باش بەت / ساقلايمەن

قىسمەتلەر (7)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-17 08:35 | ئاپتور: سائادەت ساتتار | مەنبە: ئىجادىيەت | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

    مىھرىگۈلنىڭ پۇرىتىشى بىلەن مۇخپۇلنىڭ يۈرىكىنى چۈشەنگەن قاسىمئاخۇن ئاكا باشتا ھەيرانلىق بىلەن سەل دىلىغۇل بولغان بولسىمۇ كىيىن بۇ ئىشنى توغرا تاپتى.ئۇلار مەسلىھەتلىشىپ توي قىلغاندىن كىيىنمۇ داۋاملىق مۇشۇ قورودا بىللە تۇرۇش نىيىتىگە كىلىپ ھويلا ئىچىگە يەنە ئىككى ئېغىز ھوجرا ئۆي سېلىش ئۈچۈن تەييارلىقنى باشلىدى.يازنىڭ تۇمۇز ئىسسىق كۈنلىرىنىڭ بىرىدە بۇلار ئاددىلا قازان ئېسىپ نىكاھسىنى ئوقۇتۇپ باش قوشۇشتى.ئاۋالقى تۇيىدىكى تىلىكى بۇ قېتىم ئەمەلگە ئاشقان توختىگۈل مىھرىگۈلنىڭ يانداشلىقىدا چىرايلىق ياسىنىپ سەھەردىكى ھەشقىپىچەكتىن ئېچىلىپ يىڭى تۇرمۇشقا قەدەم قويدى.
    بۇرۇنقى يارا ئېغىزلىرى بارا-بارا ساقىيىشقا باشلىغان توختىگۈل ھەقىقى بەختنىڭ نىمىلىكىنى تولۇق ھىس قىلغان،قاسىمئاخۇن ئاكا ۋە مىھرىگۈللەر ئۇلارنىڭ بەختىدىن سۈيۈنۈپ،خاتىرجەم بولۇشقان كۈنلەر ئۇزۇنغا بارمىدى.
    تېخى شىرىن ئاينىڭ قۇچىقىدىكى ھوزۇرغا قېنىشماي تۇرۇپلا ئۇلارنىڭ بېشىغا كۈلپەتلەر ياغقىلى تۇردى.
    ‹‹مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى››باشلاندى. مەھەللىدىكى ياشلار ئىككىگە بۆلۈنۈشۈپ ئىككى تەرەپ بولۇپ ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ ھەممە يەرلەرنى ئاختۇراتتى. قۇرئان، كىتاپ دىگەنلەر چىققانلىكى ئۆيدىكىلەرنىڭ بېشىغا چاخماق چۈشەتتى.شۇ قاتاردا بىرمۇنچە قىزىل يەڭ بەلگىسى تاقىۋالغانلارغا باش بولۇپ كىرگەن مەخمۇت توخۇ قاسىمئاخۇن ئاكىنى ‹‹چەتنىڭ مەدىنىيىتىگە ئىشەنگەن،ئۆيىدە قۇرئان ۋە ھەرخىل ئىدىيىنى چىرىتقۇچى كىتاپلارنى ساقلىغان››دىگەن گۇناھ بىلەن،مۇخپۇلنى‹‹ئۆيلۈك ئايالنىڭ ئۆيىنى غەرەزلىك بۇزۇپ نىكاھىغا ئالغان››دىگەن گۇناھلار بىلەن ‹‹پىپەن››مەيدانىغا سۆرەپ چىقىپ ،باشلىرىغا گېزىتتىن ياسالغان ئۇزۇن قالپاقلارنى كىيگۈزۈپ سازايى قىلدى،قىيىن-قىستاققا ئالدى.ئۈچ كېچە-كۈندۈز ئېسىپ قويۇلۇپ سوراققا تارتىلغان قاسىمئاخۇن ئاكا ۋە مۇخپۇل ھالسىزلىنىپ ھوشىدىن كەتتى.باغلاقتىن يىشىلىپ،سۇلار چېچىلىپ ھوشىغا كەلتۈرۈلگەندىن كىيىن يەنە كوچىغا يالاپ ئەچىقىپ سازايى قىلىنىپ سۆرەپ مېڭىلدى،چالما-كېسەكلەر توختىماستىن تىگىپ ماڭغۇدەك ھالى قالماي يىقىلىپ قالغاندا قاسىمئاخۇن ئاكا ئۆيىگە قايتۇرۇلدى.‹‹ماۋجۇشى ئۈزۈندىلىرى››نى ۋايىغا يەتكۈزۈپ يادلاپ بېرىپ بۇ قىيىن-قىستاق ۋە تەن جازاسى ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ كەتكەن مىھرىگۇل ۋە توختىگۈل ‹‹ئىستىلىدا مەسىلە بار››دىگەن گۇناھ بىلەن يۈرەك باغرى قان ھالدا ئېغىر ئەمگەك بىلەن جازالىنىۋاتاتتى.قاسىمئاخۇن ئاكا قاتتىق تاياق ۋە روھى بېسىم،خورلۇقنىڭ تەسىرىدىن شۇ يىقىلغانچە ئۆرە بولالماي بۇ ئاجىزەلەرنى زار-زار يىغلىتىپ ئۇ ئالەمگە كىتىپ قالدى.ئارقىدىنلا سەمەت ۋە مەخمۇت توخۇلارنىڭ قەستەن پۇتاق چىقىرىپ قايتا-قايتا قىينىشى ۋە ئاچلىقتىن بىر تېرە-بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان مۇخپۇل كەنتتىكىلەر ئوپچە ‹‹پىپەن››قىلىۋاتقان نەق مەيداندا يىقىلغىنىچە ئورنىدىن قايتا تۇرالماي بۇ ئالەمدىن ۋىدالاشتى. 
