باش بەت / ساقلايمەن

يېڭى يوپۇرماق(3)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2013-2-17 20:32 | ئاپتور: ئادالەت ئابدۇرىھم | مەنبە: خۇشدىل مۇنبىرى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

ھەرقايسى بۆلۈملەردىكى خىزمەتچىلەر بىر يەرگە يىغىلىپ مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق. بىرلىرى بىرلىرىنى كۆرسىتىشىپ بىرلىرى بىرلىرىنىڭ ئەيىپلىرىنى تېپىپىپ دىگەندەك نۇرغۇن دە- تالاشلاردىن كېيىن ئۇنۋان باھالىنىپ بولدى،راستىنى ئېيتقاندا بۇ قېتىمقى ئۇنۋان ھاھالاش بولغادىن كېيىن مېنىڭ ھاياتقا بولغان مۇھەببىتىمدە بىردىنلا چوڭ ئۆزگۈرۈش بولدى. ئەسلىدىنلا كەسىپ تىپىدىكى ئادەم بولغانلىقىم ئۈچۈن ،ئاياللارنىڭ دائىملىق تۇرمۇشىدىكى ئۇششاق پاراڭلارغا، يوقىلاڭ بارى- كەلدى ئىشلىرىغا تولا ئارلىشىپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرمەيتىم، مانا ئەمدى بۇ مىجەزىم بارا – بارا گەۋدىلىنىشكە باشلىدى. يالغۇز يۈرىيدىغان ، جىق ئادەملەر بار سورۇندىن بىراز ئۆزۈمنى تارتىدىغان بولۇپ قېلىۋاتاتتىم، ئۇنۋان باھالاش جەريانىدىكى ئادىمىيلىك ۋە ئەخلاقى- پەزىلەتنى قايرىپ قويۇپ ، باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە تىك كېلىدىغان گەپ- سۆزلەرنىمۇ يالىڭاچ ھالدا ئوتتۇرغا قويۇشلار، باشقىلارنىڭ ئادىمىيلىك ئورنى، شەخسىيىتى، ياشاش پىرىنسىپى، ۋە كىشىلىك غۇرۇرى بىلەن قىلچە ھېساپلاشماي تۈزىدە تۈكى بار ئىت- مۈشۈكلەردەك تالاش- تارتىش قىلىشلار ھەقىقىتەنمۇ كۆڭلۈمگە كەلگەن ئىدى، بۇ ھاياتنىڭ لەززىتى نىمە؟بىر - بىرىمىز بىلەن ئۇرۇشۇپ ئەيبىمىزنى ئېچىشپ ئەتىسى يەنە قانداقمۇ بىر ئىشخانىدا ئىشلەيمىز؟ بۇلار ئۈچۈن دوستلۇق، خىزمەتداشلىق مېھرى- مۇھەببىتىدىمۇ پۇل قىممەتلىكمۇ؟بۇ سوئاللار ماڭا ئارام بەرمەيتى ،يۈرىكىمنى تاتىلايتى، بۇندىن كېيىنكى ھايات مۇساپەمگە سوئال قوياتتى.
