ يېزىپ بەرگەن. سەنمۇ ياخشى ئوقۇساڭ، پاشاغوجامدەك بولالايسەن!
    بۇ يەردىكى يەتتە ـ ياشتىن يەتمىش ياشقىچە ھەممىسى پاشا غوجامنى پادىشاھمىكىن دەپ قىياس قىلىشاتتى.قارىدۆڭدىكى گۈلشەنباغ دەل پاشاغوجامنىڭ ئىلكىدە ئىدى.پاشا غوجام ئىلىغا چىققان ئۆي ـ ئوچاقسىز مۇساپىر، غېرىب غۇرۇۋالارنىڭ غېمىنى يەپ،باغنىڭ بىر بۆلىكىدىن ئۇلارغا جايلىق يەر ئىھسان قىلغان ، شەھەرئىچىدىكىلەر بۇ يېڭى مەھەللىگە « قەلەندەرلەر مەھەللىسى» دەپ ئات قويۇشقان ئىدى.قارىدۆڭنىڭ تۆپىسىدىن دەريا تەرەپكە باققاندا، قېرى ئالما ـ ئۆرۈك، جىگدە،ياڭاق ، قارىياغاچ،سۆگەت، مەجنۇنتال ۋە ئاللىقانداقتۇر ئاسمان پەلەك دەرەخ،چاتقاللار چىرمىشىپ كەتكەن بۇ قاراڭغۇ باغ بايلارنىڭ سەيلىگاھى،يېتىمچى، قەلەندەر، دىۋانلەرنىڭ پاناگاھى ئىدى.سوغۇق چۈشمەي تۇرۇپلا ئاسماننى قارايتىۋەتكۈدەك سانسىز قاغىلار بۇ ئورمانباغنى قاپلايتتى.گۈلشەنباغ كۆكلەمنىڭ ھېدىنى ئالغاندىن يىقىشلىق ئىسمىغا مۇناسىپ جانلىنىپ كېتەتتى: سۇ بويى،قىياقلىقتا يۇمىلاق سورۇن قۇرۇشۇپ ناخشىغا تەگكەن مەشرەپچىلەر، «يا جەمشىت!» دەپ ھوشۇق ئاتىدىغان قىمارۋازلار، چۆپلۈكلەردە ئوڭدىسىغا يېتىپ «ئاتامغا نېمە دەپ يىغلاي» دەپ كۆككە قاراپ غەزەل توۋلاۋاتقان يېتىمچى – مۇساپىرلار،يەر چىلىم ياساپ دەم تارتىشىپ ««ئىشقى،خۇدانىڭ ئىشقى !» دېيىشكەنچە بىھۇش بولىدىغان بەڭگىلەر، ئاخشاملىرى بۇلاق بويىدا پەيدا بولۇپ يۇقاپ كېتىدىغان قىزلار… گۈلشەنباغنى باغ ئەمەس،رىۋايەتلەردىكى سىرلىق شەھەردەك تۇيغۇغا كەلتۈرەتتى كىشىنى.گۈلشەنباغ كۆڭۈللۈك بولغىنى بىلەن، تۆپىسىدىكى قارىدۆڭ تولىمۇ سۈرلۈك جاي ئىدى. بۇ يەردە چولاق تاملار ۋە ئىگىز ـ پەس قەبرىلەر قويۇق شىۋاقلارغا چۆكۈپ ياتاتتى. ھۈسەنجان مەھەللە بالىلىرى بىلەن بۇ يەردە ئويناپ يۈرۈپ،ساپال،كوزا،چاچتەڭگە،مىس ئۆزەڭگە دېگەنلەرنى ئۇچرىتىپ قالاتتى.مەھەللە بالىلىرىغا ھەپتىيەك ئۆگىتىدىغان چولاق موللام ئەشۇ ئەسكى تاملىقلارنى كۆرسىتىپ : « ئۆز زامانىسىدا قوڭتاجى دېگەن قالماقلار پادىشاھىنىڭ ئالتۇن بىلەن سالغان بۇتخانىسى بۇ» دەيتتى. چولاق موللامنىڭ بىلىدىغانلىرى ھەقىقەتەن كۆپ ئىدى.
ــ ساڭا كىم گىنە قىلدى، بولدى ھەق ئالدىدا مەردۇد،
يۈزى بولدى قارا ئىسيان ئوتى بىرلە ئانىڭ چۈن دۇد
جەھاننى نەچە تولدۇرسە، ئىبادەت بىرلە قىلماس سود،
نە بەھرە تاپقۇسىدۇر ئول ئاڭا رەھمەت يولى مەسدۇد.
ــ چولاق موللام يىراقتىكى ئاقباش تاغلار ئارىسىدا مەيىن شاماللارنىڭ پەپىلەشلىرىدە دولقۇنلىنىپ تۈرغان كۆپكۈك ۋادىغا نەزەر تاشلىغانچە تالىپلىرىغا پاراڭ قىلىپ بېرەتتى،ـــ ئاشىقلار سۇلتانى شاھ مەشرەپ قەدەسەس بۇ يەرلەردە تۆگە باققان، مەلىكە ئاپپاققا ئاشىق بولۇپ نەزمىلەر پۈتكەن .گۈلشەنباغنىڭ ئىلگىرى «بۇغراخانە» دېيىلىشىمۇ شۇ ۋەجىدىن.
چولاق موللام ئۇلارنىڭ كىچىكىدىن تارتىپ ئاخىرەتنى ئويلايدىغان مۆمىن پەرزەنت بولۇشىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ھەر جۈمە كۈنى بۇ يەردىكى قەبرىلەرنى زىيارەت قىلدۇرۇپ تۇراتتى. موللام غېرىپ بىر دۆۋە توپىنى كۆرسىتىپ : « مېنىڭمۇ سىلەردەك ۋاقلىرىمدا خەقلەر ئامىنە ئىسىملىك بىر مەزلۇمنى‹ئېرىگە ۋاپاسىزلىق قىلدى›دەپ مەھكىمە شەرئىنىڭ ھۆكمى بىلەن تاش بوران قىلىپ ئۆلتۈرىۋەتكەن. ئاندىن ئۆلۈكىنى مۇشۇ يەرگە كۆمىۋەتكەن. شۇنىڭدىن تارتىپ بۇ يەرگە جىنازىلار كېلىشكە باشلىدى…» دېگەن ئىدى. ھۈسەنجان كۆزىنى يۇمسىلا بىر ئايالنىڭ ھەسرەتلىك ، سۇلغۇن يۈزىگە خەقلەرنىڭ قىيقاس ـ چۇقان قىلىشقانچە تاش ـ داڭگاللارنى ئېتىۋاتقان كۆرۈنۈش كېلىۋالاتتى…ئۆلىمالار قارىدۆڭگە چىقىپ يىڭى ئاينىڭ كىرگەن ـ كىرمىگەنلىكىنى كۆزىتىپ، شۇنىڭغا قارىتا روزا ۋە ھېيت كۈنلىرىگە ھۆكۈم قىلىشاتتى. ھېيت كەلسە،ئەنە ئاۋۇ مۇنار ـــ قارىدۆڭ ناغرىخانىسىدا ناغرا ـ سۇناي ياڭراپ ھەممە يەر شادىيانە ھېيت تەنتەنىسىگە چۈمۈدۇ. ھۈسەنجان ناغرىخانىغا پات ـ پاتلا بارىدۇ، بارغىنىغا لايىق ناغرىنى خېلى ئەپلەشتۈرۈپ چېلىپ،«ۋۇي ـ ۋۇي، جامىكامنى كىيىپ چىقامدۇ، نېمە!» دېگەن ماختاشلاردىن يۈرەكلىرى ئويناپ كېتىدۇ.ناغرىنى قوللىرى تېلىپ، بەللىرىنى ئالالمىغۇچە چالىدۇ ئۇ. ناغرا سوقۇش نېمە دېگەن كۆڭۈللۈك! ياق ھەر قانداق چالغۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆڭۈللۈك!
