باش بەت / ساقلايمەن

قىسمەتلەر (3)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-17 08:30 | ئاپتور: سائادەت ساتتار | مەنبە: ئىجادىيەت | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

    پەرھات مىھرىگۈلنىڭ تۇيۇقسىز يۆتكىلىپ كەتكۈسى كىلىپ ئارقىدىنلا مەكتەپ سىرتىغا كۆچۈپ چىقىپ كىتىشىنىڭ ئۆزى سەۋەپلىك ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە تولىمۇ بىئارام بولاتتى.قىزنىڭ قىلغانلىرىنىڭمۇ توغرا ئىكەنلىكىنى بارغانسىرى چۈشىنىپ ئۇنى ئوڭايسىزلاندۇرىۋەرمەسلىك قارارىغا كىلەتتىدە ئامال بار ئۆز ھىسسىياتىنى بېسىۋېلىپ ئۇنىڭغا دەخلى قىلماسلىققا تىرىشاتتى.لېكىن ئۇ ئۆزىنى بېسىۋالغانسىرى پۈتۈن ئەس-يادى قىز تەرەپكىلا كىتەتتى.ئەتىگىنى مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغا چىقىپ ئۇنىڭ توپىلىق يولدا يىنىك دەسسەپ خۇددى بۇلۇتلار ئۈستىدە پەرۋاز قىلىۋاتقاندەك نەپىس قەدەم ئېلىشلىرىدىن ھوزۇرلىنىپ تۇرۇپ كىتەتتىدە ئۇ يېقىنلىغاندا شىرىن چۈشتىن ئويغىنالمايۋاتقاندەك قىيمىغان ھالدا كەينىگە قايتاتتى.
    ئەتىگەنلىك گىمناستىكىدا ئاۋازىنى ئۇ ئاڭلىيالماي قالمىسۇن دىگەندەك بۇرۇنقىدىن يۇقىرى توۋلايتتى.دىمەك ئۇ ھازىر ھەر-بىر ئىش-ھەركىتى،ھەر-بىر ئېغىز سۆزى ھەتتا ھەر بىر ۋاق تامىقىنىمۇ مىھرىگۈل ئۈچۈن يەۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولاتتى.مىھرىگۈلدىن ئارىيەت ئالغان كىتاپلىرىنىڭ ئارىسىغا بەزىدە نەچچە قۇر كۆڭۈل ئىزھارىنى يېزىپ قۇياتتىدە ئەتىسى ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىپ مەلۇم جاۋاپلارغا ئېرىشمەكچى بولاتتى.ئەكسىچە مىھرىگۈل ئۇنىڭ تىرىشچانلىقلىرىنى سەزمىگەن قىياپەتتە شۇ قەدەر بىپەرۋا ئىدى.
    ياق،! ئۇ پەقەت يىگىتنىڭ،كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدىلا ئاشۇ بىپەرۋا قىياپىنى ساقلاپ قالالىغىنى بىلەن كەچلىرى ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا شىرىن ئارزۇ-ئىستەكلەرنىڭ قۇچىقىدا ئەللەيلىنىپ،كىيىنكى ھايات مۇساپىسى ھەققىدە تۈرلۈك شىرىن پەرەزلەرنى قىلىپ،خاتىرە بېتىگە ھىسلىرىنى سىڭدۈرۈپ تۈننى تاڭغا ئۇلايتى.شىرىن-تاتلىق ئىستەكلىرى ۋە كەلگۈسىدىكى بەختتىن مەس بولغان پەيتلىرىدە خىياللىرىغا نىگاندا بىر تاشلانغا قارا سايە يۈرەكلىرىنى ئەنسىز دۈپۈلدىتىۋىتەتتىدە بۇ خىل چۈشىنىكسىز شەپىدىن ئەندىكىپ كىتەتتى. 
    -نىمىدىن بۇنچە ئەندىكىسەن مىھرى،-دەيتتى ئۇ كىچىكىدىن يېنىدا دەپ قىياس قىلىپ كىلىۋاتقان غايىۋانە سىردىشى ئۇنىڭغا،-ئۇمۇ سېنى ياخشى كۆرىدۇ، سەنمۇ ھەم شۇنداق.كەلگۈسۈڭنىڭ بەختىيارلىق ئىچىدە ئۆتۈشىدىن ئىككىلەنمە! قاچانغۇچە رىئاللىقتىن،خائىشىڭدىن قېچىپ يۈرۈيسەن؟ ئۇنى قوبۇل قىل! كۆز ئالدىڭدىكى پۇرسەتنى قەدىرلە،ئورۇنسىز ھېجرانغا خاتىمە بەر!
