باش بەت / ساقلايمەن

يېڭى يوپۇرماق(1)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2013-2-17 20:27 | ئاپتور: ئادالەت ئابدۇرىھم | مەنبە: خۇشدىل مۇنبىرى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

ھەريىلى4-5-ئاي كېلىشى بىلەن بىزنىڭ ئىدارە ئاجايىپ چىرايلىق تۈسكە كىرىدۇ. يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى سۇۋادان تېرەكلەر تىخې چاڭ-توزان قونۇشقا ئۈلگۈرمىگەن يۇمران ياپراقلىرى بىلەن سايە تاشلاپ تەنگە ھوزۇر بەخىش ئېتىدۇ. ئەگەر يېنىك شامال چىقىپ قالغۇدەك بولسا،ئۆزگىچە شەكىل چىقىرىپ تېرىلغان قىزىلگۈل،ئەتىرگۈل،سەبدە گۈل،رەيھانگۈللەرنىڭ مەززىلىك پۇراقلىرى بىر-بىرىگە ئارىلىشىپ ئاجايىپ سېھىرلىك تۇيغۇلارغا چۈمدۈرىدۇ.
شۇنداق بولغاچقىمىكىن پىنسىيەگە چىققان كادىرلار، دەرس تەكرارلايدىغان ئوقۇغۇچىلار، مۇھەببەتلىشىدىغان قىز-يىگىتلەر، ئارام ئېلىۋاتقان بىمارلار نە-نەلەردىن ئىدارە ھويلىسىغا كېلىپ گۈللەر ئارىسىغا سېلىنغان شىپاڭلاردىكى ئورۇندۇقلاردىن ئورۇن ئېلىشىدۇ.قېرىلار ئۆزلىرىنى يەلپۈگىنىچە ئۆز تارىخىدىكى ئۆتكەن پ- كەچكەن ئىلار، ھايات كەچۈرمىشلىرى ۋە تۇرمۇش تەجرىبىلىرى توغرىلۇق پاراڭلاشسا ، ئۆسمۈرلەر ۋە ئوقۇغۇچىلار نىمىلەرگىدۇر باش قاتۇرىدۇ نىمىلەرنىدۇر يادقا ئالىدۇ ، بۇغا، جەرەن،تۇرنا، ئاققۇ ھەيكەللىرىدىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان فونتانلار بۇ گۈلزارلىققا تېخىمۇ مەپتۇن قىلغۇچى سېھرى كۈچ قوشىدۇ.
مەن مۇشۇ ئىدارىغا-ئورمانچىلىق باشقارمىسىغا تەقسىم قىلىنغىنىمدىن تولىمۇ مەمنۇن ئىدىم. كوچا ئاپتۇبۇسىدىن چۈشۈپ ئىدارىمىزنىڭ يېشىل دەرۋازىسىدىن ئۆتكىنىمدە پولات چىۋىقلار بىلەن توسۇق قىلىنغان كەڭ ۋە ئىنتايىن پاكىزلىقىدىن يالتىراپ تۇرىدىغان يوللىرىغا دەسسەپ ماڭغىنىمدا، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ۋە شەرقى شىمالدىن كۆچۈرۈلۈپ ئېلىپ كېلىنگەن ئارچا، قارىغاي دەرەخلىرىنىڭ شەبنەم يالتىراپ تۇرغان يىڭنە يوپۇرماقلىرىنى ۋە مەن تېخى ئىسمىنى بىلمەيدىغان ئاللاقانداق دەرەخلەرنىڭ ئۆزگىچە ياپراقلىرىنى كۆرگىنىمدە تولىمۇ ھەيران بولاتتىم، ۋە مۇشۇ ئىدارىدا ئىشلىگەنلىكىم ئۈچۈن ئاجايىپ پەخىرلىنىش تۇيغۇسىغا چۆمەتتىم. خىزمەتكە چۈشكەن يىلىلا ئالى مەكتەپتە ئوقۇغانلىرىم بىلەن يېزىدا كۆرگەنلىرىم ۋە ئەمىلى تېخنىكا-تەجىربىلىرىمنى يەكۈنلەپ ئۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ يازغان « ياۋا مېۋىلەر بىلەن تەبئى مېۋىلەرنى چاڭلاشتۇرۇش ئارقىلىق مېۋىزارلىقنىڭ ئالتۇن پەسلىنى يارىتىش توغرىسىدا » ناملىق ماقالەم ئاپتۇنۇم رايۇن بويىنچە 2-دەرىجىگە ئېرىشتى.بۇنىڭ بىلەن ئىدارىدا مېنىڭ تەرىپىمنى قىلىدىغانلار، مېنىڭ بىلىم ۋە ئىقتىدارىمنىى كۆككە كۆتىرىدىغانلار كۆپەيدى، مېنىڭ ئەسلىدىنلا قايناپ تۇرىدىغان ئىجاتچانلىق روھىم قانات ۋە قۇيرۇق ياساپ يېڭى ۋە ئۆزگىچە نەرسىلەرنى ئويلاشقا باشلىدىم، ئۆزگىچە نۇقتىدىن پىكىر قىلىشقا تېخىمۇ بەكرەك ئىنتىلىدىغان بولدۇم. يېڭى باشتىن ئېلھامغا كېلىپ « پىشۇرۇلمىغان كۆكتاتلارنىڭ ئادەم ھەزىم قىلىش سېستىمىسىدىكى ئۆزگىچە فۇنكىسىيەسى»،« مېۋە-چىۋە،كۆكتات ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر»،«ئېكولوگىيە ۋە مۇھىت»،«چىلان،ئالما،ئاپتەپپەرەس مېغىزلىرى قان تومۇر دىۋارىدىكى چۆكمىلەرنى تازىلايدۇ »...