باش بەت / ساقلايمەن

يېڭى يوپۇرماق(7)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2013-2-17 20:47 | ئاپتور: ئادالەت ئابدۇرىھم | مەنبە: خۇشدىل مۇنبىرى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

-ھە، رەيھانقىز شۇنداق قىلىپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغىلى بارمىدىڭىزما؟- ئۇ ھاسىراپ تۇرۇپ سورىدى. ئۇ راستىنلا مېنىڭ نېمە ئۈچۈن بارمىغالىقىمنى بىلمەمدۇ ياكى قەستەن مېنىڭ يېغىرىمنى تاتىلاۋاتامدۇ؟ بۇنىسى ماڭا نامەلۇم ئېدى، ئۇنىڭغا ياق دىگەن مەنىدە باش چايقىدىم، ئۇ كۈلۈپ قويدى. ئۇنىڭ كۈلكىسى مېنى مەسخىرە قىلغانلىقمۇ، ياكى ئادەتلىنىپ قالغان كۈلكىمۇ بۇنى بىلگىلى بولمايتتى.نېمىگە خاپا بولىمەن ،ئاسپىرانت دىگەن گەپنىڭ مەنىسىنى ئۇ چۈشەنمەيدىغان تۇرسا دەپ ئۆزەمگە تەسەللى بەردىم.
****
بۇ ئىشلارنىڭ ئۆتۈپ كەتكىنىگە دەل ئۈچ يىل بولدى.
ئىدارىمىزدا كۈندە بولۇپ تۇرىدىغان ھەر خىل ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر خاتىرە يېزىش بىلەن بىلەن ئۆلچىنىدىغان بىر بىرىدىن ئېغىر مەسئۇلىيەتلەر، مائاش ئېلىش ئۈچۈنلا ئۆزىنى بېغىشلاپ غەيرى ئىش ئورنىغا چىقىشلارنى شۇنداقلا ھېيىت-بايراملارنى بىر-بىرلەپ يېزىپ ئولتۇرۇشۇمنىڭ ھاجىتى يوق، ئەمما كىتاپخانىلىرىم قىزىقىۋاتقان بىر مەسلىنى يەنە ئەسكەرتمەي تۇرالمايمەن، بۇ ئۈچ يىلدىن بېرى ھەر يىلى باھار پەسلىدىن كېيىن كۆك قۇرۇتلار ئىدارە ھويلىسىدىكى دەل دەرەخ ۋە يوللاردا پەيدا بولۇپ قالىدۇ .ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا دورا چېچىشلار ئارقىلىق 7-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا قۇرۇتلار مەلۇم دەرىجىدە يوقىلىپ قايتىدىن يېشىللىق پەيدا بولىدۇ . ئىدارىمىزدا قۇرۇت تۈپەيلى قۇرۇپ كەتكەن دەرەخلەرمۇ خېلى كۆپ. 4-ئاينىڭ باشلىرىدىن 7-ئاينىڭ باشلىرىغىچە تەخمىنەن ئۈچ ئاي ئاياقلىرىمىز ئاستىدا مالاچ-مالاچ قىلىپ ئېزىلىۋاتقان قۇرۇتلارنىڭ سانى ھەددى-ھېساپسىز، سۈپۈرگە بىلەن سۈپۈرۈلۈپ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلانغان قۇرۇتلارمۇ نەچچە توننا كېلەر، يېتىشتۈرگەن قۇرۇتلارنىڭ سورتلىرىمۇ خېلى كۆپ .
ئاڭلىسام ئىدارە باشلىقى، بۇدۇ بېيجىڭدىن قايتىپ كېلىپلا (ئۇ بېيجىڭغا داۋالانغىلى كەتكەن) ھېلىقى بۇرۇنقى گۈللۈكنىنىڭ ئورنىغا ياسىغان چىملىقنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدا كۆپ قېتىم ئويلانغانمىش. قانداق ئۆزگەرتىدۇ بۇنىسى نامەلۇم، بەزىلەر تىندۇرغان توپىنى ئېلىپ تازىلىۋىتىدىكەن دىسە، بەزىلەر ئامرىكىدىن تۇپراقتىكى مېكروپنى يوقىتىدىغان دورىسىنى ئەكىلەرمىش، بۇ دورا تولىمۇ قىممەت ئىمىش دەيدۇ، قانداق قىلسا ئۇ كەلگەندىن كېيىن ئاندىن كۆرىمىز- دە
