باش بەت / ساقلايمەن

يېڭى يوپۇرماق(4)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2013-2-17 20:37 | ئاپتور: ئادالەت ئابدۇرىھم | مەنبە: خۇشدىل مۇنبىرى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

كۈزنىڭ ئۈششۈك ھەرىسىدەك پات- پات يۈرەكنى چېقىۋالىدىغان گەپلەر، قەھرىتان قىشنىڭ جۇدۇن كۈنلىرىدەك سوغۇق كەيپىياتمۇ بېسىققاندەك بولدى . رەھبەرلەر ئېھتىمال ئۆزى تۇتماقچى بولغان «دۈشمەن»نى تۇتۇپ بولغاندۇ ياكى يەتمەكچى بولغان مەنزىلىگە يېتىپ بولغاندۇ ، ئىش قىلىپ ئىدارىمىز ئىچىدىلا ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق كەسكىن كۆرەش پەس كويغا چۈشۈپ قالدى، بىزمۇ قايتىدىن ئادەم بولدۇق،بۇ جەرياندا قانداق ياشاش قانداق گەپ قىلىش قانداق تۇرمۇش كەچۈرۈش ھەققىدە يېڭىباشتىن ئويلاندۇق. قارىشقمچە بۇ بىر قېتىملىق «توخۇنى بوغۇزلاپ يولۋاسنى ھۈركىتىش» ئويۇنى ئىدى، ئىلگىرىكى ئايۇپ ناسىرنىڭ توپ زەمبىرىكلىرى بولۇپ چېپىشىپ يۈرگەن بىر ئۇچۇم كىشىلەرنىڭ بېشى چۈشۈپ كەتتى، ئەمدى ھامىت جۇجاڭنىڭ بىر يۈرۈش پېچكىلىرى گەردە، توپقا ئايلىنىش ئۈچۈن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن غالىپلارچە ئىشلەيتى.
ئىنسان تەبىئىتىنى چەتكە قاقىدىغان ئادەمنىڭ ئادەمدەك ياشاش ھوقۇقىغا ھاقارەت قىلىنغان بۇ خىل ئېغىر بېسىم، مەن ئۈچۈن راستىنلا كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز يوقىتىش بولدى ، بۇ ئىدارىدە قانچىلىك ئىشلىيەلەيدىغانلىقىمىنى يەنە قانچىلىك ۋاقىت بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىمنى مۆلچەرلەپ بولالمىدىم، ئويلاپ – ئويلاپ ئاخىرىغا چىقالمايتىم ئىشىمنى قانداق داۋاملاشتۇرۇپ ئۆزۈمنى قانداق ئوڭشىۋېلىشنىمۇ بىلمەيتىم، كۈنلىرىم خۇدۇكسىرەش، يۈرەكئالدىلىق بىلەن ماغدۇرسىزلىق ئىچىدە ئۆتەتتى.
ئەتىياز كەلدى،بۇ ئىدارىمىز ئۆز فۇنكىسىيەسىنى جارى قىلدۇرىدىغان ئەڭ ئالدىراش ئەڭ جىددىي پەسىل ئىدى.دائىم دىگۈدەك ئۆز سېستىمىمىز تەۋەسىدىكى ناھىيە، يېزا دەرىجىلىك ئورۇنلارغان بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولاتتۇق، باغۋەنچىلىك، ئورمانچىلىق ساھەسىدىكى يېڭىلىقلارنى تۆۋەنگە يەتكۈزەتتۇق، يېڭىلىق ياراتقان ئىلگىرلەۋاتقان ئورۇن، شەخىسلەرنى تۇرغۇزۇپ چىقاتتۇق. يېڭى ئۇچۇر، دوكالاتلارنى يۇقۇرىغا يوللايتۇق، يېڭى پەن – تېخنىكا خادىملىرىنى تەربىلەپ يېتىشتۈرەتتۇق.