قاتارلىق ماقالىلىرىم ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىكى تۈرلۈك گېزىت- جورناللاردا ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىندى ۋە جەمىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.بۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچىم ھەسسىلىپ ئاشتى، بىر تەرەپتىن كەسپىي خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىسەم بىر تەرەپتىن ھېرى- چارچاشقا بەردالىق بېرىپ ھەر خىل ئىلمىي پائالىيەلەر بىلەن شۇغۇللانماقچى بولدۇم بولۇپمۇ باغۋەنچىلىككە ئائىت ئىلمىي ماقالىلارنى پۈتتۈرۈپ ئۆز كەسپىم بويىچە مەلەۇم نەتىجە قازىنىش قارارىغا كەلدىم.ماقالىلىرىم كۆپلەپ ئېلان قىلىنغانسېرى جەمىيەبىلەن بولغان مۇناسىۋتىمۇ مۇرەككەپلەشتى، مېنى ئىزلەپ كېلىدىغانلار ، ماڭا ، ماقالىلىرىمغا تەكلىپ بېرىدىغانلار مېنىڭدىن مەسلىھەت سورايدىغانلار ، ماڭا مەسلىھەت بېرىدىغانلار كۈنسايىن كۆپەيدى،بولۇپمۇ بىرنەچچە پارچە ماقالەمنىڭ خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىنىشى بۇ ماقالىلار توغرىسىدىكى بەس مۇنازىرىلەرنىڭ بەس-بەس بىلەن ئېچىلىپ ھىلپەرەپ تۇرغان ئاپتاپەرەس چېچەكلىرىدەك ئاۋۇپ كېتىشى ماڭا ئېيىتىپ تۈگەتكۈسىىز خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى . شۇنىڭبىلەن يەنە ئورمانچىلىق، باغۋەنچىلىك، كۆكەرتىش، تېببى ساھەلەردىن خەت- چەكلەرنى،تەلەپ-تەشەككۈرلەرنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. مېنى ئەڭ خۇشال قىلغىنى ئورمانچىلىق نازارىتىدىن ئەۋەتكەن بىر پارچە خەت بولدى.
خەتنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى مۇنداق ئېدى :
ھۆرمەتلىك رەيھان سالامەتمۇ سىز؟ ماقالىلىرىڭىزنى ئوقۇپ ناھايىتى ھاياجانلاندىم،ئىچكى دۇنيارىمدىكى ئېزگۈ تىۋىشلىرىمنىڭ سىزنىڭ قەلىمىڭىزدىن بالقىپ چىققانلىقى مېنى ناھايىتى خوشال قىلدى.سىزنىڭ ئىزدىنىشىڭىز، تەجىربىلىرىڭىز ئوي-خىياللىرىڭىز ھەم ئارزۇ-ئارمانلىرىڭىزنىڭ ئىنكاسى سۈپىتىدىكى ماقالىلىرىڭىزنى بىر- بىرلەپ ئوقۇپ چىقتىم ۋە سىزنىڭ كۆكەرتىش، ئىستىمال،گۈزەللىك ھەققىدىكى كۆز-قارىشىڭىزنىڭ ھەقىقەتەن چوڭقۇرلىقىنى ھېس قىلدىم .ماقالىلىرىڭىزدىن سىزنىڭ چاقناپ تۇرغان زىھنىڭىزنى ،ئۆتكۈر پاراسىتىڭىزنى كۆرىۋىلىش قېيىن ئەمەس،ماقالىلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك يېڭى ئىددىيە، يېڭى پىكىر يېڭى تۇيغۇلارغا تويۇنغان.مېنىڭچە سىز بىر ئىستىقباللىق ياش، سىزگە تېخىمۇ كەڭرى بىلىم ئېلىش سورۇنى ، قابىلىيىتىڭىزنى راۋاجلاندۇرۇش ،ئۆزىڭىزنى كۈچەيتىش سورۇنى كېرەك .سىز بۇ ھەقتە ئويلىنىپ باقتىڭىزمۇ؟ مۇۋاپىق كۆرسىڭىز ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ باقسىڭىز، يەنىمۇ گۈزەل پەللىلەرنى قۇچاقلاپ مېڭىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىڭىز ياخشى بولاتتى.مېنىڭ ئورمان-باغۋەنچىلىك ھەققىدىكى كۆز- قاراشلىرىم سىزنىڭ ماقالىڭىزدە ئەكىس ئەتكەنلىكىنى ۋە مېنىڭ ئويلىغانلىرىمدنىمۇ ئەتراپلىق چوڭقۇر پىكىر قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئالاھىتەن مەكتۇپ يېزىپ سىزنى ئويلىشىپ بېقىشقا دەۋەت قىلىدىم. سىزنىڭ « ئېكولوگىيلىك قوغدىنىش چەمبىرىكى ۋە يېڭىچە تەبئىي مۇھىتنىڭ بەرپا بولۇش جەريانى»،«پىزولوگىيەلىك رەڭ بېزەش مۇتتەخخەسسى چىلان،ئالما،ئاپتاپپەرەس»،دىگەن ماقالىلىرىڭىزدىكى تەپەككۇرىڭىزنىڭ چوڭقۇرلىقىغا، تەسەۋۋۇرىڭىزنىڭ بايلىقىغا،پىكىرنىڭ كەڭلىكىگە، مۇلاھىزىلەرنىڭ ئەتىراپلىقىغا ئەسەرنىڭ باغلىنىش كۈچىگە...قارايدىغان بولساق ،سىزدىكى جۇغلانما بىلىم،ئۇنۋېرسال بىرىكتۈرۈش كۈچى ۋە ئىپادىلەش جەھەتتىكى بەدئى دىتقا ئىنتايىن قايىل بولدۇم ۋە مۇشۇ ساھەنى چىقىش قىلىپراق ئاسپرانتلىققا ئىمتاھان بەرسە چوقۇم ئۆتەلەيدۇ دىگەن قاراشقا كەلدىم. بىر كىشىنىڭ شەخسى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ئارتۇقچە بولسىمۇ يەنە ياخشى كۆڭلۈمىنى ئىپادىلەش ،ۋە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرۈش يۈزسىدىن بۇ خەتنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. مېنىڭچە سىزدىمۇ شۇنداق خىيال بولغان بولىشى مۈمكىن.ئىمكانىيەت يار بەرسە بۇ يىل ئىمتاھان بېرىڭ...
ئەسلىدىنلا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش ئويۇم بار ئىدى.ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا شۇنداق گۈزەل غايەمنى چىقىش قىلىپ، كەسپىي بىلىملەرنى قېتىرقىنىپ ئىگەللەش بىلەن بىرگە چەتئەل تىلىنىمۇ ئاجايىپ قىزىقىش ئىچىدە ئۈگەنگەن ئىدىم ،ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان يىلىم ئاسپىرانىت بولۇپ يۇقۇرى ئۆرلەپ ئوقۇش قىزغىنلىقم بىلەن بىر قېتىم ئىمتىھانمۇ بەرگەن،كەسپىي نەتىجەم ئاپتونۇم رايۇن بويىچە ئىككىنچى بولغان بولسىمۇ لېكىن چەئەل تىلىدىن نومۇرۇم بىرنەچچە نومۇر كەملەپ قېلىپ ئۆتەلمىگەن ئىدىم بۇنىڭ ئۈچۈن قاتتىق ئەپسۇسلسندىم ، قاقشىدىم ، چۈنكى بۇ ھاياتىمنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى ئىدى، ئاسپىرانىتلىققا ئۆتەلمىگەندىن كېيىن چوڭ شەھەردە قېلىك ئىشلەش ئارزۇيۇم كۆپۈككە ئايلىنىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى ، چۈنكى شۇ يىللا ر ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ياشلارنىڭ ھەممىسىنى بىراقا تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ چېنىقتۇرۇش سىياسىتى يولغا قويۇلغان ئىدى.