ئەسەر بەت ئۈستى  1000-80
كەچلىك ئۇيقۇ توكسىن ھەيدەشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...

كەچلىك ئۇيقۇ توكسىن ھەيدەشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى

مەنبە : nur.cn       ئاۋاتلىقى 1082   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 16-03-2016
ئەسەر كۈرش بەت 650-90ئېلان

 كەچلىك ئۇيقۇ توكسىن ھەيدەشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى

ئۇخلاش- ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆزىنى تەڭشەشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى، ئەگەر كەچلىك ئۇخلاش ۋاقتىڭىزنى ئالسىڭىز، ئۇمۇ سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا كەچلىك ئۇيقۇغا ئەھمىيەت بېرىڭ.
كەچ سائەت 9-11 غىچە بولغان ۋاقىت ئىممۇنېتىت سىستېمىسىنىڭ توكسىن ھەيدەش ۋاقتى، بۇ ۋاقىتتا تىنچلىنىش ياكى مۇزىكا ئاڭلاش كېرەك.
كەچ سائەت 11 دىن سەھەر 1 گىچە بولغان ۋاقىت جىگەرنىڭ توكسىن ھەيدەش ۋاقتى، بۇ ۋاقىتتا چوقۇم ئۇخلاش كېرەك.
 سەھەر ۋاقتى 1 دىن 3 كىچە بولغان ۋاقىت: ئۆتنىڭ توكسىن ھەيدەش ۋاقتى، بۇ ۋاقىتتىمۇ چوقۇم ئۇخلاش كېرەك. 
سەھەر ۋاقتى 5 دىن 7 گىچە بولغان ۋاقىت: ئۈچەينىڭ توكسىن ھەيدەش ۋاقتى، بۇچاغدا ھاجەتخانىغا چىقىش كېرەك.
ئەتىگەن 7 دىن 9 غىچە بولغان ۋاقىت: ئۈچەينىڭ كۆپ مىقداردا ئوزۇقلۇق سۈمۈرۈش ۋاقتى، چوقۇم ناشتىلىق يىيىش كېرەك. كېسىلى بارلار ئالتە يېرىمدىن بۇرۇن، بەدەن ئاسرىماقچى بولغانلار ئەتىگەن سائەت يەتتە يېرىمدىن بۇرۇن، ناشتىلىق يىمەيدىغانلارمۇ ئەڭ بولمىغاندا ئەتىگەن سائەت توققۇز، ئونلاردا بولسىمۇ بىرەر نەرسە يىيىشى كېرەك.
 
يېرىم كېچىدىن سەھەر ۋاقتى تۆتكىچە بولغان ۋاقىت ئومۇرتقىنىڭ قان ھاسىل قىلىدىغان ۋاقتى، بۇ ۋاقىتتا تۈنەشكە بولمايدۇ.
ياخشى ئۇخلىماسلىقنىڭ زىيىنى:
 .1تېرە قېرىپ كېتىدۇ تېرە قۇرغان بولۇش، قورۇق چۈشۈش، داغ چۈشۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كەچتە بالدۇر ئۇخلىمىغانلىقنىڭ كاساپىتى، ئۇخلىغان ۋاقىتتا تېرىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشى ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ.
ئەگەر تۈنىسىڭىز، تېرە تۆشۈكچىلىرى كېڭىتىپ، سىرتتىكى زەھەرلىك ماددىلار تېرىگە سىڭىپ كىرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈنەش ھورمۇننى تەڭپۇڭسىزلاشتۇرۇپ، دانىخورەكنى كۆپەيتىۋىتىدۇ.
.2 كۆز قېرىيدۇ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلايدۇ، كۆز تورلىشىدۇ، چۈنكى كۆز كۆپ ۋاقىت چارچىغاندا كۆرۈش قۇۋۋىتى ۋاقىتلىق تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، ئۇزۇن مەزگىل چارچىغاندا كۆرۈش قۇۋۋىتىگە ئېغىر زىيان يىتىدۇ.
 .3 ئاشقازان-ئۈچەي قېرىيدۇ ئاشقازان بەدەندىكى سېزىمچان ئەزا، ئەگەر ئۇزۇن ۋاقىت تۈنىسىڭىز ئاشقازان يارىسى كېلىپ چىقىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈنەش بىلەن بىللە تاماكا، قېنىق چاي، قەھۋەنى كۆپ ئىشلەتسىڭىز ئاشقازانغا ئىنتايىن پايدىسىز.
.4 مېڭە قېرىيدۇ داۋاملىق تۈنىگەندە ئەستە تۇتۇش قابىليىتى تۆۋەنلەيدۇ، ئىنكاس ئاستا بولۇش، باش ئاغرىش، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
 
.5 ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەيدۇ داۋاملىق تۈنىگەندەئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ، ئادەم ئاسان ئاغرىپ قالىدۇ، كەچ ئادەم بەدىنىنىڭ يېڭى ھۈجەيرە ئىشلەپچىقىرىدىغان ۋاقتى، داۋاملىق تۈنىگەندە ئادەم بەدىنى داۋاملىق ئاجىزلاپ، ئىممۇنىتېت كۈچى سىرتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.
تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا قۇرامىغا يەتكەن بىركىشى ئۈچ كۈندە7-8 سائەتلىك ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلمىسا ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارى%60 تۆۋەنلەيدۇ.
ئەگەر ۋاقتىدا ئۇخلىمىسىڭىز، توكسىن ۋاقتىدا ھەيدەلمەي، ئۇزۇن ۋاقىت يىغىلىپ، بەدەننىڭ ئىچكى مۇھىتى تەڭپۇڭسىزلىشىدۇ.
شۇڭا بۈگۈندىن باشلاپ بالدۇر ئۇخلاشنى باشلاڭ!
 

ئەڭ كىنولار

ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

ئەڭ يېڭى قىسقا فىلىم