    قىزنىڭ كۆزلىرى قەلىب ئىشىكىنى چىكىۋاتقان بەختتىن نۇرلىنىپ كىتىۋاتاتتى. مۇھەببەت ھېكايىلىرىنى ئوقۇغىنىدا ئاشىق-مەشۇقلار قىسسىلىرىگە چۆكۈپ كىتىدىغان ھىسسىياتقا باي بۇ قىز مانا ئەمدىلىكتە ئاشىقلار ئورنىغا پەرھاتنى،مەشۇقى ئورنىغا ئۆزىنى قۇيۇپ ئۇقۇيتتى.
    -ساراڭ!،-دەپ سالاتتى ۋەقەلىكتىكى يىگىتنىڭ قىزنى چۈشەنمەي قىلغان بەزى ئەخمەقلىقلىرىدىن ئاغرىنغىنىدا خۇددى پەرھات كىتاپ ئارىسىدا ئۇنىڭ سۆزلىرىنى تىڭشاپ تۇرغاندەك.
    توختىگۈل مۇئەللىمىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى تۇلۇق ھىس قىلىپ كىتەلمىسىمۇ ئۇنىڭ نۇرلىنىپ كىتىۋاتقان كۆزلىرىدىن،گاھى ئېچىلىپ گاھى مۇڭلىنىپ قېلىشلىرىدىن بىرەر شەپىنى سەزگەندەك بولاتتى.ئۇ ھاياتىغا ئەڭ تەسىر كۆرسەتكەن بۇ مىھرىبان ئۇقۇتقۇچىسىنىڭ ھەر-بىر ئىش-ھەركىتىنى،كەيپىياتىنى قىزىقىپ كۈزىتەتتى.ئۇنى خوشال قىلىشقا تىرىشاتتى،چۈنكى ئۇنىڭ خوشاللىقىدىن ئۇمۇ ئوخشاشلا خوشاللىق تاپالايتتى.
    مىھرىگل بىر قېتىم توختىگۈلگە پۇرىتىپ:
   - پەرھات مۇئەللىمنى ياقتۇرامسىز؟-دەپ سوراپ قالدى،سەل قورۇنۇش ئىچىدە.
   - ياقتۇرىمەن ،پەرھات مۇئەللىم بەك ياخشى،ھەممىمىزگە كۆيۈنىدۇ،-دەپ جاۋاپ بەردى ئۇمۇ ھودۇقۇش ئىچىدە.
    شۇندىن كىيىن بەزى ئىشلارنى ئۇنىڭغا ھىچكىم چۈشەندۈرۈپ قويمىغان بولسىمۇ ئۇ ئاستا-ئاستا چۈشىنىشكە باشلىدى.پەرھات مۇئەللىم ئۇنىڭغا بىر پارچە چىرايلىق قاتلانغان خەتنى تۇتقۇزۇپ مىھرىگۈلگە بېرىپ قويۇشىنى تاپىلىغاندا ئۇ ھەممە قىياسلىرىنىڭ توغرىلىقىنى ھىس قىلدى ۋە باشتا ئازراق خوشاللانغان،سۈيۈنگەن بولسىمۇ بالىلارچە(ئەگەر ئۇلار توي قىلىپ قالسا مىھرىگۈل مۇئەللىم بىزنىڭ ئۆيدە تۇرمايدۇ)دىگەن خىيالنى قىلىپ غەم قىلىشقىمۇ ئۈلگۈردى.
    ئۇنىڭ بۇ سىرداش ئۇستازىدىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلىپ قالغۇسى يوق ئىدى ئەلۋەتتە.كەچكىچە ئېتىزلىقنى چۆگىلەپ كىرەلمەيدىغان،ئېغىر-بېسىق دادىسى.مۇلايىم كەم سۆز ئانىسى بېرەلمىگەن،ئۇ بىلىشكە تىگىشلىك نۇرغۇن تەلىم-تەربىيە.چۈشىنىشكە تىگىشلىك لېكىن چۈشىنەلمەي كىلىۋاتقان نۇرغۇن تۈگۈنلەر ئاشۇ ئۇستازىنىڭ سەمىمى يىتەكلىشى،مىننەتسىز،سەۋىرچانلىقى بىلەن يىشىلگەن ۋە ئۇنىڭ گۆدەك قەلبىگە مەڭگۈ ئۆچمەس قىلىنىپ ئورنىتىلىۋاتقان ئىدى. 
    مىھرىگۈل مۇئەللىم بۇ يەرگە كەلگەندىن بېرى ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ تىل يىرالمىغانلارمۇ،ئېغىز ئېچىپ دەككىسىنى يىگەنلەرمۇ ئاز ئەمەس ئىدى.شۇلارنىڭ قاتارىدا مەخمۇت تۇخۇمۇ بار بولۇپ ئۇ مىھرىگۈلنى ئىشتىن چۈشۈپ توختىگۈللەرنىڭكىگە كىتىۋاتقان يول ئۈستىدە ئۇچراتقاندىن بۇيان يىگىنى يىگەن بولماي،ئۇيقۇسى ھارام تۈنلەرنى ئۆتكۈزدى.