ئادەمنى ھەممىدىن بەك ئېچىندۇرىدىغىنى ئىدارىمىزدىكى نەپەس يوللىرى كېسەللىكىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى، ھامىت جۈجاڭغۇ قوۋۇرغىسىنى سۇندۇرسا سۇندۇرۇپ، قۇرۇتلىرىنى ئالدۇرۇپ تۇرغاندۇ، ئەمما ئۆپكىسىن مەسىلە چىققان ئادەتتىكى ئۈچ كادىر دوختۇرخانىدا يېتىۋاتىدۇ، ئاڭلىسام ھامىت جۈجاڭ قوۋۇرغىسىنى سۇندۇرۇپ قۇرۇتلارنى ئالدۇرىۋەتكەندىن كىيىن چەتئەلنىڭ ئادەم ئۆپكىسىدە پەيدا بولغان مىكروپلارنى پۈتۈنلەي تازىلاپ چىقىرالايدىغان دورىسى بىلەن بارىلىق ئىچكى ئەزالىرىنى تازلىتىپتۇدەك . بۇ دورىنىڭ ئۈنىمى بەك يۇقۇرى بولۇپ بۇندىن كېين كېسەل قايتا قوزغالمايدىكەن دەيدۇ ، ئادەتتىكى كادىرلارنىڭ ھەرقانچە بىجىرىم ئۇستىخىنى بولسىمۇ نەچچە قېتىم سۇندۇرۇشقا بەرداشلىق بېرەلەمدۇ؟ ئۇنىڭغا ئائىلىسىنىڭ مالىيەسى يېتىشەمدۇ؟مانا، مېھماندارچىلىققا بېرىش قاتارلىق سەۋەپلەر بىلەن بىر يەرگە يىغىلساق ياكى يىغىن زالىغا توپلىشىپ كىرسەك كانايلىرىمىز قىچىشىپ ھەممىمىز كاڭشىپ چىقىمىز ، يۆتەللىرىمىز بېسىقمايدۇ.دوختۇرلارنىڭ نۇرغۇن دورىلىرىنى يەپ تۈگەتتۇق، دورىنى بىر نەچچچە كۈن يىمىسەكلا قېقىلىپ يۆتىلىپ ئۆزىمىزنى باشقۇرالماي قالىمىز، ئويلاپ قالىمەن، بىزنىڭ يۆتەللىرىمىز قاچان ساقىيار؟ قاچان توغرا دىئاگىنوزغا ئېرىشەرمىز؟
مەن دوختۇرخانا قورۇسى ئىچىدە كېتىۋېتىپ ئىككى قاسناقتىكى ياپ يېشىل يېڭى يوپۇرماقلارغا قاراپ خىيالغا پاتتىم. بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا مانا مۇشۇنداق چىرايلىق يوپۇرماقلار بىزنىڭ ئىدارىمىزدىمۇ بار ئىدى، ئەشۇ چىرايلىق يوپۇرماقلار ئارىسىدا مېنىڭ ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇش ئارزۇ- ئارمانلىرىم چېچەكلىگەن ئىدى. ھازىر ئارمانلىرىم يىراق چۆلدە يىلتىزىدىن ئايرىلغان دەرەختەك قاقشال بولۇپ قاپتۇ… بۇنى ئۆزۈممۇ تۇيماي قاپتىمەن، يىللارنى ھېچ ئىزناسىزلا ئۆتكۈزىۋېتىپتىمەن، ئىدارە باشلىقى شۇ قەدەر ئېغىر كېسەلنى تارتىپ تۇرۇپمۇ مېنىڭ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش ئارزۇيۇمنى ئۇنتۇلۇپ قالماپتۇ ، لېكىن مەن ئۇنتۇلۇپ قېلىۋاتىمەن، بۇ ئۆزۈمنىڭ بوشاڭلىقىدىنمۇ ياكى باشقا سەۋەپتىنمۇ؟ مەن چوقۇم توي قىلىشتىن ئىلگىرى ئارمانلىرىمنى كۆكلەتمىسەم، روھىمنى ياشناتمىسام بولمىغۇدەك… بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ گۈزەل ئىستىقبالىم ئۈچۈن تىنىمسىز كۈرەش قىلاي، چوقۇم ئالغا ئىلگىرىلەي…

تامام


يېڭى يوپۇرماق باشقا تېمىلار
يېڭى يوپۇرماق(1)يېڭى يوپۇرماق(2)يېڭى يوپۇرماق(3)يېڭى يوپۇرماق(4)يېڭى يوپۇرماق(5)
يېڭى يوپۇرماق(6)يېڭى يوپۇرماق(7)