باش بەت / ساقلايمەن

يېڭى يوپۇرماق(2)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2013-2-17 20:29 | ئاپتور: ئادالەت ئابدۇرىھم | مەنبە: خۇشدىل مۇنبىرى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

ئاسپىرانىتلىق ئىمتىھاننى ناھايىتى ياخشى بەردىم،ئىمتىھاندىن ئۆتۈشۈمگە ئىشەنچىم بار ئىدى.ئىلىم- پەننىڭ چوققىلىرىغا ئۆرلەشتەك گۈزەل - ئازۇ- ئامانلار مېنىڭ كۈنلىرىمگە ەۈزەلىك ۋە شادىمانلىق بېغىشلىغان ئىدى. شىرىن چۈشلەر، تاتلىق خىياللار ھاياتىمنىڭ ئەڭ گۈزەل ئەرمەكلىرى ئىدى.
راستىنى ئېيتقاندا ئائىلەمدىكىلەر مېنىڭ يەنە ئاسپىرانىتلىقتا ئۆرلەپ ئوقۇشىمى قوللاپ كەتمەيتى . ئانامنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنى ئوقۇش پۇلىنى تۆلەش مەسلىسى ئىدى . شۇنىڭ بىلەن بىرگە خۇلۇم- خوشنىلارنىڭ مېنىڭ ئوقۇشىمىنىڭ ەېپى بولسىلا مەسخىرە ئارىلاش پاراڭلار بىلەن قۇيۇن چىقىرىشىمۇ ئانامنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشىدىكى مڭۇھىم سەۋەپ ئىدى.بىر كۈنى ئانام ماڭا ناھايىتى كايىپ كەتتى
ئەمدى نىمە ئوقۇش ؟ سېنى نەچچە يىل ئوقۇتتۇم ئاينا، شۇنداق چوڭ ئالى مەكتەپنىمۇ پۈتكۈزدۈڭ، قىز بالا دىگە ئوقىۋەرسە ئاخىرى نىمە بولماقچى؟ ئاخىرى بېرىپ ھەممىسى بىر ئەرنىڭ پېشىنى تۇتىدىغان ەپ سەن ئوقۇيمە، ئوقۇيمەن دەۋەرمە ئەمدى بىرەر ئەرنىڭ يېنىغا بېرىپ ئوقارسە
-ئانا ...
ھە نىمە ئانا ، ئوقىۋېرىپ قېرى قىز بپولاي دەمسەن؟ مەن سەندەك ۋاجتىمدا كەينىڭدىكى ئىككى ئۇكاڭنىمۇ تۇغۇپ بولغان
مەن ئۈندەرىمەي گۆشىيىپ تۇرىۋالدىم.ئۇ يەنە گەپ باشلىدى
- ئوقۇشنىغۇ ئوقارسەن ، سەن ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە نىمە كۈننى كۆرمىدۇق؟ مەن كوچىلارغا چىقىپ لەڭپۇڭ ساتتىم ئۇكىلىرىڭ توپ باھاسى بىلەن پايپاق ئاېلىپ پارچىلاپ ساتتى، ھە ، ئەمدى يەنە ئوقۇماقچىمۇ؟ قايسى پۇلغا ئوقۇيسەن ؟ سېنى ئوقۇتىدىغان بىرەر بايۋەچچە بارمۇيا؟ توۋا ئاغزىىنىڭ دېمى ئوقۇش ئەمدى ئۆيدە ئولتۇرۇپ ياشاشنى ئۈگەن. مەن ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغاندا ئۇزىتىپ قويۇشقىمۇ ئادەم كېرەك پۇل كېرەك .بۇ پۇلبى تاپىدىغان ئادەم سەن سەندىن باشقا يۆلىنىدىغان ئادەم يوق بۇ ئۆيدە . بۇنى ئېنىق بىلىسەنغۇ؟ ئەمدى كۆتۈڭنى قىسىپ ئۆينىڭ يۈكىنى ئۈستۈڭگە ئالساڭ بولارمىكىن؟
-ئانا ، مېنى تەشكىل ئىگە بولۇپ ئوقۇشقا ئەۋەتىدىغان بولدى. تەشكىل ئەۋەتىدىغان بولغاندىن كېيىن بارلىق چىقىمنى تەشكىل ئۆزى كۆتىرىدۇ، سەن ئۆيگە كېتەرلىك پۇلدىن خاتىرجەم بول. ئەگەر تەشكىل ئىگە بولۇپ مېنى ئوقۇشقا يولغا سېلىپ قويسا ، مائاشىمىنىمۇ ۋاقتى- قەرەلىدە بېرىۋېرىدۇ ،سەن پۇلدىن قىينالماۇيسەن ، پەقەت مېنىڭ يوقلۇق ئازابىمنىلا تارتىسەن . سېنى ئەمدى يەنە پۇل دەردىدە باش قاتۇرغۇزمايمەن ئانا
ئانام گەپ- سۆز قىلمىدى . ئۇنىڭ سۈكۈناتى ئوقۇش ئىشىمغا مەلۇم دەرىجىدە قوشۇلغانلىقىنىڭ بىشارىتى ئىدى . ئائىلە جەھەتتىن بىاز كۆڭلۈم تىندى .
