باش بەت / ساقلايمەن

قىسمەتلەر (2)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-17 08:28 | ئاپتور: سائادەت ساتتار | مەنبە: ئىجادىيەت | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

    قۇرئان يىزىقىنى بىلگىنىدىنمۇ ئەيتاۋۇر بۇ قىز سىنىپ بويىنچە ئالدىنقى 1-لىكنى قولدىن بەرمەي ئۇقۇتقۇچىلىرىنى سۈيۈندۈرۈپ ئوقۇشقا باشلىدى.ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار بىردەك تىزىملانغاچقا سىنىپتىكىلەرنىڭ يېشىدىمۇ ئالاھىدە پەرقلەر بار بولۇپ چوڭى ئوننەچچە ياش كىچىكى5-6 ياشلاردىكى بالىلار ئىدى.
    ئانىسىمۇ ئۇنى بىرەر ئايدەك ئاپىرىپ-ئەكىلىپ يۈرگەندىن كىيىن خاتىرجەم يالغۇز ئۇزىتىپ قالىدىغان بولدى.
    ناھىيە مەركىزىدىن بۇ يەرگە ئۇقۇتقۇچىلىققا تەقسىملەنگەن ،تېخى 20 ياشقىمۇ توشمىغان مىھرىگۈل مۇئەللىم بۇ يەرنىڭ مۇھىتىغا ئانچە كۆنەلمىگەن بولسىمۇ ئۇقۇغۇچىلىرىغا بەكمۇ كۈيىنەتتى،ئۇلار بىلەن تەڭ كىچىك بالىلاردەك ئويناپ كىتەتتى. بىكار بولسىلا ئىشخانىسىدىن چىقماي كىتاب كۆرىدىغان بۇ چىرايلىق مۇئەللىمگە ھەۋەسلەنگەن توختىگۈلمۇ بىكار چاغلىرىدا ئۇنىڭ زورلىشى بىلەن كىچىك بولسىمۇ پاكىز،رەتلىك سەرەمجانلاشتۇرۇلغان ياتىقىغا كىرىپ بىللە كىتاب كۆرەتتى،مۇڭدىشاتتى.ئاتا-ئانىلىرىدىن جاۋاپ ئالالمىغان،كىچىككىنە كاللىسىدىكى نۇرغۇن چۈشىنىكسىز سۇئاللارنى مۇئەللىمىدىن توختىماي سورايتتى.مۇئەللىمنىڭ بەزى جاۋاپلىرىدىن قانائەتلەنگەندەك قىلغىنى بىلەن تازا چۈشىنىپ كىتەلمەي گاڭگىراپ قالاتتى.
    مىھرىگۈلمۇ مۇشۇنىڭدەك بىر ئەقىللىق،سەمىمى...ھەمرايىنىڭ بولغىنىدىن سۈيۈنۈش ئىچىدە ئۇنىڭ ئوقىشىغا ۋە تۈرلۈك قىزىقىش سۇئاللىرىغا كۈچىنىڭ يىتىشىچە ياردەم قىلاتتى.توختىگۈلنىڭ ئانىسى مايسىخان قىزىغا پات-پات مۇئەللىمنى باشلاپ كىلىشنى تاپىلاپ تۇرغاچقا ئۇلار خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن،ئىجىل بۇلۇشۇپ كەتكەن ئىدى. 
    ئۇ ئۇقۇتقۇچىسىنىڭ ياتىقىدىكى كىتابلارنى قىزىقىش ۋە ئوتتەك قىزغىن ھەۋەس بىلەن ئوقۇيتتى.
    ئۇ قىزىقاتتى ئەمما چۈشىنەلمەيتتى.
    ئوقۇيتتى ئەمما ئۆزى بىلمەيدىغان نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلاتتى.