    مىھرىگۈل ۋە توختىگۈللەر بۇ رەھىمسىز رىئاللىقنى قوبۇل قىلالماي ،يالغۇز،غېرىپ،مۇڭلۇق....كۈلبىسىدە بىر-بىرىگە ئېسىلىشىپ يىغلاشتى. بېسىمنىڭ كۈچلۈكى يەنىلا ئۆز ۋاقتىدا بېشىنى سىلىغان،بارلىقىنى ئاتىغان سەمەتدىن كىلىۋاتقىنى توختىگۈلنىڭ جان-جېنىدىن ئۆتەتتى،ئۇنىڭغا خوتۇن بولغانلىقىنى ئويلىسىلا يىرگىنىپ سەسكىنىپ كىتەتتى. مەخمۇت توخۇمۇ ئۆزۋاقتىدىكى‹‹قوساق كۈپىگى››نى مىھرىگۈلدىن ئوبدانلا چىقىرىۋاتاتتى.مەكتەپنىڭ تاقىلىشى،ئىنقىلاپنىڭ باشلىنىشى ئۇنىڭغا مىھرىگۈلدىن ئۆچ ئېلىش پۇرسىتىنى يارىتىپ بەرگەن ئىدى.سەمەت ئەينى چاغدا ئۆزى خارلاپ تاشلىۋەتكەن بولسىمۇ يەنىلا توختىگۈلنىڭ مۇخپۇل بىلەن بىرگە بولىشى ئىچىنى ئېچىشتۇرۇپ،خام نەشىنى چىكىۋالغاندا خىياللىرىغا يالىتتىدە‹‹مەن بىلەن بىرگە چاغدىمۇ ئىشى بار بولغۇيمىتىيە بۇ ئىككى مۇناپىقنىڭ››دىگەندەك گۇمانلارنى قىلغان ۋە مەھەللە كويدا قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ يۈرۈش ئۈچۈن قەددىنى رۇسلاپ‹‹ئۆز ۋاقتىدىلا بۇ ئىككىسىنىڭ چاتىقى بارلىقىنى بىلىپ شۇڭا ئۈچ تالاق قىلغانمەن. كۆرگەنسىلەر مانا ئۆزلىرىنى ئاشكارىلىدىغۇ››دەپ كۆرەڭلەپ يۈرگەن ئىدى.ئۆزى بولسا بىر ئۆمۈر يا ئايشەمگۈلدىن قۇتۇلالماي يا مەھەللە-كويدىكىلەر ئالدىدا ھەقلەپ-نىكاھلاپ ئېلىشقا پېتىنالماي ئاشۇنداق بويتاق پېتى ئۆتۈپ كىتىۋاتاتتى.ئىنقىلاپ باشلىنىپ بۇنىڭدەك قۇرۇق ئاكتىپ،زومىگەر‹‹نوچى››لارغا بۇرۇنقى ‹‹چىشىغا تەكگەن››لىرىدىن راسا باپلاپ ئۆچ ئېلىش پۇرسىتىنى يارىتىپ بەرگەن ئىدى ‹‹ئادەم بالىسىنى باقساڭ ئاغزى-بۇرنۇڭنى قان ئىتەر،ھايۋان بالىسىنى باقساڭ ئاغزى-بۇرنۇڭنى ياغ ئىتەر››دىگەنگە ئوخشاش ئۇ تۇنجى تىغ ئۇچىنى قاسىمئاخۇن ئاكىلارنىڭ ئۆيىگە قاراتقان ۋە تېرەكتەك ئىككى ئەرنىڭ بېشىغا چىقىپ خېلىلا يىنىكلەپ قالغان،توختىگۈل مىھرىگۈللەرنى كۆرسە‹‹غوجاكاڭنى كۆرۈپ قويۇشقانسەن؟››دەپ كۆرەڭلەپ كىتىۋاتقان ئىدى.