    ‹نىمىگە ئىككىلىنىپ،قورقۇپ يۈرەتتىم؟ھامىنى ئەرگە تىگىدۇ.تەگسە شۇ مەندەك ئەرگە تەگمەي بۇ يەردە مەندىن نوچى كىمگە تىگەتتى؟›دەپ ئۆزىنى كۈشكۈرتۈپ قارار قىلغاندىن كىيىن كەچتە توختىگۈللەرنىڭ ئىشىكى ئالدىغا باردى.خېلى ھازاغۇچە تىڭشاپ،تەلمۈرۈپ تۇرغان بولسىمۇ ھويلىدىن بىرەرسى سىرتقا چىقىدىغاندەك ئەمەس تىمتاسچىلىق بولغاچ دەرۋازىنى ئىتتىرىپ ئېچىپ ھويلىغا كىرگەن مەخمۇتنى كۆرگەن ئالا ئىت قاۋاشقا باشلىغان ئىدى،ئۆيدىن قاسىمئاخۇن ئاكا چىقىپ سالام قىلىپ نىمە ئىش بىلەن كەلگەنلىكىنى سورىدى.
    -ھە،شۇ...ئاتام ياغاچ كىسىدىغان ھەرىسىنى بېرىپ تۇرسۇن دەپ ئەۋەتكەنىدى.-دەپلا سالپايدى مەخمۇت.
    قاسىمئاخۇن ئاكا ھەرىنى ئۇنى ئۆيگە باشلىمايلا ئۆزى ئەپچىقىپ بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى.
    ئەلەمدە قالغان مەخمۇت كۈندە دەرۋازا ئالدىدا تىمىسقىلاپ يۈرۈپ بەزىدە كوچىدا ئۇلارنىڭ ئۆيگە قايتىشىنى كۈتۈپ تۇراتتى.نەچچە رەت توختىگۈل بىلەن بىللە كىتىۋاتقان مىھرىگۈلنىڭ ئالدىنى توسۇپ تاغدىن-باغدىن تىلىنى چاينىۋىدى ئوبدانلا دەككىسىنى ئىشتىپ ھۈرپەيگىنىچە غودۇراپ جايىدا تۇرۇپ قالدى.
    -مۇئەللىمىڭىزنى چاقىرىۋېتىڭە گېپىم بار ئىدى.-دىدى ئىشىك ئالدىدىكى ئېرىقتىن سۇ ئالغىلى چىققان توختىگۈلگە سەت ھىجىيىپ.
    -مۇئەللىم تاپشۇرۇق تەكشۈرىۋاتىدۇ ،چىقمايدۇ،ۋاقتىدا يوللىرىغا ماڭسىلا ھېلى بىكار ئاتام چىقىپ ئەدەپلىرىنى بەرمىسۇن،-دەپ دەرۋازىنى زەردە بىلەن يېپىپ كىرىپ كەتتى توختىگۈل.
    ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتۈپ مەخمۇت توخۇ ھىچبىر مەسلىھەتسىزلا ئاتا-ئانىسىنى قاسىماخۇن ئاكىلارنىڭكىگە ئەلچىلىككە كىرگۈزدى.
    -ئوبدان كىلىشىپلا،دىدى قاسىمئاخۇن ئاكا مەقسەتنى چۈشەنگەندىن كىيىن تەكەللۈپ بىلەن،-مىھرىگۈل ئۆز قىزىمىزدەك بولسىمۇ ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ھايات.بۇ مەسلىھەتكە بىز ئىگە بولالمايمىز،شۇنداق نىيىتىڭلار بولسا ناھىيەگە بېرىپ مىھرىگۈلنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ جاۋابىنى ئالغايسىلەر.-دەپ گەپنى ئۈزۈپ ئۇلارنى يولغا سېلىپ قويدى.
    مەخمۇتتەك ئىشەك ھاڭرىغان،داپ تاراڭلىغان يەردە يۈرىيدىغان.توخۇ سوقۇشتۇرۇپ،كەپتەر ئۇچۇرۇشتىن باشقىسى خوشياقمايدىغان،ئالا قانات،لايغەزەلنىڭ تەپتارتماي مىھرىگۈلنىڭ پېيىغا چۈشكىنىدىن ئۇۋاللىق ھىس قىلىپ ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك بولغان مايسىخان ئانا (بوپتۇلا قىز بالا بار ئۆينىڭ ئىشىكىدىن ئوغرىمۇ كىرىدۇ،توغرىمۇ كىرىدۇ،كىبىرلىك بولمىسۇن)دەپ ئۆزىگە تەسەللى بېرىپ يۈردى ۋە كىيىنكى قېتىم مىھرىگۈللەرنىڭكىگە بارغاندا قېرىنداشتەك ئىجىل بولۇشۇپ كەتكەن مىھرىگۈلنىڭ ئانىسىغا ئۇ ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىپ ئەگەر ئۇلار داستىخېنىنى كۆتۈرۈپ كىلىپ قالسا ئىدىيىسىدە تەييارلىق قىلىپ قۇيۇشىنى جېكىلەپ قايتىپ كەلدى. 