قىيىنچىلىقى بار ، بىر نەچچە نوپوسلۇق ئائىلىدە ئۆسكەنلىكىم كېيىنكى ۋاقىتلاردا يۇقۇرى ئۆرلەپ ئوقۇشقا پۇرسەت بەرمەيدىغانلىقى بىلەتتىم،ئەڭ مۇھىمى ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ سۆز- چۆچەك قىلىشپ،« قىز بالىمۇ ئوقىۋېرەمدۇئ بىز ئۇنىڭدەك ۋاقىتلاردا نەچچە بالىغا ئاتا- ئانا بولۇپ بولغان خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن بولدى قىلسا بولمامدۇ، ھازىرقى ياشلارنىڭ ئاتا- ئانىسىغا ئىچى ئاغرىمايدۇ ، بىر ئوبدان مائاش ئالىدىغا ئادەم بولۇپ بولغاندىن كېيىن ئائىلىسىنى قىيناپ نىمە قىلىدۇ...»دىيىشلىرىنىڭ ماڭا روھىي توسالغۇ ئېلىپ كېلىپ يولۇمى توراپ قويىشىنىمۇ خېلىلا دەڭسىگەن ئىدىم ، ئەپسۇسكى ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىدىم.... شۇ چاغلاردا توغرا مۆلچەرلىگەن ئىكەنمەن ، كېيىنكى يىلى ئويلىغىنىمدەك قايتىلاپ ئىمتىھان بېرىمەن دەپ يۈرگەنلىرىمدە ئائىلەمدىكىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىدىم، ئاتا-ئانام «...ئالى مەكتەپنى ببىر ئوبدان ئوقۇۋلدىڭ،يەنە ئوقىۋېرەمسەن؟ سېنىڭدىن كىچىك يەنە ئۈچ ئۇكاڭ بار، ئۇلارنىمۇ ئوقۇتۇشقا پۇل لازىم، قىز بالا دىگەن مۇشۇنچىلىك ئوقىسا بولدى، ئەمدى ئائىلىمىزنىڭ يۈكىنى كۆتۈرىشىپ بېرىدىغان ۋاقىتلىرىڭ كەلدى...» دەپ ئوتتەك قىزغىنلىقىمغا سۇ سەپتى ،شۇنىڭ بىلەن يەنىمۇ يۇقۇرى ئۆرلەپ ئوقۇش،ئۆز غايىلىرىم ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ئىزلىنىش توغرىسدىكى خىياللىرىم قۇرۇق خىيال پېتى قېپقالغان ئىدى. ئەمما يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا ئىلىم-پەن ساھەسىدە ئۆز كەشپىياتىم ۋە نەتىجىلىرىم بىلەن يېڭىلىق يارىتىش،ئىلىم-پەنننىڭ كۆكىدە پەرۋاز قىلىش،باغ-ئورمانچىلىق ساھەسىدە يېڭى ئىلگىرلەشلەرنى بەرپا قىلىش ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىم بىلەن ھايات يولۇمدا بەخت-سائادەت تېپىشتىن ئىبارەت بىر ئوت يېلىنجاپ ماڭا ئارام بەرمەيتى.
يۇقۇرىدىن كەلگەن بۇ خەت مېنى ھەر زامان ئويلاندۇرىدىغان ، خوشالىقلارغا ۋە ئايىقى چىقماس ئازاپلىق ھېسسىياتلارغا باشلايدىغان ئوتنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋەتتى،پۇرسەت تېپىپ ئىدارە رەھبىرى ئايۇپ ناسىر بىلەن سۆزلىشىپ باقماقچى بولدۇم.يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا يوشۇرۇغان بىر ئارمان مېنى قىينايتى، ئىلىم – پەن يولىدا تېخىمۇ گۈزەل تېخىمۇ يارقىن پەللىلەرگ ئۆرلەش ئىشتىياقى مېنى باشلىقلىرىم بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىشقا، ئوقۇش ۋە باشقا چىقىملىرىمنى كۆتۈرۈپ ئوقۇيدىغان ياخشى شارائىت ئىشلەشكە ئۈندەيتى.شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە مېنى قوللايدىغان بىر تايانچنبىڭ بولىشى ، ماڭا مەدەت بېرىدىغان بىر كۈچنىڭ بولىشى تولىمۇ زۆرۈر ئىدى . بىراق مېنىڭ ئەشۇ ئىدارەمدىن ، مېنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىدىغان تەكىلدىن باشقا نىمەم بولسۇن؟مېنىڭ ئوي خىيالىممۇ، پىكىر ۋۇجۇدىممۇ مۇشۇ ئىشتىلا قالغاچقا رەھبەرلىكنى ئىزدىمەي بولمىدى ، شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە تەشكىل ۋە رەھبەرلىكق مەن ئۈچۈن ئاتا ئانامدىن نەچچە ھەسسە قەدىردان يۆلەنچۈك مېنىڭ مېھرەبانىم ۋە غەمخانىم ئىدى.