ئاھۇ-زارغا،ئېغىر مۇسىبەتكە ۋە ئاچچىق ئازاپلارغا تولغان بۇ كۈنلەردە ئۆزلىرىنى ئۇنتۇغان ھالدا روھسىز،ئىپادىسىز ياشاۋاتقان بۇ ئىككى ئاجىز يۈرەك،بىرسى يىقىلسا بىرسى يۆلەپ ئارانلا كۈن ئۆتكۈزىۋاتقان مۇشۇ مەزگىلدە توختىگۈل ئۆزىنىڭ بەدىنىدىكى غەيرى ئالامەتلەرنى بايقاپ شۇنداق سۈيۈندىكى،خۇددى بۇ بالىنى تۇغسىلا بۇ دۇنيادىن كەتكەنلەرنىڭ ھەممىسى قايتىپ كىلىدىغاندەك،ھەممە ئازاپ-ئوقۇبەتلىرى بالا بىلەن تەڭ تۆكۈلۈپ كىتىدىغاندەك ئۈمىتلەندى.
    -ئاھ جېنىم توختىگۈل،!-دەپ ۋاقىرىۋەتتى مىھرىگۈل خوشاللىقتا،-بىز يەنىلا يالغۇز قالماپتۇق،ئۇلۇغ اللاھ ئىگەمنىڭ بىزگە رەھمى كەپتۇ .ئۇ بىزگە يەنە ئۈمىت ئاتا قىپتۇ.
    ئۇلار ياش ۋە كىچىككىنە تەبەسسۇم قېتىپ قالغان كۆزلىرىنى ئاشۇ كەلگۈسى مىھماننى كۈتۈش بىلەن ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى.
    كۈز ئايلىرىنىڭ شىۋىرغانلىق بىر كېچىسى كەچتە كەنت يىغىن زالىدىكى قىيىن-قىستاق،سوراقلارنى تۈگۈتۈپ ئۆيگە كەلگەن بۇ ئىككى ئاجىزە جانسىز تەنلىرىنى كاڭ ئۈستىگە ئارانلا تاشلاپ ھاسىراپ تورۇسقا قاراپ ياتاتتى،ئىشىك ئەنسىز قېقىلدى.ئىككىيلەن چۆچۈپ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ ئىشىك تۈۋىگە باردى.
    -كىم؟-دەپ سورىدى بوش ئاۋازدا مىھرىگۈل.
    -كىم بولاتتۇق بىز بولماي ئېچىشە ئىشىكنى –دەپ سەت كاكىرىدى مەخمۇت توخۇ،-بىرسى ئۆيۈڭلەرگە بىر ئەركىشىنىڭ كىرىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ ئىنكاس قىلدى.ئۆي ئاقتۇرىمىز بولىشە يېلى بىكار تېپىپ چېقىۋەتمەي ما ئىشىكىڭنى!
    مىھرىگۈل يەنە نىمە قىسمەتنىڭ قارا سايىسىنىڭ باشلىرىغا يېقىنلاۋاتقانلىقىنى سىزىپ تىترەپ كەتكەن قوللىرى بىلەن ئىشىكنى ئاچتى.
    ئىشىك ئالدىدا مەخمۇت بىلەن سەمەت ھۈرپىيىشكىنىچە تۇراتتى.
    ‹‹ئەجەپ ئىككىسىلا كەپتا؟››دىگەن سۇئال يالىتتىدە قىلىپ ئۆتكەن توختىگۈل ئۇلارغا ئاچچىق بىر نەپرەتلىك نەزەر تاشلاپلا باشقا ياققا قاراپ تۇرىۋالدى.
    ‹‹ئەرسى گەندەن››بولمىساق ئاچمايتىڭلار ھە بۇ ئىشكنى؟دەپ سەت ھىجايدى مەخمۇت مىھرىگۈلنىڭ ئىڭىكىنى كۆتۈرۈپ قويۇپ. 
