باش بەت / ساقلايمەن

يېڭى يوپۇرماق(6)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2013-2-17 20:44 | ئاپتور: ئادالەت ئابدۇرىھم | مەنبە: خۇشدىل مۇنبىرى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

-رەيھانقىز توختاڭ، مەن ئالدىراپ كېتىۋاتاتتىم، يېقىن ئۆتىدىغان بىر دوستۇم يۈگۈرۈپ كەلدى ۋە
- چاپىنىڭىزنى سېلىڭ- دىدى.
-نېمە، چاپانغا قۇرۇت يامىشىۋالغان بولسا بۇ ئادەتتىكى ئىش ،يوقلىمىغا ئۈلگۈرەلمەي قالمايلى يەنە- دىدىم مەن ئالدىرىغان پېتى.
-ياق-ياق، مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم ئۇ ياقىڭىزنى بويلاپ گەدىنىڭىز بىلەن ئىچىڭزگە كىرىپ كەتتى.مەن ئۇنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم ،چاپاننىڭ تېشى بولسا مەيلىغۇ - دىدى ئۇمۇ جىدىيلىشىپ
-نېمە قۇرۇت ئىچىمگە كىرىپ كەتتى؟ مەن قورقىنىمدىن چىرقىراپ تاشلىغىلى تاس قالدىم.ۋە ئالدىرىغىنىمچە تۈگمىلىرىمىنى يەشتىم . ئاياقلىرىمىز ئاستىدا قۇرۇتلار يانجىلاتتى. بۇ قۇرۇتلارنىڭ قېنى كۆۈش سۇ رەڭگىدە ئىدى ، دەسسىلىپ ئۆلگەنلەردىن كۆكۈش سۇ رەڭ ھۆل ئىز قالاتتى. كىشىنىڭ ئۆپكە-ئۈچەيلىرىنى ئۆرۈپ تاشلايدىغان سېسىق پۇراق ئىچىدە قۇرۇتلارنى ماچ-ماچ دەسسىگىنىمچە تېزلىكتە چاپىنىمنى سېلىپ قاقتىم.
-مانا،مانا دىدى-ئۇ ھاسىرىغان پېتى، - بىرمۇ ئەمەس ئۈچ تال قۇرۇت دەڭا، ھەجەپ ئاسان ئۆلىدىغان نىمىكەن بۇ، سىز چاپىنىڭىزنى سالغىچە ئارلىقتا ئۆزىڭىزمۇ بىلەي بىر قۇرتنى ئۆلتۈرۈپ قويغان ئوخشايسىز ، مانا قاراڭ، ئۇنىڭ مىجىلىپ كەتكەن سۈيى بىلەن چاپىنىڭىز ئالا -بۆرەك بولۇپ بويىلپ كېتىپتۇ ئەمەسمۇ؟ ئەستا...ھۆ، ھۆ
-توختاڭ، توختاڭ چاچلىرىڭىزنىڭ ئارىسىغىمۇ ئۆمىلەپ كىرىپ كەتتىمۇ نىمە ،جىم تۇرۇڭ ئۇنىمۇ ئېلىۋېتەي، مانا، مانا ھەجەپ بىر كۈنلەر بولغىلى تۇردى ۋۇي،چازىڭىزنىڭ ئارىسىغا كىرىۋاپتۇ ئەمەسمۇ ، ھە بولدى ھەممىنى ئېلىۋەتتىم،
-يوختاڭ،مەنمۇ سىزنىڭ ئۈستىڭىزدىكى قۇرۇتلارنى تېرىۋىتەي- دىدىم مەن ۋە ئۇنىڭ ئۈستىۋاشلىرىدىن سەمرىپ يوغىناپ كەتكەن قۇرۇتلارنى بىر بىرلەپ تېرىۋەتتىم.