    ئۇزۇن ئۆتمەي مەخمۇت تۇخۇ راستىنلا مىھرىگۈللەرنىڭ ئۆيىگە ئەلچى ئەۋەتتى.لېكىن ئاتا-ئانىسى بىرمۇنچە چىرايلىق سۆز تەكەللۈپ بىلەن ئېيتىلغان باھانە سەۋەپلەرنى كۆتۈرۈشۈپ (پاقىسىغا قېنىپ)قايتىپ كىلىشتى.ئاغىنىلىرىگە (مىھرىگۈل بىلەن ئىشىمىز پىشىپ قالدى.پات يېقىندا تويىمىزنى ئوينايسىلەر)دەپ ‹‹جاكارلاپ›بولغان مەخمۇت تۇخۇ ئەمدى ماڭا يۇرت ھارام بولدى بەش تۆت كۈن چۆگىلەپ كىلەي دەپ ئىككى سوقۇشقاق خوزىرىنى ئېلىپ بىر كېچىدىلا غايىپ بولدى.ئەلۋەتتە ماڭغۇچە مىھرىگۈلگە(ھامان پۇشايمان قىلىسەن.ھاياتلا بولسام سېنى ئۆمرۈمدە بىر ئالماي قويمايمەن)دەپ تەھدىت سېلىپ قويۇپ ئىرەن قىلماي كەتكەن مىھرىگۈلنىڭ ئارقىسدىن بىرنى تۈكۈرۈپ قويۇپ يوقالدى.
    مايسىخان ئانا توختىگۈل بىلەن مىھرىگۈلگە ئەرمەك بولسۇن دەپ قىزبالىلارنىڭكىدەك ماڭلايلىرى بار ئاپئاق كۆرگەنلا كىشىنىڭ تۇتۇپ باققۇسى كىلىدىغان ئىككى ئوغلاق ئېلىپ بەردى.
    ئەمدى قىزلارنىڭ خوشاللىقىنى دىمەيلا قويايلى،بۇ ئوغلاقلىرىنى خۇددى كىچىك بالىنى باققاندەك كۈيۈنۈپ بېقىشقا كىرىشىپ كەتتى.
    مەكتەپتىن قايتىپ كىلىپلا ئىككى سېۋەت ئوت ئەكىلىپ ئۇلارغا تاشلاپ بېرىپ تاكى يەپ بولغۇچە قارىشىپ چۇۋۇرلىشىپ ئولتۇرۇشاتتى.
    جىمجىت بۇ ئائىلىگە باشتا ئومراق ئۇستازى ئارقىدىنلا ئوماققىنە ئىككى ئوغلاقچىقىنىڭ پەيدا بولۇشى توختىگۈلنى بەكلا خوشال قىلىۋەتكەن ئىدى. 
    تەقۋادار ئانا ئۇنى ھەرگىزمۇ يالغۇز سىرتقا چىقارمايتى،مەيلى نەگىلا بارسۇن ئانىسى ياكى مۇئەللىمى ھەمرا بولاتتى.ئەلۋەتتە مىھرىگۈلمۇ بۇ يەردىكى ئەنئەنە-يۇسۇن ۋە ئۆزىنىڭ يىتىلدۈرگەن خىجىلچانلىقى بىلەن يالغۇز سىرتقا چىقماي نەگىلا بارسۇن توختىگۈلنى ئېلىۋالاتتى.ئەتىگىنى بىللە مەكتەپكە بېرىپ،چۈش ۋە كەچتە بىللە قايتاتتى.بەزىدە ئوغلاقلىرىنى يىتىلەپ ئۇلار بىلەن تەڭ قىيغىتىشىپ ئوتلىتىپ ئەكىلەتتى .ئوغلاقلارغا چۆپ ئەكەلگىلى توقايلىقلارغا بارغىنىدا ھەر-ئىككىلىسى شۇنداق ھاياجانلىناتتىكى ژۇلغۇن چېچەكلىلىرىدىن گۈلچەمبىرەك ياسىشىپ باشلىرىغا كىيىپ ناخشا ئېيتىپ،ئۇسۇل ئوينىشىپ بۇ سېخى تەبىئەتنىڭ ئەڭ گۈزەل ئەسەرلىرى كەبى ئۇنىڭ قوينىغا سىڭىشىپ كىتەتتى.
