باش بەت / ساقلايمەن

قىسمەتلەر (6)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-17 08:34 | ئاپتور: سائادەت ساتتار | مەنبە: ئىجادىيەت | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

 

    سەمەتجان قىيىنئانىسى قازا قىلغان ئاشۇ كۈنى ئوچاققا ئوت قالاۋاتقاندا قىيىنئاتىسىنىڭ‹‹ئوتنى ئۇچۇر ۋۇي بەردبەخت ئاناڭنى كۆيدۈرۈپ بولاي دەپسەن››دىگىنىدىن كىيىن چۆچۈپ قېچىپ چىقىپ كەتكىنىچە بۇ ئۆيگە قايتا قەدەم باسمىدى.
    مەھللىدىكىلەرنىڭ نەپرەت بىلەن قاراشلىرى جان-جېنىدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقاچقا ئادەم بار جايدىن ئۆزىنى قاچۇردى.پات-پات مەخمۇت توخۇ بەڭگىلەرنى يىغىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە بارغاندا بەرگەن تەسەللىرىگە قايىل بولۇپ ئاستا-ئاستا ئۆزىدىكى گۇناھ تۇيغۇلىرىنى ئۇنتۇپ نەشىنىڭ بىھۇش قىلغۇچى كەيپىگە سىڭىپ كەتتى.ئايشەمگۈل بەزى يېرىم كېچىلەردە ئۇنى يوقلاپ بېرىپ ‹‹ھال سوراپ››تۇراتتى.توختىگۈلنىڭ ئۆزىنى مەڭگۈ كەچۈرمەيدىغانلىقىنى تولۇق ھىس قىلغان سەمەتجان بىر كۈنى ئېتىز بېشىدىلا ئۇنىڭغا‹‹ئۈچ تالاق ئەرگە تىگىۋالسىڭىز بولىدۇ››دەپ گەپنى ئۈزىۋەتتى.توختىگۈل ئىپادىسىز كۆزلىرىنى ئەسلىدىكى ئورنىدىن يۆتكىمىگىنىچە ئۈنسىز ئۆز يولىغا كىتىۋەردى.
    ئىشتىن چۈشۈپ ھويلىدىكى سۇپىدا سۇنايلىنىپ يېتىپ مۇڭغا چۆككەن توختىگۈل بىرسىنىڭ توۋلىشىدىن چۆچۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ ماغدۇرسىز پۇتلىرىنى سۆرەپ بېرىپ دەرۋازىنى ئاچتى.
    ئىشىك ئالدىدا پاتىگۈل مۇئەللىم تۇراتتى.توختىگۈل بۇ قەدىردان ئۇقۇتقۇچىسىنى كۆرۈپ خوشال بولغان بولسىمۇ كۈلۈشنى ئۇنتۇپ قالغان چىرايىغا زورىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ سۇپىغا كۆرپە سېلىپ ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ ،داستىخان سېلىپ چاي قۇيدى. 
    -سىزگە خۇشخەۋەر ئەكەلدىم،-دىدى پاتىگۈل مۇئەللىم شاتلىقتىن يورۇپ كەتكەن كۆزلىرىنى توختىگۈلدىن ئۈزمەي تۇرۇپ.
    -ئېيتىسىلا مۇئەللىم نىمە خوشخەۋەر؟بۇ كۈنلەردىمۇ خۇشخەۋەر بارمىدۇ ماڭا؟-دىدى توختىگۈل ئەجەپلىنىپ مۇئەللىمگە قاراپ.
    -بۇ خەتنى كۆرسىڭىز بىلىسىز،-دەپ بىر پارچە چىرايلىق قاتلانغان خەتنى توختىگۈلگە سۇندى پاتىگۈل مۇئەللىم.
    توختىگۈلنىڭ يۈرىكى ئۆزىگە تونۇش بۇ قاتلىنىش شەكلىدىن قارتتىدە قىلىپ قالدى ۋە تىترەڭگۈ قوللىرىدا خەتنى ئاچتى.
    ئاھ! بۇ ئۇنىڭغا تولىمۇ تونۇشلۇق پۇچۇركىلار ئىدى.
    -مىھرىگۈل مۇئەللىمنىڭ خېتىكەنغۇ بۇ؟ ئۇ ساقىيىپتىما؟!