-يىغىن زالىنىڭ ئالدىغا بارغاندا ئۈستىۋېشىمىزنى يەنەبىر قاقارمىز ھە بولمىسا ئۆمىلشىشىپ يۈرگەن جانىۋارلار بىلەن بىللە يېڭى سالغان ياسىداق زالغا كىرىپ قالمايلى -دىدى دوستۇم
بىز زالغا كىرگەندە يوقلىما قىلىنىپ بولغان ئىكەن، لېكىن كېچىككەنلەر بىزلا ئەمەس ئىدۇق، بەلكى بىزدىن خېلىلا كىيىن كەلگەنلەرمۇ ككپ ئىدى. كىرىشىمىز بىلەنلا بىللە كىرگەن دوسۇتم بىلەن ئەزىمەت چېقىشقىلى تۇردى.
-كۆك تېرىپ كىرگەن ئوخشىمامسىلەر؟- ئىدارىدا كۆك رەڭلىك قۇرۇتلارنىڭ ئۇلغىيىشى بىلەن مۇشۇنداق دارەتمىلىق ئىبارىلار ككپىيىپ قالغان ئىدى.
-شۇنداق سىزگە كۆك چۆچۆرىسى ئېتىپ بېرەيلى دەپ .
-ئۆزۈڭلار بىرەر قېتىم پىشۇرۇپ يىگەنسىلەر ؟
-ياق، سىز ئەزىمەتكە تۈگۈنۈپ يىمەي ساقلاۋاتىمىز، ئۇ كۆك قوشقارنىڭ گۆشلىرىنى، بەزىلىرى ئىلغۇدا، بەزىلىرى كانارىدا، يەنە بەزىلىرى دۆشىدە توغرىلىۋاتىدۇ...
-جادۇ، ھەرە ، پالتا ،پىچاقلىرىڭلار بارمىدى يا ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلغىلى؟
- ئەلۋەتتە بار، ھەممىسى بىزنىڭ تاپىنىمىزنىڭ ئاستىدا.ھا…ھا…ھا.....
زالدىكى ھەممەيلەننىڭ ئاغزىدا رېدە دەرەخلىرى ئاستىدىكى قۇرۇت يېغىنى توغرىسىدىكى مۇلاھىزىلەر بولىۋاتاتتى. ھەتتا سەزگۈرلىكى ئېشىپ كەتكەن بەزى خانىم قىزلار ئۆزىچە «ۋىيەي»، «ۋىيەي »دەپ توۋلىشىپ، «ۋاي ئانىمەي، ئىچىمدە قۇرۇت مېڭىۋاتامدۇ نېمە ؟ توۋا، توۋا خۇدايىم 2-قەۋەتتە نېمە ئىش قىلىدىغاندۇ بۇ قۇرۇتلار؟...» دىيىشىپ ئېغىز بۇرنىنى چىڭ ئېتىشەتتى. يىغىن زالىدىمۇ ئۆمىلىشىپ يۈرگەن قۇرۇتلارنى ئۇچراتقىلى بولاتتى.
-چاپىنىم بىلەن بىللە چىقىپتۇ-دە ،ھەي،بۇيەردە ياشىيالارمۇ بۇ بىچچارە،
-نىمە بىچارە، ئۇ مەينەت نىجىسنى...
سورۇن ئەھلى شۇنداق تالاش تارتىش قىلىۋاتقاندا تاماكا كۈلى چۈشۈپ سارغىيىپ قالغان بىر گېزىتنى تۇتقان ھامىت جۇجاڭ كۆپچىلىككە قاراپ ۋارقىرىدى.
-نېمە تولا گەپ بۇ؟ نىمە تۈگىمەيدىغان گودۇڭ- گودۇڭ؟ پوق قۇرۇتىدەك غوژۇلدىشىۋەرگەن، ئىنتىزام دىگەن نەرسە يوقمۇ سىلەردە؟ - ھەممىمىز جىم بولدۇق ، جىم بولدۇقۇ ئۇنىڭ ئالدىدا لۆمشۈپ، پىلتىڭشىپ ئاللا قانداق قىلىق چىقىرىپ تولغىنىۋاتقان قارامتۇل كۆك قۇرۇتقا كۆزىمىز چۈشۈپ تەشۋىش، ۋەھىمە بىلەن ئىندىمەي تۇرۇۋالدۇق.ئۇ سول قولىدا گېزىت تۇتقان بولۇپ، ئوڭ قولىدا ئاللا قانداق نەرسىلەرنى چۈشەندۈرۈش قىلىۋاتاتتى-دەل شۇچاغدا ئۆزىنىڭ ئالدىدا يۆگىشىپ ياتقان يوغان يۆگىمەچ قۇرىتىدەك چوڭلۇقتىكى قارامتۇل قۇرۇتنى كۆرۈپ قالدى.
