قىسمەتلەر
يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-17 08:26 | ئاپتور: سائادەت ساتتار | مەنبە: ئىجادىيەت | كۆرۈلىشى: 0قېتىم
كىشىلىك ھايات ئاجايىپ قىسمەتلەرگە تولغان. مەيلى خالاڭ ياكى خالىماڭ ئالدىن بەلگىلەنگەندەك بۇ مۇساپىنى بېسىش ھەمدە خۇلاسىلاپ تاماملاش ئۆز نۆۋىتىدە تەكرارلىنىپ داۋاملىشىدۇ. ئىڭەلەپ يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقىنىمىزدىن باشلاپ بۇ قانۇنىيەتنىڭ ھۆكمى بىلەن تىرىكچىلىكىمىزنى باشلايمىز، ھەممە ئوخشاش ياشاۋاتقاندەك بىلىنسىمۇ ھەر بىر تىرىك جاننىڭ ياشاش يولى ،قىسمەتلىرى.... تەكرارلىنىپ باققان ئەمەس. خۇددى ئىگىمىز بىزنى ئوخشاش ئادەم شەكلىدە ياراتسىمۇ، ھەممىمىزنىڭ بىر تېنى ، بىر جۈپ كۆزى، بىر ئېغىز، بىر بۇرۇن، بىر قۇلاق، ئوخشاش بېشىمىز بولسىمۇ چىرايىمىزنىڭ پەقەتلا ئوخشاشمىغىنىغا ئوخشاش، ھايات كەچمىشلىرىمىزمۇ ھەر-خىل ئوخشىماسلىقى بىلەن بەزىلەرنى كۈلدۈرسە بەزىلەرنى يىغلىتىدۇ. بەزىلەرنى ئىبرەتتىن ئاگاھلاندۇرىدۇ. بەزىلەرنى غەمسىز رىتىمى بىلەن ئاخىرغىچە ئۇزۇتۇپ قويىدۇ... يازمامدىكى باش قەھرىماننى بۇ ھايات سەھنىسى قانداق روللارغا تەقسىم قىلىپ ، ئويۇنىنى قانداق ئاياغلاشتۇراركىن؟! ئەسكەرتىش : خۇشدىل تور بېتىگە يوللانغان سائادەت ساتتار ئەسەرلىرىنىڭ توردىكى تارقىتىش ھوقۇقى خۇشدىل تورى ۋە شۇ ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، تور بېتىمىزدىن باشقا بېكەتلەرگە بىردەك يوللاشقا بولمايدۇ. باشقا بېكەتلەر بىزدىن خالىغانچە كۆچۈرىۋالغان بولسا مەسئۇلىيەت قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. پەقەت ئۇلىنىش قىلىشقىلا رۇخسەت! بېكىتىمىزدىكى ئىجادىي ئەسەرلەرنى ھەرقانداق شەخس ۋە ئورۇننىڭ خالىغانچە خۇشدىل تورىدىن يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
- تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس ئىنكاس 0 قېتىم نۇمۇرى 0 نۇمۇر
- ئىنكاس يوللاش
- تەۋسىيە