    توقايلىقنى كىسىپ ئۆتىدىكەن كېچەكتىن بېلىجانلارنى تۇتۇپ،سۇ چېچىشىپ ئويناپ چارچىغىنىدا يۇمشاق،ئىللىق قۇم ئۈستىگە ئۆزىنى تاشلىشىپ كۆپكۆك ئاسمانغا قاراپ يېتىپ ھەر ئىككىلىسى ئۆز خىياللىرىغا چۆمەتتى.
    مىھرىگۈلنىڭ خىيال ئېكرانىدا بىر كۈنلىرى پەرھات بىلەن مۇشۇ توقايلىقنىڭ ھوزۇرلىرىنى تەڭ سۈرۈشۈپ تەبىئەتكە سىڭىپ كىتىش پەرۋاز قىلسا،توختىگۈلنىڭ بالىلارچە سەبى خىياللىرى ئۇنى تۈرلۈك-تۈمەن(نىمە ئۈچۈن)لەرگە جاۋاپ بېرىشكە قىستايتى.
    بۇنداق چاغلاردا ئۇ سۇئاللىرىنىڭ جاۋابىنى ئۇستازىدىن ئالماقچى بولۇپ قارايتىدە ئۇنىڭ چېھرىدىكى بەخت نۇرلىرىدا چاقناپ كەتكەن ئىللىقلىقنى،روھىيىتىدە توقۇنۇش يۈز بېرىپ چېھرىدە ھوكۈم سۈرىۋاتقان جىمجىتلىقنى بۇزغۇسى كەلمەي ئۆمەللىگەن ئېغىزىنى ئاچالمىغان ھالدا ئۇستازىنىڭ پەرى سۈپەت نازاكىتى،گۈزەل چىرايىدىن ھوزۇرلىنىپ سۈيۈنۈش ئىلكىدە ئۇنىڭغا قاراپ يېتىپ كىتەتتى..
    ئەلۋەتتە مىھرىگۈلنىڭمۇ شۇتاپتىكى ھىسلىرىدىن توختىگۈلنى ئورتاقلاشتۇرغۇسى كىلەتتىيۇ ئۇنىڭ تېخى كىچىكلىكىنى ،ئۇستاز-شاگىرت ئوتتتۇرىسىدىكى نازۇك پەردە-شەپنى ئويلاپ خۇرسىنىپ قۇيۇپ ئۇنىڭغا ئۇزۇندىن-ئۇزۇن تىكىلىپ كىتىپ ئاخىرىدا: 
    -قاچانمۇ چوڭ بولارسىز ھە؟سىز چوڭ بولغاندا سىزگە دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرىم بار.-دەيتتى.
    توختىگۈل ئوڭايسىزلانغىنىنى ياكى خىجىل بولغىنىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئىپادىسى بىلەن خۇددى گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغاندەك قورۇنۇپقىنە كۈلۈپ قوياتتى.
    ئەلۋەتتە ئۇ چوڭ بولغانسىرى بولۇپمۇ ھازىر ئويلىغىنىدا ھىچكىمنىڭ چۈشەندۈرۈشى ھاجەتسىزلا ھەممىنى چۈشەنگەن ئىدى.كىشىلىك ھاياتتىكى نۇرغۇن سۇئاللارغا ئۆزلىكىدىن جاۋاپ تېپىلىدۇ ئەلۋەتتە!
    يەنە بىر تەتىل باشلىنىپ مىھرىگۈل ۋە پەرھات مۇئەللىملەر ئۆيلىرىگە قايتىشتى.بۇ قىسقىغىنە ئىككى ئايدەك ۋاقىتتا نىمە ئىشلارنىڭ بولغىنى توختىگۈلگە نامەلۇم.ئۇنىڭ غەلۋىسىگە چىدىمىغان ۋە ئۆزىمۇ مىھرىگۈلنى سېغىنغان مايسىخان ئانا ئۇنى ئېلىپ مىھرىگۈللەرنىڭكىگە ئىككى قېتىم بېرىپ بىر ئاخشامدىن تۈنەپ قايتىپ كىلىشتى.توختىگۈل ئۇستازىنىڭ تىتىكلىشىپ،ماي گۈللىرىدەك ھۆسنىگە تولغان چېھرىدىن خوشاللىق ئۇچقۇنلىرىنى كۆرۈپ ۋە يولدا قايتقاچ ئانىسىنىڭ ئاغزىدىن مىھرىگۈل مۇئەللىم بىلەن پەرھات مۇئەللىم توي قىلىدىغان بوپتۇ دىگەنلەرنى ئاڭلاپ چىن دىلىدىن سۈيۈندى.