     ھۈسەنجان ئۆيدە ئاپىسىدىن ، مەكتەپتە ھېيىت قارىم دېگەن مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسىدىن دۇتار چېلىشنى ئۆگىنىپ مەكتەپنىڭ سەنئەت پائالىيەتلىرىدە كۆزگە كۆرۈندى،ئەمما بۇنى ئاتىسىدىن يەنىلا يوشۇراتتى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۇنداق بىر ئىش يۈز بەردى:
   ئۆرۈك پىشىقى.ھۈسەنجان دادىسى بىلەن نۇرۇم شاڭيۇنىڭ بېغىدا مېھمان بولۇۋاتقاندا، قەشقەر مەسچىتىنىڭ ئىمامى غوپۇراخۇن باغقا كىرىپ قالىدۇ. غوپۇراخۇن ئىمام دۇتار ـ تەمبۇرنى كۆرسىلا چىشى غۇچۇرلايدىغان،« يېنىمىزغا دوزاق چۆمۈچىنى يولاتمايلى، جامائەت» دەپ ۋەزخانلىق قىلىدىغان كىشى ئىدى. ئەمما بۈگۈن غوپۇراخۇن جامىكامنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ، بىر ھازادىن كېيىن تەستە ئېغىز ئاچىدۇ:
ـــ جامى ئۇكام،ئوغۇللىرى بىلەن بىر پەدە چېلىپ بەرگەن بولسىلا قانداق؟
جامىكام ھەيران بولۇپ نۇرۇم شاڭيۇغا باقىدۇ.
ـــ ئىمامئاخۇنۇم دېگەنكەن، ئەلۋەتتە بەجا كەلتۈرگۈلۈك،ـــ دەيدۇ نۇرۇم شاڭيۇ ۋە دەرھاللا قوپۇپ بېرىپ ئۆرۈك پۇتىقىغا ئىلىقلىق تەمبۇرنى جامى ئاكىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇدۇ، دۇتارنى ھۈسەنجاننىڭ قولىغا بېرىدۇ.ھۈسەنجان دۇتارنى سازلايدۇ.
ـــ چالالامسەن؟ـــ دەيدۇ دادىسى ھەيران بولۇپ.
ــ ھەئە،ــ دەيدۇ ھۈسەنجان ئىشەنچ بىلەن ۋە تارتىنىپ ھۆپپىدە قىزىرىپ كېتىدۇ.
دادىسى گەپ قىلماي « نىم پەدە»نى باشلايدۇ. ھۈسەنجان مەشرەپتە كۆرۈۋالغىنى بويىچە دادىسىغا ئەگىشىپ دۇتار تارىغا قول ئۇرۇدۇ. غوپۇراخۇن ئىمام مۇزىكا ساداسى ئىچىدە پۇغانلىرىنىڭ بوشاۋاتقانلىقىنى سېزىپ يېنىك نەپەس تارتىدۇ. ئەسلىدە ئىمامنىڭ ئوغلى ئۆلۈپ كېتىپ خېلىدىن بۇيان دەردكە چىرمىلىپ يۈرگەنىدى…
ـــ سازەندىنىڭ ئىگىسى يوق ، بالام، ـــ دەيدۇ جامىكام ئۇنىڭ قاداق بارماقلىرىنى قىسىپ، ـــ ئۆز مەيلىڭچە چېلىشنى ئۆگىنىپسەن ـ دە، ئۆگەنگەنكەنسەن،بوپتۇ،ياخشى ئۆگەن،ـــ دەيدۇ ـ دە، ئەتىسىدىن باشلاپ ئۇنى ئۆزى بىر قوللۇق تەربىيىلەشكە ئۆتىدۇ. ئارىدىن نەچچە قىش، نەچچە ياز ئۆتىدۇ. ھۈسەنجاننىڭ قولى تەمبۇرغا ئوبدانلا كېلىپ قالىدۇ.كېيىنچە، مەشرەپ ئەھلىنىڭ تەلىپى بىلەن جامىكام دۇتار،ھۈسەنجان تەمبۇر بىلەن بىرگە ساز ئورۇندايدىغان بولىدۇ.شۇنداق قىلىپ ، 1941-يىلى ھۈسەنجان ئوقۇشتىن چېكىنىپ موزدۇزلۇققا شاگىرتلىققا بېرىلگەن «مۇشتەك»چېغىدىلا بالا سازەندە بولۇپ تونۇلۇپ، نامى شەھەرگە پۇر كېتىدۇ.
    جامىكام ئامراق ئوغلى ھۈسەنجاننى ئەگەشتۈرۈپ ياماتۇ كېچىككە بېرىپ ئاددىغىنە بىر ئېغىزلىق چايخانە ئاچىدۇ. يولۇچىلار، سالچىلار ئۇلارنىڭ چېيىدىن بەكرەك چالغان سازىنى ئاڭلاش ئۈچۈن بۇ يەرگە ئالدىرىشاتتى. ھۈسەنجان جىق بالىلار ئاشىق بولۇپ قالغان ياماتۇلۇق ساھىبجامال بىر قىزچاقنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ،كېچىلىرى شۇ قىزنىڭ پىراقىدا ئۇخلىيالماي تەمبۇرىنى مۇڭلۇق پەدىلەرگە چالىدۇ. ئۇ تۈرلۈك ئازابلارنىڭ ئېغىزدىن چىقالمىغانلىقى ئۈچۈن تەمبۇرنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلىدۇ. شۇڭىمۇ ئۇنىڭ چالغان مۇزىكىلىرىدا ناشقىچە بىر تەم پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. ئۇ كېچىسى قوراي، چىغىرتماق،قېرىقىز، ھوۋقۇشلار يولىنى توسوپ تۇرغان قەبرىستانلىقتىن مىڭ بىر قورقۇنچ ئىچىدە ئۆتۈپ، ئەشۇ قىزنىڭ ئۆيىنىڭ ئارقا ئىشىكىگە باراتتى.ئاخىرقى بىر يۇلتۇز ئۆچكىچە شۇ يەردە تۈنەپ، نائىلاج قايتاتتى. جاھىل ئاتا ئۇنىڭ يولىنى توسۇپ قويىدۇ. قىزچاق باشقا بىرسىگە تۇرمۇشلۇق بولۇپ كېتىدۇ.
چىنىنى سۇندى دېمەڭلار،
چىنىدىن دىلىم سۇنۇق.
ياردىن ئايرىلغىلى
كۆڭلۈم مېنىڭ قاراڭغۇلۇق.