    -ھەئە، بۈگۈن ناھىيەگە بارغانىدىم.مىھرىگۈلنى يوقلاپ كىلەي دەپ بارسام ئۇ ساقىيىپتۇ،سىزنى بەك سوراپ ئاخىرىدا بۇ خەتنى سىزگە بېرىپ قويۇشۇمنى ھاۋالە قىلغانىدى شۇڭا ئۇدۇل سىزنىڭ يېنىڭىزغا كىلىشىم توختىگۈل.مىھرىگۈل مۇئەللىم پات ئارىدا يەنە مەكتەپكە قايتىپ خىزمەتكە چۈشىدىغان بوپتۇ.
    توختىگۈل ھاياجان ياشلىرىنى تۆكۈپ ئولتۇرۇپ خەتنى ئوقۇشقا باشلىدى:  
   < سالام جېنىم سىڭلىم، ئەقىللىق ئۇقۇغۇچۇم توختىگۈل. ياخشى تۇرۋاتامسىز؟ 
    پاتىگۈل مۇئەللىمنىڭ سۆزلىرىدىن قىسمەتلىرىڭىزدىن خەۋەردار بولدۇم.مىنى كەچۈرۈڭ،بېشىڭىزغا ئازاپ-ئوقۇبەت،قايغۇ-ئەلەم...كەلگەنلەردە مەن بۇ ئالەمدىن بىخەۋەر پەرۋاسىز ياشاپتىمەن.مۇسىبەتلەردە يېنىڭىزدا تۇرالماپتىمەن.بۇ تەغدىر ھەرخىل قىسمەتلەر بىلەن بىزنى سىناۋاتقان بولسا كېرەك.بىز چوقۇم غەيرەت بىلەن ياشىشىمىز كېرەك.مەن پات يېقىندا قېشىڭىزغا قايتىپ بارىمەن.قالغان گەپلەرنى كۆرۈشكەندە دىيىشەرمىز. ئامان بولۇڭ ! 

                                                                  -نەچچە يىللىق قاباھاتلىك ئۇيقۇدىن ئويغانغان ئۇستازىڭىزدىن. >

    توختىگۈل پاتىگۈل مۇئەللىمنى ئۇزىتىپ قويۇپ قايتىپ كىرگەندىن كىيىنمۇ بۇ قىسقىلا يىزىلغان بولسىمۇ نەچچە يىللاردىن بۇيان ئۆچۈپ قالاي دىگەن ھايات شامىنى قايتا ياندۇرغان خەتنى قايتا-قايتا ئوقىدى.باغرىغا بېسىپ يامغۇردەك ياشلىرىنى تۆكتى.بۇرۇنقى چاغلىرى بولسا ئىدى كېچىچە پىيادە مېڭىپ بولسىمۇ بېرىپ ئۇستازىنىڭ باغرىغا ئۆزىنى قايتا ئېتىپ قانغۇدەك يىغلىۋېلىپ تاڭ ئاتماستا ئىشقا ئۈلگۈرۈپ كىلىپ بولغان بولاتتى.لېكىن ھازىر ئۇنىڭدا ئۇنچىلىك ماغدۇر قالمىغان.ئۇ كۈنلەرنى مىھرىگۈل مۇئەللىمنىڭ كىلىشىنى تاقەتسىزلىك بىلەن ساقلاش بىلەن ئۆتكۈزدى.ھەر كۈنى مەيلى ئېتىزلىقتا بولسۇن،مەيلى ئۆيدە بولسۇن كۆزلىرى ھامان ئۇستازىنىڭ كىلەر يوللىرىدا ئىدى.قاسىمئاخۇن ئاكا ۋە مۇخپۇللارمۇ ئۇنىڭ كىچىككىنە ئۈمىد نۇرلىرى پارلىغان چېھرىگە قاراپ خېلىلا تىتىكلىشىپ قېلىشقان ئىدى.ئۇلارمۇ ئوخشاشلا مىھرىگۈلنىڭ كىلەر يولىغا تەلمۈرۈپ توختىگۈلنىڭ ئۇستازىنى كۆرگەندىكى شاتلىقىنى تېزرەك كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىشاتتى.