ئىمتىھان نەتىجىسىنى زارىقىپ كۈتىۋاتقان ئەشۇ كۈنلەردە،خۇددى مېنىڭ زارىقىپ كۈتكەن ئىستەكلىرىمنى بىر يولىلا توزىتىۋەتمەكچى بولغاندەك ئىدارە ئىچىدە مىش-مىش گەپلەر تارقالدى.
-ئايۇپ ناسىرنى پىنسىيەگە چىقىرارمىش، ئورنىغا دىخقانچىلىق باشقارمىسىدىكى ھامىت نامەتنى قويىدىكەن........
-ھېلىقى تەخسىكەش ھامىتنىما؟ نەچچە يىل تەىسىكەشلىك قىلىپ ئاران جۈجاڭ بوپتۇ-دە؟
-ھەي يامان بوپتىغۇ ، ئايۇپ ناسىر پىنسىيىىگە چىقىپ كەتمىسە بولاتتى
-نىمىسى يامان بولاتتى، بىر ئادەم جاھان سوراۋەرسە بولماس، ھېلىمۇ سەككىز يىل بولدى بۇ ئىدارىنى سوراۋاتقىلى
قويۇڭلار ، ئۇ ھامىت دىگەەننى…
-ئايۇپ جۈجاڭدىنغۇ ياخشىدۇ، قېرىغاندا ئالجىپ،ھېلى قىلغان گېپىنى ھېلى تاپالمىغان...
-قانداق بولسا بولمامدۇ،گەپنى ئاران قىلسىمۇ باشلىق دىگەن ھامان باشلىق، دىگىنىنى قىلىپ مائاشىمىزنى ئالساق بولمىدىمۇ؟
-ئايۇپ جۈجاڭ پىنسىيەگە چىقامدىكەن؟ ئاۋۋال ئۆزى تەلەپ قىلىشى كېرەكتىغۇ....؟ - سورىدىم بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئالدىدا.
-ئەنسىرىمەڭ،يەنە يىڭى باشلىق كېلىدىكەن.
ئۇنىڭ گېپىدىن مېنى ئايۇپ جۈجاڭنىڭ قوللىغۇچىسى دەپ چەتكە قېقىۋاتقانلىقى ئېنىق ئىدى. ئارتۇقچە گەپ قىلمىدىم، ئەمما ئىچىمىنى قانداقتۇر كۆزگە كۆرۈنمەس بىر نەرسە تاتىلايتى.