-ۋۇي،ۋۇي.....نېمە ئىش بۇ؟ بۇ… بۇ…- دىدى ئۇ چەكچەيگەن ھالدا قۇرۇتنى كۆرسىتىپ دۇدۇقلاپ.
ئۇيەر بۇ يەردە پىىىلداپ كۈلگەن ئاۋازلار ئاڭلاندى.
-قۇرۇت…
- ئىدارىمىزنىڭ قۇرىتىغۇ ئۇ
-قۇرۇتنىمۇ بىلمەمدىكىنە، توۋا
- مۇشۇ ئىدارىدىكى قۇرۇتنىڭ بوۋىسى
-ياق قۇرۇتلارنىڭ باشلىقى ، قاراڭلار ئۇمۇ ئىگىزگە چىقىۋاپتۇ ئەينا
كۆپچىلىك ئەشۇنداق ئاغزىغا كەلگەنچە بىر نىمىلەرنى دەپ ئويۇن چىقارغىلى تۇردى. كۇسۇرلىشىپ كۈلۈشتى.
- بولدى ، پاراڭ سالماڭلار ، بولۇپ بەردىمۇ دەيمە ئەمدى، نىمە تۈگىمەيدىغان تولا گەپ بۇ ؟
ئۇ شۇنداق ۋاقىراۋاتقاندا ئۇنىڭ كۆزىگە زالنىڭ ھەممە يېرى قۇرۇت لۆمۈلدەپ مېڭىپ يۈرگەندەك غەۋغاغا تولغان ھالەتتە كۆرۈنۈپ كەتتى. ھەتتا ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان ئادەملەرمۇ قىمشىپ تۇرالمايۋاتقان قۇرۇتلاردەك كۆرۈنەتتى.ئۇ تىتىرەيتتى، ۋە نىمىنىدۇر ئەنسىرىگەندەك يېرىمى بار يېرىمى يوق ئاۋاز بىلەن سورىدى، بۇ سوئالنى ئۆزىدىن سوراۋاتقانلىقىنىمۇ ياكى كۆپچىلىكتىن سوراۋاتقانلىقىنىمۇ بىلگىلى بولمايتى.
-بۇ قۇرۇتلار نەدىن كەلگەن؟ كىم بىلىدۇ؟ قۇرۇتلارنىڭ بۇ يەردە نىمە ھەققى بار ؟ پەيدا بولۇش سەۋەبى نىمە؟
-زال ئىچى غودىراشلار،تاپا-تەنىلەر،ئاچچىق كۈلكىلەرگە تولدى ، بۇ بوم، زىل گۈڭۈر - مۆڭۈر ئاۋازلار گەرچە يۇقىرىراق رەۋىشتە بولسىمۇ خۇددى رېدە دەرىخىنىڭ ئاستىدا ئاڭلانغان بىر توپ- توپ قۇرۇتنىڭ ئاۋازىغا ئوخشاپ قالغانتى.
-نېمە گورۇڭ - گورۇڭ بۇ؟ بۇ گورۇڭ- گورۇڭدا بىر ئادەمنىڭ ئاۋازىنى قانداقمۇ ئاڭلىغىلى بولسۇن؟ ياكى سىلەرمۇ ئاشۇ رېدە دەرىخى ئاستىدىكى قۇرۇتلارمۇ، گەپ ئاڭلىمايدىغان؟
نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئەشۇ سۆزلىرىگە قارىتا كۈلگىسى كەلدى . قائىدە سۆزلەپ ئالدىدىكى بۇ بىلەرمەننى مات قىلغۇسى بولسىمۇ ھېچىكىم ئورنىدىن تۇرۇپ سۆزلىمىدى،ئەمما غودۇراش تېخمۇ كۆپىيىپ كەتتى.