    تەتىل توشۇپ مۇئەللىملەر قايتىپ كەلدى.دەرسلەر باشلاندى.پەرھات بىلەن مىھرىگۈللەرمۇ بورۇنقىدەك ئالاھىدە تارتىنىشىپ يۈرمەيدىغان بولدى.چۈنكى مەھەللىكىلەر ئۇلارغا چاي ئىچۈرۈلۈپ بولۇنغانلىقىنى ئۇزۇن قالماي تويى بولىدىغانلىقىنى بىلدى.ئۇلارنىڭ تويى مول-ھۇسۇللۇق كۈز پەسلىنىڭ قۇتلۇق بىر كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
    تويغا بىر ھەپتە قالغاندا ئۇلار مەكتەپتىن رۇخسەت سوراپ،مەھەللىدىكىلەرنى تويغا تەكلىپ قىلىشىپ ئۆيلىرىگە قايتتى.
    توي ھارپىسىدا مايسىخان ئانا توختىگۈلنى ئېلىپ ناھىيە بازىرىغا مىھرىگۈللەرنىڭكىگە باردى.ئاددى بولسىمۇ پاكىز تازىلانغان ھويلىدا ئاللىكىملەردۇر سەۋزە توغراش،گۆش پارچىلاشلارغا ياردەملىشىپ پايپېتەك بولۇشىۋاتاتتى.مايسىخان ئانا ھەممەيلەنگە بىر قۇر سالام قىلغاندىن كىيىن مىھرىگۈلنىڭ ئاپىسى بىلەن ئۇزۇندىن-ئۇزۇن مۇڭدىشىپ بىر مەسلىھەتلەرنى قىلىشاتتى.مىھرىگۈل بولسا چوڭلاردىن ئەيمىنىپ ياتاق ئۆيىدىن چىقماي،نەرسە كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ ئالىدىغاننى رەتلەپ قۇيىدىغاننى يىغىشتۇرغاچ توختىگۈلنى كىتاپلارنى رەتلەپ ساندۇققا سېلىشقا بۇيرىدى.ئۇ كىتاپلارنى رەتلەپ ساندۇققا سالغاچ ھەممىسىنىڭ مۇقاۋىسىنى كۆرۈپ چىقاتتى ئىچىدە‹‹نىمە دىگەن كۆپ كىتاپلار بۇ؟››دەپ سۈيۈنۈپ كىتەتتى.بەزىلىرىنى ئەتە توي دىمىسە ھازىردىن باشلاپ قايتقۇچە ئوقۇپ تۈگەتكۈسى كىلىپ كىتەتتى.
    ئۇلار يېرىم كېچىگۈچە شۇنچە ئالدىراش بولۇشتى.ياردەملەشكىلى كىرگەن خۇلۇم-خوشنا،ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭ ئايىقى بېسىلىپ قايتىدىن داستىخان سېلىنىپ تاماق تارتىلغاندىن كىيىن مىھرىگۈل بىلەن توختىگۈلمۇ چىقىپ چوڭلار بىلەن بىللە تاماق يىيىشتى.
    داستىخان ئۈستىدە ئانىسى مىھرىگۈلگە توختىماي ۋەز-نەسىھەت قىلاتتى،نىمىلەرنىدۇر تەكرار تەكىتلەيتى.قىزىغا قىيمايۋاتقاندەك بىردەم-بىردەم تىكىلىپ قاراپ ئۈمچىيىپ كىتەتتى.
    مىھرىگۈلنىڭ يىراقتىن توي ئۈچۈن كەلگەن بوۋىسى ھەممەيلەننى‹‹ بولدى ئۇخلاڭلار ئەتىگەنكى نىكاھقا تەييارلىق قىلغۇچە بىردەم ئارام ئېلىۋېلىڭلار››دىگەندىن كىيىن ھەممەيلەن جىمىشىپ يېتىشقا تەرەددۇت قىلىشتى.
    مىھرىگۈك بىلەن توختىگۈل يەنىلا مىھرىگۈلنىڭ ھوجرىسىدا بىللە ياتتى.لېكىن ئۇلارنىڭ گېپى تۈگەيدىغاندەك ئەمەس ئىدى.خۇددى ئەتە تويى بولسىلا بۇنداق پۇرسەتتىن مەھرۇم قالىدىغاندەك ئۇستازىغا تويماي قاراپ،توختىماي گەپ قىلىپ چارچىغان توختىگۈل تاڭ سۈزۈلەرگە يېقىن ئۇخلاپ قالدى.مىھرىگۈلنىڭ ئۇيقۇسى كىلىدىغاندەك ئەمەس،ھاياجاندىن يۈرىكى رىتىمسىز تېپچەكلەيتى.كۆڭلىگە بىر قارا سايە ھامان شۇملۇق شەپىسىنى تاشلاپ تۇراتتى.كىچىكىدىن مۇشۇنداق تەشۋىشكە چۈشكەن كۈنى ئۇنىڭغا بىرەر بالا-قازا ياكى ئازارچىلىق يىتىپ كەلگەچكە ئەندىشە ئىچىدە تەشۋىشى تېخىمۇ ئەۋج ئېلىپ كەتتى.
    ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ھويلىدىن بىر چېلەك سۇ ۋە داسنى شەپە چىقارماي ئەكىرىپ يۇيۇنۇپ تاراندى.نامازدىن كىيىن جەينامازدىن تۇرغۇسى كەلمەي ئۇزۇندىن-ئۇزۇن پەرھات ئىككىسىنىڭ كەلگۈسى بەختى،تىنىچ-ئامانلىقى ھەققىدە تىلەك تىلەپ دۇئا قىلدى.
    كۆڭلى سەل ئارامىغا چۈشكەندەك بولۇپ ياستۇققا يۆلەنگەندىن كىيىن بولسا بايىقى تىلەكلىرى ئىچىدىكى(پەرزەتىمىزنىڭ بويى پەرھاتتەك ئىگىز،ئۇنىڭدەك ئەقىللىق،تەمكىن....بولسا) دىگەن تىلەكلىرىدىن ۋىللىدە قىزىرىپ ئارقىدىنلا تاتلىققىنە بىر كۈلۈپ قويدىدە كۆزلىرى ئۇيقۇغا ئىلىندى.
    بامداتتىن يانغان جامائەتنى باشلاپ كەلگەن مىھرىگۈلنىڭ دادىسى تاماقلار تارتىلىپ دۇئالار قىلىنىپ بولغۇچىمۇ يىتىپ كىلەلمىگەن قۇدا تەرەپ ۋە پەرھات ئۈچۈن بىردە جامائەتكە ئۆزرىخاھلىق ئېيتسا بىردە نىمىلەردىندۇر ئەنسىرەپ دەرۋازا ئالدىغا نەچچە چىقىپ يولغا قارايتى.
    پەرھاتلارنىڭ ئۆيى ناھىيە بازىنىڭ چېتىدەرەك يېزىغا تۇتاشقان جايدا بولسىمۇ ھەر ھالدا ئارىلىقنى يىراق دەپ كەتكىلى بولمايتتى. 
    -كەپتىمۇ؟،-دەپ سورايتى مىھرىگۈل توختىگۈل ھەربىر سىرتقا چىقىپ كۈزىتىپ كىرگەندە تەقەززالىق ۋە ئەندىشە ئىچىدە.
    -ياق،-دەپ بېشىنى تۆۋەن سالاتتى توختىگۈل تولىمۇ بوش ئاۋازدا. 
    بىر ئاش پىشىم ۋاقىت مۇشۇنداق ئەنسىزلىك ئىچىدە ئۆتۈپ كەتتى.تەرەپ-تەرەپتىن تويغا كىلىشكە باشلىغان مىھمانلار ئالدىدا تولىمۇ ئوڭايسىزلانغان مىھرىگۈلنىڭ ئاتا-ئانىسى مىھمانلارغا چاندۇرماي داستىخان تەييارلاپ پايپېتەك بولۇشتى.
    ئاخىرى مىھرىگۈلنىڭ كۆڭلى تۇيغان شۇمخەۋەر يىتىپ كەلدى....
    پەرھات،دادىسى ۋە نەچچە مويسىپىتلار،پەرھاتنىڭ دوستلىرى بولۇپ ئوننەچچەيلەن ئىككى مەپىلىك ھارۋىدا قىزنىڭ ئۆيىگە ماڭغاندا ياندىكى يولدىن يۈگۈرۈشۈپ چىققان بالىلاردىن ئۈركۈپ كەتكەن ئات چىقىرىغاندەك بىرنى كىشنىدىدە ئۆزىنى ھارۋا بىلەن يول چېتىدىكى چوڭقۇر ئويمانلىققا ئاتتى....
    كەينىدىكى ھارۋىدىكىلەر ئاللا-توۋا دىيىشىكىنىچە پەسكە چۈشۈپ دۈم بوپ قالغان ھارۋا شوتىسىنى كۆتۈرۈپ باش-كۆزى قانغا بويالغان، پەرھات، دادىسى ۋە باشقا نەچچەيلەننى تارتىپ چىقىرىشىپ مەپىگە سېلىپ داۋالاش پونكىتىغا ئېلىپ ماڭدى....
    نەتىجىدە مىھرىگۈلنىڭ ئۆمۈرلۈك بەختى، تۇنجى سۆيگۈنى پەرھات يېرىم يولغا بارمايلا بۇ ئالەمگە قىيمىغان ھالدا‹‹مىھرىگۈل،مىھرىگۈل...)دەپ ئىڭرىغىنىچە كۆز يۇمدى.