«قۇيرىقىنى كۆتۈرگەن موزاي تېزەكلىمەي قالمايدۇ » دىگەندەك ئۇنىڭ - بۇنىڭ ئاغزىدا ئېقىپ يۈرگەن مىش- مىش پاراڭلار ئۇزۇنغا قالماي راستقا ئايلاندى، ئىدارىمىزنىڭ چوڭ باشلىقى ئالماشقاندىن كېيىن بۆلۈم دەرىجىلىك باشلىقلارمۇ ئاقا – ئاقىدىن ئالمىشىپ ئىدارىدا ئۆزگىچە مۇھىت ئۆزگىچە كەيپىيات پەيدا بولدى ، كىشىلىك ھاياتتىكى ئورنىنىڭ ئۆزگۈرىشى بىلەن بەزىلەرنىڭ ئۇزۇندىن بېرى باسۇرۇلۇپ تۇرېۋېرىپ تۇنجۇقۇپ قالغىلى تاس قالغان خاراكتىرلىرىمۇ ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى، ھەتتا قىسمەن كىشىلەرنى تونىۋېلىشمۇ تەسكە توختىدى، ئۇلار ئىلگىرىكى ئۆزلىرى بىلەن كىيىم كېچىكى ۋە تاشقى كۆرۈنىشى بىلەنلا باغلىنىپ تۇراتتى، ھازىرقى قىلمىش- ئەتمىشلىرى بىلەن مەن تونۇيدىغان ئىلگىرىكى ئەپتى ئوتتۇرسىدا باغلىنىش يوق دىيەرلىك ئىدى، كىشىلەرنىڭ بىر- بىرىگە قىلىشىدىغان گەپ سۆزلىرى ۋە چىراي ئىپادىسىدىمۇ ئۆزگۈرۈش خېلى چوڭدەك قىلاتتى.كۆزگە كۆرۈنمەس بىر خىل يۈرەكنى سىققۇچى تۇيغۇ يىراقلاردىن خىرىس قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى،ئەمما بۇنىڭ زادى نىمىلىكىنى راستىنى ئېيتسام ئۆزۈممۇ ئېيتىپ بېرەلمەيتىم. ھەي ئاسپىرانىتلىققتا ئوقۇشقا بارالىغان بولسام نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى – ھە؟ پات – پات مائارىپ باشقارمىسىغا بېرىپ سۈرۈشتە قىلىپ باقماقچى بولاتتتىم ، لېكىن ئايقى چىقماس ئىشلارنىڭ ئالدىراشلىقى سەۋەبىدىن بېرىپ بولالمايتىم.
خوشال ۋە گۈزەل كۈنلەر بارا- بارا يىراقلاپ كەتكەندەك دىلىغۇللۇق ئىچىدە يۈرگەن شۇ شۇ كۈنلەردە شاڭخەي باغ-ئورمانچىلىق ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ مىۋىچىلىك فاكولتىتىىدىكى فەن فىراپپسور ئەۋەتكەن ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇش چاقىرىقى قەغىزىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. ئاھ !بۇ ئوڭۇممۇ، چۈشۈممۇ؟ ھاياتلىقىمدىكى نۇرغۇن ئارزۇ – ئامانلىرىم رېئاللىققا ئايلىنىش ئالدىدا تۇراتتى.گۈزەل ئىستەكلىرىم ماڭا قاراپ تەن-تەنە قىلاتتى، بىلىم ئېلىش ئارمانلىرىمدىن ئېچىلغان گۈللەر تەبەسسۈم قىلاتتى،قولۇمدا شىلدىرلاپ تۇرغىنى ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش چاقىرىق قەغىزىلا ئەمەس،غايەم بىلەن رىئاللىق ئوتتۇرىسىدىكى رەت قىلىپ بولمايدىغان بىباھا كۆۋرۈك ئىدى. ئۇنىڭدىكى ھەر بىر سۆز، ھەر بىر ھەرىپتىن باھاردىكى گۈللەرنىڭ خۇش پۇرىقى كەلگەندەك قىلاتتى.