    -ئاقتۇرساڭلار مانا ئۆي ئاقتۇرۇڭلار،-دىدى مىھرىگۈل ئىڭىكىنى ئېلىپ قاچقاچ.
    -ۋاي ئەمدى قېرىپ ماكچىيىپ قالغاندىمۇ نىمە ھال سىزگە؟-دىدى مەخمۇت مەنسىتمەسلىك بىلەن ھۆكىرەپ.-ئۆزۋاقتىدا ماڭا تەككەن بولسىڭىز تۇلمۇ قالمايتىڭىز، ساراڭمۇ بوپ قالمايتىڭىز، مۇشۇنداق قىيىنچىلىقىمۇ قالمايتىڭىز ئەمەسمۇ؟
    ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن يىرگىنىپ يىنىك تىترەپ كىتىۋاتقان مىھرىگۈل مىڭبىر تەستە ئۆزىنى بېسىپ تۇراتتى.
    كاڭنىڭ لىۋىدە پۇتلىرىنى ئالماپ ئولتۇرۇپ موخۇركىسىنى كۈچەپ شورىغىنىچە توختىگۈلگە غەزەپ بىلەن سەپسېلىپ ئولتۇرغان سەمەت ئۇنىڭ قوسىقى يوغىنىغاندىن بۇيان ئىچىنى مىڭ ھەرە چېقىپ ئارام بەرمەي، ئۆلتۈرۈپمۇ قۇتۇلالمىغان كۇشەندىسى مۇخپۇلنىڭ يىلتىزىنى قانداق يوقىتىش ھەققىدە كېچە-كۈندۈز ئويلاندۇرغان ئىدى.
    -ما قوساقلىرىدىكى كىمنىڭ بالىسى؟!-دىدى ئۇ ئاخىر چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ تۇرۇپ.
    -ھالاللاپ تەككەن ئېرىم مۇخپۇلنىڭ،-دەپ جاۋاپ بەردى توختىگۈل زەردە بىلەن. بۇ جاۋاپ سەمەتنىڭ ئىڭىكىگە بىر مۇش تەككەندەكلا ئاڭلاندى.
    -ئېرىڭ ئۆلگىلى نەچچە ئاي بولدى؟
    -6ئاي.
    -ئالتە ئايلىق بولغان قوساق مۇشتاق كىچىك بولامدا؟ - دىدى سەمەت ئۇنىڭ قوسىقىغا قول ئۇزارتىپ. 
    -قولۇڭنى تارت!-دەپ ۋاقىرىدى توختىگۈل،-بۇ بالا مۇخپۇلنىڭ. ئىشەنمىسەڭ تۇغۇلغان چېغىدا ھىساپلاپ باقساڭ بولىدۇ، لېكىن ئاۋۇ مەينەت قولۇڭنى بالامغا تەككۈزگۈچى بولما!
    مۇخپۇل چۆچۈپ كەتتى، بۇ كۈنلەردە بۇنىڭغا بۇنداق ۋاقىراش تۈگۈل ئۈلۈكرەك تىنىشقىمۇ ھىچكىم پېتىنالمايتتى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپلا ئوچاق ئالدىدا چالا كۈيۈپ تۇرغۇن چۈچۈلىدىن بىرنى ئېلىپ توختىگۈلگە دېۋەيلەپ كەلدى.
    -ۋۇ پاسكىنا مۇناپىق! ماڭا تىل تەككۈزگۈچى بولدۇڭمۇ بۈگۈن قورسىقىڭدىكى بالىنى تىرىك سۇغۇرىۋالمايدىغان بولسام...
    -قۇلۇڭنى تارت! - مىھرىگۈل شۇنداق دىگىنىچە سەمەتكە ئېتىلدى. بۇ ئاجىزەنىڭ تېنىگە يىغىلغان ئاخىرقى كۈچى سەمەتنى چوماق بىلەن قۇشۇپ تىگىگە بېسىۋالدى. سەمەت ئۇنى ئىتتىرىپ بىرلا ئۆرۈلۈپ تىگىگە بېسىۋېلىپ گېلىنى قاماللاپ چىڭ سىقتى.
