باش بەت / ساقلايمەن

يېڭى يوپۇرماق(5)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2013-2-17 20:41 | ئاپتور: ئادالەت ئابدۇرىھم | مەنبە: خۇشدىل مۇنبىرى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

ئەتىگەندە شۇڭا بەزىلەر ماڭا غەلىتە قاراپتىكەندە، شۇڭا بى نورمال مۇئامىلىدە بوپتىكەندە، شۇئان دەرۋازىدىن كىرىۋاتقىنىمدا غوژمەك بولىۋىلىپ پاراڭغا چۈشكەنلەرنىڭ غەيرى ئېغىز پۈرۈشۈشلىرى، ئالىيىشلىرى ۋە غەزەپلىك قاراشلىرىنى ئېسىمگە ئالدىم، مېنىڭ ئوقۇش پۇلى ھەل قىلىش ئۈچۈن رەت-رەت كىرىشىم، مالىيە بۆلىمىگە، مالىيە باشقارمىسىغا، ۋالى مەھكىمىسىگە قاترىشىم باشلىققا خەۋەر يەتكۈزگەنلىك بولۇپ تۇيۇلدىمۇ نىمە ...ئەمدى بۇ گۈل ۋەقەسى بىلەن مېنىڭ قانداق مۇناسىۋىتىم بولسۇن، ھىچ باغلانمايدىغان بىر ئىشلار قانداق بولۇپ ماڭا باغلىنىپ قالدى؟ ھەم قانداق بولۇپ مۇشۇنداق يامان سۈپەتلىك ئۆسمىدەك يامراپ كەتتى. كىچىككىنە بىر ئىش بولسا پۇل ياغدى ، يەر تەۋرىدى، بوران چىقتى...دەپ غەيرى تىللار بىلەن گەپلىرىنى ئىپادىلەدىغان خەقلەرۆگنغۇ بۇ؟ ئەمەلىيەتتە جىم يۈرۈشكەن ئەشۇ كىشىلەرنىڭ كۆڭۈللىرىدە قۇرۇق گەپ قۇترايدىكەن، ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرىنى قويۇپ بازقىلارنىڭ ئىشىغا باش قاتۇرىدىكەن، بىچارىلەر.... ئەبگەا مىجەز، يالاڭ تۆش تۇيغۇلارغا تولغان ئىسكىلىتلار ...ئىچىمدە كىملەرنىدۇ تىللىۋەتتىم .
****
4-ئاي كەلدى، رەڭگارەڭ ئېچىلىپ تۇرىدىغان گۈللەر ئورنىنى ياپ- يېشىل چىملىقلار ئىگەللىدى.چىملار شۇنچىلىك بولۇق ۋە يۇمران ئۆسكەنكى ھەر بىر ئادەمنىڭ سىلىغۇسى،ئۇزاققىچە قارىغۇسى كېلەتتى. ئۇنىڭ ئىچىگە مۆشۈك، ئېيىق، دېنازاۋۇر، تاغىل ئات، بۇغا، مارال قاتارلىقلارنىڭ ھەيكىلى قاتۇرۇلغانىدى، ئىدارە ئىچى ھەقىقەتەنمۇ ئۆزگىچە تۈس ئالغان ئىدى. كىشىلەرنىڭ كۆز قاراشلىرىمۇ خېلىلا ئۆزگەرگەن ئىدى ،ئەجداتلىرىمىز «ئاكاڭ كىمنى ئالسا يەڭگەڭ شۇ » دىگەن ماقال- تەمسىلنى بىكارغا توقۇمىغان بولسا كېرەك ، بەزىلەرنىڭ گېپىچە بولغاندا،تېرەك، گۈل دىگەنلەرمۇ مەدىنىيەتنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئىنتىلىشنى ئىپادىلەپ بېرىدىكەن. ياپيېشىل چىم،قارغاي، ۋە ئەشۇ يېلىنجاپ تۇرغان يىڭنە يوپۇرماقلىق دەرەخلەر ، تۇخۇمەك دەرىخى، نورۇز دەرىخى يەنە ئاللانداق مەنززىرىلىك دەرەخلەر بولسا سەلتەنەتنىڭ بەلگىسى ئىكەن.