-دېققەت!!!- ھامىت جۇجاڭ قاتتىق ۋارقىراپ شىرەگە بىرنى مۇشتلىدى.دەل شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئالدىدا ئورنىدىن تۇرۇپ تىكلىنىپ پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن ماھارەت كۆرسىتىۋاتقان ھېلىقى يۆگىمەچ قۇرىتىدەك يوغان قۇرۇت بىر لەپەڭشىپلا پالاققىدە يەرگە يىقىلدى، ئۇنىڭ بېشى تەرىپىگە ھامىت جۇجاڭنىڭ قولى تەككەن بولۇپ كۆپكۆك يوتتەك قېنى شىرەگە يېپىلغان ئاق رەڭلىك ياپقۇچنى بويىۋەتتى. خۇددى شۇ پەيىتتە ھامىت جۇجاڭ ئۆزى تاياق يىگەندەك رەڭگى تاتىرىپ ھالسىزلىنىشقا باشلىدى.ۋە لاسسىدە ئولتۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئۆڭ-سۆلى ئۆچكەن،چىرايى تاتارغان ئېدى. خىزمەتچى ئايال ئۇنىڭغا چاي قۇيۇپ بەردى. ئەمما ئۇنىڭ ھىچ ئىچىكۈسى كەلمەيتى. زال ئىچى ئوپۇل-توپۇل بولۇشتى. چۈنكى ھېلىقى ئۆلۈك قۇرۇتنىڭ ئەتراپىغا چوڭلىقى شۇنىڭغا ئوخشايدىغان قۇرۇتتىن بىر نەچچىسى پەيدا بولۇشقانتى.ئەمما كىشىلەرنىڭ كۆزى مۇئاۋىن باشقارما باشلىقىدا ئىدى.
-ئۇنىڭغا نېمە بولغاندۇ؟
-ھۇشىدىن كەتتىمۇ نىمە ،ئەستا ما ئىشنى
-يۆلەڭلار ، يۆلەڭلار ، ھە مۇنداق ھە،
-بىرىڭلار پۇت تەرىپىنى كۆتۈرمەمسىلەر … ئەستا…
-دەم ئېلىش ئۆيىگە ئېلىپ چىقايلى، بىردەم دەم ئېلىۋالسا ياخشىلىنىپ قالىدۇ
-قايناق سۇ ئىچۈرەيلى
- ياق بولمايدۇ، بۇ ھالەتتە تۇرسا بۇ يەردە ياتقۇزۇپ قويىمىزمۇ بۇ ئادەمنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرايلى بولمىسا چاتاق چىقىدۇ.
كۆپچىلىك شۇنداق دىيىشىپ يوغان ئېغىر گەۋدىنى ئىنجىقلاپ كۆتۈرۈشكىنىچە يىغىن زالىدىن ئېلىپ چىقىشتى.
قۇرۇتلارنى يوقىتىش پەرمانى چۈشۈشى بىلەنلا يوغان دورا چېچىش ماشىنىسى ئىدارە ھويلىسىدىكى داۋۇ - دەرەخلەرگە، شامالدارىپ قالغان رېدىلەرگە، كۆپ- كۆك ياشناپ تۇرغان چىملىقلارغا ئاپپاق پاقىراپ تۇرغان چىنە خىشلىق تاملارغا، كەڭرى ،ئازادە ئاسفالىت يوللارغا ئىنتايىن كۈچلۈك بېسىم بىلەن دورا چېچىشقا باشلىدى. لوگەيدۇ دورىسىنىڭ كۈچلۈك پۇرىقىنىڭ تەسىرىدە يەرگە چۈشكەن قۇرۇتلار كاللەكلىشىپ بىربىرىگە يۆگىشىىۋالغان ئىدى. يەككە يۈرگەن قۇرۇتلار، جۈپلىشىۋالغان قۇرۇتلار، كاللەكلىشىۋالغان قۇرۇتلار لۆم- لۆم قىلىپ يۈرىشەتتى.قۇرۇتلار چوڭىيىپ بارغاچقىمىكىن بىر نەچچە كۈندىن بۇيان تۇرغۇسىز دەرىجىدىكى سېسىق پۇراق ئىدارىنى بىر ئالغان ئىدى. مانا ھازىرنىڭ ئۆزىدە يەنە بىر خىل تازىلىغۇچى ، ئۆلتۈرگۈچى سېسىق پۇراق ئۇنىڭ ئۈستىگە قوشۇلغاندى. قاتتىق تومۇز ئىسسىق بولىشىغا قارىماي قات- قات ماسكا تاقىۋېلىشقان، شارپا، ياغلىقلاردا يۈز، بويۇنلىرىنى ئورۋېلىشىپ ، جىددىي ئىشلىرىنى چېپىپ يۈرۈپ قىلىشىۋاتقان ئادەملەرنى ئاندا- مۇندا كۆرگىلى بولاتتتى.