ئۇنۋان باھالاش خىزمىتىنى تولىمۇ تەسلىكتە ئاياقلاشتۇرغان بولساممۇ،باھالاش ئېلىپ بېرىلىپئۇزۇن ئۆتمەي بۇ ھەقتىكى تالاش- تارتىيش ۋە قىززىق نوقتىلىق سۆھبەتلەر قايتىدىن باشلاندى. مىش- مىش پاراڭلارنىڭ ئورانىغا قارىغاندا ۋىلايەتلىك پارتىكومغا ئىدارىمىزدىكى ئۈنۋان باھالاش ئىشلىرىنىڭ ئادىل ۋە ھەققانى ئشلەنمىگەنلىكى توغۇرلۇق بىرنەچچە پارچە ئەرز يېتىپ بېرىپتۇدەك، بۇ گەپ قانداق تېز تارقالغان بولسا شۇنداق تېز ئىنكاس قوزغاپ ئىدارە ھويلىسىدا بوراندەك گۆكىرەپ، شىۋىرغاندەك ھۇشقىيتىپ، ھەممەيلەننىڭ كۆڭۈل سەيناسىدا بېسىلىپ قالغان چاڭ- توزاڭلارنى يېڭىباشتىن غالغۇيتىۋەتتى. ئاللا قانداق مەزمۇنلاردىكى يىغىنلار، سۆھبەتلەر ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، ئۇنۋان باھالاش توغرىسىدا پىتنە- پاسات تارقاتقان ئىدارىنىڭ ئامانلىقى ۋە تېچ مۇھىتىغا تەسىر كۆرسەتكەن ھېلىقى نامەلۇم ئەبلەخ قاتتىق ئەيىپلەندى،ئەرىز يازغۇچى ئۆزىنىڭ ئىسىم پامىلىسىنى يوشۇرغان ئىدى، شۇڭا ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاش زور مەسلىگە ئايلاندى. قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن ئەرىز يازغان ئادەمنى تېپىپ چىقىش توغرىسىدا ئىدارە خاراكتىرلىق قاتتىق تۈزۈم بىكىتىلىپ، كۈندە سائەت ئون ئىككى بىرلەرگىچە ئۈگىنىش قىلدۇق ، ھېلىقى نامەلۇم ئەرىزخورنى توختىماي تىللايتۇق،ھامىت جۇجاڭ بۇ ئىشنى ‹ ئىدارىمىزنىڭ تارىخىدا كۆرۈلمىگەن چوڭ ۋەقە، ئىدارىنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمى ۋە مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك زور ئىش› دەپ ئېلان قىلدى،ھەر بىر خادىم بۇ ۋەقەنى ئەيىپلەيدىغان پاش قىلىش ماتىريالىدىن ئۈچ نۇسىقىدىن يازىدىغانلىقى، بىر نۇسقىسىنى يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا تاپشۇرىدىغانلىقى بىر نۇسقىسى ئىىدارە ئارخىپ ئىشخانىسىدا ساقلىنىدىغانلىقى، ئۈچىنچى بىر نۇسقىسىنى ئۆزىمىز كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئوقۇپ مەسلىمىزنى تاپشۇردىغانلىمىز ئورۇنلاشتۇرۇلدى،‹ ماتىرىيال چوقۇم ئەتراپلىق يېزىلىشى لازىم ، ئەگەر كىمدە – كىم ئۆز مەسىلىسىنى تولۇق تاپشۇرمىسا ، مەۋجۇت مەسلىلەر باشقىلار تەرىپىدىن ئاشكارىلىنىپ قالسا ئۇنىڭ ئايرىم سورىقى بار‘ ئېھتىمال مەسلىنى يوشۇرغان ئادەم ئۇنۋان باھالاش ئىشىدا يۇقۇرى- تۆۋەننىڭ ئارقىدا كۆپرەك گەپ قىلغان ئادەم بولىشى مۈمكىن› دەپ ئالاھىدە تاپىلىدى، دەسلەپتە ھەممەيلەن ‹بۇبىر ئادەم قىلغان ئىشنى دەپ كۆپچىلىكنىڭ ۋاقتىنى ئالسا قانداق بولىدۇ ›دەپ ئىشنى كاللىسىدىن ئۆتكۈزەلمىدى ،كېيىن تۈزۈم چڭىتىلىپ ، كۆپچىلىك ئۆزىنى ئاشكارىلاش ماتىريالىنى بىر بىرلەپ سۆزلەشكە باشلىغاندىن كېيىنلا ئۆزلىرىگىمۇ نۆۋەت كېلىدىغانلىقىىى جەزىملەشتۈرۈپ ئىددىيۋى تەيارلىق قىلدى. ۋە قول كۆتۈرۈپ بەس- بەس بىلەن سۆزلەشكە باشلىدى.