- ئىدارە ھەقىقەتەنمۇ چىرايلىق بوپتۇ
- پۇل بولسا ھەممە يەر چىرايلىق بولىدۇ-دە،بۇمۇ يېزىلاردىكى ئىشلاردەك بىر ئىشقۇ ، بۇلتۇرقى شاڭجاڭ چاپتۇرغان ئۆستەڭنى يېڭى باشلىق بولۇپ كەلگەن بىرى تىندۇرۇپ بىتون يول قىلىۋەتكىنىگە، يەنە ئىككى يىلدىن كىيىن يەنە بىرى بۇجايدىن يول ئېلىپ، قايتىدىن ياساپ گۈلللەرنى تىكىپ، يول قاسنىقىغا مەنزىرە پەيدا قىلغىنىغا ئوخشاش ئىش- دە
- ھەممىسى ئۆزىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە ئۈستىلەپ سېلىق چاچىدۇ ..، ھەي «جاھان زورىنىڭ، تاماشا كورنىڭ»!
مەن بۇ گەپلەرنى ئاڭلىماسقا سېلىپ ئېرەن قىلماي،جىم-جىت ئۆتۈپ كېتەتتىم. ئاڭلاپ قالغانلىقىم ئۈچۈن بۇ گەپنىڭمۇ ئىگىسى مەن بولۇپ قالماي يەنە. كۈنلىرىم ئەنە شۇنداق مەزىسىز ھالدا ئۆتەتتى،ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ تۇرۇقلۇق ئاسپىرانت بولالمىدىم ، ماڭا ئوخشاش ئىقتىساس ئىگىلىرى يول تاپالماي مۇشۇنداق قايمۇقۇپلا يۈرسە دۆلەتكە زىيان بولمامدىغاندۇ؟ ئەشۇ لاغايلاپ يۈرۈپ كۈن ئۆتكۈزىدىغان كىشىلەر ئىلگىرى ئېھتىمال ماڭا ئوخشاش تىرىشچا كىشىلەر بولغىيتى ، ئايىقى چىقماس شەكىلۋازلىق بىلەن تولغان ئىشلارنى قىلىۋېرىپ ئەنە شۇنداق يارىماس بىر توپنى پەيدا قىلغانمىدۇئ بڭۇ نىمە دىگەن چوڭ ئىسراپچەلىق ھە؟
مانا ئەمدى ئۆزلىكىمدىن ئۈگىنىپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش پىلانىممۇ ئاقساپ قىلىۋاتىدۇ .ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن تەتقىقات تېمىلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشىممۇ توختاپ قېلىشقا يۈزلەندى،ئىشلىرىمىنى قىلالمايماتقىىم ئۈچۈن تولىمۇ رەللە بولاتتىم .
گۈزەل غايىلىرىم ھەققىدىكى پىلانلىرىم مېنى خېلى ئەنسىرىتەتتى. چۈنكى كۈندە مەن قىلىۋاتقان ئىشلار ئويلاۋاتقان ئوي- خىيالارنىڭ كۆپلىكىدىن ئەڭ گۈزەل ئىستەكلىرىم توغرىسىدا ئويلاشقا ۋاقتىم يوق بولىۋاتاتتى،قانداقتۇ كۆزگە كۆرۈنمەس بورانغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان بىر نەرسە جىمى جاھاننى يالماپ كېتىۋاتقاندەك ئادەمنى، گۈل گىياھلارنى ئۆزىنىڭ سەنىمىگە ئۇسۇل ئوينىتىۋاتقاندەك قىلاتتى. كۈن بويى مەزىسىز ئىشلار ئۈچۈن چاپاتىم قىلسىمۇ قىلمىسىمۇ بولىدىغان ئىشلارنىڭ ھەلەكچىلىكىدە ئاز- ئازدىن روھىمنى، جىسمىمىنى ئىكەكلەيتىم، ئىدىيەمگە قارشى ئىشلار كەلكۈن كەبى قىستاپ مېنى جىسمى بار روھى چىقىپ كەتكەن ئەرۋاھقا ئايلاندۇرۇپ قويۇشقا ئالدىرايتى، مەن بولسام ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇشتىن ئىبارەت ئەڭ گۈزەل غايىلىرىم ئۈچۈن ئوت- كاۋاپ بولۇپ پۇچۇلىناتتىم. روھى جەھەتتىن ناھايىتى زور دەرىجىدە چارچىغانىدىم. بەزىدە ئۇزۇندىن- ئۇزۇنغا قاراپ ئولتۇرۇپ كېتەتتىم. نۇرغۇن ئىشلارنى خىيال قىلاتتىم. بارغانسېرى پۈچەكلىشىۋاتقانلىقىمنى، مەنلا ئەمەس ئەتىراپىمدىكى ھەممە كىشىلەرنىڭ قەلبىنىڭ پۈچەكلىشىۋاتقانلىقىنى كۈنسېرى ھېس قىلاتتىم.