پۇرسەت تاپالىغانلارنىڭ ھەممىسى بۇ جان ئالغۇر سېسىقچىلىققا چىدىماي بىر بانايى- سەۋەپلەر بىلەن ئاللا قاياقلارغا جۆنەشكەندى. ئادەملەر نەپەس ئالالمايۋاي شۇنچە قىلىۋاتقان بۇ سېسىقچىلىقتا شىددەت بىلەن پۈركىلىۋاتقان دورىلار بىۋاستە ھالدا قۇرۇتلارنىڭ ئۈستىگە چۈشسىمۇ گويا روھلاندۇرۇش دورىسى يەۋالغاندەك ئاۋالقىغا قارىغاندا تېز، تېز ئۆمىلەيتى. كىچىك قۇرۇتلارنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ھېساپقا ئالمىغاندا چوڭ- چوڭ قۇرۇتلار يەنىلا دورا چاچىراندىلىرى ئارىسىدا مىدىرلاپ يۈرىشەتتى.
- ئوھۇ ، ۋاكسىنا ئەملىگەندەك كۈچىيىپ كەتكىنىنى بۇ كۆك لەشكەرلىرىنىڭ…
-شۇنى دىمەمسىلەر ،بەدىنى ئاجىز ئادەملەر دورا ئوكۇل سالدۇرسا ياخشىلىنىپ قالىدۇ ، بۇ كۆك قوشۇنغا دورا ئىچۈرگەندەك تۇيۇلىۋاتامدۇ نىمە ، بارغانسىرى چاققانلىشىپ كېتىپتۇ.
- ھەي، بۇ جاھاندىكى ئىشلارنى بىلىپ بولغىلى بولمايدىغان بولۇپ كەتتى جۇما
-«كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ » دەپ قاراڭلار ، يەنە قانداق ئاجايىباتلار بولىدۇ بۇ جاھاندا
- شۇ ئەمەسمۇ بارغانسېرى غەلىتە ئىشلار كۆپەيگىلى تۇردىغۇ

كۈندىن كۈنگە ئىسسىق بولىۋاتسىمۇ ماسكا تاقىۋىلىش ئىدارە ئىچىدە ئانچە ئەجەپلەنگۈدەك ئىش ئەمەس بولۇپ قالدى. شۇنداقتىمۇ قۇرۇتلارنىڭ جەسەتلىرىدىن قېپ قالغان سېسىقچىلىق بىلەن دورىنىڭ كۈچلۈك ھىدى قوشۇلۇپ دىماقنى ئېچىشتۇرۇپ تۇرغاچقىمىكىن ھەممىمىز مەست ئادەملەردەك گاراڭ ھالەتتە يۈرەتتۇق. بۇ ئادەمنى قۇستۇرغىدەك سېسىقچىلىق تۈپەيلىدىن ئىدارىدىكىلەر كۆزىنى ئېچىپ تۇرۇپ ئۇخلايدىغان، ئۇخلىماي تۇرۇپ چۈش كۆرىدىغان، ئەتىگەندىن كەچكىچە ئىشلەپمۇ ئۈنۈم ھاسىل قىلالمايدىغان ھالغا كېلىپ قالدى. تېخىمۇ ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ھېلىقى سۆمەن مەمەدانلارنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغاندەك بىرنەچچە كۈن ئۇدا يۇقۇرى بېسىم بىلەن چېچىلغان لوەەيدۇ دورىسى قۇرۇتلارغا ئوزۇق بولغاندەك تۇراتتى ، قۇرۇتلارنىڭ ئومۇمىي كۆرىنىشى ئاۋالقى يېشىل رەڭدىن قارامتۇل يېشىلغا ئۆزگىرىپ تېخىمۇ جانلىنىپ، تېتتىكلىشىپ قالغان ئېدى، كىشىلەرنىڭ قۇرۇتلار يامراپ تۇرىدىغان بەدبۇيلۇققا تولغان ناچار مۇھىتتىن يىرگىنىشى كىچىك بالىلارمۇ چۈشىنەلەيدىغان ئەقەللى گەپ بولسىمۇ كۆپچىلىكنىڭ بۇ توغرىسىدىكى مۇلاھىىزلىرى بىر بىرىگە ئوخشىمايتتى.