ئۇنى ئاخىرى گۈللۈكلەر ئوتتۇرىسىدىكى شىپاڭدا بىر-نەچچە پىشقەدەم خىزمەتداشلار بىلەن قىزغىن پاراڭغا چۈشكەن ھالەتتە تاپتىم.
-ھە،رەيھانقىز،كەل،كەل،يەنە ماقالە يېزىشقا ئىلھامىم كەلسۇن دەپ گۈلزارلىقنى ئايلىنىۋاتامسەن؟-دىدى باشلىق مېنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلغاچ، ئۇنىڭ سەمىمىيلىك چىقىپ تۇرىدىغان سەل كۆكۈش كۆزلىرى بۈگۈن دوست بۇرادەرلىرى بىلەن تازا قىزىشىپ پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ تېخىمۇ بەك نۇرلىنىپ كەتكەندەك كۆرۈندى، بۇ كىشى ھەممە ئادەمنى دىگۈدەك «سەن »لەيتى، قانداق گەپ بولسا ئۇدۇللا دەۋېرەتتى، بىرەرسى سەۋەنلىك ئۆتكۈزسىمۇ ئاياپ ئولتۇرمايتى ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەنە شۇنداق تۈزلىكى ،ئاق كۆڭۈللىكى، خىزمەتتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن ھەممىمىزنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر ئىدى، ئۇنىڭ «سەن» لەشلىرىمۇ كۆكۈش كۆزلىرىگە ئوخشاش يېقىملىق تۇيىلىۋېرەتتى.
-ئىدارىمىزدە مۇشۇنچىلىك ئەسەر يازىدىغان ئادەمنىڭ بولىشىمۇ چوڭ ئىش جۇمۇ-دىدى بىرەيلەن باشلىقنىڭ گېپىگە ئۇلاپلا –بىز يىل بويى ناھىيىمۇ ناھىيە،يېزىمۇ يېزا چېپىپ يۈرۈپ جاپالىق ئىشلەيمىز، ئىشلەيمىزيۇ يىل ئاخىرىدا خىزمىتىڭلاردىن خۇلاسە يېزىڭلار دىسە يازىدىغانغا گەپ تاپالماي باش قاتۇرۇپ كېتىمىز، راسىت، بۇ ئىشتا بۇرۇن يازغان ئۆرنەك ماتىرىيال بولمىسا گەپلىرىمىزنى باغلاشتۇرالماي خېلىلا قىيلىنىمىز،بىر نىمىنى بىلىش بر گەپكەن، يازمىچە ئىپادىلەش بىر گەپكەن
-كەسپى ئورۇن دىگەندە قول ئاستىدىكىلەرنىڭ كەسپى ئىقتىدارنى بايقىيالايدىغان باشلىق بولمىسا زادى بولمايدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە شۇ ئورۇدا بولىۋاتقان ئىشلارنى دوكالات قىلالايدىغان كەسپى سەۋىيەسى يۇقىرىراق يازغۇچىلار بىرەرسى بولىسا، ئاندىن ئۇ باشلىق ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىنى يۇقۇرىغا كۆز- كۆز قىلالايدۇ خىزمىتىنىڭ نەتىجىسى چىقىدۇ، لېكىن بىز بۇ رەيھانقىزنىڭ يازغۇچىلىق ماھاررىتىدىن پايدىلىنالمايۋاتىمىز ...- دىدى يەنە بىرەيلەن باشلىقنى چېكىپ باقماقچى بولغاندەك مەنادا قاراپ
-راست يازغۇچىلار دىگەن ئاجايىپ ئادەملەر، خۇددى لەگلەكچى بالا لەگلىكىنى قولىغا باغلىۋالغان يىپ بىلەن كونتۇرۇل قىلىپ، ئاسماندا پىلدىرلىتىپ ئۇچۇرغاندەكلا، يازغۇچىلار يازغان ماقالا – ھېكايىلاردا ئادەمگە نۇرغۇن ئىشلارنى سۆزلەپ گاھ كۈلدۈرىدۇ،گاھ يىغلىتىدۇ،گاھ ئويلاندۇرىدۇ،گاھ خىيال قىلدۇرىدۇ،ئاخىرى ئۆزىنىڭ دېمەكچى بولغىنىنى كىتاپ ئوقۇغان ئادەمگە دىگۈزىدۇ،خۇددىي ساياھەت قىلغاندەكلا......