    ئالاھەزەل بىرەر ئايدىن كىيىن مىھرىگۈل مۇئەللىم توختىگۈللەرنىڭ ھويلىسىغا قەدەم باستى.ئىككى دەرتمەن ئاجىزەلەر يۈرەكلەرنى ئەزگۈدەك ھالدا قۇچاقلىشىپ يىغلاشتى.قاسىمئاخۇن ئاكا بىلەن مۇخپۇل ئۇلارنىڭ ھالىتىگە چىداپ تۇرالمايۋاتقان بولسىمۇ‹‹ئىچىدىكى دەرتلىرىنى يىغلاپ چىقىرىشىۋالسۇن››دىيىشىپ چەتتە كۆز-ياشلىرىنى قىزلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن يۇشۇرۇشۇپ يەڭلىرىگە سۈرتۈپ سۈكۈت بىلەن تۇرۇشتى.
    مىھرىگۈل يەنە بۇرۇنقىدەكلا توختىگۈلنىڭ ھوجرىسىدا قونۇپ قالدى.بۇرۇنقى نۇرغۇنلىغان ئەسلىمىلەرگە قايتا چۆكۈنگەن بۇ ئىككى دەرتمەن تاڭ سۈزۈلگۈچە مۇڭداشتى.باشلىرىدىن ئۆتكەن قىسمەتلەردىن گاھى ياش تۆكۈشسە گاھى ئىككىسىنىڭ جەم بولغىنىدىن سۈيۈنۈشۈپ خوشاللىق ياشلىرىنى تۆكۈشتى.ئەتىگىنى ھەرئىككىلىسى ئۆز تىرىكچىلىكىگە ماڭغان يولىدا يەنىلا نۇرغۇن گەپلىرىنىڭ چالا قالغانلىقىنى ھىس قىلىشىپ كەچتە دىيىشىدىغان گەپلىرىنى ئويلىشىپ،بىر-بىرىدىن ئالغان تەسەللىلىرىدىن تىتىكلىشىپ قالغان قەدەملەر بىلەن يۈرۈپ كەتتى.
    مىھرىگۈل مەكتەپ ئالدىدا دائىم ئۇنى كۈتۈپ تۇرىدىغان پەرھاتنى يەنىلا شۇ يەردە ئۇنى كۈتىۋاتقاندەك ھىس قىلىپ كەلگەن ۋە قەدەملىرىنى تېخىمۇ تېزلەتكەن بولسىمۇ، ئاخىرقى خاتا سەزگۈسىنى بەربات قىلغان دەرۋازا ئالدى ئۇنىڭغا شۈنچە سوغۇق كۆرۈندى.
    ئۇ سىنىپلارغا كىرىگىنىدە ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلەن سالام قىلغان ئۇقۇغۇچىلىرىنى كۆرۈپ دىلى كىچىككىنە سۈيۈنۈشتىن يورۇپ كەتتى.ئىشخانىغا كىرگىنىدە پەقەتكى پەقەت قورۇق تۇرغان ئاشۇ ئۈستەلگە كىلىپ ئولتۇرۇپ ئۈستەل يۈزىنى ئالقىنى بىلەن سۈرتتى. 
    پەرھات ئولتۇرغان ئورۇندۇقلارنى سىيلاپ يۇم-يۇم ياشلىرىنى تۆكتى.
    ‹‹قارىغۇنى كۆزىدىن ئايرىغان خۇدايىم ھاسسىسىدىن ئايرىماپتۇ››دىگەندەك توختىگۈلنىڭ شاتلىقنى ئۇنتۇپ ۋاقىتسىز سۇلغان چېھرىگە ئۇستازىنىڭ يىتىپ كىلىشى بىلەن قايتىدىن نۇر يېغىشقا باشلىدى.كۈنلەر يەنىلا ئاۋالقىدەك ئۆتىۋاتاتتى.پەسىللەر،يىللار ئالمىشىۋاتاتتى.دىمەك يەر شارىمۇ ئۆز ئوقىدا رىتىمىنى بىلەن ئايلىنىۋاتاتتى.
    ئىككى ئاجىز ئايال بىر-بىرىگە ھەمنەپەس بولۇپ سىرداش بولۇپ بىر بىرىدىن تەسەللى تېپىپ ياشاشقا ۋە بېشىدىن ئۆتكەن قىسمەتلەرنى خاتىرە قىلىپ پۈتۈشكە بەل باغلىدى.ئۇلار بىكار بولسىلا ھىجران،ئازاپقا تولغان خاتىرە بەتلىرىنى تولدۇرۇشتى.بۇ كۈنلەردە خاتىرە يېزىۋاتقان بۇ ئىككى ئاياللا ئەمەس ئىدى.پىنھاندىكى ئۈنسىز نىدالىرىنى مۇڭلۇق خىياللىرى بىلەن قوشۇپ مۇخپۇلمۇ خاتىرە بەتلىرىگە سىڭدۈرىۋاتاتتى.