بىر كۈنى تەشتەكتىكى بولۇق ئۆسكەن بىر گۈلگە قاراپ خىيال سۈرۈپ قالدىم
ئاھ چىرايلىق گۈل چېچەك!، سەن ئەشۇ گۈزەللىكىڭ ۋەخۇش ھىدىڭ بىلەن ئۆز قىممىتىڭنى يارىتالايسەن ئەگەر بىمەھەل قۇرۇپ قالساڭ بىر ئوت چۆپ ياكى ئەخلەتكە ئايلىنىسەن خالاس،ئەگەر بىراۋ سېنى ئۆس تۇپرىقىڭدىن ئايرىپ باشقا تەشتەككە كۆچۈرمەكچى بولسا بۇ قەدەر گۈزەل ئېچىلالماسلىقىڭ مۈمكىن ، ياكى كۈن نۇرى ، ھاۋا ۋە سۇدىن مەھرۇم قالدۇرسا سەن ئاسانلا تۈگىشىسەن...ئۇنداقتا سېنى ھېچكىممۇ ياخشى كۆرمەيدۇ ھېچكىمۇ ئەتىۋارلاپ قولىغا ئالمايدۇ ھېچكىممۇ ئاشىق – مەشۇقلىرىغا ، دوست- بۇرادەرلىرىگە سېنى سوۋغا قىلمايدۇ .كونىرىغان ،ئەبجىقى چىقان رېئاللىقتىكى شەيئىلەردىن ھەممىسى بىزار بولىدۇ گل ەىياھمۇ شۇنداق، ئۇ پەقەت ئۆزىدە يېڭى يوپۇرماق چىقىرالىسا يېڭى گۈل- چېچەك ئېچىلدۇرالىسا ، ھاياتلىقنىڭ يېڭىدىن يېڭى سىمپونىيەلىرىنى ياڭرىتالىسىلا ئاندىن ئالقىشقا ئېرىشەلەيدۇ . مانا بۇ يىمىرىلمەس قانۇنىيەت. مانا بۇ ھايات ھەقىقىتى. ....
ئەركىن شوخ باھار پەسلى ۋۇجۇدۇمدا يېڭىلىق پەيدا قىلىشقا شۇنچە ئۇرىنىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما سۇ كۆرمەي چىمەنلىرى قۇرۇپ كېتىۋاتقان دالىغا ئوخشاش قورۇلۇشقا يۈزلەنگەنتىم، بۇنداق مەزىسىز ھايات كەچۈرۈش گۈزەل - غايە- ئىستەكلەرنى كۆڭلىگە پۈككەن بىر كىشى ئۈچۈن قانچىلىك ئازاپلىق ھە؟ ئالغا ئىنتىلدىغان،داۋاملىق گۈزەل كەلگۈسى ئۈچۈن كۆرەش قىلىدىغان بىر يۇرەكنىڭ تايىنى يوق ئۇششاق ئىشلار تۈپەيلى نابۇت بولىشى كىشىنى ئېچىندۇرمامدۇ؟
مانا، بۇلتۇر يازدا ئۆزۈمنى ناھايىتى ئازادە ۋە يېنىك ھىس قىلاتتىم. دەرس تەكرارلايتتىم، ماتىيال يازاتتىم، تەتقىقات تېمىلىرى بىلەن ھەپىلىشەتتىم. بۇ يىل ماڭا نىمە بولدى؟ رېدىلەر بۈككىدە ياپراق چىقاردى،چىملار كۆكەردى،قارىغاي نوتلىرىغا سۇ يۈگۈرۈشۈپ،پارقىراپ قالدى،كۆڭۈل ئېچىش رايۇنىغا ياغاچتىن قىلغان ئورۇندۇقلار پارقىراپ تۇراتتى،بىرنەچچە يەردە يېڭىچە پاسۇندىكى شىپاڭلار قەد كۆتۈرگەنتى. چىملىقلارنىڭ چىغىر يوللىرىدا ھەر خىل ئىگىزلىكتىكى قوش تورنىك، تاق تورنىكلار، بالىلار ئوينايدىغان سېرىلمىلەر، ھەرخىل ئېلىنگۈچلەر ۋە يەنە غاز،ئات شەكلىدىكى لېڭگىلتاقتاقلار ياسىتىلغاندى.كىشىلەرنىڭ چىرايىدا ئۆتكەنكى پاركەندىچىلىك يوقلىپ، شادلىق تۇيغۇسى قايتا ئەكىسلەنگەن ئىدى. ھەممە خوشال- خورام ياشاۋاتسا مەن نىمىشقا خوشال بولالمايمەن- ھە؟ ھەرقانداق ئوڭۇشسىزلىق ۋە ھايات ئۈچۈن ئانچە قىممىتى وق ئىشلارنى ئۇنتۇلۇپ كېتىشكە تىرىشساممۇ نىمىشقا ئۇنتۇلۇپ كېتەلمەيمەن؟