يىغىلىپ ئولتۇرغانلار يازغۇچى توغرىسىدا سۆزلىششىپ كەتتى.«مەن يازغۇچى ئەمەس، مەن كەسپىي خادىم،ئۈگەنگەنلىرىم ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا كۆڭلۈمگە كەلگەنلىرىنى ئاددىلا قىلىپ يېزىپ باقتىم ، ھېكايە بىلەن ماقالا ئوخغىمايدۇ ، ماقالىدا پاكىت يېزىلىدۇ، ئىلمىي تەسەۋۋۇر ئەمەلىيەتكە تەدبىقلىنىدۇ، پەننى كۆز قاراش ئوتتۇرغا قويىلىدۇ، ھېكايىدا بولسا يازغۇچىنىڭ تۇرمۇشتىن ئالغان تەسىراتى قايتا پىششىقلىنىپ ئىشلىنىپ بەدئىي ئوبراز يارىتىلىدۇ...» دەپ ئەسكەرتىشىمنىڭ ھىچ ئورنى يوقتەك قىلاتتى.ئەكسىچە شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە شان - شەرەپنىڭ قۇتراتقۇ ھېسلىرى قۇتراپ يازغۇچى دىگەن نامدىن ئاز-تولا پەخىرلىنىپمۇ قالدىم.بىر خىل تاتلىق خىيال مېنى ئەللەيلەيتى، مەن گويا روھىيەت ئالىمىنىڭ خىيالىي قاناتلىرىدا پەرۋاز قىلاتتىم، شۇنىڭ بىلەن ئۆز مەقسىتىمنى ئېيتىشقىمۇ جۇرئەت قىلالمىدىم.ئۇلار ئۆز پاراڭلىرىغا بەنت ئىدى.ئۇلار بالىلارچە تەسەۋۋۇرلارنى قىلاتتى.ھەزىل چاقچاقلار ،ئۆزىنى كۆككە كۆتىرىدىغان پوچىلىقلار داۋام قىلىۋەردى. ئۇلارنىڭ يېنىدا تارتىنىپقىنا ئولتۇرۇپ بىر تەرەپتىن قاتتىىق ئوڭايسىزلانسام بىر تەرەپتىن ھاياجانلىناتتىم.
-ساياھەت دىگەن كۆڭۈللۈك ئىش جۇمۇ،چەتئەللىك دىگەن ئەقىللىق خەق،پۇل تاپسا ساياھەتلا قىلىدۇ.بىز ئۆي ياسايمىز دەپ پۇلنى تامغا چاپلاپ ھارمايمىز
-راست،كۆپرەك ساياھەت قىلغان ئادەم ئالى مەكتەپكىچە ئوقۇپ ئۈگىنەلمىگەن نەرسىلەرنى ساياھەت جەريانىدا ئۈگىنەلەيدۇ،- بىردەم ئولتۇرغاندىن كېيىن ئوۇلارنىڭ ساياھەت قىلىش توغرىسىدىكى پىكىرلىرىنى قۇۋەتلەپ گېپىگە قوشۇق سالدىم- كىتابلاردىن ئېلىپ بولالمىغان بېلىملەرنى بىر قېتىملىق كۆڭۈللۈك ساياھەت كىشىگە ئۈگىتىپ قويالايدۇ. ئەتراپلىق ئويلىنىپ قىلغان ساياھەت كىشىنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ.جەمىئەتتىن ئىبارەت بۇ كەڭ بوشلۇقتا بىر ئادەمگە نىسبەتەن ئۇنى قورشاپ تۇرغان مەسلىھەكداشلىرىمۇ بىلدۈرەلمىگەن ئىجتىمائىي بىلىملەرنى تەبئىي يوسۇندا قىياس قىلدۇرىدۇ، ئادەمنى ئۆزى ھەققىدە باشقىلار ھەققىدە، ئۆزى بىلەن باشقىلارنىڭ سېلىشتۇرمىسى ھەققىدە پىكىر يۈگۈزۈشكە دالالەت قىلىدۇرىدۇ . ھەر خىل ئاڭ سېستىمىسى ئوتتۇرسىدىكى بوشلۇقلار بىلەن ئۆزىنڭ قىممىتى ھەققىدىكى سېلىشتۇرمىلار كىشىگە نۇرغۇن سۇئال قويىدۇ... -پاھ،پاھ ....يازغۇچى دىگەن باشقىچە گەپ قىلىدۇ-دە،مانا دەللەڭ گەپ بولدى،راسىت ئەمەسمۇ، ساياھەت دىگەننىڭ پايدىسى كۆپ...
مەن ھازىر تارتىنىش دۇنيادسىدىن ئۆزۈمنى پۈتۈنلەي تارتىپ چىقىرىپ بولغان ئىدىم.بارا- باار تېتىكلىشىۋاتاتتىم ئۇلارغا مېنىڭ ساياھەت قىلىش توغرىسىدىكى پىكىرلىرىم بەك ياراپ كەتىمۇ قەنداق ئارىدىكى بىرەيلەن دەرھال ئېغىز ئاچتى .