شۇ دەقىقىلەردە بۇ سېھىرلىك ئالەمدە مەنلا ئالاھىدە بەخىتلىك ئىدىم ،بەخىتلىك چۈشلەر مېنى بار ۋۇجۇدى بىلەن قۇچاقلايتى،شۇ قەدەر گۈزەل دۇنياغا بولغان ئالەمچە ئىنتىلىشلرىم ئىلىم- پەن ساھەسىدىكى ئورنۇمنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ ياشاش،ئۆزۈمنى ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتىمنى ئۆزگەرتىش ئىستىكى ھاياجانلاندۇرۇپ ئاررام بەرمەيتى.خۇشاللىق شارابى كۆتۈرگەن كېلىچەك ئۆزىنى قۇچاقلاشقا چاقىراتتى. بىر گۈزەل كۈي يۈرەكلىرىمنى ئەركىلىتەتتى،بىر ئوتلۇق لېرىكا مەڭزىمگە سۆيەتتى.پىشانەمگە چۈشۈپ قالغان چاچلىرىمنى ئويناۋاتقان ئىللىق شاماللار بىلەن كۆزۈمدىكى خۇشاللىق نۇرى ئۆز- ئارا بەسلىشەتتى. كائىناتنىڭ نەقەدەر كەڭلىكىگە، ئىنسانلار ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي دۇنيانىڭ سىېخيلىق ۋە ئامەت دۇنياسى ئىكەنلىكىگە، ئۆزۈمنىڭ تەبىئەتنىڭ ئەركە بالىسى،نېمىنى خالىسام شۇنىڭغا ئېرىشەلەيدىغان بەخىتلىك پەرزەنتى ئىكەنلىكىمگە چوڭقۇر ئىشەنەتتىم.ئامەت يامرىغان چېھرىم بىلەن چاقرىق قەغىزىنى كۆتەرگىنىمچە باشلىقنىڭ ئىشخانىسىنى ئىزلەپ تاپتىم
-تاك،تاك،تاك....-باشقارما باشلىقى يېنىككىنە ئاۋازدا «كىرىڭ» دەپ ئىجازەت بەردى.
ھامىت جۇجاڭ بىر ماتىريالنى ناھايىتى تەپسىلى كۆرىۋاتقان ئىكەن. مەن 10مىنۇتچە ئىشىك يېنىدا قاراپ تۇرغاندىن كىيىن،بېشىنى كۆتۈرۈپ سىپايەگەرلىك بىلەن «-نېمە ئىشىڭىز بار؟» دىگەن مەنىدە قاراپ قويدى.مەن پەخىرلىنىش تۇيغۇلىرىمنى بېسىشقا ئاجىز ئىدىم، ئىچ- ئىچىمدىن شادلىق يامرايتى، باشلىقنىڭ پاقىراپ تۇرغان چىرايلىق شىرەسىنىڭ ئالدىغا باردىم- دە سۆيۈنگەن ھالدا قولۇمدىكى چاقىرىق قەغىزىنى ئۇنىڭغا ئۇزاتتىم. ھەقاچان « بارىكاللا،بارىكاللا! دەپ توۋلاپ كېتىدىغۇ » دەپ ئويلاپ ئۇنىڭغا قاراپ تۇردۇم، شاتلىق ئادەمنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى تىتىرىتىدىكەن. پۇتلىرىم ھاياجاندىن قىمىرلاپ تۇرالمايۋاتاتتىم. گويا دۇنيادا ھىچىكىم قىلالمىغان ئۇلۇغ ئىشنى مەن قىلغاندەك، ھىچىكىم يېتەلمىگەن ئۇلۇغ پەللىگە بىر ئۆزۈم يالغۇز يەتكەندەك ھاياجانلىناتتىم.جۈجاڭنىڭ ھىچ بىر ئىپادىسىنى سېزىپ بولالمايدىغان كۆپكەن چېكە تومۇرلىرىغا، تەكەببيلۇق چىقىپ تۇرىدىغان چىراي ئىپادىلىرىگە زەن سالدىم.
-نېمە بۇ؟!-سورىدى ئۇ بىر ھازادىن كېيىن قەغەزنى ئۆرۈپ- قاراپ ، ئۇنىڭ بۇ سۇئالىدىن مەنسىتمەسلىكمۇ، بىمەنىلىكنىمۇ،چۈشەنمەسلىككىمۇ ئوخشىمايدىغان بىرخىل مەنا بىرلىكتە ئىپادىلىنەتتى.
-چاقىرىق قەغىزى، ئاسپىرانتلىقتا ئۆرلەپ ئوقۇش چاقىرىق قەغىزى، شاڭخەي ئۇنىۋىرسىتىتى باغ- ئورمانچىلىق كەسپىنىڭ چاقىرىق قەغىزى.