شۇنداق جىددىي كۈنلەردە ئۆز ئىدارىمىزنىمۇ يېڭىچە تۈس بېرىپ كۆكەرتىش توغرىسىدا چاقىرىق خاراكتىرلىق يىغىن ئېچىلدى. يىغىندا ھامىت جۇجاڭ خىزمەت بىناسىنىڭ ئالدىدىكى گۈلزارلىقنىڭ يەر يۈزىدىن خېلىلا تۆۋەن تۇرىدىغان ئورنىنى يەر يۈزى بىلەن تەڭ قىلىپ كۆتىرىش، ھەم گۈللۈكنى ياپ- يېشىپ كۆكىرىپ تۇرىدىغان چىملىققا ئايلاندۇرۇش، بىنانىڭ ئىككى تەرىپىدە داردىيىپ تۇرىدىغان رېدە، سېدە ۋە ئارقا تەرەپتىكى يېزا-قىشلاق تۈسىنى بېرىپ تۇرىدىغان تېرەكلەرنىڭ ئورنىغا تۇخۇمەك دەرەخلىرىنى قارىغاي، چىنارلار ۋە ياپونىيە نورۇز دەرەخلىرىنى قويۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
-ئۇنداقتا دەم ئېلىش رايۇنىنىڭ ئەتىراپىدىكى رېدە دەرەخلىرىلا قالىدىكەنغۇ – دىدى بىراۋ
-بۇ رېدە دەرەخلىرىنىڭ تارىخى ئېدارىنىڭ تارىخى بىلەن تەڭ ئىكەن، ئۇنى بۇزۇۋېتىش ئىدارىنىڭ ئەن – ئەنىسىگە داغ چۈشۇرگەنلىك بولىدىكەن، بولمىسا....
-ياق،ئۇنىڭ ئۆزىمۇ شۇنداق چىرايلىق كۆركەم تۇرسا،بىكاردىن -بىكار قومۇرىۋەتسە توغرا بولمايدۇ- دە. بۇ رېدە دەرەخلىرى قوياش زىمىننى كۆيدۈرىدىغان تازا ئىسسىق پەسىلدە كىشىگە جەننەتنىڭ ھوزۇرىنى بېرىدىغۇ؟
- ھوزۇرنىغۇ ئاشۇ گۈلزارلىقمۇ بېرەتتىغۇ؟ ئەمدى، تېرەكنى سەھرا چېلىش دەرەخ دەپ چىقىرىۋەتسىغۇ مەيلى، ئەشۇ بىر ئوبدان چىرايلىق ياراشقان گۈلزارلىقنى بۇزىۋېتىدىغان بولغىنىمىز-زە تازا بولماپتۇ جۇما
-گۈل دىگەن گۈلگە ئوخشىمايدۇ، كىم قانداق گۈلگە ، قانداق گۈزەللىككە ئامراق بولسا شۇ گۈلنى تېرىيدۇ، شۇنداق گۈزەللىك بەرپا قىلىدۇ-دە،باشقىلار ياخشى كۆرگەن گۈلنى يەنە باشقىلارنىڭ ياخشى كۆرىشى ناتايىنغۇ؟
- بۇ يەر-جاھاننى قاپ-قارا قىلىۋېتىدىغان باراقسان رېدىلەرنى مۇشۇ ئىدارنىڭ دەسلەپكى رەھبىرى پەيزۇللايوپ دىگەن كىشى ئەينى يىلاردا يىراق جايلاردىن ئەكەلدۈرۈپ قويدۇرغانكەن،مانا ئەمدى بۈگۈنگە كەلگەندە ئۇنىڭ يەر يۈزىدە تۇرۇش ۋاقتى- سائىتى توشقان ئوخشايدۇ.
ھەر-بىر خىزمەتچىگە يەتمىش سانتىمىتىر قېلىنلىقتا توپا تىندۇرۇش شەرتى بىلەن 18.5كۋادىرات مىتىردىن يەر بۆلۈپ بېرىلدى، شۇ يەرگە تەرلەپ پىشىپ ئىشلەپ كەتتۇق،بۇلتۇرقى ھۈپپىدە ئېچىلىپ كېتىدىغان خىلمۇ- خىل گۈللەر ئەتراپىنى ئايلىنىپ كېتەلمەيدىغان رەڭدار كېپىنەكلەر، يىڭناغۇچلاردىن تارتىپ گۈلگە زۇقمەن ئادەملەرگىچە ھەممىنىڭ مەيلىنى تارتىدىغان گۈلزارلىق پۈتۈنلەي يوقىلىش ئالدىدا تۇراتتى.بىر مەيدان تەبىئەت بىلەن ئېلىشىش كۆرىشىگە ئاتلانغان ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئالقانلىرىغا تۈكۈرۈپ كەتمەن ، گۈرجەكلەرنىڭ سېپىدىن ئايدەك بىسلىرىنى ھاۋادا پىقىراتقىنىچە تەرلەپ- پىشىپ ئىشلىمەكتە،گللەرنىڭ ئاستىدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان دۈملىنىپ ياتقان قارا تۇپراقنىڭ ئۆپكە بېغىرلىرى بىر- بىرلەپ ئوپراتسىيە قىلىنىپ ، قۇياش بىلەن دىدارلاشماقتا.چاڭ –توزان ئىچىدىۇ چىشلىرىنى پاقىرىتىپ، دەرت- ھەسرەت ئىچىدۇمۇ كۈلۈپ ياشىيالايدىغان خەلقىمىز بىر- برلىرىگە گەپ ئېتىپ كۈلكە – چاقچاق بىلەن »ىشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. گۈلگە ئالاھىدە ئىشقى باربەزى كىشىلەر توپا ئاستىغا باسۇرلۇپ قالغان گۈل شاخلىرىنى قومۇرۇپ ، تارىتىپ چىقارماقتا ئىدى .ھەممە ئادەم مۇشۇ بىرنەچچە كۈن ئىچىدە بېرىلگەن ۋەزىپىنى قانداق تۈگىتىش مەسلىسى ئۈستىدە باش قاتۇرىۋاتاتتى. شۇنداق ئالدىراش پەيىتتە،سورتلۇق كۆچەت يېتىشتۈرۈش بۆلىمىدىكى ئەزىمەتنىڭ گېپى ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى ئكزىگە جەلىپ قىلدى.