-سىز نەلەرنى ساياھەت قىلغان ئىدىڭىز رەيھانگۈل؟بۇھەقتىكى كۆز-قاراشلىرىڭىز خېلى مول ئىكەنغۇ؟
-مەن بىرەر ئورۇننى مەخسۇس ساياھەت قىلمىغان، ئەمما ئالتە يىل بېيجىڭ ئۇنۋېرىستىتىدا ئوقۇدۇم ، بۇ ئۇزۇن يولنى ئالتى يىل باستىم، ھەر قېتىملىق تەتىلدىن يېنىش ۋە قايتىش مۇساپىلىرىدە نۇرغۇن جايلارنى كۆردۈم، ئەمدىلىكتە يەنە بىر ئوقۇپ كەلسەم كۆرگەن بىلگەنلىرىم يەنە ئاشامدىكىن دىگەن ئارزۇ ئارمانلارنى قىلىۋاتىمەن- دىدىم مەن ئىمكان قەدەر ئۆز مەخسىدىمگە گەپنى بۇراشقا تىرىشىپ .
-ئوقۇپ كەلسەم؟ نەدە ئوقۇيسەن؟ - دىدى ئايۇپ ناسىر ھەيانلىق بىلەن كۆك كۆزلىرىنى پاقىرىتىپ
-شاڭخەي باغۋەنچىلىك ئۇنۋىرسىتىتىدا ئۆرلەپ ئوقۇيمىكىن دەيمەن ،ئاسپىرانتلىقتا...
-ئاسپىرانت بولماقچىمۇ؟ پاھ،پاھ...ياخشى گەپقۇ، ئەگەر بىزنىڭ باشقارمىمىزدىن بىر ئۇيغۇر ئاسپىرانت چىقسا،ناھايىتى ئوبدان گەپقۇ بۇ، راستىنلا ئاسپىرانت بولىدىغان بولساڭ بولدى،بارىلىق چىقىمىڭنى ئىدارە كۆتىرىدۇ، ئۇنىڭغا ئىمتىھان ئالىدىغاندۇ ھەقاچان؟ ئاسپىرانىتلىق ئىمتىھانى خېلى چىڭغۇ دەيمەن،مەن سېنى قوللايمەن، ئەگەر ئىمتىھانىدىن ئۆتەلىسەڭ ئوقۇ، سېنى ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇتۇش ئۈچۈن پۇل ئاجرىتىشقا تەييار مالىيە بۆلىمىدىكىلەرنىمۇ كۆندۈرىمەن ...
-راستما؟- دىدىم مەن ئىشلىرىمنىڭ شۇ قەدەر راۋانلىشىپ كەتكەنلىكىە ئۆزۈممۇ ئىشىنەلمەي
-راست بولماي، ،مەن دېدىممۇ، دىگنىمدەك بولسا بولدىغاندۇ؟، ئىدارىمىزدىن پەن – تېخنىكا ئىگىلىرى كۆپلەپ يېتىشىپ چىقسا بۇ ھەممىمىز ئۈچۈن شان – شەرەپ . راستىنلا ئاسپىرانت بولۇپ ئوقۇش شەرىپىگە ئېرىشەلىسەڭ بارىلىق چىقىمىڭغا ئىدارە نامىدىن مەن ئىگە.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئەتراپتىكىلەرمۇ ئېغىزلىرىنى ئېچىشىپ قېلىشتى. بەزىلەر بۇ يەردىكى مۇقىملىشىپ قالغان ئادەت كۈچى بويىچە «يەنە ئوقۇپ نىمە قىلىدۇ بىر ئوبدان خىزمىتى تۇرسا ، ..»دەپ ھەيران بولسا يەنە بەزىلەر بۇ باشلىقنىڭ مېنىڭ ئوقۇشقا بېرىشىمغا شۇنچىلىك ئاسان قوشۇلغانلىقىدىن، يەنە كېلىپ ئىقتىزادىي چىقىمنى ئىدارە تەرىپىدىن كۆتۈرمەكچى بولغانلىقىدىن ھەيران ئىدى، ھەتتا بەزىلەر مېنىڭ ئىدارىنىڭ پۇلىنى خەجلەپ ئوقۇپ كېلىپ ئىدارىدىكى قىزىل بەلگىسى بار ئادەمگە ئايلىنىپ، بىردىنلا ئۆزلىرى ئۈستىدىن ھۆكىمىرانغا ئايلىنىپ كېتىشىمدىن ئەندىشە قىلىۋاتقاندەك كۆرىنەتتى، بۇنداق خىلمۇ- خىل روھىي ھالەتلەرنى ئۇلارنىڭ بىر- بىرىگە مەنىلىك قاراشلىرىدىنلا بىلگىلى بولاتتى. ئەمما شۇ بىرلا كىشى – كۆك كۆزلىرىنى پاقىرىتىپ كۈلۈپلا تۇرىدىغان ئايۇپ ناسىر باشلىق ئەڭ سەمىمى رەۋىشتە مېنى ئىلھاملاندۇرىۋاتاتتى، مەن بۇنىڭدىن شۇنچىلىك خوشال بولدۇمكى... .
