ئەسەر بەت ئۈستى  1000-80
كۆزنى ئاسراشنىڭ ئاددىي ھەم ئىشەنچىلىك ئون تۈرلۈك ئۇسۇلى-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...

كۆزنى ئاسراشنىڭ ئاددىي ھەم ئىشەنچىلىك ئون تۈرلۈك ئۇسۇلى

مەنبە : nur.cn       ئاۋاتلىقى 1290   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 16-03-2016
ئەسەر كۈرش بەت 650-90ئېلان

 1.كومپيۇتېر مەشغۇلاتى بىلەن شۇغۇللانغاندا، ئىككى سائەتتە بىر قېتىم ئورنىدىن تۇرۇپ ئون مىنۇت ئارام ئېلىش كېرەك.

2. غۇۋا چىراغ نۇرىدا كىتاب ئوقۇماسلىق ياكى تىككۈچىلىك قىلماسلىق لازىم.
3. تېلېۋىزور كۆرگەندە، تېلېۋىزور بىلەن بولغان ئارىلىق ئېكران كەڭلىكىنىڭ بەش ھەسسىسىگە باراۋەر كەلگۈدەك يىراق بولۇشى كېرەك.
4. ياغاچچىلىق، ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش، ئوت- چۆپ ئورۇش قاتارلىق يوشۇرۇن خەتىرى بار خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللانغاندا بىخەتەرلىك ئەينىكى تاقاش لازىم.
5. ياز كۈنلىرى سىرتقا چىققاندا، ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ كۆزگە بولغان تەسىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن 80~75 پىرسەنتلىك نۇر قايتۇرغۇچ كۆزەينەك تاقاش لازىم.
6.كۆز كېسىلىنى داۋالاتقاندا ئۈزۈل كېسىل داۋالىتىش كېرەك.
7. كۆز تورلىشىش، غۇۋا كۆرۈش، كۆز قىزىرىش، كۆزگە ئاق چۈشۈش قاتارلىق كۆز كېسەللىكلىرى ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە تەكشۈرتۈپ تۇرۇش لازىم.
8. دوختۇرلار كۆزەينەك تاقاش تەكلىپىنى بەرگەندە يۇقۇملۇق كېسىلى بارلار ئىشلەتكەن كۆزەينەكنى ئىشلەتمەسلىكى كېرەك.
 
9. كۆزەينەكنى ھەر كۈنى سۈرتۈپ تازىلاپ تۇرۇش ھەمدە بىر نەچچە ئايدا بىر قېتىم تەكشۈرتۈپ تۇرۇش لازىم. كۆزەينەكنى تاقىمايدىغان چاغدا قاپچۇققا سېلىپ قويۇش لازىم.
10. كۆزنى ھەر يىلى بىر قېتىم تەكشۈرتۈپ تۇرۇش لازىم.  
 

ئەڭ كىنولار

ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

ئەڭ يېڭى قىسقا فىلىم