    ھەي، مەشرەپتە ئوقۇلغان مۇشۇ گەپلەرنى قايسى ھۈسەنجانلار دېگەن بولغىيتتى، دەپ ئويلاپ قالاتتى ئۇ تەمبىرنىڭ ئۈزۈلگەن تارىنى ئالماشتۇرغاچ…
     1944-يىلى 11-ئاينىڭ بېشىدا، غېنى باتۇر ئالا بايتىلىنى قارىدۆڭگە چاپتۇرۇپ كىرگەندە، ھۈسەنجان بىر نەچچەيلەن كىرەم مۈشۈكنىڭ موزدۇزخانىسىدا پەشتامىلىرىغا ئۆتۈك قىسىپ پاشنا قاتتۇرۇش بىلەن ھەلەك ئىدى.ئۇلار پارتىزانلارنىڭ ئاتلىرىنى دۈكۈرلىتىپ، قامچىلىرىنى قارسىلدىتىپ، مىلتىقلىرىدىن ئوق ئۈزگەنلىرى، باتۇرنىڭ پاتىخ مۇسلىمۇپنىڭ ئانىسىنى تۈرمىدىن قۇتقۇزۇپ چىققانلىرىنى ، گومىنداڭ ئايرۇپىلانىنىڭ ھاۋادىن ئوق ياغدۇرغانلىرىنى كۆرۈپ كۆزلىرى ئالىچەكمەن بولۇپ كېتىدۇ. شۇڭغىچە، دادىسىغا ياردەملىشىپ ئۆينى بېقىش يولىدا قوناق ساتقان، مويكىدا يۇڭ يۇغان،تاشكۆرۈكتە باغ باققان، تاماكا زاۋۇتىدا كۆك تاماكا توغرىغان، پارچە ئىش ئېلىپ موزدۇزلۇق قىلغان، دادىسى بىلەن بىللە مەشرەپتە ساز چېلىپ چۈشكەن ئۆرۈم بىلەن تۇرمۇشنىڭ ھاپ دەپ ئېچىپ تۇرغان ئاغزىنى ياپىمەن دەپ ياشاۋاتقان بۇ ئوغۇل:« ھايات كۈندۈزى تىرىكچىلىك جېڭى، كەچتە نەغمە ـ كۈلكە مەشرىپى، ئادەملەر مۇشۇنداق پەدىدە ياشىسا كېرەك » دەپ ئويلاپ كەلگەنىدى. شۇ كۈندىن باشلاپ غۇلجىدا ئۇرۇش باشلىنىپ كەتتى.قەھرىمان مىللىي ئارمىيە گومىنداڭ قىسىملىرىنى قىيان كەبى بىتچىت قىلىپ بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ماناس دەرياسى بويىغا زەپەر تۇغىنى تىكلىدى.سۆسەر تۇماق كىيگەن ، كەڭ يەلكىلىك ھېلىقى غېنى باتۇر دېگەن كىشى ئۇنىڭ كوچىسىدىن ئۆتمىگەن بولسا، بەلكىم ئۇ كۈندۈزى ئۆتۈك تىكىش،كېچىسى تەمبۇر چېلىش بىلەن ئۆتۈپ كەتكەن بولارمىدىكىن.ئىلگىرى كەسپىي سەنئەتكار بولغان ئەمەس. ناخشىچى ـ سازەندىلەرنىڭ بىرى بىدىك، بىرى ساتىراش، بىرى ھارۋىكەش،بىرى جاللاپ،بىرى ئاشپەز…دېگەندەك ھەر خىل كەسىپ بىلەن تىرىكچىلىك قىلىشاتتى. ھاجىتى چۈشكەنلەر ئۇلارنى ئىش ـ ئوقەت قىلىۋاتقان يېرىدىن تېپىپ ، سورۇنغا ئېلىپ كېتەتتى.
   ئىنقىلاب غەلىبىسىنىڭ شاراپىتى بىلەن،1946-يىلى 1-ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى مەخسۇس ھۈججەت چۈشۈرۈپ، زىيا سەمىدى،تېمىر غەلى (قازاق)،ئابدۇۋەلى جارۇللايۇف،زىكرى ئەلپەتتا، رازىيە خانىملارنىڭ يېتەكچىلىكىدە 50كىشىلىك « دۆلەت تىياتىرى»( «ئىتتىپاق تىياتىرى»)نى تەشكىل قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن خەلق سەنئىتىنىڭ سەھنىلىشىشىگە، سەنئەت ئىجادىيىتىگە داغدام يول ئېچىلىدۇ.ئىتتىپاق تىياتىرىغا ئىلگىرى سانايى نەپىسەدە ئىشلىگەن، شېڭشىسەينىڭ قانخۇر تىرنىقىدىن ئامان قالغان داڭلىق سەنئەت پىشۋالىرىنى شۇنىڭدەك يۇرت ئىچىدە تونۇلىۋاتقان ھۈسەنجان جامى قاتارلىق ياشلارنى تەشكىللەپ رەسمىي ئىشتات بەلگىلەپ قوبۇل قىلىدۇ. سۆيۈملۈك رەھبىرىمىز ئەخمەتجان قاسىمى بۇ تىياتىرنى قۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈش خۇسىسىدا سۆز قىلىپ « بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ قانچىلىك تەرەققىياتقا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋال ئۇنىڭ مائارىپى بىلەن تىياتىرىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش كېرەك.بىزنىڭ سىرتتىن كەلگەن مېھمانلارغا ئويۇن كۆرسىتىشىمىز ۋە مەكتەپلەرنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇرۇشىمىزنىڭ سەۋەبىمۇ مەدەنىيىتىمىزنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن ئەمەسمۇ» دەيدۇ.
   ھۈسەنجان جامى مەتتاھىر ھەسەن،نۇرمۇھەممەت ناسىر،ئابدۇنەبى ماناپوف،ئىسكىرىپكىچى سەيدۇللام قاتارلىق ئۇستا سازەندىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.روزى تەمبۇر، زىكرى ئەلپەتتالار «سايرامىيە» مەكتىپىدە دەرس ئۆتكەن سەنئەت كۇرسىغا قاتنىشىپ مۇقام ۋە خەلق ناخشىلىرىنى ئورۇنداش ماھارىتىنى يۈكسەلدۈرىدۇ.بولۇپمۇ ئابدۇنەبى ماناپوفنىڭ مۇزىكا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش روھى ئۇنىڭدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ.ئابدۇنەبى ئاكا تىياتىر ئىشىكىدىن كىرىۋېتىپ :
ـــ ھاي، جامىكامنىڭ بالىسى، بولە قېشىمغا كەل، ــ دەپ توۋلاپ يېنىغا چاقىراتتى،ـــ
تەمبۇرۇڭ سازمۇ ؟
ـــ سازلاقلىق،ـــ ھۈسەنجان تەمبۇرىنى قامىغانچە ئۇنىڭ قېشىغا ئوقتەك ئۇچۇپ باراتتى.
ـــ بىر ئىجادىيەت كېلىپ قالدى دېگىنە، ھە ئاڭلا،پاپ ـ پاپ ـ پاپ ـ پاپ… ھە، ئاڭقىرالىدىڭمۇ؟ ھە، مانا، مانا،كەلتۈردۈڭ، ھە پەدەڭنى چۈشۈر.
    مانا شۇنداق قىلىپ يېڭى دەۋرنىڭ جۇشقۇنلىقىنى ئىپادىلەيدىغان يېپيىڭى ئاھاڭ «ئوقۇپ ـ ئوقۇپ، ئالغا بېسىپ» تەك ئاھاڭلار پەيدا بولۇپ قالاتتى. « مۇقامدىكى ئاھاڭلار ئاسماندىن چۈشمىگەن، يەردىن ئۈنمىگەن. سەندەك، مەندەك ئاشىقى بىقارارلارنىڭ تۇلغاق تۇتۇشلىرىدىن تۇغۇلغان.زىكرى ئەلپەتتانىڭ ‹غېرىب ـ سەنەم›ئۈچۈن ئىشلىگەن ئاھاڭلىرىنى ئاڭلىغىنا. نېمىدىگەن يېقىملىق…» ھۈسەنجان جامىغا ئۇنىڭ سۆزى تەسىر قىلىپ، بىرەر ئاھاڭ ئىشلەپ بېقىش خىيالىغا كېلىپ قالىدۇ.ۋۇجۇدىدىكى ئۇرغۇپ تۇرغان ياشلىق ھاياجىنى ،تەمبۇر تارىغا ناخۇل ئۇرغان قوللىرىغا قىزلارنىڭ ئوتلۇق بېقىشلىرى،ئەسىرلەر بۇيان ئەمدىلا نەسىب بولغان ھۆرلۈك تېڭى، مۇزىكا ساداسى ياڭراپ تۇرغان تىياتىر ــ كۈيلەر ئوردىسى ئۇنىڭ ئىلھام قاناتلىرىنى قاقتۇرۇپ، كۈي ئىقلىمىغا پەرۋاز قىلدۇراتتى.«سەھەردە» ئۇنىڭ تۇنجى مۇزىكىسى ئىدى.بۇ مۇزىكا تۇغۇلۇپ كۆپ ئۆتمەي سۆيگۈ تەشنالىقى تەنگە تارايدىغان « كۆزى خۇمار»،« خۇش كېلۇر» ناملىق ئىجادىيەتلىرى تېزلا خەلق ئارىسىغا تاراپ كېتىدۇ. كېچىلىرى خۇش ئاۋاز يىگىتلەر ئاي نۇرى يورۇتقان خىلۋەت كوچىلاردىن ھۈسەنجان جامىنىڭ ناخشىسىنى ئېيتىپ ئۆتەتتى:
سەن قاياقتىن كېلىسەن،
چىرايلىقىم كۆزى خۇمار.