شۇ كۈندىن ئېتىبارەن چۈش كۆرسەم ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ ئاسپىرانت بولغان ۋاقىتلارنى چۈشەيدىغان،خىيال قىلسام «ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تەبئى قوغدىنىشى بىلەن ئادەمنىڭ ئۆزىنى قوغدىشى ئوتتۇرىسىدىكى ماھىيەتلىك باغلىنىش»،«ئېرسىي ئامىللار ۋە يەرلىك ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇق»،«تەبئى مۇھىتنىڭ ئىنساننىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى گارمونىيەلىكىگە ئېگە قىلالىىشدىكى زەنجىرسىمان ئامىللار»......دىگەندەك نەرسىلەرنى خىيال قىلىدىغان بولدۇم، ۋە شۇ خىلدىكى ئىجتىمائى تىمىلار ئۈستىدە ماقالىلەرنى يىزىپ باقتىم، تەتقىقات تېمىلىرى ئىچىگە چوڭقۇرلاپ كىرگەنسېرى بەزى تېمىلار مېنى قايمۇقتۇراتتى.ئۆزىچە پىچىرلاپ كەتكىنىمى،بەزىدە ئاۋازىمنىڭ سىرىتقا چىقىپ كەتكىنىنى ھىس قىلغىنىمدا،باشقىلار ساراڭ بوپ قاپتۇ دېمىسۇن دەپ دەرھال توختىۋالاتتىم ۋە ئۆزۈمنىڭ مەجنۇنلارچە ھالىتىمنى قىياسەن كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ، پىخىلداپ كۈلگىنىمچە يەنە كىتاپنى قولۇمغا ئالاتتىم، ئېنگىلىز تىلى ئۈگىنىۋېتىپ بۇ تىلىدىكى مورفولوگىيەلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ تولىلىقىدىن ئىچىم پۇشاتتى.شۇنداقتىمۇ دىققىتىمنى يىغىپ تەكرار-تەكرار ئوقۇيتتىم، ئىمىر- چىمىر قىلىپ يازغان مەشىقلىرىمدىن نۇرغۇن دەپتەرلەر تولاتتى، جۈملە تېكىستلەرنى يادقا ئالاتتىم.بەزى سۆزلەر ئېسىمدە قالمىسا سۆزلۈكنىڭ مەنىسى بويىچە ھەركەت شەكىللىرىنى چىقىرىپ باقاتتىم، بۇ خىل ئۈگىنىش پائالىيىتىنىڭ ئەستە تۇتىۋېلىشىمغا بەكمۇ يارىدىمى بولاتتى. كەسپى كىتاپلارنىڭ ھەرقايسى تۈرلىرىنى ئېلىپ كۆرۈپ كېتەتىم. بارا- بارا ئۇنتۇلۇپ كەتكەنلىرىم ئېسىمغا كېلەتتى، يېڭى بىلىملەرنى ئۈگىنەتتىم ،ئۈگەنگەنلىرىمنى بىر- برىگە باغلايتىم، بارغانسېرى زېھنىم ئېچىلاتتى، دوگما، ئاددىلا يۈرگۈزۈلگەن مۇھاكىمىلەرگە قارىتا ئۆزۈمنىڭ يېڭىچە كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقاتتىم، ھەم ئۇنىڭغا قارىتا بەزى سوئاللارنى تەييارلايتىم، سۇئاللىرىمنى ئۆزۈم بىلەن ئۆزۈم مۇنازىرە قىلىش،ئويلىشىش،پىكىر يۈرگۈزۇشبىلەن ئاۋارە بولاتتىم. پەلسەپە،سىياسى،ئىقتىسادقا ئائىت نۇرغۇن كىتاپلار مېنىڭ ئۈگىنىشىمنى چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشىمنى ساقلاپ تۇراتتى.


يېڭى يوپۇرماق باشقا تېمىلار
يېڭى يوپۇرماق(1)يېڭى يوپۇرماق(2)يېڭى يوپۇرماق(3)يېڭى يوپۇرماق(4)يېڭى يوپۇرماق(5)
يېڭى يوپۇرماق(6)يېڭى يوپۇرماق(7)