- ھەي ئىلگىرى ئىدارىمىزغا يۇقۇرىدىن مەبلەغ ئاجرىتىپ بەرسە ئىدارىمىزغا ئامەت ياغدى، مانا پۇل ياغدىدىيىشكەنتۇق :بوران چىقىپ ھويلا ئاراملارنى كۆمۈپ تازىلىققا چۈشكەندە ، ھەببەلى مانا توپا ياغدى ياغدى… دىگەن گەپلەر بولغان ئېدى،ئەمدى ئىدارىمىزغا قۇرت ياغدى، سېسىق دورا ياغدى.ئەنە ماشىنىدا ھەركۈنى دورا يېغىۋاتمامدۇ
- راست ئەمەسمۇ،ئەگەر ياپۇنىيەلىكلەر بۇ ئىشنى كۆرگەن بولسا چوقۇم بىر ئامال تاپاتتى.
-ھەي جوڭگۇمۇ بوش ئەمەس ، سەن نىمە دەۋاتىسەن ؟ ھازىر جوڭگو دىگەن دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىدا كېتىۋاتىدۇ جۇما بىلىۋال …
-ئۇغۇ شۇ، ئەمما ئەخلەت- پەخلەتتىن كېرەكلىك بىر نەرسىلرنى ياسايدىغان بۇ ياپونلار قۇرۇتقىمۇ ئامال قىلالامدىكىن دەيمەن
-ياپونىيەلىكلەر دىگەن ‹چىۋىننىڭ ئىممۇنىت كۈچى نېمە ئۈچۈن يۇقىرى؟ نېمىشقا بىر قېتىم ئۆلتۈرۈپ مىجىقى چىقىپ كەتكەن چىۋىن يەنە ئۇچۇپ يۈرىدۇ؟› دەپ ئەڭ ئاخىرى ئۇنىڭ ئىممۇنىت جەۋھىرىنى ئېلىپ دورا ياساپ پۈتۈن دۇنياغا ساتقان خەق ئەمەسما، تېخى ئۇ دورىنى ‹ئۇزۇن ئۆمۈر كۆررۈشنى ئارزۇ قىلغۇچىلارنىڭ شىپالىق دورىسى› دەپ ئاتىۋاپتىمۇ نىمە ، ئىش قىلىپ ، ياپونلار بۇ مىغىلدىشىپ يۈرگەن قۇرۇتلارنى كۆرسە، بولۇپمۇ دورا چاچسىمۇ ئۆلمەي قالغان قۇرۇتلارنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىسا بىزنىڭ بۇ قۇرۇتلىرىمىزدىمۇ ئاجايىپ سىرلىق ئىممۇنت دورىسى ياسىۋالغان بولاتتى –دە
-ھەي ئالجىماڭلار دەيمەن ، نەدە بىر ئەپ قاچتى گەپلەرگە ئىشىنىدىكەنسىلەر ، نەدە شۇنداق ئىش باركەن ؟ چىۋىندىن ئىممۇنىت دورىسى ياساپتۇ دىگىنىنى قاراڭلار بۇلارنىڭ …
- بۇ قۇرۇتلارنىڭ پەيدا بولىشىنىڭمۇ مەلۇم ئىلمىي داۋلىسى بار ، ھەممىسى شۇ چىملىقنىڭ ئىشى، ئەگەر گۈللۈكنى بۇزۇپ ئەسكى توپىلار بىلەن تىندۇرمىغان بولسا،بۇ پالاكەتچىلىك بولمايتتى،ئۇلار توپا دەپ ئەكەلگەن نەرسىلەرنىڭ ئارىسىدا ھەرخىل ئەخلەت چىرىندىلار، ھەتتا گەندىلەر بار، پاكىزە كۆرۈنگەن توپىلار بولسا شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى 150- 200 يىللىق كونا ئۆيلەرنىڭ توپىلىرى، ئۇلاردىكى خېمىيەلىك بېرىكمىلەر بىرلىشىپ ئاخىرى قۇرۇتلارنى ھاسىل قىلغان گەپ...