-بولدى، ھەممىڭلار مەندىن خوش بولۇپلا قېلىڭلار،بۇ ئىشنى مەنلا قىلىۋىتەي...- دىدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ ، ئۇنىڭ چاقچاق قىلىۋاتقانلىقىنى ، ياكى راسىت گەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايتى.
-سەن قانداق قىلىۋىتىسەن؟
-ئەگەر،راست گېپىمنى قىلىدىغان بولسام ئۇ ئىشنى قىلىدىغانلار چىقىشى مۇمكىن،شۇڭا دېمەيمەن- دىدى ئەزىمەت ئوخشاشلا كۈلۈپ تۇرۇپ.
-سىز دېمىسىڭزمۇ مەن بىلىمەن -دېدى كاسسىر قىز، ئۇنىڭ بىر تەرەپتىن تاراسلىتىپ گازىر چېقىپ بىر تەرەپتىن سۆزلىشى ھەممە كىشىنى ھەيران قالدۇردى.
-سىز ئالدى بىلەن بۇگۈللەرنى ساتماقچى،ئاندىن ئۇنىڭ پۇلىغا بۇ جاينى تىندۇراي دەيسىز،شۇنداقمۇ؟ ھا...ھا....
-سىز قانداق بىلىۋالدىڭىز؟- ئەزىمەتنىڭ چىرايى بىردىنلا ئۆزگەردى
-قالتىس پەمىڭىز بار-دە سىزنىڭ، قانداق بىلىۋالدىڭىز دەيسىزغۇ؟ بۇنچىلىك ئىشنى كىم بىلمەيدۇ، ئەگەر بۇ گۈللەرنى راستىنلا ئۆزىڭىز ساتالىسىڭىز،بۇ ئورۇننى تولدۇرۇپلا قالماي يەنە،قولىڭىزغا پۇل ئاشىدۇ. شۇنداقمۇ؟
- پۇل ئاشىدۇ؟ سىزنىڭچە قانچىلىك ئاشار؟- ئەزىمەت سەل جىدىيلەشكەندەك قىلاتتى.
- سىز ئەتراپتا قارىشپ تۇرغان كىشلەرنى بۇ ئىشقا قوشلىدۇ دەمسىز؟ ھاھا....ئۇنداق ئەخمەق ئادەملەر قالمىدىغۇ دەيمەن،شۇنداقمۇ كۆپچىلىك...
-راست بۇنى ئۆزىمىز ساتساق بولغىدەك.
-راست ئەمەسمۇ ھەجەپمۇ ئويلىماپتىمىزا.
- ۋوي، شۇنداق قىلايلى ، گۈل كۆچەتلىرى ساتساق پۇل ئەمەسمۇ
-.....
مۇشۇ پاراڭدىن كېيىن ھەممەيلەن قوللىرىدىكى كەتمەن، گۈرجەكلەرنى تاشلاپ، توپا يۆتكەش ماشىنىلىرىنى ئىزلەشنىمۇ قويۇپ، گۈلچىلەر بىلەن ئالاقىلىشىش ئىشىغا كىرىشىپ كەتتى. ھەتتا بەزىلەر بىۋاستە ئۆزلىرى گۈل ئۆستۈرۈپ سېتىش ئۈچۈن تەشتەك ئىزلەپ كۇلالچى- كوزىچىلارنىڭ يېنىغا چېپىشتى. بۇنداق بولغاندا تېخىمۇ كۆپ پايدىغا ئېرىشكىلى بولاتتى.
پۇل دىگەن ئادەمنى شۇنداق ئەقىللىقلاشتۇرىدىغان نەرسە، ھەرقانداق گالۋاڭ ئادەمنىڭ خىيالىغىمۇ پۇلنىڭ گېپى كىردىمۇ بولدى، ئۇ ئۇزۇندىن بېرى ئۆزىنىڭ ئەقىل – پاراسەت بۇلىقىنىڭ ئۈستىنى يېپىپ تۇرغان لاي- لاتقىلارنى بىر- بىرلەپ سۈپۈرۈپ تاشلاپ ، پاراسەت سېپىدىكى نادىر ئۈلگىگە ئايلىنالايدۇ.
ئىدارىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى گۈل، گۈلچى توغرىلۇقلا سۆزلىشىدىغان بولۇپ كەتتى.
ئەزىمەتنىڭ ھاسىراپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھەيرانلىق ئىچىدە سورىدىم.
-ئەزىمەت ئاكا قەيەرگە ماڭدىڭىز؟
-ھە، رەيھانقىزمۇ سىز، ئەخمەت كولالچىنىڭكىگە بېرىپ كرلەيمىكىن دەيمەن-دېدى ئۇ،ئالدىرىغىنىچە ئالدىغا سىلجىپ.
-يەنە يىڭى پىلان ئويلاۋېتىپسىز-دە، ئەقىللىق ئادەم ئەمەسمۇ ئۆزىڭىز...
-ھەي رەيھانقىز،راستىنى ئېيتسام- ئۇ توختىلىپ قوشۇمسىنى تۈردى ۋە دەرھاللا-راستىنى ئېيتسام بولارمۇ؟ دەپ سورىدى ، ۋە مېنىڭ جاۋابىمنى كۈتمەستىنلا گېپىنى داۋاملاشتۇردى- مېنىڭچە سىز ئىشەنچىلىك قىز،باشقىلارغا ئورا كولاپ يۈرمەيسىز،قاراڭ بۇنداق يەردە تۇرغۇزۇپلا ساتساق تازا ئوبدان بىر نىمە قالمۇغىدەك،ھازىرقى بازار ئەھۋالىدىن قارىغاندا بىرەر گۈلچى گۈل كۆچىتى ئالغىلى كەلسە گۈلزارلىقتىكى گۈللەرنىڭ ھەر تۈپىنى بەش موچەندىنمۇ ئالماسلىقىمۇ مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىدارىمىز كىچىك ئىدارە ئەمەس، بۇ گۈلزارلىقنىڭ ئورنىمۇ ناھايىتى كۆپ، مۇشۇ گۈللەر بىلەنلا گۈل بازىرى كاساتلىشىپ كەتتى ھەقچان، شۇڭا مەن ئەخمەت كۇلالچىنىڭكىگە بېرىپ...
- تەشتەك ئەكەلمەكچى دەڭا،ھازىر تەشتەكلەرگە شۇنداقلا پاتۇرۇپ قويۇپ كېلەر يىلغىچە قەلەمچە قىلىپ تىكىپ يەنە نۇرغۇن ئۇششاق تەشتەكلەرگە كۆچۈرۈپ ساتساق....- دىدىم مەن ئۇنىڭ گېپىگە ئۇلاپلا
-ھۈش..ش..ش...!- ئۇ بىگىز بارمىقىدا ئاستىراق دەڭ ، دىگەندەك ماڭا ئىشارەت قىلدى ۋە -قىزلا نېمانداق ئەقىللىق بولۇپ كېتىدىغاندۇ؟ تېخى ئەتىگەن كاسسىر قىزچاق ئىشنى بۇزدى،بولمىسا ئېغىزدىكى گەپ بىلەنلا بىر مۇنچە پۇل تاپقىلى بولاتتى،يەنە سىزمۇ ۋالاقلاپ سۆزلەپ كەتتىڭىزيا ...
-ياق، مەن سىزنىڭ مەنپەئەتىڭىزگە ھەرگىز چېقىلمايمەن،باشقىلارغىمۇ دەپ قويمايمەن.
-قاراڭ بۇ گۈللەر ئاز دىگەندىمۇ 10 يىللىق گۈللەر،ھەر بىر تۈپىدىن كېمەيتىپ ھېسابلىغاندىمۇ 8- 10چە شاخ چىقىدۇ.بىر شاختا 3-4تال قەلەمچە بولسا، ھەر بىرتال قەلەمچىدە بىر تەشتەكتىن گۈل بولىدۇ.ئويلاپ بېقىڭە بىرتۈپ گۈلدىن قانچە تەشتەك گۈل قىلغىلى بولىدىكىن؟
مەن دەماللىققا ھېسابلاپ بولالماي تۇرۇپ قالدىم،ئەزمەت ئىچ-ئىچىدىن ھېجىيىپ كۈلدى-دە
-توپتوغرا 40 تەشتەك، ئەڭ كەم دىگەندە 40 تەشتەك! ئەگەر ئوخشىغان گۈل بولسا 70 تەشتەكمۇ چىقىدۇ!!! كۇلالچىنىڭ يېنىغا ھازىر بېرىپ توپ باھادا تەشتەك ئالىمەن دەپ ئون مىڭ دانە تەشتەكنى ئەرزانلا دىيىشىپ كېلىمەن ...