    ئەينى چاغدا مەكتەپتە تۆت خىل دەرس ئۆتىلەتتى 3 لا ئوقۇتقۇچى بار ئىدى.سىنىپ مەسئۇلى مىھرىگۈل مۇئەللىمدىن سىرت ئىككى ئوقۇتقۇچى ئەر-ئايال بولۇپ بىللە بۇ يەرگە خىزمەتكە چۈشۈپ ئۆيىنىمۇ مۇشۇ يەردىن تۇتۇشقان ئىدى.
    مەكتەپ مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ئەر ماتىماتىكا دەرسىنى،ئايالى تەبىئەت دەرسىنى ئۆتەتتى.ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىسى كۆپ گەپ خۇشلىمايدىغان،قاپىقى يامان،قوپال كىشى بولۇپ ئايالى ئۇنىڭ ئەكسىچە ئوچۇق-يورۇق،گەپكە ماھىر،چىقىشقاق،چىرايلىقلا ئايال ئىدى. 
    مايسىخان ئانا قىزىنىڭ بۇ ئوقۇتقۇچىلىرىنى بەكمۇ ھۆرمەيلەيتى،قىزى ئۇلارنى ئۆيگە تاماققا ئەكەلمەكچى بولغان كۈنى تەمتىرەپ يۈرۈپ ياخشىراق تاماق ئېتىپ،مىۋە-چىۋىلەرنى پىششىق-توڭ دىمەي ئۈزۈپ پايپېتەك بولۇپ كىتەتتى. قايتاشىدا سەي-كۆكتات،مىۋە-چىۋە،ئوسما،يىلىم....ئىشقىلىپ تاپالىغانلىكى نەرسىلىرىنى ئۇلارنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي كۆتۈرگۈزۈپ قوياتتى.
    -كىشىنىڭ يۇرتىغا كىلىپ كۆنمەكمۇ،سىڭمەكمۇ ئاسان گەپ ئەمەس.-دەيتتى موماي ئۇلارنى ئۇزىتىپ كىرگەچ.ئۇنىڭ نەزىرىدە بىر ئاش پىشىمدا بارغىلى بولىدىغانلا يەرلەر(ئۆزگىنىڭ يۇرتى)ھىساپلىناتتى.-ئەينى يىلى مەن سىلىگە تېگىپ مۇشۇ مەھەللىگە كەلگەندىمۇ شۇنچە غېرىپسىنىپ،يىتىرقىغان،تەلىيىمگە سىلە كۆڭلۈمنى ئاياپ،خوشنا-خۇلۇم مەھەللە كويلار ھۆرمىتىمنى قىلىپ يىتىملىكىمنى، يالغۇزلۇقۇمنى، مۇساپىرلىقىمنى چاندۇرماي ئارىغا ئېلىپ شۇنچە يىل ئۆتۈپ كەتتى.قىزبالا دىگەننىڭ يۇرتى يوق دەپ،مۇشۇ تىكەندەك قىزىمنىڭ رىزقى يىراقلارغا چېچىلىپ كەتمىسىلا بولاتتىغۇ.-دەپ توختىگۈلنىڭ بېشىنى سىلاپ مۇڭلىنىپ ئولتۇرۇپ كىتەتتى.
    توختىگۈل 3-يىللىققا چىققان يىلى مەكتەپكە ناھىيەدىن تەنتەربىيە ئۇقۇتقۇچىلىقىغا بويلىرى ئىگىز،بۇرۇتى ئەمدىلا خەت تارتقان،خۇشخۇي بىر يىگىت خىزمەتكە تەقسىم قىلىندى.
    ئاقكۆڭۈل،سەمىمى،مىھماندوست دېھقانلار ،سەبى،گۆدەك ئۇقۇغۇچىلارمۇ تېزلا بۇ ياش ئوقۇتقۇچىنى ياقتۇرۇپ قالغانىدى.يېزىدىكىلەرنىڭ نەزىرىدە(قېرى قىز)ئاتىلىپ كىلىۋاتقان مىھرىگۈل مۇئەللىمنىڭ بۇ يىگىتكە قانداقتۇر باغلىنىپ قېلىشىنى كۈزىتىشىپ ئۆزلىرىچە تىڭ-تىڭلاپ گەپ توقۇپ يۈرۈيدىغانلارمۇ ئەلۋەتتە يوق ئەمەس ئىدى.