ئىدارىمىزنىڭ بۇ يېڭىچە مەنزىرىلىرىدىن زوقلانغاچ ئايىقى چىقماس خىياللارنى سۈرۈپ كېتىۋاتاتتىم. تۇيۇقسىز رېدە دەرەخلىرىنىڭ قويۇق يوپورماقلىرى ئارىسىدىن ساڭگىلىغان بىر دانە يۇمشاق قۇرۇت دىققىتىمنى تارىتتى، ئاستا ئەگىپ ئۆتۈپ كەتتىم، بىردەمدىن كېيىن بايامقىدەك يۇمشاق قۇرۇتتىن يەنە بىرىسى ئۇچرىدى ، سىنچىلاپ ئۈستۈمدىكى قويۇق يوپورماقلارغا قارىدىم، خۇددى پىلە قۇرىتى غازاڭ يىگەندەك شىلدىر-شىلدىر قىلغان ئاۋازنى ناھايىتى دىققەت قىلغاندىلا ئاڭلىغىلى بولاتتى،ئۈستۈمدىكى بۆككىدە ئۆسكەن چىرايلىق يوپورماقلار ئارىسىدا قانداقتۇر بىر تېنىمسىز ۋە ئۆم ھەرىكەت ناھايىتى جىددىي رەۋىشتە داۋاملىشىۋاتاتتى. ئۇ زادى نېمە؟ ئەتراپىمدا ھىچنىمە كۆرۈنمەيتتى،بۇ ئاۋاز مۇشۇ نەچچە مىتىر ئەتراپىدىلا ئاڭلىنىپ تۇرسىمۇ تۇيغۇم بىر نەچچە مېتىر دائىرىدىكى ھاياتلىقنىڭ ئۆمىلەشكەن ھەركىتىنى جەزىملەشتۈرەتتى.كۆزۈم ئۇ شەيئىنىڭ ئۆزىنى ۋە ھەركىتىنى دەرھال كۆرەلمەيۋاتاتتى، ئېڭىشىپ چىملىققا قارىدىم، بارماقلىرىم بىلەن تاراپ تۇرۇپ، ئارىلىرىغاسەپ سالدىم،ھىچنىمە يوق، يۇمران چىملار شۇقەدەر يۇمران ئىدىكى كىشىنىڭ زوقىنى قوزغايتتى،ئۆزۈمدىن ئورنۇمدىن تۇرىۋېتىپ رېدە دەرىىنىڭ تازا ئوبدان قوياش نۇرى چۈشكەن يېرىدە يۇمران يوپۇرماق ئۈستىدە سەرەڭگىنىڭ تېلىدەك چوڭلۇقتىكى ياپيېشىل ۋە ئوماققىنە سانسىز قۇرۇتلارنىڭ شۇ قەدەر كۆپ ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتىم ،« ھە شۇ ئىكەندە ...» ئەمما ئۇ قۇرتلار شۇنچىلىك ئاستا ئۆمىلەۋاتاتتىكى ئەگەر بىر قۇرۇتنى ئېلىپ قۇرۇق ئوت چۆپنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويسىمۇ ئۇنىڭ ماڭغاندا چىقارغان تاۋۇشىنى ئادەتتتىكى ئىنسانىي قۇلاق بىلەن ئاڭلىغىلى بولمايتى. ھالبۇلكى ماڭا ئاڭلىنىۋاتقىنى بىر خىل كوللىكتىپ ھەرىكەتنىڭ ئاۋازى، بىرخىل ئورتاق تىنىمسىزلىقنىڭ روشەن ئىنكاسى ئىدى. قۇرۇتلار ئۆزىنىڭ ئاجىز بەدەنلىرىنى،بىر قاتلاپ، بىر پۈكلىنىپ، بىر سوزۇلۇپ بىر بېغىرلاپ ياپراقلارغا ئۆزىنى سۈركىگەندەك قىلىپ ئالغا ئىلگىرلەيتى. ئەمما ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ھەرىكەتلىنىۋاتقانلىقىنى زادىلا ئاڭقارغىلى بولمايتتى. ياپراق ئۈستىدە ئاپتاپ سۇنىۋاتامدۇ-يە؟ ياق، ئۇلار ئاپتاپ سۇنۇش ئۈچۈنلا دەرەخ ئۈستىگە چىقامدۇ؟