ساڭا تىلىم تەگمىسۇنەي،
بوينۇڭغا ئاسقىن تىل تۇمار.
سېنى دەپ ـــ يارىمنى دەپ،
قىلدىم نامازىمنى قازا.
ئولتۇرۇپ قان يىغلىسام،
يوقتۇر قېشىمدا بىر مازار….
ـــ جامىكامنىڭ بالىسى كاساپەت ، كىچىك تۇرۇپ تەمبۇرنى نېمىدىگەن چىرايلىق چالغان! پوكۇس چىقىرىپ چېلىشلىرىچۇ.
ـــ «ياۋنى گۇمران» دېگەن ئاھاڭىنى جەڭچىلىرىمىز غىڭشىپ يۈرىدۇ.
ـــ «غۇنچەم» دىرامىسىدىكى«مەن ئۆلەرمەن»، « ئورما ئورىسەن…» دېگەن ئاھاڭلىرىنىڭ مۇڭلۇقلۇقىچۇ.
ـــ تىياتىر فىرۇنتقا ھال سوراپ ماڭغان سەپىرىدە داۋۇت تۇرەخمەتۇف كوزۇپتا ئولتۇرۇپ « جەڭچى قەھرىمان باللار» دېگەن شېئىرنى ئۇياقتىن يېزىپتۇ، بۇ ياقتىن ھۈسەنجان يېڭى ئاھاڭ ساپتۇ. تىياتىردىكىلەر يولبويى بۇ ناخشىنى ئۇمدان مەشق قىلىپ، ماناستىكى ئوغلانلىرىمىزغا بېرىپ ئېيتقانىكەن،« خەلقىمىزنى ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرۈش يولىدا جېنىمىز پىدا» دەپ ئۇلارنى قۇچاقلاپ كېتىپتۇدەك.
ـــ جەڭچى قەھرىمان باللار،
خەلقىمدىن سالام سىزگە.
جەنۇب خەلقىگە كۆيگەن
قەلبىمدىن سالام سىزگە.
    كوچىدىن ياشلار ئۇنىڭ ناخشىسىنى ئېيتىپ ئۆتكەندە، ئۆي ـ ئۆيلەردە ئۇ ھەقتىكى پاراڭلار قىزىپ كېتەتتى.
    ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ھۈسەنجان جامى ئىتتىپاق تىياتىرىنىڭ غوللۇق ئىجادىيەتچىسى، ئۇستا چالغۇچىسى بولۇپ كۆپنىڭ ھۆرمەت، ئېتراۋىغا نائىل بولدى.ئازاد ئۈچ ۋىلايەتتىكى سەنئەت پائالىيەتلىرىگە، ئۈچ ۋىلايەت رەھبەرلىرىنىڭ ، مەشھۇر كىشىلەرنىڭ زىياپەتلىرىگە ئىشتىراك قىلىپ تېخىمۇ يۈز تاپتى.ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئاتىسى نادىر، جامىكام بىلەن تەڭ ساز چېلىشقان مەشھۇر سازەندىلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئەخمەت ئەپەندىم ئارىشاڭ سەپىرىدە ھۈسەنجانغا:« مەن دادامدىن كىچىك يېتىم قالدىم. ئۇنداق بولمىغاندا،بەلكىم مەنمۇ سەن بىلەن بىرگە ساز چېلىپ خەلقنىڭ سەنئەت كوچىسىدا بىرگە يۈرگەن بولاتتىم» دەپ ئۇنىڭ ئىلگىرلىشىگە ئىلھام بەردى. غېنى باتۇر ئۇنى تاغمۇ تاغ، باغمۇ باغ بىللە ئېلىۋېلىپ ئۇنىڭ تەمبۇرغا جان كىرگۈزۈپ چېلىشىغا بولغان مەپتۇنلۇقىنى، ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈپ تۇردى. ئۈچ ۋىلايەت ھاكىمىيەت چەمبىرىدىكى ئىنتايىن مۇھىم شەخىس ھاكىم جاپپارۇۋېچ يارۇللا بېكوف ئۇنى بىر پاچكا پۇل ۋە بىر قۇر ئىسىل كاستۇم ـ بۇرۇلكا بىلەن مۇكاپاتلىدى.ھۈسەنجان بۇ پۇلنى ئاتىسى جامىكامغا ئاپىرىپ بەردى. ئاتا تولىمۇ خۇشال بولدى. جامىكام ئاتۇ ۋە شېڭ شىسەينىڭ قىلمىش ـ ئەتمىشلىرىدىن يۈرىكى مۇجۇلۇپ كەتكەچكىمۇ، مەھەللە ـ كويلاردىكى مەشرەپلەردىن ئۆزگە نە سانايى نەپىسە، نە ئىتتىپاق تىياتىرى،نە رايۇنلار سەنئەت كۇرژۇك ئىشلىرى دېگەنلەرگە يېقىن يولىمىغانىدى.
ـــ بولسىغۇ مۇشۇ ئىشلىرىڭنى يىغىشتۇرۇپ يېنىمغا قايتىپ كەلسەڭ، بۇرۇنقىدەك مەن دۇتار، سەن تەمبىر چېلىپ مەشرەپلەردە يۈرگەن بولساق…ــ ئاتا بۇرۇنقى چاغلارنى سېغىنغان ، بارغانچە قېرىلىق يەتتىمۇ قانداق، يېقىملىق كۆزلىرى مېيى تۈگىگەن چىن چىراغدەك پىلىلداپ قالغانىدى.
    ھۈسەنجاننىڭ دادىسىغا ھەقىقەتەن قېرىلىق يەتكەن، ھەتتا مەشرەپلەرگە بۇرۇنقىدەك كۆپ بارالمايدىغان ، ئىلگىرى ئۆزى بارىدىغان ھېكىمبەگ غوجىنىڭ مەشرىپىگە ئوغلى ھۈسەنجان قاتنىشىدىغان بولغانىدى. ھېكىمبەگ غوجا نامىدىكى مەشرەپكە تېيىپئاخۇن شەڭگەن، ئىبراھىم كېمىچى، ھاپىزاخۇن شەھەر باشلىقى، رۇستەم ھاجىم تۇماقچى، روزەم ساقال،زىكرى ئەلپەتتا، تېيىپجان ھادى، زوردۇن شىبە،ئىمىن سۆلەت دېگەندەك 20گە يېقىن يىقىن كىشى قاتنىشاتتى.
    ھېكىمبەگ غوجام ئېگىز بويلۇق،كەكە ساقال كىشى ئىدى.ئېيىق تېرىسى، قات ـ قات كۆرپە ئۈستىدە مامۇق، پەي ياستۇقلارغا قىڭغىيىپ چوڭ كۆزلىرىنى بىر نۇقتىغا تىككەنچە بېرىلىپ ساز تىڭشايتتى. بىرە بىر پۇسۇققىدە چاقچاق قىلىپ قويغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا گېپى ئالتۇندەك ئاز كىشى ئىدى.تۇرۇپ مۇڭلىنىپ، قانداقتۇر خىياللار پېتىپ قالاتتى.