    بۇ ئىشلارنى ئالدىن پەرەز قىلىپ ئۈلگۈرگەن سەزگۈر- سەگەك مىھرىگۈل بۇ يىڭى ئوقۇتقۇچىدىن ئۆزىنى تارتاتتى.گەپ-سۆز،مېڭىش-تۇرۇشلىرىدىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىپ ئارىلىق ساقلايتى.
    جۈمە كۈنى كەچلىك تاماقنى بىرگە يەپ بولغاندىن كىيىن مايسىخان موماي مىھرىگۈلنىڭ چېچىغا يىلىم چاپقاچ ئولتۇرۇپ ئېغىز ئاچتى:
    -قىزىم سىز ئۆز قىزىمىزغا ئوخشاش،ھەرنىمە ئىش بولسا بار مەسلىھەت قىلىمىز.مەن يالغۇز دەپ غېرىپسىنىپ،ئەيمىنىپ بېشىڭىزنى قاتۇرۇپ يۈرمەڭ.سىزنىڭ ئېيتقانلىرىڭىزمۇ ئورۇنلۇق.مەن دادىسىغا مەسلىھەت سېلىىپ بولدۇم ئەگەر قوشۇلسىڭىز بىزنىڭ ئۆيگە كۆچۈپ چىقىڭ بىرگە تۇرايلى،مەكتەپ قوراسىدىكى ياتاقنى تاقاپ قويسىڭىز تۇرۈۋېرىدۇ.دىمىسىمۇ قورادا ئىككىڭلەر تۇرساڭلار سۆز-چۆچەككە يېقىن بولۇپ قالىسىلەر،خەق نىمىنى دىمەيدۇ،ۋاقتى كەلگەندە بارلىق دەرت،ئۇۋالچىلىق...قىزبالىغا بولىدۇ.
    مىھرىگۈل بىر ئاز ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى،(مەكتەپ قوراسىدىكى كىيىن سىنىپ قىلىنىدىغان ئىككى ئېغىز ياتاقنىڭ بىرىدە ئۇ يەنە بىرىدە تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى پەرھات تۇراتتى، تەتىلدە ئۆيگە قايتقان مىھرىگۈل بۇ ئەھۋاللارنى مۇڭدىشىپ ئولتۇرۇپ ئانىسىغا دىۋىدى ئانىسى،-جېنىم قىزىم بۇ پەقەت قاملاشماپتۇ،.رەھبەرلىككە ئىنكاس قىلىڭ سىزنى ياكى ناھىيەگە يۆتكىشىمىزگە قوشۇلسۇن ياكى سىزگە مەكتەپ قوراسى سىرتىدىن ياتقۇدەك شارائىت ھازىرلاپ بەرسۇن،ئۇنىڭغىمۇ بولمىسا بولدى قايتىپ كىلىڭ،قىزبالا تۇرۇپ ئۆيدىن ئايرىلغان نەدە بار؟شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى يىلىنىشلىرىڭىزغا قاراپ تاللىشىڭىزغا ھۆرمەت قىلىپ كەلدۇق،لېكىن ئاتا-ئانىنىڭ ئەڭ چوڭ ۋەزىپىسى قىز چوڭ بولسا ياتلىق قىلىپ بىر ھامىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇش.....سەت ئەمەسمۇ ئۇنداق تۇرساڭلار،ئىككىلەڭلار ياش،بويتاق...كىيىن سۆز-چۆچەك چىقسا كۆتۈرەلمەيسىز،دەپ بىرمۇنچە نەسىھەت قىلىپ ئاگاھلاندۇرغانىدى).