-ئوقۇي دەمسىز؟
-ھە.....- بايامقى ياخشى كەيپىياتىم ئۈمىتسىزلىككە ئورۇن بوشىتىپ بېرىۋاتاتتى.
-سىز ئالى مەكتەپتە ئوقىمايلا ئىشقا ئورۇنلاشقانما؟
ئۇنىڭ بۇ سۇئالىغا نىسبەتەن ئىچ- ئىچىمدىن ئۆچمەنلىك ھېسسىياتىم تەپچىپ چىقىۋاتقان بولسىمۇ،ئۆزۈمنى بېسىۋىلىپ ئالدىرىماي چۈشەنچە بېرىشكە باشلىدىم.
-بۇرۇن بېيجىڭ باغ ئورمانچىلىق ئۇنىۋىرسىتىتىنى پۈتتۈرگەن.بۇدۇ ئاسپىرانت بولماقچى
- ئاسپىرانت دىگەن....
-ئاسپىرانت دىگەن – تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ قويماقچى ئىدىم ئەمما ئۇ ئاڭلاشنى خالىمىدى.
-ھە...بولدى بىلىمەن، ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئوقۇيدىغان مەكتەپ شۇ ،سىز شۇيەردە ئوقۇماقچى؟....
نەپسىم بوغۇلغان ئېدى ،پەقەت ‹‹ھەئە›› دىگەن ئىشارەتنىلا قىلالىدىم.
-بۇغۇ...ياخشى گەپكەن.بىراق ئورگانلارنى ئىسلاھ قىلىمىز دەۋاتقان شارائىتتا،مۇشۇ سەۋەپ بىلەن سىزنى ئىش ئورنىدىن قېپ قالارمىكىن دەپ ئەنسىرەۋاتىمەن. سىز ئورۇن بوشاتسىڭىزلا يەنە بىر كادىر ئىخچاملىنىش خىرىسىدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ،بۇغۇ ياخشى ئىشتەك قىلىدۇ، شۇنداق بولسىمۇ، بىراق،كېيىن سىز..........
مەن دەماللىققا چىىش يېرىپ بىر نەرسە دىيىشتىن ئوڭايسىزلاندىم، بىر نەرسە دىسەم ئەلۋەتتە ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىدىغان گەپ قىلىپ قېلىشىم مۇمكىن ئىدى، ئەمما قانچىلىك دەرىجىدە كۆپ گەپ قىلسام بەلگىلىك نەتىجىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىمنى تەسەۋۋۇر قىلالمىدىم.
ئېچىرقاپ كەتكەن يولچى ئاشپۇزۇلغا كىرىپ يېنىدا ئەڭ ئاخىرى قېپ قالغان تۈگۈنچەكنى بېرىش ھېساۋىغا بىر چىنە سۇيۇق ئاش كەلتۈرسە، چىرمىشىپ كېلىۋاتقان بىر جۈپ چىۋىن گىژىلدىغىنىچە كېلىپ ئۇنىڭ قولىدىكى بۇ نىمەتكە موللاق ئاتسا...يولۇچى چىۋىننى سۈزۈۋىتىپ ئاشنى ئىچىۋېرىشى كېرەكمۇ ياكى ئاشنى قويۇپ ئاچ پېتى ھالدا ئۆز يولىغا راۋان بولىشى كېرەكمۇ؟ مەن بۇ مەسىلىگە دەمال جاۋاپ بېرەلمەي تېڭىرقاپ قالدىم. مېنىڭ ئوتلۇق ئارمانلىرىمنى گۈزەل غايىلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بولغان تەشنالىقىم يولۇچىدىنمۇ كۈچلۈك ئىدى. ئەمما بارماقلىرىدا پارقىراپ تۇرغان قاپقارا چاچلىرىنى تاراپ تۇرۇشقا ئادەتلەنگەن، ئىككى مەڭزىدىن قىزىللىق يىغىپ تۇرىدىغان بۇ باشلىققا نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم، ھە دىگەنىدە «بىلىمەن»،«بولدىلا» دەپ گەپ قىلغان ئادەمنىڭ سۆزلىرىنى پۇتلاپ تۇرىدىغان بۇ ئادەمگە يۈرەك سۆزۈمنى قانداق ئۇقتۇراي؟ يىللاردىن بۇيان زارىقىپ كۈتكەن ئىستىگىمنىڭ ئەمەلگە ئاشقان ئەمىلىي پاكىتى ھىسابلانىغان قولۇمدىكى بۇ بىر چىنە ئېشىمنى ھالاللاپ ئىچمەكچى بولغىنىمنى قانداق چۈشەندۈرەي؟ ئۇ چۈشىنىش ئۇياقتا تۇرسۇن يەنە باشقا ياقتىن سۆزلەپ كەتسە، مەن گەپنى سەل يېقىن ئەكەلمەكچى بولسام ‹‹بولدى،بولدى بىلىمەن›› دەپ توختىتىۋەتسە قانداق قىلىمەن؟ گېپىمنى ئاددىلا توختىتىۋەتسىغۇ بىرگەپ، مەندەك ساقال تاغىقى پىستەك نوچىنىڭ ئىككى پۇتىنى بىر ئۆتۈككە تىقسا- ھە؟...مەن بۇ باشلىقمىزنى چۈشەنمەيتىم، ئېھتىمال ئىنتايىن ياخشى ئادەمدۇر، ئادەملەر كۆپىنچە چۈشەنمەسلىك سەۋەبىدىن بىر-بىرىگە خاتا باھا بېرىپ قويىدۇ، بىر-بىرى بىلەن دۈشمەنلىشىدۇ، بىرلىرىنى ئۆمۈرلۈك رىقابەتچىلىرىگە ئايلاندۇرىۋالىدۇ...ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭ دىگەنلىرىنى خوپ دەپ ئاڭلاپ تۇراي،ئەگەر ئىلگىرىكى باشلىقىمىز ئۆزى ئېيتقاندەك مالىيە بۆلىمىدىكىلەرگە مەن توغرىلۇق بىرەر پايدىلىق گەپ- سۆز دەپ قويغان بولسا ئەجەپ ئەمەس...
مالىيە بۆلىمىگە كىرىپ ئىشنىڭ مېنىڭ خام- خىياللىرىمدىن باشقىچە، خېلىلا مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، بوغالتىرنىڭ گەپ- سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بېشىم تېخىمۇ قايدى.ئۇ بىر تەرەپتىن ھۆججەت- ماتىرياللىرىنى يىغىشتۇرغاچ بىر تەرەپتىن بىرنەچچە يىلنىڭ ئىچىدە ئىدارىمىز مالىيەنى قالايمىقان باشقۇرغانلىقى، ئورۇنسىز مالىيە باشقۇرۇغانلىق سەۋەبىدىن ئىدارىنىڭ بىر نەچچە يىللىق كىرىم- چىقىم ئەھۋالىنى مەخسۇس تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى چۈشۈپ تەكشۈرىۋاتقانلىقى،ھېساپنى يۆتكەپ ئىشلەتكەنلىك قىلمىشى شەكىللەنگەنلىكى ئۈچۈن ئىدارىدىنىڭ بىر يىللىق مالىيەسىنى توڭلىتىپ قويغانلىقى...قاتارلىق ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بەردى.ئۇ توختىماي سۆزلەۋاتىدۇ، مەن ئاڭلاۋاتىمەن، ياق، مەن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئويلاۋاتىمەن، ئۆزۈم ھەققىدە كېچىلەپ كىرپىك قاقماي توقۇپ چىققان گۈزەل ھېكايىلىرىم ھەممىسى بەربات بولدى،گۈزەل- ئىستەكلىرىم تۈتۈنگە ئايلاندى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى گېپى جېنىمدىن ئۆتۈپ كەتتى، ئالى مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرسىنى پۈتتۈرگەن بىر كىشىگە نىسبەتەن دۆلەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇش پۇت-قولىنى دۆلەتكە ئارتىۋالغانلىق ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغىنىمدا ئاچچىقىمنى ئىچىمگە يۇتالماي ئەلەمدىن تىترەپ كەتتىم.مەن ئادەتتە قەھرىتان سوغۇقتىمۇ توڭۇش ھېس قىلمايتىم،لېكىن ئازاپقا چىدىيالمايۋاتقانلىقىمدىن بولسا كېرەك، شۇ دەقىقىنىڭ ئۆزىدە باش ئەتىيازنىڭ سالقىن نەم ھاۋاسى كۆزۈمدىن ئېتىلىپ چىقىشقا ئالدىراۋاتقان ياش دانىچىلىرىنى بىر يولىلا قاتۇرۇپ قويىدىغاندەك تۇيغۇ ئېلىپ كېلەتتى. ئۆزۈمنى بېسىۋالمىغىم تولىمۇ قىيىنغا توختىدى، مالىيە بۆلىمىدىن نە تەرىقىدە يېنىپ چىققىنىمىنى بىلمەيمەن، بىر نەچچە كۈنگىچە روھىم چىقىپ كەتكەن ئىسكىلىتتەك بىسەرەمجان ھالەتتە يۈردۈم.