-راست، بۇنداق جىق تەشتەكنى سودىلاشسىڭىز كىچىك تەشتەكلەرنى5-6 موچەنلەردىن،چوڭ تەشتەكنى 1-2 كويدىن ئالغىلى بولىدۇ.ئەقىل دىگەن بار يەردە بار ئىكەن-دە.
- 6-7- ئايغا بارغاندا دانىسنى 6-7 كويدىن ساتساق بۇنداق ئەتىر گۈل دىگەننى تۇتقۇزمايلا ئېلىپ كېتىدۇ-دە...-ئەزىمەت ئىككى قولىنىڭ ئالقىنىنى بىر-بىرىگە چاقماق تىزلىكىدە ئۇرىۋەتتى-دە، يەنە شۇ تېزلىك بىلەن يۈرۈپ كەتتى.
«مەنمۇ شۇنداق قىلسام بولمامدۇ؟...كىچىكلا 3 ئېغىز ئۆيدە 7-8 ئادەم تۇرىدىغان تۇرسا،گۈل پاتارمۇ؟ ياكى، كەچ كىرگەندە ئانامغا مەسلىھەت سېلىپ باقارمەن...»دىگەنلەرنى ئويلىدىم-مەن
ئىشتىن چۈشۈشكە بىرەر سائەتلەر قالغاندا،جىددى يىغىن چاقىرىلىپ،ھامىت جۈجاڭ سۆزلەشكە باشلىدى:
-تۈنۈگۈن،ئامرەكىنىڭ سورتلۇق چىمىنى تېرىماقچى بولۇپ يەرلەرنى بۆلۈپ بەرگەن ئىدۇق، لېكىن رەھبەرلىك بەنزىسى قايتا-قايتا ئويلىنىپ يېڭىچە قارارنى ماقۇللىدۇق. ھەربىر كىۋادىرات مېتىر يەرنى تىندۇرۇش ئۈچۈن تەخمىنەن 12يۇەندىن پۇل كېتىدىكەن. بۇ قىيىن ھەم جاپالىق ئەمگەكنىڭ ئىدارىمىزدىكى ئىشچى- خىزمەتچىلاەرگە ھەقىقىتەنمۇ ئېغىر كېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ تۇرۇپتىمىز، شۇڭا زامانىۋى روپا يۆتكەش ماشىنىلىرى ئارقىلىق بىر يولىلا ئىشنى پۈتتۈرمەكچى بولدۇق، سىلەر بىپىپ تۇرۇپسىلەر ، بۇنىڭ ئۈچۈن مەلۇم دەرىجىەدە مەبلەغ كېتىدىغان گەپ، شۇڭا رەھبەرلىك قايتا- قايتا ئويلىشىش ئارقىلىق كېتىدىغان چىقىمنىڭ مەلۇم قىسمىنى ئىدارە مالىيەسى ئۈستىگە ئالىدىغان بولدى، ئىدارىمىزدىكى ھەر- بىر ئىشچى ىىمەتچى كىشى بېشىغا كەلتۈرۈلگەن ھەر كىۋادىرات مېتىې يەر ئۈچۈن توققۇز يۈئەندىن يەر ئاغدۇرۇش ھەققىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ ، ئىدارە رەھبەرلىك كوللىكتىۋىنىڭ بۇ قاراەرىنى قوللىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمىز.ئىدارىمىز ئۆزى بىر تۇتاش ئېلىپ مارماقچى بولغان بۇنداق ئىشلارغا كۆپچىلىكنىڭ ئوشۇق گەپ ۋە ئۇششاق - چۈشەك پىتنە- پاسات تېرىماسلىقىنى ئۈمىت قىلىمىز ، ھەممەيلەن قىلىۋاتقان ئىشنى جايىدىلا توختىتىپ قويساڭلار بولىدۇ ،پۇلنى نەق تاپشۇرمىساڭلارمۇ بولىدۇ، مائاش جەدۋىلىگە ئىشلەپ بىر تەرەپ قىلماقچى بولىۋاتىمىز ...
يىغىن زالى بىردىنلا ئالا-چوقان،گۇڭۇر-مۇڭۇر قارشىلىق سادالىرىغا تولدى. قوللىرىنى شىلتىپ،شىرەنى مۇشتلاپ يىغىن ئاچىدىغان ھامىت جۈجاڭغا نېمە بولدىكىن؟ سۆزىنى تۈگىتىپلا چىقىپ كەتتى.
-پۇل كېلىدىغان سودا ئىشنى ئەمدى ئېسىگە ئاپتۇ-دە ...