    مىھرىگۈلنىڭ يۇقىرىدىكىلەرگە يۆتكىلىش ھەققىدە سۇنغان ئىلتىماسى نەچچە ئاي چۆگىلەپ يۈرۈپ جاۋاپسىز قايتىپ كەلدى.مەكتەپ سىرتىدا يالغۇز تۇرۇشقا رەھبەرلىكمۇ قوشۇلمىدى ھەم ئۆزىمۇ ئەنسىرەپ ئىككىلىنىپ قالغانىدى . بىر ياقتا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كەسىپ ۋە دىللىرىنى سۈيۈندۈرىدىغان ئوماق ئۇقۇغۇچىلىرى،ھۆرمەت بىلەن ئىگىلىپ تازىم قىلىپ تۇرىدىغان ئاقكۆڭۈل يېزا خەلقى.بىر ياقتا ئۆزىنى بۇ خىزمەتتىن توسۇپ بالدۇرراق تۇرمۇشقا چىقىرىپ ھەققىنى ئادا قىلىش كويىدا يۈرگەن ئاتا-ئانىسى،ۋە تولىمۇ بىئاراملىق ھىس قىلدۇرىۋاتقان (بىر قورادا تۇرۇش)مەسىلىسى.....
    مىھرىگۈل ئالدىنقى كۈنى قايتىشىدا بۇ غەملىرىنى ئۆز ئانىسىدەك ئىچىكىشىپ كەتكەن سىردىشى مايسىخان ئانىغا دىگەن ئىدى. كەچتە بۇ ئىشنى يولدىشىغا مەسلىھەت سالغان ۋە بىللە تۇرىلى دىگەن جاۋاپنى ئالغان موماي خوشاللىقتىن قېن-قىېنىغا پاتماي بۇ خەۋەرنى مىھرىگۈلگە يەتكۈزىۋاتاتتى. 
    مىھرىگۈل كۆپ ئويلىنىپمۇ كەتمىدى،بۇ ئۆي ئاللىبۇرۇن ئۇنىڭ ئۆز ئائىلىسىدەك بولۇپ كەتكەن،ئۇمۇ خۇددى مۇشۇ ئۆينىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلىنىپ كەتكەن تۇرۇغلۇق ئويلىغۇدەك نەرى بار؟ئۇنىڭغا بۇنىڭدىنمۇ ياخشى تاللاش بولماس.
    ئەتىسىلا ئۇ توختىگۈللەرنىڭكىگە كۆچۈپ چىقتى.
    كۈندۈزى ئېتىز –ئېرىق ئىشلىرى بىلەن بولۇپ ھېرىپ-ئېچىپ كەلگەن بوۋاي-مومايغا قىزلارنىڭ سەللا بۇرۇن كىلىپ تاماققا تۇتۇش قىلىپ چۇۋرلىشىپ ھويلىنى ئاۋاتلاشتۇرۇپ تۇرىشىمۇ بىر خىل بەخت-ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بېغىشلىسا، تاغدەك غېمىدىن خالاس بولغان مىھرىگۈل،ۋە كۆيۈمچان ئۇستازى، سىردىشى بىلەن بىللە تۇرۇش نىسىپ بولغان توختىگۈلمۇ ئوخشاشلا تولىمۇ خوشال ئىدى.
    پەرھات بولسا باشتا كەلگەن چېغىدىكىدەكلا ھەممىگە بىپەرۋا نەزىرى بىلەن قاراپ،كۈنلىرىنى كەپسىز ئۇقۇغۇچىلىرىغا پۇتبول تېپىشنى ئۆگۈتۈش ۋە ئاراملىرىدا ئوغۇللار بىلەن بىللە دەريا بويىغا بېرىپ سۇغا چۆمۈلۈش،قۇملاردا توپ ئويناش،ئايدا بىر قېتىم ئۆيىگە قايتىپ ئاتا-ئانىسى ۋە دوستلىرىنى كۆرۈپ كىلىش...بىلەن ئۆتكۈزەتتى.
