باش بەت / ساقلايمەن

قىسمەتلەر (1)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-17 07:07 | ئاپتور: سائادەت ساتتار | مەنبە: ئىجادىيەت | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

    زىمىستان قىشتىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىپ دىللارنى ئىللىتىپ يىتىپ كەلگەن باش باھار بۇ چەت خىلۋەت يېزىنى قايتىدىن جانلاندۇرىۋەتكەنىدى.
    ئېتىزلاردا ئالدىراش ئىشلەۋاتقانلارنىڭمۇ چېھرىدىن ھارغىنلىق ئەمەس بىر خىل ئىشەنچ،كۈچ-قۇۋۋەت ئۇرغۇپ تۇراتتى.قاياقلاردىندۇر ئاڭلىنىۋاتقان،كاككۇك ئاۋازى،قۇشلارنىڭ بەس-بەستە سايراشلىرى،ئۈرۈك چېچەكلىرىنىڭ پۇراقلىرى، يىڭىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىشقا باشلىغان بۇغداي مايسىلىرى....دىللارنى سۆيۈندۈرۈپ ئاجايىپ ھاياجانلارغا سالاتتى.
    قاتار كەتكەن ئۆيلەرنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا چاڭىلداپ سۆزلىشىۋاتقان گەپدان چوكانلار،دوقمۇشلارغا يىغىلىپ دۇنياۋىي خەۋەرلەر ئۈستىدە دە-تالاش قىلىۋاتقان مويسىپىتلار،قويلىرىنى ئالدىغا سېلىپ يۈگۈرۈشۈپ،توپىلار ئارىسىدا كۆرۈنمەي قالغان بالىلار....سەھراغا خاس بۇ مەنزىرىلەر ھەقىقەتەن سۆيۈملۈك ئىدى.
    يېزىنىڭ ئانچە چېتىدە بولمىسىمۇ سېلىنىشى باشقا ئۆيلەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان،بىلمىگەنلەر بۇ ئۆي ئىگىسى يىراقلارغا كىتىپ تاشلىنىپ قالغان خارابىلىك بولسا كېرەك دىيىشىپ قالغۇدەك،دەرۋازىسى يۇلغۇن چىۋىقىدىن تۇقۇلغان ،ئاددىغىنە بۇ قورو مەھەللە كويدىكىلەر پات-پات كىرىپ ئەھۋال سوراپ،تاماق سونۇپ تۇرىدىغان يالغۇز موماي توختىخان ئانىنىڭ پاناھگاھى ئىدى.
    ئۇ مانا مۇشۇ قورودا بالىلىق، ياشلىق،جۇۋانلىقىنى،قىرانلىقىنى ئۇزۇتۇپ قېرىلىقنىڭ،يالغۇزلۇقنىڭ تەمىنى تەنھا تېتىۋاتاتتى.
    -ئۇف،-دەپ ئېغىر تىنغان موماي ھويلىدىكى تەكلىرى كۆتۈرۈلمىگەن باراڭنىڭ ئاجىز ياغاچلىرى ئارىسىدىن يۈزىگە چۈشكەن قۇياش نۇرىغا بىئارام بولغاندەك قاراپ قويۇپ مەھەللىدىكى ھەر-بىر قوروغا بىردىن بېكىتىپ بەرگەن كانايدىن ناھىيە خەۋەرلىرى ۋە دېھقانچىلىق تېخنىكىلىرى ھەققىدىكى بايانلارغا قۇلاق سېلىپ ئولتۇراتتى.ئۇ رادىئونى شۇنچە بېرىلىپ تىڭشاۋاتقاندەك قىياپەتتە ئولتۇرسىمۇ خىياللىرى زېھنىنى بىردەم-بىردەم ئاللىقاياقلارغىدۇر ئېلىپ قاچاتتى. 
    ئۇ شۇ ھالدا خېلى ئۇزۇن مۇڭلىنىپ ئولتۇردى.
    بۇ كۈنلەردە ئۇنىڭغا ھەممىدىن بەكرەك ھەمرا بولىدىغىنى ئەسلىمە ۋە خىياللار ئىدى.