ـــ ھە، جامالىدىن ئۇسسۇلۇڭنى باشلا،غوجام زېرىكىپ قالدى!ــ دەپ ۋاقىرايتتى ئابدۇراخمان گۈرۈچچى يىرتىق ئاۋازى بىلەن.
بۈگۈن غوجام تېپىشماق بىلەن ناخشىچىلارنىڭ ئىنكاسىنى سىنايدىغان بىر ئويۇن چىقاردى: غوجام قىزىل دوپپىسىنى ئېلىپ بېشىنى سىيلاپ قويۇۋېدى،تۇرسۇن سەلەي دەرھاللا ناخشا باشلىدى:
ــــ بېشىڭدىكى دوپپاڭنىڭ،
يىپەكتىن گۈلى بارمۇ؟
مەن ساڭا كۆيۈپ قالدىم،
سېنىڭ خەۋىرىڭ بارمۇ؟
   قالغان ناخشىچىلار ئالمان ـ تالمان ناخشىغا قېتىلىپ، سازەندىلەر ئاھاڭغا ئارانلا ئۇلاشتى.
ھېكىمبەگ غوجام مەمنۇنلۇق بىلەن كۈلدى ۋە تىلىنى يېرىم چىقىرىپ،لېۋىنى يالاپ قويدى.ناخشىچى ـ سازەندىلەرنىڭ ساز – بېيىتلىرى دەرھاللا ئۆزگەردى:
لېۋىڭنى لەھلىدىن دەرلەر،
چىشىڭنى ئۈنچىدىن دەرلەر.
قول سالىپ چىقىپ كەلسەڭ،
ئۇ كىمنىڭ دىلبىرى دەرلەر.
    غوجامنىڭ چىرايى نۇرلىنىپ قايىللىق بىلەن بېشىنى لىڭشىتتى ۋە ناخشا تاماملانغۇچە ناخشىنىڭ رىتىمىغا كەلتۈرۈپ تىزىنى چەكتى. سورۇن ئەھلىگىمۇ بۇ ئويۇن يېقىپ خۇشلۇققا چۈمۈشتى.ناخشا تۈگىشى بىلەن ھەممەيلەن غوجامنىڭ ھەرىكىتىگە زەن سېلىشتى. بۇ نۆۋەت ھېكىمبەگ غوجام دۇئا قىلغان ھالەتتە ئىككى مەڭزىنى سىيلاپ چوڭقۇر ئۇھ تارتىۋېدى، بىرەيلەن دەرھاللا گال قىرىپ ناخشا باشلىدى:
ئاق ئالما قىزارغاندەك،
قىزىل يۈزلۈ…
    بۇ دورەم ھېكىمبەگ غوجام « ياق» دەپ بېشىنى چايقىدى. بۇنىڭ بىلەن قايناق قازانغا سوغ سۇ قۇيۇلغاندەك ناخشا شىپپىدە توختىدى. سورۇن سەل پاتىپاراق بولۇپ ، غوجامنى چۆرىدەپ ئولتۇرغانلار جىددىيلىشىپ غوجامغا ۋە بىرـ بىرىگە قاراشتى. شۇ ئارىدا ھۈسەنجاننىڭ تەمبۇرى جاراڭلاپ ھەممەيلەننى دەمال ئىسەنكىرىتىپ قويدى.
ئالمىدىن رەڭلىك ئىدىم،
رەڭگىمنى سارغايتقان پىراق.
ئوڭ يانىمدا ئوت كۆيەدۇر،
سول يانىمدا ئىشتىياق…
ــــ ھۇششەررە،ـــ ھېكىمبەگ غوجا قىيسايغان يېرىدىن تىكلىنىپ ھۈسەنجان جامىغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ، ـــ مانا، مانا، دەل تاپتى…
ھۈسەنجان بىلەن جامالىدىن تالاغا چىقىۋېدى، ھېكىمبەگ غوجىنىڭ مۇھاپىزەتچىلىرى ئۇلارنىڭ ئالدىنى توستى:
ـــ نەگە ماڭدىڭلار؟
ـــ يەنە بىر مەشرەپكە ۋەدە قىلىپ قويغان، شۇ يەرگە ماڭدۇق. ئۆي ئىگىسىنىڭ خەۋىرى بار ئىش.
ـــ غوجام قايتماي تۇرۇپ، ھېچكىمنىڭ كېتىشىگە رۇخسەت يوق،ــ دېدى مۇھاپىزەتچى تاجىدىن،ـــ تالادا سىلەرنى سورۇنغا ئەكەتكىلى ئىككەيلەن كەپتىكەن، كىرگۈزمىدۇق.
ــــ كىرىپ كېتىڭلار، ـــ دېدى سامىڭ دېگەن يەنە بىر مۇھاپىزەتچى ئۇلارغا ھەربىيچە گەپنى ئۈزۈپ.
ھۈسەنجان كەينىگە ئۆرۈلۈپ ھېكىمبەگ غوجىنىڭ يېنىغا كىرىپ ئەھۋالنى ئېيتىۋېدى،
ـــ ئىككى ئۆتەك ئادەم مۇشۇ سوغۇقتا سىلەرنى ساقلاپ تۇرۇپتىمۇ، يامان بوپتۇ ئۇلارغا، ــ دېدى ھېكىمبەگ غوجام كەڭ قاپاقلىرىنى تۈرۈپ،ــ بوپتۇ بالىلىرىم بېرىڭلار. بىزنىڭ مەشرەپمۇ تۈگەي دەپقالغان. ئەمما ھۈسەنجان بالام، ماۋۇ جامالىدىن غىرـ غىر مۇزدا ئۇسسۇل ئوينايمەن بىرەر تۆشۈككە چۈشۈپ كەتمىسۇن.
ـــ ماقۇل غوجىدادا،دېگىنىڭىزدەك قىلىمەن، ــ دېدى ھۈسەنجان ھېكىمبەگ غوجىنىڭ ئاتا مىراس لەقىمىنى چاقچاققا كەلتۈرىۋاتقىنىنى سېزىپ ئىتتىكلا.
زىيا سەمىدىمۇ ئۇنىڭ تەمبۇر ماھارىتىگە قايىل ئىدى. 1950-يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 1 يىللىقى مۇناسىۋېتى بىلەن بېيجىڭدىكى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە ئۇنى كىچىك كۆرمەي زىكرى ئەلپەتتا،ئابدۇۋەلى جارۇللايۇفلار بىلەن بىللە ئەۋەتتى.بىيجىڭ سەھنىسىدە ئۇيغۇر تەمبۇرىنىڭ جاراڭلىق ساداسى تۇنجى قېتىم ياڭرىدى. دۆلەت رەھبەرلىرىدىن ماۋزېدوڭ، ليۇ شياۋچى، جۇ ئىنلەي، جۇدى قاتارلىقلار شىنجاڭ سەنئەتكارلىرىنى قوبۇل قىلدى. « قالتىس ئادەمكەنا ـــ دېيىشتى ئۇلار ماۋزىدۇڭنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندىن كېيىن، ـــ شۇنچە چوڭ جاھاننى كۆسەي مىلتىق بىلەن ئالدى دېسەڭلەر. خەلق قوللىغاچقا جاڭ كەيشىنىڭ تانكا، ئايرۇپىلانلىرى تەڭ كېلەلمىدىغۇ ئاخىر…»« بىز قىلغان ئىنقىلابنى ماختاپ خېلى گەپلەرنى قىلدى…»
    ھۈسەنجان جامى ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ ئۆلكىلىك سەنئەت ئۆمىكىدە ئىشلىدى، ئۇزاق ئۆتمەيلا كۆڭلى غۇلجىنى تارتىپ،بېيجىڭغا تەڭ بېرىپ ـ تەڭ كەلگەن،ئۈرۈمچىدە تەڭ تۇرۇپ قالغان ھەمتىلەك خىزمەتدىشى تۇرسۇن تېيىپ بىلەن قايتىپ كېتىشنى مەسلەھەت قىلىشتى.