    ئۇ يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپكە تەقسىملەنگىنىدىن نارازى بولسىمۇ كىيىنچە ئالمىشىۋالارمەن دىگەن ئىشەنچ بىلەن كەلگەنىدى.كىلىپلا بۇ يەرنى ياقتۇرۇپ قالدى ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆيىمۇ بۇ يەردىن يەتتە كىلومىتىرلا يىراقلىقتا بولغاچقا ئايدا بىر بېرىپ نەچچە كۈن تورۇپ كەلگەندىن سىرت بەزى بالدۇر ئىشتىن چۈشكەن كۈنلىرى ۋېلىسپىتىنى مىنىپلا قايتىپ كىتىپ ئەتىسى ئەتىگەنلىك گىمناستىكىغا ئۆلگۈرۈپ كىلىپ بولاتتى.مەكتەپ مۇدىرى ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ياسىن شوجاڭ ئۇنىڭ كەلگىنىدىن تولىمۇ خوشال ئىدى. مەكتەپتە ھەرنىمە بولسا ماۋۇ گەپدان قىزلارنىڭ ئۇنى ئوڭايسىزلاندۇرىدىغان چاخچاقلىرىنى ئاڭلاپ قىزىرىپ-تاتىرىپ گاھىدا چالۋاقاپ ئولتۇرغۇچە بۇ يىگىت بىلەن دۇنيا ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇنازىرەلىشىپ،بىكار قالغاندا توپ تېپىشىپ ئوينىسا ياخشىدە ئەلۋەتتە.ئۇ ئۆزىنىمۇ خېلى تىتىكلىشىپ قالغاندەك ھىس قىلاتتى.ئۇ گەپ ئارىلىقىدا پەرھاتقا مىھرىگۈلنىڭ شەپىسىنى بېرەتتى.
    -ئەجەپمۇ يۈزى تۆۋەن،چىقىشقاق،قىز جۇمۇ بۇ؟-دەيتى ئۇ پەرھاتنىڭ چىراي ئىپادىسىگە سىنچىلاپ قارىۋېتىپ.-بەزى قىزلارنىڭ ئۆزى چىرايلىق قىلىقى سەت.بەزىلىرىنىڭ قىلىقى چىرايلىق ئۆزى سەت.توۋا دەپ قالىمەن بۇ قىزغا ئاللاھ ئىگەم ھەممە گۈزەللىكنى (ئالە قولۇم)دەپلا بەرگەندەك ئېۋەنسىز قىز.
    پەرھات باشتا تولىمۇ ئوڭايسىز ۋە ئىپادىسىز يۈرگەن بىلەن بارا-بارا ئۇ ھەققىدىكى گەپلەر چىقمىسا بىئارام بولغاندەك ،چىقسا يۈرەكلىرى سېلىپ ھاياجانلىنىپ كىتىۋاتقاندەك ھالىتىگە ئۆزىمۇ ھەيران قېلىۋاتاتتى.پۇرسەت تاپسىلا يوقىلاڭ باھانىلەر بىلەن مىھرىگۈلگە يېقىنلاشقۇسى،گەپ قىلغۇسى كىلەتتى،لېكىن قىزنىڭ ئالاھىدە ئۆزىنى تارتىشى بىلەن پەقەت كۈندە ئەتىگەندە باشقىلار بىلەن ئوخشاشلا ئاددى سالاملىشىش پۇرسىتىدىن باشقا ئورۇنۇشلىرى بىكارغا كىتەتتى.مىھرىگۈلنىڭ ياتىقىغا كىتاپ، قايناقسۇ سوراپ بارغىنىدىمۇ بوسۇغىدىن ئاتلىيالمايلا ئۇنىڭ تۈزۈت بىلەن ئىشىكنى ئاچماي تۇرۇپ ئېلىپ چىقىپ بەرگەن نەرسىلىرىنى ئېلىپ قايتىپ كىتەتتى.