مەن بۇ سانسىز يوپورماقلارغا سۈر ھەيۋە بىلەن ئېتىلىپ غالجىرانا ھالدا يېشىللىقنى ئۆتەشكە باشلىغان كىچىك مەخلۇقلاردىن قورقۇش ئىچىدە سەسكىنىپ كەتتىم ،توۋا،مۇنداقمۇ ئىشلار بولىدىكەن ھە، بۇندىن ئىلگىرى بۇ دەرەخلەرنىڭ قاپقارا بولۇق يوپۇرماقلىرى ئارىسىدا مۇشۇنداق قۇرۇتلار بولغان بولغىيمتتى؟ ئەگەر بولغان بولسا ئۇنىڭ ئاستىدا كىتاپ كۆرىۋاتقان ماتىريال توپلاۋاتقان چاغلىرىمدا بۇنداق سانسىز قۇرۇتلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى بىلمەي يۈرۈپ ئۆتكۈزىۋەتتىممۇ؟ بىرەرسىمۇ ئۈستىمگە چۈشمىگەن بولغىيتتىمۇ؟ ياق، بۇلتۇر ئېھتىمال قۇرۇت يوق بولىشى مۈمكىن ، ئۇنداقتا بۇ يىل نىمە سەۋەپتىن قۇرۇت پەيدا بولۇپ قالدى؟ قانداق بىر ئىلاھى كۈچ ئەشۇ ئەرزەمەس مەخلۇقلارنى غايەت زور قوشۇن تەرىقىسىدە كۆپەيتىپ كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان مىسلىسىز كۈچكە ئايلاندۇردى؟
مانا، شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە بىر قۇرۇت سول يېڭىم ئۈستىدە ماڭغىلى تۇرۇپتۇ، بىرنەچچىسى يەنە چاپانلىرىمنىڭ ئۈستىگە، چاچلىرىمنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالمىغاندۇ؟ مەن باشقا رېدىلەرگىمۇ دىققەت بىلەن زەن سېلىپ قارىدىم- دە چۈچۈپ كەتتىم،بۇنداق ئۇششاق قۇرۇتلار ھەممە رېدە دەرەخلىرنىڭ ياپراقلىرى ئستىدە مىغ-مىغ قىلىپ يۈرىشەتتى، يا ھەزرەت، كىم بىلىدۇ، ئەگەر ئەزەلدىن بۇ قۇرۇتلاربار بولىدىغان بولسا ئۇلار سانسىزلىغان قەھرىتان قىشلارنى بوران - چاپقۇنلارنى قانداق ئۆتكۈزدى؟ ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە بۇ مەخلۇقلار نەدىن پەيدا بولۇپ قالدى؟ كاللامدا مانا مۇشۇنداق سوئاللار تۇغۇلاتتى.بۇنداق ھادىسە ھەر يىلى يۈز بېرىپ يوقاپ كېتىدىغان بولغىيمىتى يا؟