   ـــ قىشنى ئويلىماي بېيجىڭدىن بار پۇلىمىزغا نېپىز كاستۇم ـ پاستۇم ئېلىۋالغىنىمىزنى، يولبويى دۇتار چېلىپ ماڭىدىغان بولدۇق،ــ دېيىشتى ئۇلار پوچتا ئاپتۇموبىلىنىڭ كوزۇپىغا چىقىۋېتىپ.
ـــ چىققان تۆشۈكىمىزگە كىرگۈزۈۋېتىدىغان بولدىغۇ بۇ سوغ.
ـــ بارغىچە كاڭشىپ چىقىدىغان بولدۇڭ ـ دە…
ئاپتوموبىل ماناسقا كەلگەندە،بورتالاغا ماڭغان 3 سودىگەر ئۇلارغا سەپەرداش بولۇپ قېتىلدى.
ـــ ئاللا،ما باللانىڭ يۈرىشىنى !ـــ دەپ كۈلۈپ كېتىشتى ئۇلار دىر ـ دىر تىترەپ ئولتۇرۇشقان ھۈسەنجانلارنىڭ تۇرقىنى مازاق قىلىشىپ.
ــ غولجا باللىرى بىز سوغدىن قوقمايمىز.
ئۆگزىگە چىقىۋالساق سوغدىن قوقمايمىز،ـــ دېگەن باللا مۇشۇ.
     ئۇلار قېلىن ھەربىي جۇۋىلارغا ئورۇنىۋالغان، ھەتتا بەزىلىرى ئىككى جۇۋىنى يېپىنچاقلىۋالغان بولسىمۇ ھۈسەنجانلارنى نەچچە كۈن مابەينىدە بىرەر قېتىم بولسىمۇ « بىر دەم يېپىنىۋېلىڭلار» دەپ جۇۋىسىنى بېرىپ تۇرۇشقىمۇ يارىمىدى، ئارىدىكى بىرەيلەن ھاجەتكە چۈشكەندە ھۈسەنجاننىڭ تەمبۇرىنى دەسسىۋېلىپ،تەمبىر بېشىنى سۇندۇرىۋەتكىلى قىللا قالدى.ئۇلار بۇنىڭ ئۈچۈن كەچۈرۈممۇ سوراشمىدى. سوغۇقتىن نىمجان بولۇپ قالغان ھۈسەنجاننىڭ ئۇلارغا خاپىلىغۇدەكمۇ ماجالى يوق ئىدى.
     ئۇلار چىقىۋالغان پوچتا ماشىنىسى شىخۇغا كەلگەندە ياتاقلىرىغا تېخى كۆمۈر قالانمىغان سوغۇق قونالغۇغا چۈشكۈن قىلىشتى. ھۈسەنجانلار ماشىنىدىكى چالغۇلىرىنى ياتاققا ئىلىپ كېتىۋاتقاننىڭ ئۈستىگە تاھارەت ئالغىلى سارايۋەن بوۋاي قورۇغا چىقىپ قالدى. بوۋاي ھۈسەنجانلارنىڭ قولىدىكى چالغۇنى كۆرۈپ« ۋاي، بالىلىرىم،سازەندىمۇ سىلەر؟» دەپ قىزغىن ئىلتىپات كۆرسىتىپ ئۆزىنىڭ مەشتە گۈرۈلدەپ قىپقىزىل ئوت يېنىپ تۇرغان ئىسسىق ئۆيىگە باشلىدى.ئۇلارنى قايماق، سېرىقماي، ئەتكەنچاي،گۆش ـ شورپا بىلەن ئۇبدان كۈتتى. ھۈسەنجان جامى ،تۇرسۇن تېيىپلار قايتىدىن ماغدۇر كىرگەن قوللىرىغا تەمبۇر، ئىسكىرىپكىلىرىنى ئېلىپ ناخشا ـ مۇزىكىنى بىر باشلىۋېدى،تورۇسلىرىدىن ئۆمۈچۈك تورى ساڭگىلىغان زەي ئۆيگە بۇلبۇل كەلگەندەك، قارغا كۆمۈلۈپ مۇڭ باسقان غېرىپ دەڭگە باھار كەلگەندەك تەمبىر بىلەن ئىسكىرىپكىنىڭ گىرەلەشمە ساداسى ئەتراپنى چاڭ كەلتۈرىۋەتتى.
    يۈرۈش ناخشىنىڭ چۈشۈرگۈسى تاماملانماي تۇرۇپ گۈپپۈرلىشىپ ھېلىقى 3 سودىگەر سورۇنغا كىرىپ كېلىشتى. ئۇلار سوغۇق ياتاقتا توڭلاشقان ۋە نەپسىمۇ تاقىلداپ كەتكەن بولسا كېرەك، ئۇلارنىڭ بىر كۆزى مەشتە ، يەنە بىر كۆزى گۆشتە ئىدى.ئۇلار ھۈسەنجان، تۇرسۇنجانلارنىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ، قايتا ـ قايتا ناماقۇللۇق سورىشىپ كەتتى.
ـــ يولدا ياخشى قىلماپتۇق. ھەرقايسىڭلار ئىلىخونىڭ گۈللىرىتىكەنسىلەر ئەمەسمۇ…
ـــ كۆزىمىز تورلۇشۇپ قاپتۇ، غەپلەت بېسىپ…
تۇرسۇنجان ھۈسەنجاننى نوقۇدى:
ـــ ماۋجۇشىنى كۆرۈپ قايتقىنىمىزنى دەپ بېرىغان بولساق نېمە بوپ كېتەر بۇ گۇيلار…
ـــ ھا ـ ھاـ ھا،قۇيرۇقلىرىڭ ئويناپ كەتتى ھە.
ـــ ھۆتمە تۆشۈك بوپكەتمىگىنىڭگە خۇشقۇ مەن…
    ئىككىسى قايتىپ « ئىتتىپاق» تىياتىرىدىكى خىزمىتىنى قايتا باشلاپ ،ئۇزۇن ئۆتمەي دۆلەت مىقياسىدا سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش ئىشلىرى باشلىنىپ كەتتى. ئەكسىلئنقىلابچىلارنى باستۇرۇش، زومىگەرلەرگە قارشى تۇرۇش،كىشىلەرنىڭ تەركىبىنى ئايرىش،«ئۈچكە، بەشكە قارشى تۇرۇش»، ئىجارە كېمەيتىش، يەر ئىسلاھاتى…دېگەندەك ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىلىپ ئىلگىرىكى جەمئىيەت تۈپتىن ئۆزگىرىپ كەتتى. تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە سەنئەت ئۆمىكىدىن ھۈسەنجان جامى،ئايتۇرغان سابىتۇۋا، بەختىنىسا قاتارلىقلار قىزىلكۈرەگە خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەزالىرى قاتارىدا باردى. ئۇلار بۇ يەردە كىم باي، كىم گاداي، كىمنڭ قانچە غېزى بار، كىمنىڭ قانچە توخۇسى… دېگەنلەرنى مەھەللىمۇ مەھەللە بېرىپ خاتىرىلەپ يۈردى.