    قىز شۇ قەدەر ئېھتىيات قىلاتتىكى ئۇنىڭغا بىرەر گەپ قىلىش زورۇر بولۇپ قالغىنىدىمۇ تەبىئەت ئوقۇتقۇچىسى پاتىگۈلگە ھاۋالە قىلاتتى.
    -مەندىن نىمانچە قاچىسىز،-دەپ سورىدى ئاخىرى غەيرەتكە كەلگەن پەرھات ئىشخانىدا ئىككىسى يالغۇز قالغان پۇرسەتتە،-مەن ئادەم يەيدىغان ئالۋاستى بولمىسام يە؟ئىككىمىزنىڭ ياش ھەم بويتاق بولغىنىمىز جىنايەتمىكەن؟ئەڭ ئەقەللىسى بىز دىگەن خىزمەتداش،تەڭتۇش يەنە كىلىپ بىر يەرلىكقۇ؟
    مىھرىگۈل ئۇنىڭ سۇئالىغا سۈكۈت بىلەن جاۋاپ قايتۇردى. 
    ئەتىسى سىنىپىدىكى سونۇپ كەتكەن ئورۇندۇقنى مەكتەپ قوراسىدا مىخلاپ ئولتۇرغان پەرھات مىھرىگۈلنىڭ سىنىپتىن چىقىپ ئىشخانا تەرەپكە ماڭغىنىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ زىلۋا قامىتىگە،تېقىمىدا لەرزان تەۋرىنىۋاتقان توم،ئۇزۇن قاپ-قارا چاچلىرىغا ھەۋەس بىلەن قاراپ ئولتۇرۇپ كەتتىدە ئۆزىمۇ سەزمەي بولقىنى مىخقا ئەمەس قولىغا ئۇردى.ئۇرغاندىمۇ خېلىلا كۈچەپ ئۇرغانلىقتىن ئاغرىققا چىدىماي(ۋايجان)دەپ توۋلىۋەتتى.مىھرىگۈل ئۇنىڭ ۋارقىرىغىنىنى ئاڭلاپ دەرھال ئارقىغا ئۆرۈلۈپ يىتىپ كىلىپ ئۇنىڭ بارمىقىنى مۇجۇقلاپ ئولتۇرغان ھالىتىگە كۈلگۈسى كەلدىيۇ جىددى قىياپەتتە.
    -بەكلا ئۇرۇۋاپسىزدە؟قان چىقتىمۇ؟داكا لازىممۇ؟-دەپ سورىدى.
    -بولىڭە تېز داكا ئەكىلىپ تېڭىپ قويۇڭ،-دىدى يىگىتمۇ ئۇششۇقلۇق بىلەن.
    -قان چىقمىسا تاڭغاننىڭ نىمە پايدىسى؟-دىدى قىز سەل ئېڭىشىپ ئۇنىڭ قولىغا قاراپ.
    -مانا مانا ئۆز-ئارا كۆيۈنۈش دىگەن مۇنداق بولمامدۇ،-دەپ مەنىلىك كۈلۈپ كەلگەن پاتىگۈل مۇئەللىمگە مىھرىگۈل نارازىلىق بىلەن لاپپىدە بىر قاراپ قويدىدە پەرھاتقا: 
    -تۈنۈگۈنكى سۇئالىڭىزنىڭ جاۋابىنى ئەمدى بىلگەنسىز؟-دەپلا يۈگۈرگىنىچە ياتىقىغا كىرىپ كەتتى.


قىسمەتلەر باشقا تېمىلار
قىسمەتلەر (1)قىسمەتلەر (2)قىسمەتلەر (3)قىسمەتلەر (4)قىسمەتلەر (5)
قىسمەتلەر (6)قىسمەتلەر (7)