قۇرۇتلار دەل-دەرەخ يوپورماقلىرى ئۈستىدە شۇنداق ئاستا رەۋىشتە پەيدا بولغان ئىدىكى ھېچكىممۇ ئۇنىڭ قاچانلاردا تۇخۇملىنىپ شۇنچە تېز كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتى،خۇددى شۇنىڭغا ئوىشاشلا كىشىلەرنىڭ قۇرۇت توغرىسىدىكى ئوي-خىياللىرىمۇ گويا ھېچكىمنىڭ پىسەنتىگە ئەرزىمىگەن ھالدا بىپەرۋا رەۋىشتە شەكىللەندى،قۇرۇتنىڭ قانداق بولۇپ كىشىلەر بەھوزۇر سايىدايدىغان دەرەىشاخلىرىنى ماكان قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئانچىكىم كۆز- قاراش بەس-مۇنازىرلەرمۇ كۆپچىلىكنىڭ ئويلىنىشىغا ، غۇلا-غۇلا قىلىشقا سەۋەپ بولالمىدى، ئانچە-مۇنچە كىشىلەر نېمىشقا قۇرت پەيدا بولۇپ قالىدىغاندۇ دىيىشىپلا قالاتتى خالاس. قۇرۇتلار ھەر-بىر كۈن ئۆتسە شۇ بىر كۈندە ئۆزلىرى بەھىرلەنگەن دۇنيا نىمەتلىرىگە جاۋاپ قايتۇرۇشقا لايىق تېزدىن چوڭ بولىۋاتاتتتى. ھەر-بىركۈندە ئۇلارنىڭ چىقارغان ئاۋازلىرىدىمۇ كۆرۈنەرلىك ئالغا ئىلگىرلەش چوڭىيىش بولىۋاتاتتى. قۇرۇتنى بايقىغان دەسلەپكى كۈنلەردە شىۋىر- شىۋىر ئاۋازلارنى ئاڭلاپ نىمە ئىكەنلىكىنى ناھايىتى تەستە ئىلغا قىلغان بولساق ، مانا ئەمدى ئۇنىڭ لۆمشۈپ شاخ يوپورماقلارنى بېغىرلىغىنىچە نىمىنىدۇ بىر نەرسىنى چەللە توختىماي ئىلگەىرلەۋاتقانلىقىنى ، ياكى دەرەخ ئاستىغا تور تاتىپ بەھۇزۇر ئېلاڭگۈچ ئۇچۇپ ئويناۋاتقانلىقىنى يولۇقتۇرماق قىيىن ئەمەس ئىدى.قاياققىلا قارىساق مىغىلدىشىپ يۈرگەن قۇرۇتلارنىڭ ھەرە كۆنىكىدەك بولۇپ كەتكەن يوپۇرماقلار ئۈستىدە خۇددى پىلە قۇرىتى غازاڭ يىگەندەك ئاۋازلارنى چىقىرىپ ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئاق تورلار ئارقىلىق ئۇ شاختىن بۇ شاخقا ئاتلاپ ، ئۇچۇپ ئۆمۈلىشىپ يۈرىش كەلىكىنى كۆرگىلى بولاتتى. بەزىلىرى تۆت قەۋەت بىنا ئىگىزلىكىدىكى شاخلاردىن تور ئارقىلىق يەرگە ساڭگىلاپ خۇددى باغچى بالىلىرى چۇقان - سۈرەنلەر ئىچىدە ئىلاڭگۈچ ئۇچۇپ ئەتراپقا شاۋقۇن- سۈرەن پەيدا قىلغاندەك شادىمان ئوينايتى. يەنە بەزىلىرى شاختىن- شاخجا ئۆتتۈشنى تاشلاپ بىر سوزۇلۇپ ، بىر قاتلانغان ھالەتتە دەرەخ شاخلىرى ئارىەىسىدىكى ئۇزۇن مۇساپىلەرنى بېسىپ ئېگىزدىن پەسكە، پەستىن ئېگىزگە جىددىي يۈرۈش قىلىپ ، ئۆزلىرىخى ئۆچمەنلىك ھەيرانلىق بىلەن قاراپ تۇرغان ئادەملەرنىڭ كۆزىنى ئالا چەكمەن قىلاتتى. پەس شاخلاردىن ئېگىز شاخلارغا يامىشىپ چىقماقچى بولغان قۇرۇتلار بەزىدە خۇددى 6-ئايدىكى باش تومۇزدا پىشىدىغان ئۈزۈملەردەك سانجاق-سانجاق بۇلۇپ بىر يەرگە جەملىنىپ تۈگۈلىشىپ تۇرىشاتتى.