    بىر كۈنى كەچقۇرۇنلۇق ئارامدا ھۈسەنجان خىزمەت گۇرۇپپىسى تۇرغان ھويلىنىڭ ئاياغ تەرىپىگە بېرىپ ئەبجەق ئورۇندۇققا تەستە ئەپلىشىپ تەمبىرىنى تىرىڭلىتىپ يوچۇن بىر مۇزىكىنى ئىشلەشكە چۈشتى.ناچار ئورۇندۇق بۇ بەستلىك يىگىتنىڭ ئېغىرىدا ھېلىلا پارە ـ پارە بولۇپ كېتىدىغاندەك غىچىرلايتتى.ئۇ تەرلىرىنى يېڭى بىلەن بىرە بىر سۈرتۈپ قويۇپ ئىشتىياق ۋە تىتىلداش ئىلكىدە پەدىلەرنى يۆتكەيتتى.
دەردى تولىدۇ يارنىڭ،دوستلار ئامان،
كۆڭلىنىڭ ئارامى يوق،قانداق قىلاي.
    تەنقىدكە ئۇچراپ پىشايۋاندا دودىسى تۇتۇپ تۇرغان ئايتۇرغان يىغلاشتىن توختاپ ، ئۇنىڭغا قاراپ كۈلىۋېتىدۇ.ھۈسەنجان ئۇنىڭ قوڭغۇراقتەك كۈلكىسىنى ئاڭلاپ، قېشىغا چاقىرىدۇ.
ـــ مەيكە شەيتان،ـــ دەيدۇ ھۈسەنجان خۇش بولۇپ ،ـــ ماۋۇ يەردە بىر نەرسە پەيدا بولدى. بۇنى ئېيتىش كېرەك. ھازىرچە ۋاقىتلىق بىر قوشاققا سالايلى. سەن ئېيت، مەن چالاي، مۇشۇنداق قىلىپ پىشۇرىۋالايلى.
ئىككەيلەن ئىجادىيەت قاينىمىغا چۈمىدۇ.
ـــ ھۈسەنجىنكا، ئەجەب چىرايلىق چىقتا،ــ دەيدۇ ئايتۇرغان ئۇنى تەبرىكلەپ،ــ تولىمۇ روھلۇق.مېنىڭ كۆڭلۈممۇ كۆتىرىلىپ قالدى.گۇرۇپكا باشلىقىمىز مېنى ھە دېسە« ئامېرىكىلىق»دەپ تەنقىدلەپ كېتىۋاتىدۇ،دېسە.
ـــ تارقاتقان كۆك كىيىمنى ياراتماي خېنىملىقىنى قىلدى دەيدۇغۇ.
ـــ باي ئورۇسلارنىمۇ ئاتامدۇق، دەپ ساپتىمەن ئەمەسمۇ.
ـــ ھاھاھا،مەندەك كەمبەغەلنىڭ بالىسىغا تەگسەڭ، ھېچكىم سېنى ئامىرىكىلىق دېمەيدۇ.
ــ ھۈسەنجىنكا ئۇ گەپنى قويۇپ، يېڭى ئاھاڭىڭىزنى مەشىق قىلايلى،ــ ئۇلار بۇ يېڭى ناخشىنىڭ قانات قۇيرۇقلىرىنى تۈزەپ بولغاندا، تاغ ئاسمىنىدا يۇلتۇزلار چاراقلاپ، ساي سۈيىنىڭ شارقىراشلىرى بارغانچە كۈچىيىدۇ.
ھۈسەنجان جامىنىڭ بۇ ئاھاڭىغا دەسلەپتە :
ئەلنىڭ سۆيگىنى گۈلباغ، دوستلار ئامان،
سايرايدۇ خۇشال بۇلبۇل، ئازاد زامان…
دېگەن تېكىست سېلىنىپ غۇلجا سەھنىسىدە ئېيتىلىدۇ. كېيىن شائىر تېيىپجان ئېلېيىفنىڭ:
ئۆتتۇق قانچە ئۆتكەلدىن، ئاچتۇق داۋان،
تىز پۈكمەي جۇدۇنلارغا ماڭدۇق راۋان.
پۈركەندى ۋەتەن نۇرغا، كەتتى تۇمان،
يوقسۇلغا قۇچاق ئاچتى ئازاد زامان…
    دېگەن تېكىستى مۇقىملاشتۇرۇلۇپ ئۈرۈمچى، بېيجىڭ، ۋارشاۋا سەھنىلىرىدە ياڭراپ،ئازاد زاماننى مەدھىيەلەيدىغان ۋەكىللىك ناخشا بولۇپ قالىدۇ.«ئازاد زامان» ھۈسەنجان جامىنى شىنجاڭغا، مەملىكەت ئىچىگە، ئوتتۇرا ئاسىياغا تونۇتۇپ داڭلىق شەخسكە ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ. پاشا ئىشان «ئازاد زامان»نى دۇنيا فېستىۋالىدا ئورۇنداپ كۈمۈش مىدال ئېلىپ قايتاندا، ھۈسەنجان بىلەن تېيىپجان ئېلېيىف بىربىرىنى مۇبارەكلىشىپ رۇس كۇلۇبى يېنىدىكى قاۋاقتا «تۆت سەر» قېقىشىۋالىدۇ تېخى. قىيامەتلىك بۇ ئىككى قەدىناسىنىڭ ئارىسىدا بىرـ بىرىنىڭ لەقىمىنى يوشۇرۇن كەلتۈرۈپ چاقچاقلىشىدىغان ئىشلار پات ـ پات بولۇپ تۇراتتى .بىر كۈنى تېيىپجان ئېلېيېف ئۇنىڭدىن ئەھۋال سورايدۇ:
ـــ ھە ئاداش، ئۆزۈڭ ساقمۇ؟
ـــ ساق .
ـــ كۆزۈڭ ساقمۇ؟
ـــ ساق.
ـــ ئۆتۈڭ ساقمۇ؟
ـــ ساق.
ـــ كۆتۈڭ ساقمۇ؟
ـــ …
   شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، تېيىپجان بۇۋاسىر ئوپراتسىيەسى قىلدۇرىدۇ. ھۈسەنجان ئۇنى يوقلاپ بېرىپ ئەھۋال سورايدۇ:
ـــ قانداق ئاداش، يۈرۈكۈڭ ساقمۇ؟
ـــ ساق .
ـــ بۆرۈكۈڭ ساقمۇ؟
ـــ ساق.
ـــ پۈرۈكۈڭ ساقمۇ؟
ـــ …
شۇنداق گەپ. شۇڭا ھۈسەنجان جامى ئۆز لەقىمى ئۈستىدە توختىلىپ:
ـــ غەلۋىر ئىرۇر لەقەمىمنىڭ بەدىئيسى،
     باردۇر ۋە ھەم ئۇندىن بەتەر بەدىۋىسى،ـــ دەپ نەزمىي سۆز قىلغان ئىكەن. خوش، ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك، ئاتاقلىق ناخشىچى پاشا ئىشان ،ئارتىسكا ئايتۇرغان سابىتۇۋا، ئاتاقلىق شائىر تېيىپجان ئېلېيىف، ئاتاقلىق كومپوزىتۇر ھۈسەنجان جامىلارنىڭ ھەمكارلىقىدا يارىتىلغان بىر بۆلۈك ئۆلمەس ئەسەرلەر رادىئو كانايلىرىدىن خامان، خاڭ،سېخلارغىچە تاراپ قان ـ تەر تۆكۈۋاتقان مېھنەتكەشلەرنىڭ ئەڭ چوڭ ھاردۇقى، ئەرمىكى بولۇپ قالىدۇ.تېيىپجان ئېلىيېف سۆزىنى يازغان، ھۈسەنجان جامى ئاھاڭىنى ئىشلىگەن ـــ جۇڭگو پىدائىيلىرى بىلەن چاۋشەن قىزىل ئارمىيىسىنىڭ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلغانلىقىنى مەدھىيەلەيدىغان« دوستلۇق گۈلى»دېگەن ناخشا ئايتۇرغاننىڭ نازاكەتلىك ئاۋازى بىلەن چاۋشيەن فىرۇنتىدا ياڭرايدۇ:
بۇ كۆڭۈلنىڭ خۇشلۇقى،
چىن يۈرەكنىڭ دوستلۇقى.