    شۇنداق، ئۇنىڭمۇ غەمسىز،خوشال بالىلىقى، گۈلدەك گۈزەل،ئىستەكلەرگە تولغان ياشلىقى بولغان.ئاتا –ئانىسى 20 يىلدىن ئارتۇق ئاللاھتىن تىلەپ 40 نەچچە يېشىدا كۆرگەن تۇنجى ۋە ئاخىرقى پەرزەنتى بولمىش بۇ قىزىغا شۈنچە كۆيىنەتتى.يىمىگەننى يىگۈزگۈسى،كىيمىگەننى كىيگۈزگۈسى كىلەتتى.يەردە ياتقۇزغۇسى كەلمەي قۇچىقىدا پەپىلەپ ئۇخلىتىپ تاڭ ئاتقۇچە ئۇنىڭغا قاراپ سۈيۈنۈش ئىچىدە قانماي سۆيەتتى.ئۇ تۇغۇلۇپ ئۇلارنىڭ چىرايىغا كۈلكە يامرىغان،پىغانلىرىغا دەرمان تېپىلغان شۇنىڭ بىلەن تەڭ مەھەللىدىكى سۆز-چۆچەكلەرمۇ ھەر-خىل پەرەز غەيۋەتلەرمۇ بېسىققان ئىدى.ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى‹‹ئايىقى ئاستىدا چۈمۈلىمۇ ئۆلمەيدىغان››ئىتائەتچان،تەقۋا،مۆئمىن كىشىلەر ئىدى.شۇڭلاشقا بۇ ئەتىۋارلىق قىزىنى كىچىكىدىن شەرمىي-ھايا،دىيانەت بىلەن تەربىيەلەشكە تىرىشىپ 7 يېشىدىلا قۇرئاننى تەمتىرىمەي ئوقۇغىدەك سەۋىيەگە ئىگە قىلغان بۇ ھوسۇلىدىن تولىمۇ سۈيۈنەتتى.تۇرمۇشى غورىگۈل بولسىمۇ ئۇنىڭغا يوقسۇزلىقنىڭ شەپىسىنى بەرمەي،سەبى،غەمسىز بالىلىقنىڭ ھوزۇرىنى سۈرگۈزەتتى.
    ئۇ سەككىز ياشقا كىرگەن يىلى يېزا مەركىزىگە چىرايلىق قىلىپ 5 سىنىپ بىر ئىشخانىسى بار مەكتەپ سېلىندى.ئۇلار قىزىنى مەكتەپكە بېرىپ پەننىي ساۋادىنى چىقىرىشنى ئارزۇ قىلسىمۇ قىزىنىڭ كۈندە ئۇلاردىن نەچچە سائەتلەپ ئايرىلىدىغىنىنى،مەھەللىدىكى ياخشى-يامان بالىلار بىلەن بىللە ئوقۇيدىغىنىنى ئويلاپ ئەندىشىگە چۈشەتتى.
    -نىمىلا بولسۇن بالىنى ئوقۇتىلى.-دىدى دادىسى ئۇقۇغۇچىلارنى تىزىملاشقا كەلگەن ئوقۇتقۇچىنى ئۇزۇتۇپ قويۇپ كىرىپ بىر ئاز ئويلانغاندىن كىيىن.-بۇ خانىمنىڭ گەپلىرىنىڭمۇ خېلى جېنى بار،تۈزۈكلا ئايالكەن.بەك خاتىرجەم بولالمىساڭ بالىنى كۆنىۋالغۇچە ئۆزۈڭ مەپتەپكە ئاپىرىپ ئەكىلەرسەن.ئازراق ساۋادىنى چىقىرىپ كىتاپ ئۇقۇغۇدەك بولىۋالسۇن.
    -ھە مەيلى ئەمىسە-دىدى ئانا خۇددى قىزى ئۆزلىرىدىن بىراقلا ئايرىلىپ كىتىدىغاندەك ،قىيالماسلىق چىقىپ تۇرغان مۇجمەل چىراي ئىپادىسى بىلەن. 
    مول-ھۇسۇللۇق كۈز پەسىللىرىنىڭ بىرىدە دەرس باشلاندى.
    توختىگۈلمۇ باشقا بالىلارغا ئوخشاش تولىمۇ خوشال قىزىقىش ۋە ئۈمىد بىلەن مەكتەپ قوراسىغا قەدەم ئالدى.ئاپىسى ئۇنىڭغا دادىسىنىڭ يىرتىلىپ كەتكەن كۆينىكىنىڭ ساق قالغان غول قىسمىدىن كىسىۋېلىپ ئەپچىلگىنە بىر بوقچا تىكىپ بەرگەنىدى،ئۇنىڭغا قېرىنداش پاتماي ئوتتۇرىدىن كىسىپ ئىككى قىلىپ چىرايلىق ئۇچلاپ سېلىپ بەردى.سارغۇچ قەغەزدىن ياسالغان ئازۇت خالتىسىنى رەتلىك قىلىپ كىسىپ چىرايلىق پۇختىلاپ تىكىلگەن دەپتىرىگە تۇنجى قېتىم خەت يازغىنىدا ئۇنىڭ ھاياجاندىن يۈرەكلىرى ئويناپ كەتتى.


قىسمەتلەر باشقا تېمىلار
قىسمەتلەر (1)قىسمەتلەر (2)قىسمەتلەر (3)قىسمەتلەر (4)قىسمەتلەر (5)
قىسمەتلەر (6)قىسمەتلەر (7)