مۇشۇ ئىدارىغا خىزمەتكە دەسسىگەندىن بۇيانقى خىزمەتتە سۇسلۇق قىلىدىغان، تەشكىلنىڭ كەينىدىن گەپ قىلىدىغان نۇقسانلىرىنى ئىزلەپ تېپىپ ئۆزلىرىنى مازنى ئاتقاندەك ئېتىشتى،بەزىدە گۇمان ئوبىكىتلىرى ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكىدىك سۆزلىيەلمەي قالسا ھامىت جۈجاڭ شىرەنى مۇشتلاپ،ۋاقىراپ تۇرۇپ ئۆپكىدەپ قىزىرىپ كۆپۈپ سۆزلەپ كېتەتتى. ئۇ ئىنتايىن كەسكىن مەردانە ئىدى.ئەشۇ ئەرىز يازغۇچى ئىسيانكارنى تېپىۋالسا ھازىرلا چايناپ پۈركىۋىتىدىغاندەك ئەلپازدا سۆزلەيتى. ئۆزىمىزنى تەكشۈرىۋېرىپ ئاخىرى ھەممەيلەن گويا شۇ ئەرىزى ئۆزىمىز يازغان جىنايەتچىدەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدۇق،بەزىدە مەنمۇ ئۆزۈمدىن ئۆزۈم گۇمانلىنىپ قالاتتىم، ئىنسان پىسخىكىسى دىگەن ئەنە شۇنداق ئاجىز ۋە ئېلاستىك بولىدىكەن، روھىمدىكى بۇ خىل ھالەتنى ئويلاپ بەزىدە قورقۇپ كېتەتتىم، ئىنسانىيەتنىڭ روھىيەت تاجاۋۇزچىلىق ھەققىدە ئويلاپ تەگسىز ۋە پاتپاراق خىياللارغا چكمەتتىم. ئۈگىنىش ۋاقتىمىز بارغانسېرى ئۇلغىيىپ كەتتى، چۈشتىن بۇرۇن يېرىم كۈنلا كەسپى خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان،چۈشتىن كىيىنكى تۆت سائەت ۋە ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىنكى سائەت7دىن11غىچە بولغان ئۈچ سائەت ۋاقىتنىڭ ھەممىسىدە ئۈگۈنۈش قىلىدىغان بولدۇق.ھەتتا شەنبە يەكشەنبە پۈتۈن كۈن دەم ئېلىشىمىزمۇ يوق بولدى. ئۈگىنىش باشلانغاندا بىمەنىلىك ھىس قىلغان، ئەرز قىلغۇچىنىڭ پىكرى توغرا دەپ ئاقلاش ھېسسياتىدا بولغان بولساممۇ دەم ئېلىشىمىشنىڭ يوقىلىشى، كەسپىي ئىشلارنىڭ بىر چەتكە قايرىپ قويىلىشىغا سەۋەپ بولغان ھېلىقى ئىسيانكارغا بارغارنسېرى ھەقىقەتەن ئۆچ بولۇپ كېتىۋاتاتتىم. پەقەت شۇنىڭ كاساپىتىدىن دەم ئېلىشىمىزنى قۇربان قىلىپ ئۆگىنىش قىلاتتۇق،شۇنىڭ كاساپىتىدىن تاماقنى ھاسىراپ-ھۆمىدەپ يەيتتۇق-دە ئۇدۇل مەجلىسخانىغا يۈگىرەيتتۇق.نۇرغۇن ئاياللارنىڭ بۆشۈكتىكى بالىلىرى، قىرىچە يېنىچە تېگىپ سوغۇق گەپ قىلىۋاتقان ئەرلىرى ،ئۆيگە كەلگەن مېھمانلىرى ھېچ بىر ئېتىرازسىزلا قېپ قالاتتى، ھەرقانداق ئادەمنىڭ بانايى سەۋەپ كۆرسىتىپ بۇ پائالىيەتتە سەپتىن چۈشۈپ قېلىشىغا رۇىسەت قىلىنمايتى.
ھەممىمىزنىڭ قېنى قىززىپ ئاشۇ ئەرزخورنى تىللاپ بىر يەرگە ئاپاردۇق.ئېدىيەنى ئازات قىلىش خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش شوئارى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ ھەركەركەت بىردىنلا ئىدارە رەھبەرلىرىنى كۆككە كۆتىرىپ ھېلىقى پىتنەخورنى تىللايدىغان سىياسى ككرەشكە ئايلىنىپ قالدى. يىغىن باشقۇرغۇچى كۆپچىلىكنىڭ كۆز-قارىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بېقىشقا ئۈندەئۈندەپ تۇراتى. دەسلەپ ئىختىيارى كىيىن مەجبۇرى يوسۇندا ئارقى-ئارقىدىن سۆزلەپ كەتتۇق.كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان غەلىتە ئىشلار بولىۋاتاتتى.ھەمممىزنىڭ كۆڭلىدە ئاللانىىلەرنى دىگۈمىز بولسىمۇ شالتاققا تېيىلىپ كېتىپ گۇمانلىق شەخىسنىڭ دەل ئۆزى دەپ قارىلىپ قېلىپ كېتىشتىن ئەنسىرەيتتۇق.