توزىماس دوستلۇق گۈلى،
يازلىقى ھەم قىشلىقى…
    بۇ ناخشىدا « چياۋ شەن»،« ئامېرىكا جاھانگىرلىكى» دېگەن گەپلەر يوق ئىدى.شۇڭىمۇ بۇ ناخشا ئومۇمەن دوستلۇقنى كۈيلەيدىغان خەلق ناخشىسىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ.
    ئۇ شىنجاڭ سەنئەت ئۆمىكىدە قايتا ئىشلەشكە باشلايدۇ.«پارتىيە شان -شەرىپىم»،«ياشا داھى»، «ئارمىيەم»، «ۋەتىنىم»،«خۇشاللىقI»،«خۇشاللىقII»،«كۈلىمەن»،«تاڭنۇرى»،«ئىشچان يىگىت»،«پويىز كەلدى»، « داھىيغا مەدھىيە»…قاتارلىق ناخشا ـ مۇزىكىلارنى ئىجاد قىلىدۇ.«قىزىل چىراغ»،«تۇرپان ناخشىسى»،«كۈرەش يولى» قاتارلىق ئوپىرا ۋە سەھنە ئويۇنلىرىغا ئىجادىي ئاھاڭلارنى ئىشلەيدۇ، خەلق ئاھاڭلىرىنى سەپلەيدۇ. سولچلىللىق ھۆكۈم سۈرگەن شۇ دەۋرلەردە ئۇنىڭ سولچىل تېمىدىكى ئىجادىيەتلەرنى ئىشلىمەي ھەددى ئەمەس ئىدى. مىللىي ناخشا – مۇزىكىلار، مۇقاملارنىڭ ھەممىسى « سېرىق ناخشا»،«جىن ـ شەيتان» دەپ چەكلەنگەن ئەھۋالدا « تېمىسى قىزىل، ئاھاڭى مىللىيچە» ئىجادىيەتلىرى ئارقىلىق ئىجادىيەتنىڭ مىللىي خاسلىقىنى ساقلاشقا تىرىشقان ئىدى. شۇڭىمۇ ، بۈگۈنكى كۈنلۈكتە خەلق ئۇنىڭ گۈزەل ئاھاڭلىرىغا قايتا مۇھەببەت قوشاقلىرىنى ئالماشتۇرۇپ ئېيتىپ كەلمەكتە ئىدى.
   ھۈسەنجان جامى ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋرۇپا، تۈركىيە,ماراكەش سەھنىلىرىدە تەمبىر بىلەن « ئەجەم»، «ئاسمىنىڭدا ئاي بارمۇ»،«سابا مەرغۇلى»،«نىم پەدە» مۇزىكىلىرىنى يۈكسەك ماھارەتتە ئورۇنداپ، ئۇيغۇر مۇزىكىسىنىڭ سېھرىي كۈچىنى، تەمبۇرنىڭ چالغۇلار شاھى ئىكەنلىكىنى جاھانغا تونۇتتى.بولۇپمۇ خەلقىمىزنىڭ قەدىمىي «ئەجەم» مۇزىكىسىغا كىرگۈزگەن ئىجادىي ئورۇنداش ماھارىتى ئالاھىدە مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.
    ھۈسەنجان ئاكىنىڭ ئېيتىشىچە، 1956-يىلى تاشكەنتكە بارغاندا، غېنى باتۇر ئۇنى ئائىلە زىياپىتىگە چاقىرغان.
ـــ قارىغىنە، بۇ ئۆيلەر كاتتىمىكەن؟ــ دەپ سورىغان غېنى باتۇر.
ــ كاتتا بولماي ،غېنىكا؟
ـــ غۇلجىدىكىلەر ئامانمۇ؟
ـــ ۋاھ، سەن بار ۋاقتىڭدىكىدەك دەريا بويلىرىغا بېرىپ سەيلە قىلىپ، مەشرەپ ئويناپ، قىمىز ئىچىپ يۈرىدۇ.
    غېنى باتۇر بۇ گەپنى ئاڭلاپ مۆللىدە يىغلىۋېتىدۇ.ئۇ باتۇر غېنىنىڭ يىغلىغىنى تۇنجى قېتىم كۆرىشى ئىدى.« ۋەتەن دېگەن ئاجايىپ گەپكەندە» دېگەن خىيال قەلبىنىڭ چوڭقۇر يېرىگە ئورناپ كېتىدۇ ھۈسەنجان جامىنىڭ.شۇڭىمۇ ئۇ ۋەتەن ئېغىر كۈنلەردە قالغان، خېلى مۇھىم ئادەملەر ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن چەتكە چىقىپ كەتكەن، ھەتتا ئۇنىڭغا « جۈر ، سەۋىتكە كەتمەمدۇق» دەپ تارقۇشلىغانلارمۇ بولغان بولسىمۇ، ھەممە نەرسە نورمىلىق كۈنلەرگە شۈكرى قىلىپ ياشاۋېرىدۇ. ئىدارىسىدا مۇزىكا چېلىش چەكلەنگەن بولسا قاسساپ ـ ناۋايلار ئارىسىدا تەمبۇر چېلىپ يۈرىۋېرىدۇ. جاھان ئوڭشىلىپ شىنجاڭ مۇزىكانتلار جەمئىيىتىگە رەئىس بولغاندىمۇ كېرىلىپ كەتمەي ئوخشاشلا ئۆتىۋېرىدۇ.
   «دادامنىڭ يۇقىرىسى غوجام، تۆۋىنى ئابداللارغىچە ئاغىنىلىرى بار ئىدى.قارىدۆڭ قەلەندەرلەر مەھەللىسىدە ئولتۇرىدىغان شاداۋۇت دەيدىغان ئۈلپىتى بىر ئەتىگەنلىرى سىپتىمىرە(1)سىنى پىپىپلىتىپ دەرۋازا بىقىنىدىكى دادامنىڭ خاس ھۇجرىسىغا قوشاق قاتقانچە كىرىپ كېلەتتى:
ــــ پۈپ ـ پۈپ ـ پۈپ
جامئاخۇنۇمنىڭ قەلئەسى بۇ،
جامىئاخۇن بارمىدۇ؟
كۆيدى داۋۇتنىڭ جېنى،
جاھان شۇنچە تارمىدۇ؟
پۈپ.. پۈپ..
شاداۋۇت كەلدى قاشىڭگە،
توقماق سالاي باشىڭگە…
   بىز ئورۇنلاۋاتقان سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ ئەسلىي ئىگىسى ئەنە ئاشۇ شاداۋۇتلار . بۇنى بىلمىگەن سەنئەتكارنىڭ سەنئەتنى چۈشىنىشىگە گۇمانىم بار. مەنمۇ گاھى كۈنلىرى ئەشۇ شاداۋۇتلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ قاراڭغۇ، ئەگىر ـ بۈگۈر كوچىلاردا كېتىۋاتقان چۈشلەرنى كۆرىمەن…»دېگەنىدى ئۇ.
ھۈسەنجان جامى خەلقنىڭ مانا شۇنداق تۇزىدىن تانمىغان ئوغلانى ئىدى…
ـــــــــــــــــ
(1)سىپتىمىرە ــ قۇلۇلە شەكلىدىكى پۈۋلىمە چالغۇ، ئۆتمۈشتە تىلەمچىلەر كۆپرەك ئىشلەتكەن.
( « ئىلى دەرياسى» 2012-يىل 1- ساندا ئېلان قىلىنغان)
« ئالدىنقى يازما »
« كېيىنكى يازما »

مەنمۇ بۇ يازمىنى باھالايمەن


تېز يوللاش كونۇپكىسى : Ctrl+Enter
ئۈستىگە قايتىش
Content Protected Using Blog Protector By: PcDrome.