ئىدارىدىكى بىنالار بىلەن بىنالارنى گۈللۈكلەر بىلەن گۈللۈكلەرنى، گۈللۈكلەر بىلەن بىنالارنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان كىچىك- كىچىك يوللار ھەر كۈنى سەھەردە پاكىز سۈپۈرۈلۈپ تۇرسىمۇ ئىشقا چۈشە- چۈشمەي ئەشۇ پاكىز مۇھىتقا ئۆزلىرىنى ئاتقان قۇرۇتلارنىڭ ئادەم ئايىقى پاتمۇغۇدەك دەرىجىدە مىغىلداپ كەتكەنلىكىنى كۆرگىلى بولاتتى.ئېتىمال ئۇلارنىڭمۇ ئۆزگىچە مۇھىتتا ياشاپ باققۇسى كەلگەندۇ،ئېھتىمال رەقىپلىرى تەرىپىدىن ئىتتىرلىپ چۈشۈرۈلگەندۇ، ئېھتىمال دوستلىرى بىلەن قوغلاشماق ئوينىغىچە مۆدۈرۈپ كەتكەندۇ، ۋەياكى زىمىنغا چۈشۈپ كەڭرە سەينادا ئەركىن ئازادە ئوينىغۇسى كەلگەندۇ... ئىش قىلىپ ئادەملەر ماڭىدىغان يولدا سەلدەك دەۋەرەپ پاتمىغان ھالدا لۆمۈلدىشىپ، قىمىرلىشىپ مەخسەتلىك، مەخسەتسىز ئۇيان بۇيان مېڭىشىپ يۈرگەن قۇرتلارنى كۆرۈپ كىشىنىڭ قورىققىسى ، ۋە بەدپۇي پۇراقتىن قۇسقىسى كېلەتتى. ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئالدىراپ يىغىن زالىغا ماڭغىنىمىزدا ئايىغىمىز ئاستىدىن پاراس-پۇرۇس ئاۋاز چىقاتتى،بۇ ئۆلگەن قۇرۇتلارنىڭ كۆپلىكىدىن چىققان ئاۋازلار ئىدى. بىز ئەندىككەن، سەسكەنگەن، قورىققان ھال ئىتتىك ماڭاتتۇق.
قوڭغۇراق چېلىندى،ئىشخانا بىناسىدىن مەمۇرىيەت بىناسىغا بارىدىغان بىرنەچچە يول بولسىمۇ يوقلىمىغا ۋاقتىدا ئۈلگۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم قىسقا يول بىلەن يۈگۈرۈپ ماڭماي بولمايتتى، لېكىن بۇ قىسقا يولنىڭ ئىككى قاسنىقى رېدە دەرەخلىرى بىلەن قورشالغان بولۇپ ئەشۇ ھوسۇللۇق قۇرۇتلارنىڭ قورشاۋدىن ئۆتمەي بولمايتتى.


يېڭى يوپۇرماق باشقا تېمىلار
يېڭى يوپۇرماق(1)يېڭى يوپۇرماق(2)يېڭى يوپۇرماق(3)يېڭى يوپۇرماق(4)يېڭى يوپۇرماق(5)
يېڭى يوپۇرماق(6)يېڭى يوپۇرماق(7)