    بۇلۇتسىز ئاسماندا تۇيۇقسىز چاخماق چاققاندەك يۈز بەرگەن بۇ پاجىئە ھەممەيلەننى ئېچىندۇردى.
    بۇ خەۋەرگە ئىشىنەلمىگەن مىھرىگۈل ئۆيدىن ئوقتەك چىقىپ كوچىغا ئۆزىنى ئاتتى.ئۇ يۈگۈرەيتى،يىغلايتى،نەگە ماڭغىنىنى ئۆزىمۇ بىلمەيتتى،كىشىلەر ئارىسىدىن پەرھاتنى ئىزدەيتى. 
    ئۇنىڭ ئارقىسىدىن چىققانلارنىڭ ھىچقايسىسى ئۇنىڭغا يىتىشەلمىدى پەقەت توختىگۈللا ئۇنىڭ بىلەن تەڭ يىغلاپ يۈگۈرەپ ئۇنى توسىۋېلىشقا ئورۇناتتى.ئۇلار نەچچە دوخمۇشتىن قايرىلدى،كۆرگەنلەر ئۇلارغا قاراپ نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي ھەيرانلىق ئىچىدە چەكچىيىپ قالاتتى.
    ئۇلار شۇنداق يۈگۈرۈشۈپ كىتىۋېتىپ قىسمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن پەرھاتنىڭ جەسىدىنى ئۆيىگە ئېلىپ ماڭغان ھارۋىنىڭ ئالدىغا كىلىپ قالدى.مىھرىگۈل خۇددى بىرەر مۆجىزە يۈز بېرىدىغاندەك تەما بىلەن تەلمۈرۈپ پەرھاتنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىغا بىرمۇ بىر قاراپ چىقىپ ئۇلارنىڭ مۇسىبەت باسقان چىرايىدىن يىغا-زارىدىن باشقا ھىچنىمىگە ئېرىشەلمەي ھارۋىنىڭ ئالدىنى توسۇپ توختىشىنىمۇ ساقلىماستىن ھارۋا ئۈستىدە ياتقۇزۇلغان پەرھاتقا ئۆزىنى ئاتتى.ئۇنىڭ تۇنۇغۇسىز بولۇپ كەتكەن چىرايىغا قاراپ يۈرەك باغرى ئۆرتىنىپ شۇنداق قاتتىق چىقىرىدىكى قورقىنىدىن توختىگۈلنىڭ يۈرەك سوقۇشى توختاپ قالغىلى تاسلا قالدى.
    -ھاي ھاي قىزىم سەۋرى قىلىپ رەھمەتلىككە بەدىنىڭىزنى تەككۈزمەڭ سىلەرگە تېخى نىكاھ ئوقۇلمىغان،نامەھرەم بولىدۇ-دەپ تەسەللى بېرىۋاتقان ئىمامئاخۇنۇم مىھرىگۈلنىڭ پەرھاتنىڭ ئۈستىدە ئۆزىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىغاندەك چاپلىشىپ ياتقىنىدىن سەل نارازى بولدىدە كۆپچىلىكنى قىزنى تارتىۋېلىشقا بۇيرىدى .قىز پەرھاتنىڭ قانغا مىلەنگەن كۆينىكىنى چىڭ مۇجۇقلىۋالغان ئىدى.كۆپچىلىك خېلى تەستە ئۇنى ئاجرىتىپ ئېلىپ يەرگە چۈشۈرۈپ قويدى نەچچەيلەن ئۇنى يۆلەپ قالدى. قالغانلار بولسا ھارۋىغا ئەگىشىپ يولىغا راۋان بولدى.
    توختىگۈل ئۇستازىنىڭ چۈشۈپ قالغان بەتىنكىسىنى تېپىپ كىلىپ مىڭ تەستلىكتە پۇتىغا كىيدۈرۈپ قويدىدە،ئىسەدەپ تۇرۇپ،قىزىرىپ،ئىششىپ كەتكەن كۆزلىرىنى ئۇستازىنىڭ چىرايىغا ئاغدۇرۇپلا ئەندىكىپ كەتتى.
    مىھرىگۈلنىڭ چىرايىدا بايىقى ئازاپنىڭ ئىزناسىمۇ قالمىغان بولۇپ تولىمۇ بىغەم كۆرۈنەتتى. تۇرۇپلا ئۇ شۇنداق قاقاھلاپ كۈلدىكى، ئەتراپتىكىلەر (توۋا) دىيىشىپ ياقىلىرىنى چىشلەشتى.


قىسمەتلەر باشقا تېمىلار
قىسمەتلەر (1)قىسمەتلەر (2)قىسمەتلەر (3)قىسمەتلەر (4)قىسمەتلەر (5)
قىسمەتلەر (6)قىسمەتلەر (7)