-تۈنۈگۈن ئەقلى دولىسىغا چىقىپ قاپتىمىكىن،ئايپاڭ باشنىڭ...›
-توۋا، ھەممىدىن يەنە بىزدىن پۇل يىغىۋالىدىغىنى قىززىق، ھەقاچان « تازنىڭ ئەقلى چۈشتىن كېيىن » دەپ بىزنىڭ ئويلىغانلىرىمىزنى ئەمدى ئويلىغان چېغى، ئىدارە نامىدىن گۈللەرنى ساتماقچىدۇ تايىنلىق..
-گۈلنىڭ شاى-غوللىرىنى بىر قېتىمدىلا بىرمۇنچە پۇلغا ساتسا،بىزدىن يەنە بىر قېتىم تىندۇرۇش ھەققى يىغىۋالسا، پوقنىڭ سېسىقىنى ئوسۇرۇقتا ياپقانلىققۇ بۇ
-بۇنىڭدىن يىغىلغان پۇللارنى نېمىگە ئىشلىتەر...؟
-نېمىگە ئىشلىتەتتى، يەر تىندۇرۇشقا ئىشلىتىدۇ-دە
- قورساق تىندۇرۇشقا دىگىنە
-ئىدارىگە ھەر تەرەپتىن پۇل ياغىدىكەن،شەخسىلەردىن ھەر تەرەپكە پۇل قاچىدىكەن،ھەي.بۇ زاماننى
-ھەي،پۇل ياغسا ئۆزىمىزنىڭ ئىدارىسىگە ياغدى، بۇ ياخشى گەپقۇ، گەپنى ئاز قىلىڭلار. ئارىمىزدا ئالا قاغىدىن بىرسى يەنە بۇ گەپنى مەلۇم قىپ قويسا، ئۆزىمىزنى تاشقورغاندا كۆرمەيلى
بىر نەچچە كۈندىن كىيىن گۈللەر يەردە تۇرغۇزۇپلا سېتىۋىتىلدى.گۈلچىلەر گۈل يىلتىزلىرىنى كولىشىپ ئاۋايلاپ ئېلىۋېلىشتى،ئېيتىشلارغا قارىغاندا بىر گۈلنىڭ يىلتىزىدىنىلا بىر نەچچىگە بۆلۈپ گۈل ئۆستۈرگىلى بولارمىش... توپا توشۇش ماشىنىلىرى تەرەپ-تەرەپتىن توپىلارنى ئېلىپ كېلىپ تۆكۈشكە تۇتۇندى. كونا ئۆي،كونا خالا،شەھەر سىرتىدىكى كونا سېپىللارنىڭ تۆپىلىرى ئىدارىمىزغا قاراپ توشۇلۇشقا باشلىدى. ئىدارە ئىچىنى چاڭ-توزان بىر ئالغان، ئالا- چۇقان ، ۋاراڭ-چۇرۇڭ كۆپەيگەن ئىدى، گۈلدۈر- قاراس، تاراڭ- تۇرۇڭ ئاۋازلار كىشىنىڭ مېڭىسىنى ئېلىشتۇراتتى. كونا توپىنىڭ ئاچچىق ھېدىدىن دېمىمنى ئالالماي ئاغزىمنى ئەتكىنىمچە ئىشخانىغا كىرىپ كېتىۋېتىپ ئەزىمەتنىڭ يىراقتىن توۋلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ كەينىمگە بۇرۇلدۇم.
-رەيھانقىز،ھەي رەيھانقىز....
-كەينىمگە بۇرۇلۇشۇمغا ئۇ يۈگۈرۈپ يېنىمغا كېلىپ بوپتۇ.
-ئەزىمەت ئاكا،گېپىڭىز بارمىدى؟
-گېپىڭىز بارمىدى دەيسىزغۇ؟ گېپىم بولمىسا بولامدۇ؟مېنى كەم دىگەندە 10مىڭ يۇەندىن مەھرۇم قويدىڭىز،توۋا سىزنى مەن ھەرگىز دۈشمەنلىك قىلىدۇ دەپ ئويلىماپتىمەن. گۈل بازىرىنىڭ خوجايىنى سىزنىڭ تۇققىنىڭزمۇ؟
-توغرا،يىراقراق تۇغقىنىم. تۇغقان بولسا نېمە بوپتۇ؟- دىدىم مەنمۇ قارىسىغىلا
-بەللى،بەللى راستىنلا سىز ئوبدان رول ئاپسىزدە، مەن سىزنىڭ يازغان ماقالىلىرىڭىزنى ئوقۇپ، سىزدىن، تەجىربىلىك، كەسىپكە پىششىق خىزمەتدىشىمدىن پەخىرلىنىپ يۈرۈپتىمەن. ئەسلىدە سىز باشقىلارنىڭ ئىچىگە چۈشكەن مېتە قۇرۇتكەنسىز. ئىدارىمىزدىكى مۇشۇ غەۋغانى سىز ياغدۇردىڭىز، شۇنداقمۇ؟ سىلەر بىرقانچىڭلار بار ئىكەنسىلەر ، يېڭىدىن كېلىپ قالغان، ھېچ بىر ئادەمگە ئوخشىمايدىغان...تېخى بەزىلەر ئىدارىغا پۇل ياغدى دەپ كېتىشتى، پۇل ياغدى دىگەندىن كۆرە مېتە ياغدى دىگەن تۈزۈك!