ئامال قانچە؟ ئاخىرى فەن فىراففىسورغا خەت يېزىپ ئۈگىنىش،تۇرمۇش ئەھۋالىمنى،بۇ يىل ئوقۇش پۇلى تۆلىيەلمەسلىك سەۋەبىدىن ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇشۇمنىڭ مۈمكىن ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈردۈم، خىزمەتتىكى ئۆزۈم يولۇقۇپ تۇرىۋاتقان خىلمۇ- خىل ئېجتىمائى مەسىلىلەرنى جۈملىدىن بۇ قېتىمقى باشلىق ئالماشقاندىن كېيىنكى ئىدارىدىكى ھەممەيلەننىڭ كەيپىيات جەھەتتىكى تۇراقسىزلىقىنى بۇنىڭ كاشىلىسىنىڭ ئەڭ بۇرۇن مېنىڭ ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇشۇمغا توسالغۇ پەيدا قىلغانلىقىنى ئېيىتتىم، شۇ ئارقىلىق فەن فىراپپىسورنىڭ يارىدىمىگە ئېرىشىش ئارزۇيۇم بار ئىدى.خېتىمىنى ئەۋەتىپ ئۇزاق ئۆتمەي فەن فىراپپىسوردىن جاۋاپ خەت تاپشۇرۇپ ئالدىم،ئۇ خېتىدە ماڭا نۇرغۇن تەسەللى بېرىپتۇ،تەقدىرىمگە ناھايىتى كۆپ ھېسداشلىق قىپتۇ،ۋە يەنە : « پەقەت ئامال قىلالمىسىڭىز ئۆز ئورنىڭىزدا تۇرۇپ ئۈگىنىڭ، مەن ماتىريال بىلەن تەمىنلەي، بۇنداق بولغاندا ھەر جەھەتتىن چىقىم تېجىلىدۇ....» دەپتۇ. ئۇنىڭ خېتىنى ئوقۇپ كۆڭلۈم بىر ئاز ئىزىغا چۈشكەندەك بولدى، لېكىن ئىدارىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىدە بىر تەرەپتىن ئىشلەپ بىرتەرەپتىن ئۈگەنگىلى بولارمۇ؟ تەلەپكە يېتەلەرمەنمۇ؟..دىگەن ئەندىشىلىك سوئاللار مېنى قىينايتى.خىزمەتتىن ئايرىلىپ ئوقۇش ئىستىكى ئىزچىل ماڭا ئارام بەرمەيتى. شۇڭا فەن فىراففىسورنىڭ خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىنمۇ ئاخىرقى قارارغا كېلىش مەقسىتىدە مالىيە بۆلىمىگە يەنە باردىم.