    كەنتتىن ئوقۇتقۇچىلارغا يەر تەقسىملەپ بېرىۋىدى،مىھرىگۈل ۋە توختىگۈللەر ئوخشاشلا ئايرىم ياشاشنى خالىمىدى.ئۇ يەرگە ئۆي سالغاندا كىتىدىغان چىقىملارنى مۇخپۇلغا بېرىلگەن يەرگە سەر قىلىپ ئۇنى ئۆي-ئوچاقلىق قىلىپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆرۈشۈپ بۇ مەسلىھەتىنى قاسىمئاخۇن ئاكىغا ئېيتىشتى.
    -بەك ياخشى ئويلاپسىلەر قىزلىرىم.مىنىڭمۇ خېلى بۇرۇنلا شۇنداق ئويۇم بار ئىدى.-دىدى دادا خوشال بولۇپ،-بۇ بالا ئەقىللىق ،رايىش،ئوبدان بالا بولدى.شۇنچە يىللاردىن بېرى ئۆيلەپ قويۇشنى ئويلاپ نەچچە گەپ ئاچساممۇ نىمىشقىكىن يېقىن يولىماي يۈرىدۇ.يېشىمۇ ئاللىبۇرۇن نەچچە بالىغا دادا بولىدىغان ياشقا يەتتى.ئەمدى ئۇنىمىسىمۇ ئۇنىماي ئۆي-ئوچاقلىق قىلىپ قويىلى.
    ئۇلار مەسلىھەتنى پۇشۇرغاندىن كىيىن كەچتە مۇخپۇلغا بۇ مەسلىھەتنىڭ روھىنى يەتكۈزدى.بېشىنى تۆۋەن سېلىپ تىڭشاپ ئولتۇرغان مۇخپۇل‹‹ئۆيلەپ قويۇش››دىگەن سۆزدىن ئەندىكىپ بېشىنى كۆتۈرۈپ بىرنىمىلەرنى دىمەكچى بولدىيۇ،قاسىمئاخۇن ئاكىنىڭ‹‹نىمە دەيدىغىنىڭنى بىلىمەن،لېكىن بۇ قېتىم چوقۇم گېپىمىزنى ئاڭلىشىڭ كېرەك،بۇ بىزنىڭ پەرزىمىز››دىگىنىدىن كىيىن ھىچنىمە دىمەي خېلى ئۇزۇن سالپىيىپ ئولتۇرۇپ كىيىن ئاستا قوپۇپ باغ تەرەپكە كىرىپ كەتتى.
    بۇ يىگىتنى ئۆز ئىنىسىدەك كۆرۈپ كىلىۋاتقان مىھرىگۈل بىرھازادىن كىيىن ئۇنىڭ ئارقىدىن باغقا چىقتى.مۇخپۇل چۆپلۈك ئۈستىدە سالپىيىپ ئولتۇرۇپ،ئېغىر ئۇھسىنىپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇراتتى.
    -ئۇكام،-دىدى مۇلايىمغىنە يېنىغا كىلىپ ئولتۇرغان مىھرىگۈل،-ئوغۇل چوڭ بولسا ئۆيلىنىپ بالا-چاقىلىق بولۇپ ئۆتۈش ئەلمىساقتىن تارتىپ قانۇنىيەت.بۇ ئىشتىن نىمىشقا بېشىڭىزنى تارتىدىغىنىڭىزنى بىلىپ باقسام بولامدۇ؟قاسىمئاخۇن ئاكىنىڭ ئالدىدا ئېيتالمىغان،ئۇيالغان تەرەپلىرىڭىز بولسا ماڭا دەڭ،ئويلاپ قويغان يەرلىرىڭىز بولسا دىيەلمەيۋاتامسىزيە؟نىمىلا بولسا بار مەسلىھەت قىلىمىزغۇ؟بېشىڭىزنى قاتۇرماڭە؟
    مىھرىگۈل سىپايىلىق بىلەن خېلى گەپلەرنى ئەگىتىپ،چۈشەندۈرۈپ دىگۈدەك خېلى ئۇزۇن سۆزلىگەندىن كىيىن مۇخپۇل بېشىنى كۆتۈرۈپ ئويچان كۆزلىرى بىلەن ئۇنىڭغا بىر دەم قاراپ تۇرغاندىن كىيىن ئاغزىنى باشتا ئۈمچەيتىپ ئاندىن ئۆمەللەپ مىڭ تەستلىكتە گەپ باشلىدى.