كۆپچىلىكنىڭ پىكىرى ئاساسەن ئاشۇ تىندۇرغان كونا توپىغا مەركەزلەشتى. لېكىن ھېچىكىممۇ رەھبەرلىككە قۇرۇتلارنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ھەققىدىكى ئىلمىي پەرەزلىرىنى ئىنكاس قىلالمايتى. چۈنكى يېڭىدىن بەرپا قىلىنغان ياپ- يېشىل ياشىرىپ تۇرىدىغان بۇ گۈزەل چىملىقتا بىرمۇ قۇرۇت پەيدا بولمىغانئىدى، چىملىقتىن باشقا ھەممە يەردە ئۆسۈملۈك ۋە دەل-دەرەخلەردە قۇرۇت بار ئېدى.
ئاۋغۇست يېتىپ كەلدى ، ئەشۇ چىرايلىق يېشىل چىملىقتىن باشقا ئىدارىدا يوپۇرماق تامامەن يىيىلىپ تۈگىگەن ئىدى. ئەمما ، خۇداغا شۈكرى، قېتىم- قېتىملاپ چېچىلغان دورا تەسىر قىلدىمۇ ياكى قۇرۇتلار ئوزۇقلىنىدىغان يوپۇرماقلارنىڭ ھەممىسى يىيىلىپ بولۇنغاچقىمۇ ئىش قىلىپ قۇرۇتلارنىڭ سانى بارا- بارا كېمىيپ بارغاندەك قىلاتتى. ئەمما باشمالتاقتەك چوڭلۇقتىكى قۇرۇتلارنىڭ دەرەخ غوللىرىدا، شاخ ئۇچلىرىىدا يول قىرلىرىدا نىمىنىدۇر تەكشۈرىۋاتقاندەك ئاستا بېغىرلاپ ئېغىر بېسىقلىق بىلەن مېڭىپ يۈرگەنلىكىنى ھەر ۋاقىت كۆرگىلى بولاتتى. قۇرۇتلارنىڭ كۆپىنچىلىرى يەر يۈزىگە چۈشىۋالغان بولۇپ سەل ئاۋايلىمىسلا دەسسلىپ كېتەتتى. كىچىك قۇرۇتلارنى دەسسىۋېلىش ھېچ گەپ تۇيۇلمىغان بىلەن چوڭ قۇريتلارنى دەسسىۋالغاندا ئادەم ھەقىقىتەنمۇ ئوڭايسىزلىناتتى، شۇنچە ئاۋايلىساقمۇ ئۇيەر، بۇيەردە قۇرۇتلارنىڭ جەسىتى سوزۇلۇپ ياتقانلىقىنى كۆرۈپ قالاتتۇق. بىراق ئۈستىمىزدىن ئارغامچا ئويناپ چۈشىدىغان قۇرۇتلارنىڭ چاچلىرىمىزغا، دولىلىرىمىزغا، پىشانىلىرىمىزغا چاپلىشىۋالمايدىغان بولغانلىقىدىن ھەر- ھالدا مەمنۇن ئىدۇق. يىغىن زالىغا ماڭغاندا، ئۇياق-بۇياققا ئالدىراپ ئىش بىجىرگىلى ماڭغاندا سەل دىققەت قىلساقلا خاتىرجەم ماڭالايتۇق،شۇ. تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىقى رېدىلەرنىڭ قاپقارا يوپۇرماقلىرى، چىنار دەرىخىنىڭ يوغان-يوغان يەلپۈگۈچتەك يوپۇرماقلىرى، يىڭىدىن قويۇلغان تۇخۇمەك دەرىخىنىڭ يوپۇرماقلىرىدىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى. داۋۇ- دەرەخلەر خۇددى 1-ئايدىكى ئۈششۈك مەۋسۇمىدەك داردىيىپ تۇراتتى .