-نېمە دەۋاتىسىز؟ گەپلىرىڭىزنى زادىلا چۈشىنەلمىدىمغۇ؟
-ھىم، رەيھانقىز، مەن سىزنىڭ مەككارلىقىڭىزغا ھەقىقەتەن قول قويدۇم...
ئۇ بېلىنى تۇتىۋىلىپ ئەتراپىمى چۆرگىلەپ توختىماي مېنى ئەيىپلەيتى، مېنىڭ چۈشەندۈرىشىمگمۇ يول بەرمەيتى، ئۇنىڭ ئاۋازى ھېچ بېسىقىدىغاندەك ئەمەس ئىدى، ئۇنىڭ توختىماي چۆرگىلەۋېرىشىدىنمۇ ياكى گەپ-سۆزلىرىدىكى سېسىقچىلىقتىنمۇ، ۋە ياكى توپا توشۇش ماشىنىسى تارقىتىۋاتقان چاڭ- توزاننىڭ ئاچچىقىدىنمۇ، كۆڭلۈم ئېلىشىپ بىر نەچچە دەقىقىگىچە ئۆزۈمنى باشقۇرالماي قالدىم، خۇددى پېشانەمگە تۇيۇقسىز رەگەتكە تېشى تەگكەندەك؛ خۇددى كەينىمگە ئېتىلغان پوجاڭزا ئاۋازىدىن قۇلىقىم پەردىسى يېرىلغاندەك بولۇپ كەتتى. ئەزىمەت قاچانلاردائەيىپلەشلىرىنى تۈگىتىپ يېنىمدىن كەتتى، مەن قاي تەرىقىدە ئىشخانىغا كىردىم ، بىلمەيمەن، ئۇزۇنغىچە بىر ئورۇنغا قاراپ ئولتۇرۇپ كېتىپتىمەن ، ھېچ سەۋەپسىزلا يىمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلىسە ھە كىشى؟ نىمە دىگەن ئازاپلىق ئاھانەت بۇ؟ ئۇ مېنىڭ ئاغزىمىنن ئاچۇرمىدى، چۈشەندۈرۈشلىرىمگمۇ قىلچە پەرۋا قىلمىغان تۇرسا ئەمدى نىمە دەي؟
-رەيھانقىز، سىزگە بىر ئېغىز گېپىم بار ئېدى،-دېدى، ئىدارىمىزدىكى پېشقەدەم بۆلۈم باشلىقى مۇسا، مەن بۇ كىشىنى بىلىم سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرىلىقىدىنلا ئەمەس،تۇرمۇشتىكى ئەڭ ئۇششاق ئىشلارغىمۇ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشلىرىغا قاراپ تولىمۇ ھۆرمەتلەيتىم، ئۇنىڭ خىزمەت شىرەسى مېنىڭ خىزمەت شىرەيىمنىڭ ئۇدۇلىدا بولۇپ، روبىرو ئولتۇراتتۇق. ئۇ ئىشخانىمىزنىڭ دەرىزىلىرىدە ئادەم كۆرۈپمۇ باقمىغان، ئىسىمنى ئانچە ئېنىق تەلەپپۇز قىلغىلىمۇ بولمايدىغان گۈللەرنى باقاتتى، ئۇ ھەركۈنى ئىشتىن كېلىپ ۋىلىسىپىت ساقلايدىغان لەمپىنىڭ تۈۋىدە تۇرۇپ ئاپپاق لۆڭگە بىلەن ۋېلىسىپىتىنى پاكىز سۈرتكەندىن كىيىن ئىشخانىغا چىقاتتى-دە، ئۈستىدىكى چاپىننىى كىيىم ئاسقۇچقا ئېسىۋېتىپلا گۈللىرىگە سۇ قۇيۇشقا باشلايتتى، ئويىغۇچ بىلەن ھەركۈنى دىگۈدەك گۈللەرنىڭ توپىسىنى بىر قۇر كولاپ قوياتتى. كىمنىڭ دىجورنى بولىشىدىن قەتئىنىەزەر سۈرۈشتۈرۈپ ئولتۇرمايلا ئىشخانىنى تازىلايتتى، ھېلىقى ۋېلىسىپىت ئېيتىدىغان پاكىزغىنە لۆڭگىسىنى يەنە بىر يۇيۇۋېتىپ پارتا ئورۇندۇقلارنى سۈرتەتتى، ئۇنىڭدىن كىيىن تەشتەكلەرنىڭ ئاستىغا قويۇلغان تەخسىلەرنى