    -مىھرىگۈل ئاچا،سىزدىن گەپ يۇشۇرمايمەن.مىنىڭ توختىگۈلنىڭ بىر ئۆمۈر خىزمىتىنى قىلىپ ئۆتكۈم بار ئىدى.
    مىھرىگۈل بۇ گەپتىن چۆچۈپ كەتكەن بولسىمۇ دەقىقە ئىچىدە ھەممىنى چۈشىنىپ يەتتى.ۋە گەپنىڭ ئاخىرىنى دەڭ دىگەندەك ئىما بىلەن باش لىڭشىتتى.
    -مەن بۇ ئۆيگە دەسلەپ كەلگەندىلا توختىگۈلگە كۆڭلۈم چۈشۈپ قالغان ئىدى.كىيىن ئىشلار ئويلىغىنىمدەك بولماي قالدى.ھەرنىمە بولسا ئۆز سۆيگىنىنىڭ بەختىنى كۆرۈشمۇ بىر خىل بەخىتكەن.ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىن سۈيۈنۈپ بەخت تىلەپ بىر ئۆمۈر مۇشۇنداق ئۆتۈپ كىتىشنى نىيەت قىلغانىدىم.ھەمدە بۇ سىرىمنى مەڭگۈ ئىنسىجىنغا تىنماسلىقنى ئەھدىم قىلىپ ياشاپ كەلگەنتىم.كىيىنكى ئىشلار ئويلىغىنىمدەك بولماي سەمەت دىگەن نىجىس پەرىشتىدەك بۇ قىزنى نابۇت قىلىپ،ئازاپ دېڭىزىغا تاشلاپ كەتتى.بىلىمەن توختىگۈل كىيىنكى ئۆمرىدە ئەركىشى دىگەندىن نەپرەتلىنىپ ياشايدۇ.ئۇنىڭ قەلبىدەك ساپ قەلىبدە نەپرەت ئورۇن ئالغانىكەن ئۇنىڭ ئورنىنى مۇھەببەتكە ئالماشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس.شۇڭلاشقا مەن شۇنچە يىللاردىن بۇيان يەنىلا چاندۇرماي ياشاپ كەلدىم.ئۇنى كۈندە كۆرۈپ تۇرغىنىم.ئازاپ-شاتلىقلىرىغا ئورتاقلاشقىنىم،قولۇمدىن كىلىشىچە خىزمىتىنى قىلغىنىم....مىنىڭ ئەڭ چوڭ بەختىم مانا مۇشۇلار مىنىڭ بىر ئۆمۈر ئەزىزلەپ ئۆتۈشۈمگە ئەرزىيدۇ دەپ ئويلايمەن.ئۇنى ئەمرىمگە ئېلىشنى كېچە-كۈندۈز اللاھتىن تىلىسەممۇ يەنىلا ئېغىز ئاچماسلىقتىكى سەۋەبىممۇ دەل ئۇنىڭدىن مۇشۇ سەۋەپلىك مەھرۇم بولۇپ قېلىشتىن قورقۇش .ئۇ ئەگەر نىيىتىمنى بىلسە مىنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ ياكى بۇندىن كىيىن بۇ ھويلىدا بىللە تۇرۇش مۇمكىنچىلىقى قالمايدۇ.
    مۇخپۇل ئىچ-باغرىنى مىھرىگۈلگە پۈتۈنلەي تۆكۈپ بېرىپ خېلىلا يىنىكلەپ قالدى.مىھرىگۈل ئۇنىڭ بۇ پاك سەمىمى مۇھەببىتىدىن سۈيۈندى.ۋە ئۆز كۆڭلىدە ‹‹ئىلان چاققان كىشى ئارغانچىدىنمۇ قورقىدۇ››مەن چوقۇم بۇ مۇھەببەتنى ئاستا-ئاستا توختىگۈلگە سەزدۈرۈپ ئۇنىڭ ئاللىبۇرۇن ئۆچكەن قىزلىق ھىسسىياتىنى قايتا تىرىلدۈرۈشۈم كېرەك››دىگەنلەرنى ئويلاپ،مۇخپۇلغا بىرمۇنچە يوللارنى كۆرسىتىپ ئىككىسىنىڭ بۇ ئىش ئۈچۈن قىلىدىغان ۋەزىپىلىرىنى ئوبدان مەسلىھەتلىشىۋېلىپ ئۆيگە قايتىپ كىرىشتى.