-ئوقىېۋىرىپ نېمە قىلىلا، قىز بالا دىگەننىڭ ساۋادى چىققىنىمۇ چوڭ ئىش، ئاتا-ئانىلىرىنى تېخى قېيناپ، ئۆزلىرىنى تېخى قېيناپ نىمە تاپالا زادى شۇ ئوقۇشتىن؟ مېنىڭ شەخسى ئىشىم بولسىغۇ سىلىنى مۇشۇنداق سوكۇلداتماي بېجىرىپ بېرەتتىم، لېكىن ماڭىمۇ ئامال يوقتە؟ ھازىرقى ئەھۋالدا دۆلەت پۇل بېرەمدۇ دەيلا، مالىيەدىن قىزىل رەقەم كۆرۈندى دەۋاتسا...- دىدى ئىش بېجىرگىلى كىرگەن گۇپپاڭچىلاردىن بىرى ،تېخى مالىيا بۆلۈم مۇدىرى گەپ قىلماستا.
-مالىيە بۆلىمىمىزدە ھازىر ئىدارنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىنى راۋانلاشتۇرغىدەك، ئۆزىنى ئۆزى قامدىغىدەكمۇ ئەھۋال يوق. سىلە ئالدى بىلەن جۇجاڭنىڭ يېنىغا كىرىپ ئەھۋال ئېيتىپ باقسىلا ، ئەگەر جۈجاڭ بېرىڭلار دىسە يەنە بىر ئامال بولۇپ قالارمىكىن،سىلە ئەڭ ئالدى بىلەن جۈجاڭ بىلەن كۆرۈشۈپ باقسىلا.. .-بوغالتىرنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئۇستىخانلىرىم بوشىشىپ كەتتى.
جۇجاڭنىڭ يېنىغا كىرسەم قانداق جاۋاپقا ئېرىشىدىغانلىقىم ئۆزۈمگە ئايان ئىدى. دىمەك ئەڭ ئاخىرىقى ئۈمىتمۇ پۈتۈنلەي بەربات بولدى.ئۇيان ئويلاپ- بۇيان ئويلاپ ھېچ بىر نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن ئاسپىرانىتلىقنى ئۆز ئورنۇمدا تۇرۇپ ئوقۇشنىڭ غايە- ئىستەكلىرىمگە يېتىشتىكى بىردىن- بىر چىقىش يولى بولىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردۈم.
شۇنىڭ بىلەنقايتا باشتىن ئىنتايىن ئالدىراش كۈنلىرىم باشلىنىپ كەتتى، كۈندۈزلىرى ئىشلەيمەن، ئىدارىنىڭ ئورۇنلاشتۇرغان ئىشلىرىنى بېجىرىمەن،كەچلىرى خېلى بر ۋاقىتقىچە ماتىرىيال كۆرىمەن، ئايىقى چىقماس ئالدىراشلىق ئادەمنى چارچىتىپ ھالىنى قويمايدىكەن، چارچاش ئۇزۇن داۋاملاشسا ئادەمنىڭ ئىممۇنىتىت كۈچى تۆۋەنلەپ ،كۈن بويى روھسىز يۈرىيدىغان، ئاسانلا ئاغرىپ قالىدىغان بولۇپ قالىدىكەن.
ئۇنۋان باھالاش خىزمىتىنىڭ داغدۇغىسى يېتىپ كېلىشى بىلەن ھەممەيلەننىڭ سەزگۈلىرى ئېشىپ قۇلاقلىرى دىڭ بولۇپ كەتتى،زادى كىملەرگە ئۇنۋان كېلەر؟ ئۇنۋان باھالاش ئىشلىرى ئادىل بولامدۇ-يوق؟ بۇ مەسىلە ئىدارىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئالاھىدە مەسىلە بولۇپ، يېڭى رەھبەرلىكنىڭ ئادەم باشقۇرۇش ماھارىتى ۋە مەسلىلەرگە توغرا مۇئامىلە قىلىش سەنئىتىنى سىنايدىغان ئىدارىمىزدىكى قىززىق نۇقتا ئىدى.


يېڭى يوپۇرماق باشقا تېمىلار
يېڭى يوپۇرماق(1)يېڭى يوپۇرماق(2)يېڭى يوپۇرماق(3)يېڭى يوپۇرماق(4)يېڭى يوپۇرماق(5)
يېڭى يوپۇرماق(6)يېڭى يوپۇرماق(7)