    توختىگۈل سەمەتنىڭ چاڭگىلىدا جان تالىشىۋاتقان مىھرىگۈلنى ئاجرىتىۋېلىش ئۈچۈن سەمەتنى ھەرقانچە كۈچەپمۇ بوشىتالمايۋاتقاندا مەخمۇت كىلىپ توختىگۈلنى تارتىۋىدى توختىگۈل مەخمۇتنىڭ بىلىكىنى جان-جەھلى بىلەن چىشلەپ بىر پارچە گۆشىنى ئۈزىۋالدى.ئاغرىققا چىدىيالماي قالغان مەخمۇت مۇشت بىلەن قىزنىڭ يۈزىگە كۈچەپ بىرنى سېلىۋىدى،توختىگۈل قاڭقىپ بېرىپ بېشى ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىكى تۆۋرۈككە تىگىپ يىقىلدى.
    ئەسەبىيلەشكەن مەخمۇت يۈگۈرەپ كىلىپ ھوشسىز ياتقان توختىگۈلنى نەچچىنى تەپتى.ئۇ كاڭ ئۈستىدىكى داستىخاندىن بىر پارچە يىرتىپ قولىدىكى قاننى تېڭىپ توختىتىپ بولۇپ تېخىچىلا مىھرىگۈلنىڭ گېلىنى سىقىۋاتقان سەمەتكە قاراپ چۆچۈپ ۋاقىرىدى.
    -بولدى ئاداشوي ۆلتۈرۈپ قويدۇڭلىمۇ نىمە ئۇنى؟ - شۇندىلا سەمەت قوللىرىنى بوشىتىپ ئۇنىڭ قانسىز چىرايىغا قاراپ ئەندىكىپ ئۆزىنى تالاغا ئاتتى. 
    تاڭ سەھەردە ھوشىغا كەلگەن توختىگۈل كۆزىنى ئېچىپلا يوتىلىرى ئارىسىدىن ئېقىۋاتقان قىپقىزىل قاننى ۋە تىنىقى توختاپ قالغان قەدىردان ئۇستازىنى كۆردى.


خاتىمە


    خىيال مۇشۇ يەرگە كەلگەندە موماي ئېغىر ئۇھسىنىپ ئورنىدىن تۇرۇپ ياشلىرىنى سۈرتۈپ باغ تەرەپكە ماڭدى.ئۇ باغنىڭ خىلۋەت بولۇڭىدىكى ئەينى چاغدا كىتاپلىرى كۆيدۈرۈلگەندە تۇيدۇرماي ئەچىقىپ كۆمۈپ قويغان مىھرىگۈلنىڭ ۋە مۇخپۇلنىڭ يازغان خاتىرەلىرىنى قوللىرى بىلەن ئاۋايلاپ كولاپ ئېلىپ ئىھتىيات بىلەن سۈرتۈپ ئۆزىگە تۇنۇش ھىدلار سىڭدۈرۈلگەن قۇرلارغا يۈزلىرىنى ياقتى.
    مىھرىگۈلنىڭ پەرھات ھەققىدىكى ساپ مۇھەببەت ھىسلىرى، ئۇنىڭدىن ئايرىلغاندىكى قارا ھىجرانلىق نىدالىرى.مۇخپۇلنىڭ 17 يېشىدىن تاكى ئۆلۈپ كەتكۈچە ئارلىقتىكى توختىگۈل ھەققىدىكى ئۆزگەرمەس ساپ ئەقىدىسى...پۈتۈلگەن خاتىرەلەر توختىگۈلنىڭ بىردىن بىر ھەمراھلىرى ۋە تەسەللىلىرى ئىدى.
    ئوقۇرمەنلەر مەخمۇت ۋە سەمەتلەرنىڭ كىيىنكى تەغدىرىنى بىلىشكە ھەقلىقتۇر بەلكىم: شۇ كۈنىدىن كىيىن ئۇ ئىككىسىنى مەھەللىدە ھىچكىم كۆرمىدى. بەزىلەر: مەخمۇت بىلەن سەمەت (چۇەنلىيەن)قىلىپ قىزىللارغا ئەگىشىپ پىيادە بېيجىڭغا كىتىپتىكەن،قايتىشىدا ئاچلىقتىن ئۆلۈپتۇ دىيىشسە، يەنە بەزىلەر: ئىككىسى بېيجىڭغا بارماستىلا بىر چۆللۈكتە بىللە ماڭغانلاردىن ئايرىلىپ ئېزىپ قالغانچە يوقاپ كىتىپتىمىش.دىيىشتى.

تامام!


قىسمەتلەر باشقا تېمىلار
قىسمەتلەر (1)قىسمەتلەر (2)قىسمەتلەر (3)قىسمەتلەر (4)قىسمەتلەر (5)
قىسمەتلەر (6)قىسمەتلەر (7)