    كىيىنكى كۈنلەردە مىھرىگۈل توختىگۈلگە ھەدىسىلا مۇخپۇلنىڭ ياخشى گەپلىرىنى قىلىپ،ئامال بار ئىككىسىنى يالغۇز قالدۇرىدىغان پۇرسەتلەرنى كۆپەيتىپ،توختىگۈلنىڭ بۇ مۇھەببەتنى بالدۇرراق سىزىشى ۋە قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن تىرىشتى.
    دۇنيادا يات جىنىسنىڭ ئۆزىگە دىققەت قىلىۋاتقىنىنى سەزمەيدىغان ئايال بولمىغىنىدەك توختىگۈلمۇ مۇخپۇلدىكى بۇ تەساددىپى، تەشەببۇسكار، بۇرۇنقىدىن خېلى رۆشەن ئۆزگىرىشلەرنى سەزگەن ئىدى ئەلۋەتتە.لېكىن ئۇ ئىككىلىنەتتى.سەمەتجان قالدۇرۇپ كەتكەن ئازاپلىق قارا سايە ئۇنىڭ بېشىدا ھەرمەھەل ئايلىنىپ يۈرەتتى.ئۇنىڭ ئەمدى بىرەر ئۇقۇبەتكە دۈچ كەلسە كۆتۈرەلمەيدىغان يۈرىكى ئۇنىڭ ئويلىرىنىڭ ئەكسىچە مۇخپۇلغا مايىل بولۇشقا باشلىغىنىنى سەزگىنىدە ئۆزىمۇ ئەندىكىپ كىتەتتى.ئۇ ئەنسىرەيتى.مەھەللىدىكىلەرنىڭ سەمەتجاننىڭ تۇتۇرۇق يېقىشى بىلەن مۇخپۇل بىلەن ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ھەرخىل شاخ چىقىرىشلىرىدىن.نەچچە ۋاقىتتىن ئۆز قېرىندىشىدەك كۆرۈپ كەلگەن ۋە بۇرۇنلاردا ئۇنى‹‹قۇشناچىم››دەپ ئاتىغان مۇخپۇلنى قانداق قوبۇل قىلىشتىن.بىر قېتىم بۇرنىغا يەپ سۇلغان جىسمىنى تېخى توي قىلمىغان ھەتتا بىرەر قىزنىڭ قولىنىڭ ئۇچىنىمۇ تۇتۇپ باقمىغان مۇخپۇلغا ئاتا قىلىشتىن قورۇناتتى،ئۆزىنى گۇناھكاردەك،رەھىمسىزدەك ئەيىپلەيتتى. 
    مىھرىگۈلنىڭ ئاتا-ئانىسى ئارقا-ئارقىدىنلا ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلىشتى.يىغلاپ-قاقشاپ يۈرۈپ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆلۈمىنى ئۇزاتقان مىھرىگۈل توختىگۈل بىلەن بىللە ئۆيدىكى ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان مىراسلارنى ئېلىپ ئۆينى ئىنىسى ۋە ئۇنىڭ خوتۇن بالىلىرىغا بىكارلاپ بېرىپ قايتىپ كەلدى.ئۇ ئەمدى مۇشۇ يېزىغا ھەقىقى سىڭىپ كەتكەن ئىدى.نە ئارزۇ-ئارمىنى نە ئىچكۆيەر تۇققانلىرى قالمىغان مىھرىگۈل كىيىنكى ھاياتىنى مەسۇملارنىڭ دىلىنى ئىلىم بىلەن يورۇتۇشقا بەل باغلاپ مىھرى ئىللىق ئىككىلا ماكانى ئۈچۈن يەنىلا مەمنۇنلىتاتتى.بىر ئىللىق ماكان-مەكتەپ.يەنە بىرى بولسا مىھرىگۈللەرنىڭ ئائىلىسى ئىدى.قەلبى ئازاپ-ئوقۇبەتلەرگە تولغان تۆت دەرتمەن بۇ ئائىلىدە بىر-بىرىگە ھەمنەپەس،يۆلەك بولۇشۇپ ھاياتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتاتتى.


قىسمەتلەر باشقا تېمىلار
قىسمەتلەر (1)قىسمەتلەر (2)قىسمەتلەر (3)قىسمەتلەر (4)قىسمەتلەر (5)
قىسمەتلەر (6)قىسمەتلەر (7)