ئەسەر بەت ئۈستى  1000-80
تور خۇمارى ئادەمنى يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار قىلىدۇ-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...

تور خۇمارى ئادەمنى يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار قىلىدۇ

مەنبە : خەلقىم تورى       ئاۋاتلىقى 873   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 09-03-2016
ئەسەر كۈرش بەت 650-90ئېلان

 تور خۇمارى ئادەمنى يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار قىلىدۇ

ئەنگلىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر 500 ئادەمنى كۈندە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئالتە سائەت تورغا چىقارغاندىن كېيىن مۇنداق يەكۈن چىقاردى:«تور خۇمارى ئورگانىزمىلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىگە زىيان سېلىپ، ئادەمنىڭ سەكتە ۋە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنى كۈچەيتىۋېتىدىكەن، چۈنكى تەتقىقات نەتىجىسى تورغا تايىنىۋېلىش قانچە ئېغىرلاشسا، ئادەمنىڭ زۇكام ۋە يۇقۇشچان زۇكامغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى نورمال كىشىلەرگە قارىغاندا %30 يۇقىرى بولىدىغانلىقى؛ توردىن چۈشكەندىن كېيىن ئۇلاردا ئەنسىزلىك، جىددىيلىشىش قاتارلىق پسىخىكىلىق ئالامەتلەر پەيدا بولۇپ، سەكتە ۋە يۈرەك تىقىلمىسى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى ھەسسىلەپ كۈچىيىدىغانلىقىنى دەلىللىدى».
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى:«جىددىي كەيپىيات بىلەن ئەركىن كەيپىيات ئۆزئارا ئالماشسا، بەدەندىكى پوستلاق ئالكوھولنىڭ سەۋىيىسىدە ئۆزگىرىش پەيدا بولىدۇ، بۇ خىل گورمون ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ بۇنىڭدىن باشقا، تورغا خۇمار بولۇپ قالغانلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىسى تازا كەڭ بولمىغاچقا، ئۇلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىزلاپ ئۇيقۇسى قاچىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار تاماكا بىلەن ھاراققا بېرىلىپ كېتىدۇ، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگىمۇ ئىنتايىن ئاز قاتنىشىدۇ، بۇ ئامىللار ئۇلارنىڭ يۈرەك ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، يۈرەك تىقىلمىسى ۋە سەكتىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى كۈچەيتىدۇ».
 
 
«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن ئېلىندى
 

ئەڭ كىنولار

ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

ئەڭ يېڭى قىسقا فىلىم