بىر- بىرلەپ سۈرتەتتى. ئاخىرىدا پارقىراپ تۇرغان ئاياقلىرىنىڭ چەمىگىچە ئەستايىدىللىق بىلەن ئېيتاتتى-دە، شىرەسىدىن سۇلىياۋ خالتا ئېلىپ لۆڭگىسىنى سالاتتى،ۋە قوللىرىنى پاكىز يۇيۇپ چاي دەملەشكە تۇتۇش قىلاتتى، ئۇنىڭ يېنىدا ئۆستۈرگەن گۈللەرنىڭ بەرىگلىرىدە ياسالغان قىممەتلىك چايلىرى بار ئىدى ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاجايىپ داڭلىق چايلارمۇ تېپىلاتتى.‹‹چاي ئىچىڭ ›› دەيتتى ئۇ ئىشخانىغا كىملا كىرسە، بىرەر يېرىمىز ئاغرىپ قالغىننى ياكى ئۇرۇق تۇققانلىرىمىز ئىچىدە ئاغرىق- سىلاق بارلىقىنى بىلسىلا ئۇ ئۆز چايلىرىنىىڭ خاسىيەتلىرىنى سۆزلىگەچ دەملەپ ئىچىپ باقسۇن دەپ بېرىۋەتەتتى. بىز ئۇنىڭ ئىشچان ،ئاقكۆڭۈل، پاكىزە، روھى دۇنياسىنى ۋە خاراكتىرىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرەتتۇق ۋە ھۆرمەتلەيتتۇق.ئۇنىڭ بۈگۈن مااڭا نىمە گەپلەرنى دىگۈسى كېلىپ قالدىكىنە؟- سەل ئىككىلىنىپ ئۇ ئىشارەت قىلغان جايغا باردىم
-قىزىم،گەپلىرىمنى كۆڭلۈڭىزگە ئالماڭ، يولداشلارنىڭ گۈل توغرىسىدىكى پىلانلىرىنى نېمىشقا دەپ يۈرگەنسىز؟ ئەلۋەتتە سىزگىمۇ پايدىسى يېتتەتتى ئەمەسمۇ... ئىدارىمىزدا سىزنىڭ ئكزىڭىزگە چۈشلۇق ئابرويىڭىز بار ، كۆپچىلىك سىزنى ھۆرمەتلەيدۇ، خېلى چوڭ بىلىدۇ، سىزمۇ ئاسپىرانىتلىققا ئوقۇشقا بارىمەن دەپ تەييارلىق قىلىۋاتىسىز، شۇنداق قىلسىڭىز خىزمەتداشلىرىڭىز ئەمدى نېمە دەيدۇ؟ بىزغۇ مەيلى پۇلىمىز ئۆزىمىزگە يېتىدۇ، بەزىلەر بىر كىشلىك مائاشىغىلا تايىنىپ 7- 8 كىشلىك نوپۇسى بار بىر ئائىلىنى باقىدۇ ئەمەسمۇ....
-مۇسا ئاكا،گەپلىرىنى ھىچ چۈشىنەلمىدىم، نېمىنى دىگۈدەكمەن؟
-بولدى،بولغۇلۇق بولدى، خىزمەتداشلار قاقشاپ كەتتى-دە...
-ئېنىقراق دىسىلىچۇ،نېمە گەپ بۇ؟سىلىمۇ مېنى باشلىقلارغا گۈل توغرىسىدىكى گەپلەرنى دەپ يۈردى دەپ قاراملا؟
-ھەممە خەقنىڭ ئاغزىدا بىر بولۇپ كەتكەن گەپنى يوشۇرىمەن دەپ نېمە قىلىسىز؟ ئاسپىرانلىقتا ئوقۇسىڭىز ئۆزىڭىزگىمۇ ياخشى، ئىدارىمىزگىمۇ ياخشى،رەھبەرلىك سىزنى قوللايدۇ، بىراق ھەممە ئادەم پۇل دەردىدە بولىۋاتسا،ھەي...-ئۇ شۇنداق دىدى-دە،ئۆزىگە خاس بولمىغان تەرۇزدە ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتى.


يېڭى يوپۇرماق باشقا تېمىلار
يېڭى يوپۇرماق(1)يېڭى يوپۇرماق(2)يېڭى يوپۇرماق(3)يېڭى يوپۇرماق(4)يېڭى يوپۇرماق(5)
يېڭى يوپۇرماق(6)يېڭى يوپۇرماق(7)