پەقەت ئىككى ئادەم يالغۇز قالغىنىمىزدىلا كۆڭلىمىزدىكى مەخپىي راس گەپلىرىمىزنى دىيىشىۋېلىپ پۇخادىن چىققاندەك بولاتتۇق.
- مەدىنىيەت ئىنقىلابى مۇشۇنداق ئېلىپ بېرىلغان بولغىيمىدى؟ ئېھتىمال ئۇ چاغلاردىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر-بىرىنىڭ ئۈستىدىن تازا سايراپ ئاندىن كۆرەشنى ئەۋجىگە كۆتۈرگەن بولسا كېرەك...
-چوڭلار مەدىنىيەت ئىنقىلابىدا ئۇنداق بولغان،مونداق بولغان دەپ بەرسە زادى ئەقىلىمىزگە سىغمايتتى.ئادەملەر توپى دىگەن قويغا ئوخشايدىكەن.قويچى قەيەرگە باشلىسا قويلار شۇ تەرەپكە ماڭغاندەك ئادەمنىڭ ھېسىياتى روھىمۇ چاغلىقلا نەرسە ئىكەنغۇ. ھەي...ھازىر خىزمەتكە ئورۇنلاشماق تەس،بولۇپمۇ بىزنىڭ بۇ ئىدارە باشقا ھەرقانداق ئىدارىلەرگە ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنىڭ يىڭى باشلىققا ساداقەتمەنلىكنى بىلدۈرۈش، ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويۇش ئارقىلىق ئىدارە ئىچىدە ئۆزىنىڭ يېڭىچە ئوبرازىنى تىكلەش ئۈچۈن تېرىشىۋاتقانلاغا بۇ سىياسى كۆرەش بىر قېتىملىق تېپىلغۇسىز پۇرسەت بولدى. ھەي، توۋا جاھاننىڭ ئىشلىرى مۇشۇنچىلىكمىدۇ؟ ئۇنۋان باھالاش جەريانىدا ئاۋامنىڭ پىكىرى مەسىلىنىڭ مەركىزىگە ئايلىنالمىدى.خەلىقنىڭ رايىدىن چىقمىغان ، ئاۋامدىن ئايرىلغان ئىش دىگەنگە ھەممىنىڭ گېپى بار-دە، ئەلۋەتتە ، پىكىر چىقماي قالامدۇ، بۇ يەردىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئەتراپلىق ئىشلارنى ئويلىيالايدىغان،ئەقلى- ھۇشى بار، بىرنەچچە يىل ھككىمەتنىڭ مائاشىنى ئېلىپ ئىشلەۋاتقان ئادەملەر تۇرسا... بۇنى رەھبەر بولغان ئادەملەر توغرا چۈشىنىش كېرەكقۇ؟...
-بىزنىڭ جانلىق ئادەملەر ئىكەنلىكىمىزنى بىلمەممدىكىنە بۇلار؟بىزمۇ ئەشۇ گىدىيىپ يۈرگەنلەرگە ئوخشاش ئادەم ، شۇلارغا ئوخشاش ھېسسىياتقا ئەقىل - پاراسەتكە ئىە ئادەم...
