ئەسەر بەت ئۈستى  1000-80
ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى ئۆمۈر بىلەن مۇناسىۋەتلىك-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...

ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى ئۆمۈر بىلەن مۇناسىۋەتلىك

مەنبە : يەر شارى تورى       ئاۋاتلىقى 1259   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 20-03-2016
ئەسەر كۈرش بەت 650-90ئېلان

 ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى ئۆمۈر بىلەن مۇناسىۋەتلىك

 

يەر شارى تورى خەۋىرى
رۇسىيە «ساغلاملىق تورى»نىڭ 3-مارتتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نورۋېگىيە ئالىملىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇخلاش ۋاقتى تۆت سائەتتىن سەككىز سائەتكىچە بولىدىكەن، بۇ دائىرىدىن ئېشىپ كەتسە، يۈرەك كېسىلى سەۋەپلىك بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.
ئالىملارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇخلاش ۋاقتى بەك قىسقا بولسا يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى %36، ئەكسىچە بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە %28 ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. ئەھۋالدىن قارىغاندا، كۆپ ئۇخلاش ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولماسلىققا قارىغاندا، ياخشىراق ئىكەن. شۇنداقلا تۆت سائەتتىن ئالتە سائەتكىچە ئۇخلىغان ئادەم بىلەن ئالتە سائەتتىن سەككىز سائەتكىچە ئۇخلىغان ئادەمنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدا چوڭ پەرق بولمايدىكەن.
ئالىملارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئاياللارنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتىنىڭ ياخشى بولماسلىق سەۋەبىدىن بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى يۇقىرى بولۇپ، بولۇپمۇ 65 ياشتىن يۇقىرىلاردا بۇ خىل ئەھۋال كۆپ كۆرۈلىدىكەن. بۇندىن باشقا، ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولمىسا  ئادەمدە بېسىم پەيدا قىلىپ، سېمىزلىك ۋە دىئابېت  كېسەللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
 

ئەڭ كىنولار

ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

ئەڭ يېڭى قىسقا فىلىم