تىلىگەنگە بېرىپتۇ دىگەندەك، ئىدارىمىزدىكى بەزى دەرەخلەر ئاۋغۇسىت ئايلىرىنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن كېيىنلا يېڭىدىن يوپۇرماق چىقىرىشقا باشلىدى، قۇرۇپ قالغان، شۈمشىيىپ قاغدالما بولۇپ قالغان دەرەخلەرمۇ خېلى كۆپ بولدى . لېكىن ئەھۋالنى ھەر ھالدا ياخشى بولدى دىيىشكە بولاتتى. يامغۇر ياققان كۈنلەردە ، سۇ چېچىش ماشىنىلىرى سۇ چېچىپ ئايلىنىپ ئۆتكەنلىرىدە ، يەنە ھېلىقى دىماغنى ئېچىشتۈرىدىغان سېسىق پۇراق قايتىدىن پەيدا بولۇپ نەپەسلەرگە ئۇرۇلاتتى، قايتا-قايتا يۆتۈلۈپ كېتەتتۇق،
ئۇزۇن قۇلاقلاردىن مەلۇم بولىشىچە ئىدارە باشلىقى يىغىن زالىدا قۇرۇتتىن قورقۇپ شۇ قاڭقىپ كەتكەنچە ئۇرنىدىن تۇرالماپتۇ. ئۇنى ئەڭ ئالى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلاردىكى پىشقان ، تەجرىبىلىك دوختۇرلار كۆرۈپ داۋالاپتۇ. قايسىدۇ بىر چوڭ دوختۇرخانىدىكى بىر مۇتەخەسىس دوختۇر ئۇنىڭغا ‹ئۆپكىىسىدە خالتىلىق قۇرۇت بار›، دەپ دىئاگىنوز قويغانكەن، قوۋۇرغىسىنى سۇندۇرۇپ ئوپىراتسىيە قىلىپ ئېلىۋەتكەندىلا ساقايتقىلى بولارمىش ،لېكىن ئۇرۇق- تۇققانلىرى ‹ئىمكانىيەت بولسا سۇندۇرماي داۋالىتىمىز…› دىيىشىپ نۇرغۇن دوختۇرخانىلارغا قاتراپ بېقىپتۇ ، ئىلاجى بولماپتۇ.
بىر كۈنى ئۇنى ھەممەيلەن يوقلاپ باردۇق، ئۇ بىمارلار كىيىدىغان يوللۇق كىيىم كىيىۋالغان بولۇپ، ئاپئاق كىرلىك قاپلانغان يوتقاندا ئېغىر-ئېغىر نەپەس ئېلىپ ياتاتتى،بىر كۆرۈپلا ناھايىتى قورقۇپ كەتتىم.كېسەل ئازاۋىدىنمۇ ئەيتاۋۇر ئۇنىڭ چىرايى كۆكۈ رەڭگە كىرىپ قالغان بولۇپ ،يوللۇق كىيىم ئىچىدە كۆزۈمگە غەلىتىلا كۆرۈنۈپ كەتتى، ئەمما زەن سېلىپ قارىغاندىن كىيىن ئۇنىڭ ئىدارىمىزنىڭ باشلىقى ئىكەنلىكىگە جەزىم قىلدىم .


يېڭى يوپۇرماق باشقا تېمىلار
يېڭى يوپۇرماق(1)يېڭى يوپۇرماق(2)يېڭى يوپۇرماق(3)يېڭى يوپۇرماق(4)يېڭى يوپۇرماق(5)
يېڭى يوپۇرماق(6)يېڭى يوپۇرماق(7)