- روھىي جەھەتتكى بۇ ئېغىر بېسىشقا قارىتا ئادالەتنى ياقىلاپ سۆزلەپ كېتەيلى دىسەك ھەممە ئادەم سەن-بىز ئويلىغاندەك ئويلىمايدۇ. ھەم ھەممە ئادەمنىڭ سەن-بىز كۈتكەننى كۈتىشى ناتايىن. بىز ھەممە ئىشتا ھەققانىيەتھەقىقەت- بولسا، ئىشنىڭ ھەر بىر ھالقىسىدا دېمگۇراتىيە جارى قىلدۇرۇلسا ،ھەرقانداق ئادەم ياكى باش بولغۇچى كىشى ياخشى بىر ئىشنىڭ ھامان ئازدۇر- كۆپتۇر ياخشى بولمىغان ئارقا كۆرۈنىشىكىمۇ ئېگە ئىكەنلىكىنى چۈشەنسىكەن، مەسىلىلەرگە توغرا مۇئامىلە قىلسىكەن دەيمىز. لېكىن ئاڭلىدىڭمۇ. بۇ يۇچۇن ئادەم تەرىپىدىن قىلىنغان ئەرىزنى ‹يېڭى رەھبەرلىك ئورنىغا قىلىنغان ھاقارەت، ھامىت جۈجاڭنى كۆزگە ئىلمىغانلىق،يىڭى رەھبەرلىك بەنزىسىگە دەسلەپتىلا پۇت ئېتىپ ئۇلارنىڭ خىزمەتكە بولغان ئىشەنچىسىنى يوققا چىقىرىش. ئۇلارنى كارغا كەلمەس، باشقۇرۇش ئىقتىدارى يوق، دىگەنلىك بولماي نېمە؟›دەپ كېتىۋاتىدۇ ئەمەسمۇ؟ مۇشۇنداق ئىددىيەدىلا باشقۇرىدىغان بولسا بۇ ئىدارىمۇ ۋەيران بوپتۇ. باغ -ئورمان ساھەسىىدىكى كۆزنەك ئورۇن ئىدۇق ھەي...
- ئۇنداق دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. بەزى ناھىيىلەرنىڭ كەسىپلەشتۈرۈش ئىشلىرى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ...» بۇنداق پاراڭلارنى پەقەت كۇسۇرلىشىپلا سۆزلىشىش مۇمكىن. ئەمما سۆزلەپ بولۇپلا ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ تويمايلا بەزى گەپلەرنى يېقىن كىشىلىرىم دەپ ئىشىنىپ دەپ سالغانلىقى ئۈچۈن پۇشايمان قىلىشاتتى.
بىزنىڭ بۇ قېتىملىق كۆرىشىمىز 23كۈن، توپتوغرا 23 كۈن داۋام قىلدى.23كۈنگىچە ئاياللار كۈندۈزدە كىر-قات يۇيالمىدى. ەرلەر كۈندۈزدە چاچ-ساقال ياسىتالمىدى. ئىدارە ئالدىدىكى ئاشپۇزۇللارنىڭ خام-خاتىلاڭ ئەتكەن سوكال لەغمەنلىرىنى ئالدىراپ يىيىشەتتۇق-دە، مەجلىسخانىغا يۈگۈرەش بىلەن كۈنىمىز ئۆتتى.ھەممىدىن يامىنى بالىلارنىڭ ئىشى بولدى.ئۈچ ۋاق تامىقىنى ئۆزلىرى يىگۈزۈپ كۆندۈرۈپ قويغان بالىلارنىڭ ئالدىغا تاشلاپ قويۇلغان پېچىنە-پىرەنىكلەر، قۇرۇق تەييار چۆپلەر يىيىلمەي قالاتتى. كۈندۈزدە مەكتەپ، يەسلىدە بولىدىغان بالىلار كەچقۇرۇنلىقى ئۆيدە قۇلۇپنىڭ باشقۇرۇشىدا يىغا-زارە قىلىپ قالاتتى. 7-8 كىلومىتىر يىراقلىقتىن كېلىدىغان ئاياللار قىسقىغىنا دەم ئېلىش ۋاقتىدا ئۆيىگە بېرىپ-كېلىپ بولالمايتتى، روخسەت بېرىلمەيدىغانلىقى ئۈچۈن ئەتىگەن سائەت 8 دە مەشغۇلىيەتكە ئۆلگىرىپ كەلگەنچە تاكى كەچ سائەت 11دە ياكى بەك قىززىق مۇنازىرە بولۇپ قالسا ئۇنىڭدىنمۇ بىرەر يېرىم سائەت كىيىن قايتىشقا توغرا كېلەتتى. ئېغىز ئاچمىغان بىلەن مۇشۇ قېتىملىق ئىددىۋى ھەرىكەت تۈپەيلىدىن ئائىلە ماجراسى دەردىنى تارتىۋاتقانلارمۇ خېلى كۆپ بولدى.


يېڭى يوپۇرماق باشقا تېمىلار
يېڭى يوپۇرماق(1)يېڭى يوپۇرماق(2)يېڭى يوپۇرماق(3)يېڭى يوپۇرماق(4)يېڭى يوپۇرماق(5)
يېڭى يوپۇرماق(6)يېڭى يوپۇرماق(7)